14409 | PSA 34:2 | داۋۇت يازغان كۈي: ــ (داۋۇت ئابىمەلەك پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈرۈش-تۇرۇشىنى باشقىچە قىلىۋالغاندا، ئابىمەلەك ئۇنى ھەيدىۋەتكەن ۋاقىتتا يازغان) |א| مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛ ئۇنى مەدھىيىلەش ئاغزىمدىن چۈشمەيدۇ. |
14410 | PSA 34:3 | |ב| قەلبىم پەرۋەردىگارنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيدۇ، مۆمىنلەر بۇنى ئاڭلاپ شادلىقتا بولىدۇ. |
14411 | PSA 34:4 | |ג| مەن بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار، بىرلىكتە ئۇنىڭ نامىغا مەدھىيىلەر ياڭرىتايلى. |
14412 | PSA 34:5 | |ד| پەرۋەردىگارنى ئىزدىدىم، ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى، مېنى باسقان بارلىق ۋەھىمە-قورقۇنچلىرىمدىن قۇتقۇزدى. |
14413 | PSA 34:6 | |ה| مۆمىنلەر ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ نۇرلاندى؛ |ו| يۈزلىرى يەرگە قارىتىلمىدى. |
14414 | PSA 34:7 | |ז| مەن پېقىر-بىچارە ئۇنىڭغا نىدا قىلدى، پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتقۇزدى. |
14415 | PSA 34:8 | |ח| پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنى قوغداپ ئەتراپىغا چېدىرىنى تىكىدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. |
14416 | PSA 34:9 | |ט| پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ، بىلگىن، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان ئادەم نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! |
14417 | PSA 34:10 | |י| ئى ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىڭلار! چۈنكى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نەرسىسى كەم بولماس. |
14418 | PSA 34:11 | |כ| كۈچلۈك ئارسلانلار ئوزۇقسىز قېلىپ ئاچ قالسىمۇ، ئەمما پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھېچبىر ياخشى نەرسىسى كەم بولماس. |
14419 | PSA 34:12 | |ל| كېلىڭلار بالىلىرىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ مەن سىلەرگە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى ئۆگىتىپ قوياي. |
14420 | PSA 34:13 | |מ| ھاياتنى ئەتىۋارلايدىغان كىشى كىم؟ كىمنىڭ ئۇزۇن ۋە ياخشى كۈنلەرنى كۆرگۈسى بار؟ |
14421 | PSA 34:14 | |נ| ئۇنداقتا تىلىڭنى يامانلىقتىن تارتىپ يۈر، لەۋلىرىڭ مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛ |
14422 | PSA 34:15 | |ס| يامانلىقتىن ئايرىلىپ يىراق بولۇپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈر؛ ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈر. |
14423 | PSA 34:16 | |ע| پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛ |
14424 | PSA 34:17 | |פ| پەرۋەردىگارنىڭ چىرايى رەزىللىك قىلغۇچىلارغا قارشى چىقار، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نام-خاتىرىلىرىنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلار؛ |
14425 | PSA 34:18 | |צ| ھەققانىيلار ئىلتىجا قىلىدۇ، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ، ئۇلارنى بارلىق ئازاب-مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ؛ |
14426 | PSA 34:19 | |ק| پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ. |
14427 | PSA 34:20 | |ר| ھەققانىيلار دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەر كۆپتۇر؛ بىراق پەرۋەردىگار ئۇلارنى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزىدۇ. |
14428 | PSA 34:21 | |ש| ئۇ ھەققانىينىڭ سۆڭەكلىرىنى ساق قالدۇرىدۇ، ئۇلاردىن بىرسىمۇ سۇنۇپ كەتمەيدۇ. |
14429 | PSA 34:22 | |ח| يامانلىقنىڭ ئۆزى رەزىللەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛ ھەققانىيلارغا نەپرەتلىنىدىغانلار گۇناھتا قالىدۇ. |
14430 | PSA 34:23 | |פ| پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ؛ ئۇنىڭغا تايانغانلاردىن ھېچكىمگە گۇناھ بېكىتىلمەيدۇ. |
14472 | PSA 37:1 | داۋۇت يازغان كۈي: ــ |א| يامانلىق قىلغۇچىلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە، ناكەسلەرگە ھەسەت قىلما. |
14474 | PSA 37:3 | |ב| پەرۋەردىگارغا تايان، تىرىشىپ ياخشىلىق قىل، زېمىندا ماكانلىشىپ ياشاپ، ئۇنىڭ ۋاپا-ھەقىقىتىنى ئوزۇق بىلىپ ھۇزۇرلان. |
14476 | PSA 37:5 | |ג| يولۇڭنى پەرۋەردىگارغا ئامانەت قىل؛ ئۇنىڭغا تايان، ئۇ چوقۇم تىلىكىڭنى ئىجابەت قىلىدۇ. |
14477 | PSA 37:6 | |ד| ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى نۇردەك، ئادالىتىڭنى چۈشتىكى قۇياشتەك چاقنىتىدۇ. |
14478 | PSA 37:7 | |ד| پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىنچ بولۇپ، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈت؛ ھارامدىن روناق تاپقان ئادەم تۈپەيلىدىن، يامان نىيەتلىرى ئىشقا ئاشىدىغان كىشى تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە. |
14479 | PSA 37:8 | |ה| ئاچچىقىڭدىن يان، غەزەپتىن قايت، ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە؛ ئۇ پەقەت سېنى يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ. |
14481 | PSA 37:10 | |ו|: كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا، رەزىل ئادەم ھالاك بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ماكانىغا سەپسېلىپ قارىساڭ، ئۇ يوق بولىدۇ. |
14483 | PSA 37:12 | |ז| رەزىل ئادەم ھەققانىيغا قەست قىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىدۇ؛ |
14485 | PSA 37:14 | |ח| ياۋاشلار ۋە يوقسۇللارنى يىقىتىش ئۈچۈن، يولى دۇرۇسلارنى قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن، رەزىللەر قىلىچىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى تارتىپ تەييارلىدى. |
14487 | PSA 37:16 | |ט| ھەققانىيلاردىكى «ئاز»، كۆپلىگەن يامانلارنىڭ بايلىقلىرىدىن ئەۋزەلدۇر. |
14489 | PSA 37:18 | |י| پەرۋەردىگار كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مىراسى مەڭگۈگە بولىدۇ. |
14491 | PSA 37:20 | |כ| بىراق رەزىللەر ھالاك بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقۇچىلار چىمەنزاردىكى گۈل-گىياھدەك توزۇپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۈگەيدۇ؛ ئىس-تۈتۈندەك تارقىلىپ تۈگەيدۇ. |
14492 | PSA 37:21 | |ל| رەزىل ئادەم ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرمايدۇ؛ ئەمما ھەققانىي ئادەم مېھرىبانلىق بىلەن ئۆتنە بېرىدۇ؛ |
14494 | PSA 37:23 | |מ| مەردانە ئادەمنىڭ قەدەملىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر؛ رەب ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ. |
14496 | PSA 37:25 | |נ| مەن ياش ئىدىم، ھازىر قېرىپ قالدىم؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى، ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى ئەسلا كۆرگەن ئەمەسمەن؛ |
14498 | PSA 37:27 | |ס| يامانلىقنى تاشلاڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، مەڭگۈ ياشايسىلەر! |
14499 | PSA 37:28 | چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنى تاشلىمايدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈگە ساقلىنىدۇ؛ |ע| لېكىن رەزىللەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. |
14501 | PSA 37:30 | |פ| ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى دانالىق جاكارلايدۇ؛ ئۇنىڭ تىلى ئادىل ھۆكۈملەرنى سۆزلەيدۇ؛ |
14503 | PSA 37:32 | |צ| رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرگۈدەك پەيتنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. |
14505 | PSA 37:34 | |ק| پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈت، ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقىن؛ ئۇ سېنىڭ مەرتىۋەڭنى كۆتۈرۈپ، زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ ، رەزىللەر ھالاك قىلىنغاندا، سەن بۇنى كۆرىسەن. |
14506 | PSA 37:35 | |ר| مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم، ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان. |
14508 | PSA 37:37 | |ש| مۇكەممەل ئادەمگە نەزەر سال، دۇرۇس ئىنسانغا قارا! چۈنكى بۇنداق ئادەمنىڭ ئاخىر كۆرىدىغىنى ئارامبەخش خاتىرجەملىك بولىدۇ. |
14510 | PSA 37:39 | |ח| بىراق ھەققانىيلارنىڭ نىجاتلىقى پەرۋەردىگاردىندۇر؛ ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك پاناھىدۇر. |
15967 | PSA 119:1 | |א| (ئالەف) يولدا مۇكەممەل بولغانلار، پەرۋەردىگار تەۋرات-قانۇنىدا ماڭىدىغانلار بەختلىكتۇر! |
15975 | PSA 119:9 | |ב| (بەت) ياش بىر يىگىت قانداق قىلىپ ئۆز يولىنى پاك تۇتالايدۇ؟ سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىش بىلەنلا. |
15983 | PSA 119:17 | |ג| (گىمەل) قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەيسەن، شۇنىڭ بىلەن مەن ياشايمەن، كالامىڭغا بويسۇنىمەن. |
15991 | PSA 119:25 | |ד| (دالەت) مېنىڭ جېنىم تۇپراققا يېپىشقان؛ سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى يېڭىلاندۇرغايسەن. |
15999 | PSA 119:33 | |ה| (خې) ئى پەرۋەردىگار، بەلگىلىمىلىرىڭنىڭ يولىنى ماڭا ئايان قىلغايسەن؛ مەن ئۇنى ئاخىرغىچە تۇتىمەن. |
16007 | PSA 119:41 | |ו|: (ۋاۋ) ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛ ۋەدەڭ بويىچە نىجاتلىقىڭ يېنىمغا كەلسۇن؛ |
16015 | PSA 119:49 | |ז| (زائىن) سەن قۇلۇڭغا بەرگەن سۆزۈڭنى، يەنى ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان كالامىڭنى ئەسلىگەيسەن. |
16023 | PSA 119:57 | |ח| (خەت) ئۆزۈڭ مېنىڭ نېسىۋەمدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ «سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتاي» ــ دېدىم. |
16031 | PSA 119:65 | |ט| (تەت) سۆز-كالامىڭ بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىپ كەلگەنسەن. |
16039 | PSA 119:73 | |י| (يود) سېنىڭ قوللىرىڭ مېنى ياسىغان، مېنى مۇستەھكەملىدى؛ مېنى يورۇتقايسەن، ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمەن. |
16047 | PSA 119:81 | |כ| (كاف) جېنىم نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ ھالىدىن كېتەي دەۋاتىدۇ؛ مەن سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم. |
16055 | PSA 119:89 | |ל| (لامەد) مەڭگۈگە، ئى پەرۋەردىگار، سۆز-كالامىڭ ئەرشلەردە بېكىتىلگەندۇر. |
16063 | PSA 119:97 | |מ| (مەم) ئاھ، مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا بولغان مۇھەببىتىم نەقەدەر چوڭقۇردۇر! كۈن بويى ئۇ مېنىڭ سېغىنىپ ئويلايدىغىنىمدۇر. |
16071 | PSA 119:105 | |נ| (نۇن) سۆز-كالامىڭ ئايىغىم ئالدىدىكى چىراغ، يولۇمغا نۇردۇر. |
16079 | PSA 119:113 | |ס| (سامەق) ئالا كۆڭۈللەرنى ئۆچ كۆرۈپ كەلدىم؛ سۆيگىنىم بولسا، تەۋرات-قانۇنۇڭدۇر. |
16087 | PSA 119:121 | |ע| (ئايىن) مەن دۇرۇس ھۆكۈملەرنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزدۇم؛ مېنى ئەزگۈچىلەرگە تاشلاپ قويمىغايسەن؛ |
16095 | PSA 119:129 | |פ| (پې) ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ كارامەتتۇر؛ شۇڭا جېنىم ئۇلارغا ئەگىشىدۇ. |
16103 | PSA 119:137 | |צ| (تسادە) ھەققانىيدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ھۆكۈملىرىڭ توغرىدۇر. |
16111 | PSA 119:145 | |ק| (كوف) مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ مەن بەلگىلىمىلىرىڭنى تۇتىمەن. |
16119 | PSA 119:153 | |ר| (رەش) مېنىڭ خار بولغىنىمنى كۆرگەيسەن، مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛ چۈنكى تەۋرات-قانۇنۇڭنى ئۇنتۇمىدىم. |
16127 | PSA 119:161 | |ש| (شىين) ئەمىرلەر بىكاردىن-بىكار ماڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ؛ بىراق يۈرىكىم كالامىڭ ئالدىدىلا تىترەيدۇ. |
16135 | PSA 119:169 | |ח| (تاۋ) مېنىڭ پەريادىم ئالدىڭغا يېقىن كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛ كالامىڭ بويىچە مېنى يورۇتقايسەن. |
16391 | PSA 145:1 | مەدھىيە: داۋۇت يازغان كۈي: ــ |א| مەن سېنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايمەن، خۇدايىم، ئى پادىشاھ؛ نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن. |
16392 | PSA 145:2 | |ב| ھەركۈنى ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن، نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن! |
16393 | PSA 145:3 | |ג| ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، زور مەدھىيىلەرگە لايىقتۇر! ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بولغىلى بولماس؛ |
16394 | PSA 145:4 | |ד| بىر دەۋر يېڭى بىر دەۋرگە سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ماختايدۇ؛ ئۇلار قۇدرەتلىك قىلغانلىرىڭنى جاكارلايدۇ؛ |
16395 | PSA 145:5 | |ה| مەن ھەيۋىتىڭنىڭ شەرەپلىك جۇلالىقىنى، ۋە كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى سېغىنىپ سۆزلەيمەن؛ |
16396 | PSA 145:6 | |ו|: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورقۇنچلۇق ئىشلىرىڭنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىدۇ؛ مەنمۇ ئۇلۇغ ئەمەللىرىڭنى جاكارلايمەن! |
16397 | PSA 145:7 | |ז| ئۇلار زور مېھرىبانلىقىڭنى ئەسلەپ، ئۇنى مۇبارەكلەپ تارقىتىدۇ، ھەققانلىيلىقىڭ توغرۇلۇق يۇقىرى ئاۋازدا كۈيلەيدۇ. |
16398 | PSA 145:8 | |ח| پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىلدۇر؛ ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، ئۇ زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر؛ |
16399 | PSA 145:9 | |ט| پەرۋەردىگار ھەممىگە مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرى بارچە ياراتقانلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر؛ |
16400 | PSA 145:10 | |י| سېنىڭ بارلىق ياسىغانلىرىڭ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭ ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىدۇ. |
16401 | PSA 145:11 | |כ| ئۇلار پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرىپىدىن خەۋەر يەتكۈزىدۇ، كۈچ-قۇدرىتىڭنى سۆزلەيدۇ؛ |
16402 | PSA 145:12 | |ל| شۇنداق قىلىپ ئىنسان بالىلىرىغا قۇدرەتلىك ئىشلىرىڭ، پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك ھەيۋىسى ئايان قىلىنىدۇ. |
16403 | PSA 145:13 | |מ| سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئەبەدىي پادىشاھلىقتۇر، سەلتەنىتىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر. |
16404 | PSA 145:14 | |ס| پەرۋەردىگار يىقىلاي دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يۆلەيدۇ، ئېگىلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇرغۇزىدۇ. |
16405 | PSA 145:15 | |ע| ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ساڭا تىكىلىپ كۈتىدۇ؛ ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا رىزقىنى تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؛ |
16406 | PSA 145:16 | |פ| قولۇڭنى ئېچىشىڭ بىلەنلا، بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىسەن. |
16407 | PSA 145:17 | |צ| پەرۋەردىگار بارلىق يوللىرىدا ھەققانىيدۇر، ياسىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە مۇھەببەتلىكتۇر. |
16408 | PSA 145:18 | |ק| پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر، ئۆزىگە ھەقىقەتتە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر؛ |
16409 | PSA 145:19 | |ר| ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. |
16410 | PSA 145:20 | |ש| پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىدۇ. |
16411 | PSA 145:21 | |ת| ئاغزىم پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىدۇ؛ بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرغاي! |
17364 | PRO 31:10 | א پەزىلەتلىك ئايالنى كىم تاپالايدۇ؟ ئۇنىڭ قىممىتى لەئەل-ياقۇتلاردىنمۇ زور ئېشىپ چۈشىدۇ. |
17365 | PRO 31:11 | ב ئېرىنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا تايىنىپ خاتىرجەم تۇرىدۇ، ئۇ بولغاچقا ئېرىنىڭ ئالغان ئولجىسى كەم ئەمەستۇر! |
17366 | PRO 31:12 | ג ئۇ ئۆمۈر بويى ئېرىگە ۋاپادار بولۇپ ياخشىلىق قىلىدۇ، ئۇنى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ. |
17367 | PRO 31:13 | ד ئۇ قوي يۇڭى ۋە كەندىر تېپىپ، ئۆز قولى بىلەن جان دەپ ئەجىر قىلىدۇ. |
17368 | PRO 31:14 | ה ئۇ سودا كېمىلىرىگە ئوخشاش، ئائىلىنى بېقىشتىكى ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى يىراق جايلاردىن توشۇيدۇ. |
17369 | PRO 31:15 | ו: تاڭ يورۇماستا ئۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگە يېمەكلىك تەييارلايدۇ، خىزمەتكار-دېدەكلەرگە نېسىۋىسىنى تەقسىم قىلىدۇ. |
17370 | PRO 31:16 | ז ئۇ بىر پارچە ئېتىزنى ئۆزى كۆرۈپ ئالىدۇ؛ قولى بىلەن يىغقان دارامەتتىن ئۇ بىر ئۈزۈمزار بىنا قىلىدۇ. |
17371 | PRO 31:17 | ח ئىشقا قاراپ ئۇ بېلىنى كۈچ بىلەن باغلار، بىلەكلىرىنى كۈچلەندۈرەر؛ |
17372 | PRO 31:18 | ט ئۆز ئىشىنىڭ پايدىلىقلىقىغا كۆزى يېتەر، كېچىچە چىرىغىنى ئۆچۈرمەي ئىش قىلار. |
17373 | PRO 31:19 | י ئۇ قوللىرى بىلەن چاقنى چۆرەر، بارماقلىرى يىپ ئۇرچۇقىنى تۇتار. |
17374 | PRO 31:20 | כ ئاجىزلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتار؛ ھاجەتمەنلەرگە قوللىرىنى سوزار. |
17375 | PRO 31:21 | ל قار ياغقاندا ئۇ ئائىلىسى توغرۇلۇق ئەندىشە قىلمايدۇ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قىزىل كىيىملەر كىيدۈرۈلگەن. |
17376 | PRO 31:22 | מ كارىۋات ياپقۇچلىرىنى ئۆزى توقۇيدۇ؛ ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى كاناپ ۋە سۆسۈن رەختتىندۇر. |
17377 | PRO 31:23 | נ ئېرىنىڭ شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئابرۇيى بار؛ شۇ يەردە ئۇ يۇرتتىكى ئاقساقاللار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. |
17378 | PRO 31:24 | ס ئۇ نەپىس كاناپتىن كىيىم-كېچەك تىكىپ ئۇنى ساتىدۇ؛ بەلۋاغلارنى تىكىپ سودىگەرلەرنى تەمىنلەيدۇ. |
17379 | PRO 31:25 | ע كىيىمى كۈچ-قۇدرەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتۇر؛ ئۇ كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن كۈلۈپ قارايدۇ. |
17380 | PRO 31:26 | פ ئاغزىنى ئاچسىلا، دانا سۆز قىلىدۇ، تىلىدا مېھرىبانە نەسىھەتلەر بار. |
17381 | PRO 31:27 | צ ئائىلىسىدىكى ئىشلاردىن دائىم خەۋەر ئالىدۇ، بىكارغا نان يېمەيدۇ. |
17382 | PRO 31:28 | ק پەرزەنتلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛ ئېرىمۇ مۇبارەكلەپ ئۇنى ماختاپ: ــ |
17383 | PRO 31:29 | ר «پەزىلەت بىلەن ياشىغان ئاياللار كۆپتۇر، بىراق سەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىسەن» ــ دەيدۇ. |
17384 | PRO 31:30 | ש گۈزەللىك سېھرى ئالدامچىدۇر، ھۆسن-جامالمۇ پەقەت بىر كۆپۈك، خالاس، پەقەت پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان ئاياللا ماختىلىدۇ! |
17385 | PRO 31:31 | ת ئۇ ئۆز مېھنىتىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولسۇن! ئەجىرلىرى ئۇنى دەرۋازىلاردا ھۆرمەت-شۆھرەتكە ئېرىشتۈرسۇن! |
20380 | LAM 1:1 | |א| (ئالەف) ئاھ! ئىلگىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر، ھازىر شۇنچە يىگانە ئولتۇرىدۇ! ئەللەر ئارىسىدا كاتتا بولغۇچى، ھازىر تۇل خوتۇندەك بولدى! ئۆلكىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگەن مەلىكە، ھاشارغا تۇتۇلدى! |
20381 | LAM 1:2 | |ב| (بەت) ئۇ كېچىچە ئاچچىق يىغا كۆتۈرمەكتە؛ مەڭزىدە كۆز ياشلىرى تاراملىماقتا؛ ئاشنىلىرى ئارىسىدىن، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ھېچبىرى يوقتۇر؛ بارلىق دوستلىرى ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلدى، ئۇلار ئۇنىڭغا دۈشمەن بولۇپ كەتتى. |
20382 | LAM 1:3 | |ג| (گىمەل) يەھۇدا جەبىر-جاپا ھەم ئېغىر قۇللۇق ئاستىدا، سۈرگۈنلۈككە چىقتى؛ ئۇ ئەللەر ئارىسىدا مۇساپىر بولدى، ھېچ ئارام تاپمايدۇ؛ ئۇنى قوغلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ، ئۇنى تار يولدا قىستايدۇ؛ |
20383 | LAM 1:4 | |ד| (دالەت) ھېچكىم ھېيتلارغا كەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، زىئونغا بارىدىغان يوللار ماتەم تۇتماقتا. بارلىق قوۋۇقلىرى چۆلدەرەپ قالدى، كاھىنلىرى ئاھ-زار كۆتۈرمەكتە، قىزلىرى دەرد-ئەلەم ئىچىدىدۇر؛ ئۆزى بولسا، قاتتىق ئازابلانماقتا. |
20384 | LAM 1:5 | |ה| (خې) كۈشەندىلىرى ئۇنىڭغا خوجايىن بولدى، دۈشمەنلىرى روناق تاپماقتا؛ چۈنكى ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئاسىيلىقلىرى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار ئۇنى جەبىر-جاپاغا قويدى. ئۇنىڭ بالىلىرى كەلمەسكە كەتتى، كۈشەندىسىگە ئەسىر بولۇپ سۈرگۈن بولدى. |
20385 | LAM 1:6 | |ו| (ۋاۋ) بارلىق ھۆرمەت-شۆھرىتى زىئوننىڭ قىزىدىن كەتتى؛ ئەمىرلىرى يايلاقنى تاپالمىغان كىيىكلەردەك بولدى؛ ئۇلارنىڭ ئوۋچىدىن ئۆزىنى قاچۇرغۇدەك ھېچ دەرمانى قالمىدى. |
20386 | LAM 1:7 | |ז| (زائىن) خارلانغان، سەرگەردان بولغان كۈنلىرىدە، خەلقى كۈشەندىسىنىڭ قولىغا چۈشكەن، ھېچكىم ياردەم قولىنى سوزمىغان چاغدا، يېرۇسالېم قەدىمدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرىنى، قىممەتلىك بايلىقلىرىنى يادىغا كەلتۈرمەكتە؛ كۈشەندىلىرى ئۇنىڭغا مەسخىرىلىك قارايتتى؛ كۈشەندىلىرى ئۇنىڭ نابۇت بولغانلىقىنى مەسخىرە قىلىشتى. |
20387 | LAM 1:8 | |ח| (خەت) يېرۇسالېم ئەشەددىي ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھارام بولدى؛ ئۇنىڭ يالىڭاچلىقىنى كۆرگەچكە، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر ھازىر ئۇنى كەمسىتىدۇ؛ ئۇياتتا، ئۇھ تارتقىنىچە ئۇ كەينىگە بۇرۇلدى. |
20388 | LAM 1:9 | |ט| (تەت) ئۇنىڭ ئۆز ھەيزلىرى ئېتەكلىرىنى بۇلغىۋەتتى؛ ئۇ ئاقىۋىتىنى ھېچ ئويلىمىغاندۇر؛ ئۇنىڭ يىقىلىشى ئاجايىب بولدى؛ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈچى يوقتۇر؛ ــ «ئاھ پەرۋەردىگار، خارلانغىنىمغا قارا! چۈنكى دۈشمەن ھالىمدىن ماختىنىپ كەتتى!» |
20389 | LAM 1:10 | |י| (يود) كۈشەندىسى قولىنى ئۇنىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرى ئۈستىگە سوزدى؛ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس جايىغا ئەللەرنىڭ بېسىپ كىرگەنلىكىنى كۆردى؛ سەن ئەسلى ئۇلارنى ئىبادەت جامائىتىڭگە «كىرىشكە بولمايدۇ» دەپ مەنئى قىلغانغۇ! |
20390 | LAM 1:11 | |כ| (كاف) بىر چىشلەم نان ئىزدەپ، ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۇھ تارتماقتا؛ جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا، ئۇلار قىممەتلىك نەرسىلىرىنى ئاشلىققا تېگىشتى. «ئاھ پەرۋەردىگار، قارا! مەن ئەرزىمەس سانالدىم. |
20391 | LAM 1:12 | |ל| (لامەد) ئەي ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ھېچ ئىش ئەمەسمۇ؟ قاراپ باق، مېنىڭ دەرد-ئەلىمىمدەك باشقا دەرد-ئەلەم بارمىدۇ؟ پەرۋەردىگار ئوتلۇق غەزىپىنى چۈشۈرگەن كۈنىدە، ئۇنى مېنىڭ ئۈستۈمگە يۈكلىدى. |
20392 | LAM 1:13 | |מ| (مەم) ئۇ يۇقىرىدىن ئوت ياغدۇردى، ئوت سۆڭەكلىرىمدىن ئۆتۈپ كۆيدۈردى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئۇ پۇتلىرىم ئۈچۈن تور-تۇزاقنى قويۇپ قويدى، مېنى كەينىمگە ياندۇردى، ئۇ مېنى نابۇت قىلدى، كۈن بويى ئۇ مېنى زەئىپلەشتۈردى. |
20393 | LAM 1:14 | |נ| (نۇن) ئاسىيلىقلىرىم بويۇنتۇرۇق بولۇپ بوينۇمغا باغلاندى؛ قوللىرى تانىنى چىڭ چىگىپ چەمبەرچاس قىلىۋەتتى؛ ئاسىيلىقلىرىم بوينۇمغا ئارتىلدى؛ ئۇ دەرمانىمنى مەندىن كەتكۈزدى؛ رەب مېنى مەن قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغانلارنىڭ قوللىرىغا تاپشۇردى. |
20394 | LAM 1:15 | |ס| (سامەق) رەب بارلىق باتۇرلىرىمنى ئوتتۇرۇمدىلا يەرگە ئۇرۇۋەتتى؛ ئۇ مېنىڭ خىل يىگىتلىرىمنى ئېزىشكە، ئۈستۈمدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا كېڭەش چاقىردى. رەب گويا ئۈزۈم كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەرنى چەيلىگەندەك، يەھۇدانىڭ پاك قىزىنى چەيلىۋەتتى. |
20395 | LAM 1:16 | |ע| (ئايىن) مۇشۇلار تۈپەيلىدىن تاراملاپ يىغلىماقتىمەن؛ مېنىڭ كۆزلىرىم، مېنىڭ كۆزلىرىمدىن سۇ ئېقىۋاتىدۇ؛ ماڭا تەسەللى بەرگۈچى، جېنىمنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى مەندىن يىراقتۇر؛ بالىلىرىمنىڭ كۆڭلى سۇنۇقتۇر، چۈنكى دۈشمەن غەلىبە قىلدى. |
20396 | LAM 1:17 | |פ| (پې) زىئون قولىنى سوزماقتا، لېكىن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈچى يوق؛ پەرۋەردىگار ياقۇپ توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈردى ــ قوشنىلىرى ئۇنىڭ كۈشەندىلىرى بولسۇن! يېرۇسالېم ئۇلار ئارىسىدا نىجىس نەرسە دەپ قارالدى. |
20397 | LAM 1:18 | |צ| (تسادە) پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدىم! ئەي، بارلىق خەلقلەر، ئاڭلاڭلار! دەردلىرىمگە قاراڭلار! پاك قىزلىرىم، ياش يىگىتلىرىم سۈرگۈن بولدى! |
20398 | LAM 1:19 | |ק| (كوف) ئاشنىلىرىمنى چاقىردىم، لېكىن ئۇلار مېنى ئالدىغانىدى؛ جان ساقلىغۇدەك ئوزۇق-تۈلۈك ئىزدەپ يۈرۈپ، كاھىنلىرىم ھەم ئاقساقاللىرىم شەھەردە نەپەستىن قالدى. |
20399 | LAM 1:20 | |ר| (رەش) قارا، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى ئازار چېكىۋاتىمەن! ھەددىدىن زىيادە ئاسىيلىق قىلغىنىم تۈپەيلىدىن، ئىچ-باغرىم قىينىلىۋاتىدۇ، يۈرىكىم ئۆرتىلىپ كەتتى. سىرتتا قىلىچ ئانىسىنى بالىسىدىن جۇدا قىلدى، ئۆيلىرىمدە بولسا ئۆلۈم-ۋابا ھۆكۈم سۈرمەكتە! |
20400 | LAM 1:21 | |ש| (شىين) خەقلەر ئاھ-زارلىرىمنى ئاڭلىدى؛ لېكىن تەسەللى بەرگۈچىم يوقتۇر؛ دۈشمەنلىرىمنىڭ ھەممىسى كۈلپىتىمدىن خەۋەردار بولۇپ، بۇ قىلغىنىڭدىن خۇشال بولدى؛ سەن جاكارلىغان كۈننى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرگەيسەن، شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ھالى مېنىڭكىدەك بولىدۇ. |
20401 | LAM 1:22 | |ת| (تاۋ) ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكىنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرگەيسەن، بارلىق ئاسىيلىقلىرىم ئۈچۈن مېنى قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلغايسەن؛ چۈنكى ئاھ-زارلىرىم نۇرغۇندۇر، قەلبىم ئازابتىن زەئىپلىشىپ كەتتى! |
20402 | LAM 2:1 | |א| (ئالەف) رەب غەزەپ بۇلۇتى بىلەن زىئون قىزىنى شۇنداق قاپلىدى! ئۇ ئىسرائىلنىڭ شەرەپ-جۇلاسىنى ئاسماندىن يەرگە چۆرۈۋەتتى، غەزىپى چۈشكەن كۈنىدە ئۆز تەختىپەرىنى ھېچ ئېسىدە قالدۇرمىدى. |
20403 | LAM 2:2 | |ב| (بەت) رەب ياقۇپنىڭ بارلىق تۇرالغۇلىرىنى يۇتۇۋەتتى، ھېچ ئايىمىدى؛ ئۇ قەھرى بىلەن يەھۇدانىڭ قىزىنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى غۇلاتتى؛ ئۇ پادىشاھلىقنى ئەمىرلىرى بىلەن نومۇسقا قويۇپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. |
20404 | LAM 2:3 | |ג| (گىمەل) ئۇ قاتتىق غەزەپتە ئىسرائىلنىڭ ھەممە مۈڭگۈزلىرىنى كېسىۋەتتى؛ دۈشمەننى توسۇغان ئوڭ قولىنى ئۇنىڭ ئالدىدىن تارتىۋالدى؛ لاۋۇلداپ كۆيگەن ئۆز ئەتراپىنى يەپ كەتكۈچى ئوتتەك، ئۇ ياقۇپنى كۆيدۈرۈۋەتتى. |
20405 | LAM 2:4 | |ד| (دالەت) دۈشمەندەك ئۇ ئوقياسىنى كەردى؛ ئۇنىڭ ئوڭ قولى ئېتىشقا تەييارلانغانىدى؛ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى كۈشەندىسى كەبى قىردى؛ زىئون قىزىنىڭ چېدىرى ئىچىدە، قەھرىنى ئوتتەك ياغدۇردى؛ |
20406 | LAM 2:5 | |ה| (خې) رەب دۈشمەندەك بولدى؛ ئۇ ئىسرائىلنى يۇتۇۋالدى، ئوردىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۇتۇۋالدى؛ ئۇنىڭ قەلئە-قورغانلىرىنى يوقاتتى، يەھۇدانىڭ قىزىدا ماتەم ۋە يىغا-زارلارنى كۆپەيتتى. |
20407 | LAM 2:6 | |ו| (ۋاۋ) ئۇ ئۇنىڭ كەپىسىنى باغچىنى پاچاقلاتقاندەك پاچاقلاتتى؛ ئۇ ئىبادەت سورۇنلىرىنى يوقىتىۋەتتى؛ پەرۋەردىگار زىئوندا ھېيت-بايراملار ھەم شاباتلارنى خەلقىنىڭ ئېسىدىن چىقىرىۋەتتى؛ غەزەپ ئوتى بىلەن پادىشاھ ھەم كاھىننى چەتكە قېقىۋەتتى. |
20408 | LAM 2:7 | |ז| (زائىن) رەب قۇربانگاھىنى تاشلىۋەتتى، مۇقەددەس جايىدىن ۋاز كەچتى؛ ئۇ زىئوندىكى ئوردىلارنىڭ سېپىللىرىنى دۈشمەننىڭ قولىغا تاپشۇردى؛ ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، ئۇلار ھېيت-ئايەم كۈنىدىكىدەك تەنتەنە قىلىشتى! |
20409 | LAM 2:8 | |ח| (خەت) پەرۋەردىگار زىئون قىزىنىڭ سېپىلىنى چېقىۋېتىشنى قارار قىلغان؛ ئۇ ئۇنىڭغا ھالاك ئۆلچەم تانىسىنى تارتىپ قويغان؛ ئۇ قولىنى چېقىشتىن ھېچ ئۈزمىدى؛ ئۇ ھەم ئىستىھكاملارنى ھەم سېپىلنى زارلاتتى؛ ئىككىسى تەڭ ھالسىراپ قايغۇرماقتا. |
20410 | LAM 2:9 | |ט| (تەت) ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى يەر تېگىگە غەرق بولۇپ كەتتى؛ ئۇ ئۇنىڭ تۆمۈر-تاقاقلىرىنى پارە-پارە قىلىۋەتتى. پادىشاھى ھەم ئەمىرلىرى ئەللەر ئارىسىغا پالاندى؛ تەۋراتتىكى تەربىيە-يوليورۇق يوقاپ كەتتى، پەيغەمبەرلىرى پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي-كۆرۈنۈشلەرنى ئىزدەپ تاپالمايدۇ. |
20411 | LAM 2:10 | |י| (يود) زىئون قىزىنىڭ ئاقساقاللىرى، يەردە زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرماقتا؛ ئۇلار باشلىرىغا توپا-چاڭ چېچىشتى؛ ئۇلار بېلىگە بۆز يۆگىۋېلىشتى؛ يېرۇسالېمنىڭ پاك قىزلىرىنىڭ باشلىرى يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى. |
20412 | LAM 2:11 | |כ| (كاف) مېنىڭ كۆزلىرىم تاراملىغان ياشلىرىمدىن ھالىدىن كەتتى؛ ئىچى-باغرىلىرىم زەرداپغا تولدى؛ جىگىرىم يەر يۈزىگە تۆكۈلۈپ پارە-پارە بولدى، چۈنكى خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت قىلىندى، چۈنكى شەھەر كوچىلىرىدا نارسىدىلەر ھەم بوۋاقلار ھوشسىز ياتماقتا. |
20413 | LAM 2:12 | |ל| (لامەد) ئۇلار شەھەر كوچىلىرىدا يارىلانغانلاردەك ھالىدىن كەتكەندە، ئانىلىرىنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ جان تالاشقاندا، ئانىلىرىغا: «يېمەك-ئىچمەك نەدە؟» دەپ يالۋۇرۇشماقتا. |
20414 | LAM 2:13 | |מ| (مەم) مەن دەردىڭگە گۇۋاھچى بولۇپ، سېنى نېمىگە ئوخشىتارمەن؟ سېنى نېمىگە سېلىشتۇرارمەن، ئى يېرۇسالېم قىزى؟ ساڭا تەسەللى بېرىشتە، نېمىنى ساڭا تەڭ قىلارمەن، ئى زىئوننىڭ پاك قىزى؟ چۈنكى سېنىڭ ياراڭ دېڭىزدەك چەكسىزدۇر؛ كىم سېنى ساقايتالىسۇن؟ |
20415 | LAM 2:14 | |נ| (نۇن) پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى بىمەنىلىك ھەم ئەخمەقلىقتۇر؛ ئۇلار سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى ھېچ ئاشكارە قىلمىدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار سۈرگۈن بولۇشۇڭنىڭ ئالدىنى ئالمىدى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى يالغان بېشارەتلەر ھەم ئېزىتقۇلۇقلاردۇر. |
20416 | LAM 2:15 | |ס| (سامەق) يېنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ چاۋاكلىشىدۇ؛ ئۇلار ئۈشقىرتىپ يېرۇسالېمنىڭ قىزىغا باش چايقاشماقتا: ــ «گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى، پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكى» دەپ ئاتالغان شەھەر مۇشۇمىدۇ؟» |
20417 | LAM 2:16 | |פ| (پې) بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ساڭا قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ مازاق قىلماقتا، ئۇش-ئۇش قىلىشىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتماقتا؛ ئۇلار: «بىز ئۇنى يۇتۇۋالدۇق! بۇ بەرھەق بىز كۈتكەن كۈندۇر! بىز بۇنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق!» ــ دېمەكتە. |
20418 | LAM 2:17 | |ע| (ئايىن) پەرۋەردىگار ئۆز نىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ قەدىمدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ بېكىتكەن سۆزىگە ئەمەل قىلدى؛ ئۇ ھېچ رەھىم قىلماي غۇلاتتى؛ ئۇ دۈشمەننى ئۈستۈڭدىن شادلاندۇردى؛ كۈشەندىلىرىڭنىڭ مۈڭگۈزىنى يۇقىرى كۆتۈردى. |
20419 | LAM 2:18 | |צ| (تسادە) ئۇلارنىڭ كۆڭلى رەبگە نىدا قىلماقتا! ئى زىئون قىزىنىڭ سېپىلى! ياشلىرىڭ دەريادەك كېچە-كۈندۈز ئاقسۇن! ئۆزۈڭگە ئارام بەرمە؛ ياش تامچىلىرىڭ تاراملاشتىن ئارام ئالمىسۇن! |
20420 | LAM 2:19 | |ק| (كوف) تۈن كېچىدە ئورنۇڭدىن تۇر، كەچتە جېسەك باشلىنىشى بىلەن نىدا قىل! كۆڭلۈڭنى رەبنىڭ ئالدىغا سۇدەك تۆك؛ نارسىدىلىرىڭنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوللىرىڭنى كۆتۈر! ئۇلار بارلىق كوچىلىرىڭ دوقمۇشىدا قەھەتچىلىكتىن ھالىدىن كەتمەكتە. |
20421 | LAM 2:20 | |ר| (رەش) قارا، ئى پەرۋەردىگار، ئويلاپ باققايسەن، سەن كىمگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ باققان؟! ئاياللار ئۆز مېۋىلىرى ــ ئەركە بوۋاقلىرىنى يېيىشكە بولامدۇ؟ كاھىن ھەم پەيغەمبەرنى رەبنىڭ مۇقەددەس جايىدا ئۆلتۈرۈشكە بولامدۇ؟! |
20422 | LAM 2:21 | |ש| (شىين) ياشلار ھەم قېرىلار كوچىلاردا يېتىشماقتا؛ پاك قىزلىرىم ۋە ياش يىگىتلىرىم قىلىچلىنىپ يىقىلدى؛ ئۇلارنى غەزىپىڭ چۈشكەن كۈنىدە قىردىڭسەن؛ ئۇلارنى ھېچ ئايىماي سويدۇڭسەن. |
20423 | LAM 2:22 | |ת| (تاۋ) سەن ھېيت-بايرام كۈنىدە جامائەتنى چاقىرغاندەك، مېنى تەرەپ-تەرەپلەردىن بېسىشقا ۋەھىمىلەرنى چاقىردىڭ؛ پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ كۈنىدە قاچقانلار ياكى تىرىك قالغانلار يوق ئىدى؛ ئۆزۈم ئەركىلىتىپ چوڭ قىلغانلارنى دۈشمىنىم يەپ كەتتى. |
20424 | LAM 3:1 | |א| (ئالەف) مەن ئۇنىڭ غەزەپ تايىقىنى يەپ جەبىر-زۇلۇم كۆرگەن ئادەمدۇرمەن. |
20427 | LAM 3:4 | |ב| (بەت) ئەتلىرىمنى ۋە تېرىلىرىمنى قاقشال قىلىۋەتتى، سۆڭەكلىرىمنى سۇندۇرۇۋەتتى. |
20430 | LAM 3:7 | |ג| (گىمەل) ئۇ مېنى چىقالمايدىغان قىلىپ چىتلاپ قورشىۋالدى؛ زەنجىرىمنى ئېغىر قىلدى. |
20433 | LAM 3:10 | |ד| (دالەت) ئۇ ماڭا پايلاپ ياتقان ئېيىقتەك، پىستىرمىدا ياتقان شىردەكتۇر. |
20436 | LAM 3:13 | |ה| (خې) ئوقدېنىدىكى ئوقلارنى بۆرەكلىرىمگە سانجىتقۇزدى. |
20439 | LAM 3:16 | |ו| (ۋاۋ) ئۇ چىشلىرىمنى شېغىل تاشلار بىلەن چېقىۋەتتى، مېنى كۈللەردە تۈگۈلدۈردى؛ |
20442 | LAM 3:19 | |ז| (زائىن) مېنىڭ خار قىلىنغانلىرىمنى، سەرگەدان بولغانلىرىمنى، ئەمەن ۋە ئۆت سۈيىنى يەپ-ئىچكىنىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن! |
20445 | LAM 3:22 | |ח| (خەت) مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرى! شۇڭا بىز تۈگەشمىدۇق؛ چۈنكى ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرىنىڭ ئايىغى يوقتۇر؛ |
20448 | LAM 3:25 | |ט| (تەت) پەرۋەردىگار ئۆزىنى كۈتكەنلەرگە، ئۆزىنى ئىزدىگەن جان ئىگىسىگە مېھرىباندۇر؛ |
20451 | LAM 3:28 | |י| (يود) ئۇ يېگانە بولۇپ سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرسۇن؛ چۈنكى رەب بۇنى ئۇنىڭغا يۈكلىدى. |
20454 | LAM 3:31 | |כ| (كاف) چۈنكى رەب ئەبەدىل-ئەبەد ئىنساندىن ۋاز كەچمەيدۇ؛ |
20457 | LAM 3:34 | |ל| (لامەد) يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەسىرلەرنى ئاياغ ئاستىدا يانجىشقا، |
20460 | LAM 3:37 | |מ| (مەم) رەب ئۇنى بۇيرۇمىغان بولسا، كىم دېگىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسۇن؟ |
20463 | LAM 3:40 | |נ| (نۇن) يوللىرىمىزنى تەكشۈرۈپ سىناپ بىلەيلى، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا يەنە قايتايلى؛ |
20466 | LAM 3:43 | |ס| (سامەق) سەن ئۆزۈڭنى غەزەپ بىلەن قاپلاپ، بىزنى قوغلىدىڭ؛ سەن ئۆلتۈردۈڭ، ھېچ رەھىم قىلمىدىڭ. |
20469 | LAM 3:46 | |פ| (پې) بارلىق دۈشمەنلىرىمىز بىزگە قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ مازاق قىلدى؛ |
20472 | LAM 3:49 | |ע| (ئايىن) كۆزۈم ياشلارنى ئۈزۈلمەي تۆكۈۋاتىدۇ، ئۇلار ھېچ توختىيالمايدۇ، |
20475 | LAM 3:52 | |צ| (تسادە) ماڭا سەۋەبسىز دۈشمەن بولغانلار، مېنى قۇشتەك ھەدەپ ئوۋلاپ كەلدى. |
20478 | LAM 3:55 | |ק| (كوف) ھاڭنىڭ تۈۋلىرىدىن نامىڭنى چاقىرىپ نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ |
20481 | LAM 3:58 | |ר| (رەش) ئى رەب، جېنىمنىڭ دەۋاسىنى ئۆزۈڭ سورىدىڭ؛ سەن ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ ھاياتىمنى قۇتقۇزدۇڭ. |
20484 | LAM 3:61 | |ש| (شىين) ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ ئاھانەتلىرىنى، مېنى بارلىق قەستلىگەنلىرىنى ئاڭلىدىڭسەن، |
20487 | LAM 3:64 | |ת| (تاۋ) ئۇلارنىڭ قوللىرى قىلغانلىرى بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، بېشىغا جازا ياندۇرغايسەن؛ |
20490 | LAM 4:1 | |א| (ئالەف) ئاھ! ئالتۇن شۇنچە جۇلاسىز بولۇپ كەتتى! ساپ ئالتۇن شۇنچە تۇتۇق بولۇپ كەتتى! مۇقەددەس ئۆيدىكى تاشلار ھەربىر كوچىنىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ چېچىلدى! |
20491 | LAM 4:2 | |ב| (بەت) زىئوننىڭ ئوغۇللىرى شۇنچە قىممەتلىك، ساپ ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ئىدى، ھازىر ساپال كوزىلاردەك، ساپالچىنىڭ قولى ياسىغانلىرىچىلىكمۇ قىممىتى يوق دەپ قارىلىۋاتىدۇ! |
20492 | LAM 4:3 | |ג| (گىمەل) ھەتتا چىلبۆرىلەر ئەمچىكىنى تۇتۇپ بېرىپ بالىلىرىنى ئېمىتىدۇ؛ لېكىن مېنىڭ خەلقىم چۆلدىكى تۆگىقۇشلارغا ئوخشاش رەھىمسىز بولدى. |
20493 | LAM 4:4 | |ד| (دالەت) بوۋاقنىڭ تىلى ئۇسسۇزلۇقتىن تاڭلىيىغا چاپلىشىۋاتىدۇ؛ كىچىك بالىلار نان تىلىمەكتە، ھېچكىم ئۇلارغا ئوشتۇپ بەرمەيۋاتىدۇ. |
20494 | LAM 4:5 | |ה| (خې) نازۇنېمەتلەرنى يەپ كۆنگەنلەر كوچىلاردا سارغىيىپ يۈرىدۇ؛ سۆسۈن كىيىم كىيدۈرۈلۈپ چوڭ قىلىنغانلار تېزەكلىكنى قۇچاقلاپ يېتىۋاتىدۇ. |
20495 | LAM 4:6 | |ו| (ۋاۋ) خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ قەبىھلىكىگە چۈشكەن جازا سودومنىڭ گۇناھىنىڭ جازاسىدىن ئېغىردۇر؛ چۈنكى سودوم بىراقلا ئۆرۈۋېتىلگەنىدى، ھېچ ئادەمنىڭ قولى ئۇنى قىينىمىغانىدى. |
20496 | LAM 4:7 | |ז| (زائىن) خەلقىمنىڭ «نازارىي»لىرى بولسا قاردىن ساپ، سۈتتىن ئاق، تېنى قىزىل ياقۇتلاردىن پارقىراق ئىدى، تەقى-تۇرقى كۆك ياقۇتتەك ئىدى. |
20497 | LAM 4:8 | |ח| (خەت) ھازىر چىرايلىرى قۇرۇمدىن قارا؛ كوچىلاردا كىشىلەر تونىيالمىغۇدەك بولۇپ قالدى؛ بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدى؛ ئۇ قاقشاللىشىپ ياغاچتەك بولۇپ كەتتى. |
20498 | LAM 4:9 | |ט| (تەت) قىلىچتا ئۆلتۈرۈلگەنلەر قەھەتچىلىكتە ئۆلگەنلەردىن بەختلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇلار قاقشال بولۇپ كەتمەكتە، تۇپراقنىڭ مېۋىلىرى بولمىغاچقا يىقىتىلماقتا. |
20499 | LAM 4:10 | |י| (يود) باغرى يۇمشاق ئاياللار ئۆز قوللىرى بىلەن بالىلىرىنى قاينىتىپ پىشۇردى؛ خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت قىلىنغىنىدا بالىلار ئۇلارنىڭ گۆشى بولۇپ قالدى. |
20500 | LAM 4:11 | |כ| (كاف) پەرۋەردىگار قەھرىنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقتى، ئوتلۇق غەزىپىنى تۆكتى؛ زىئوندا بىر ئوت يېقىپ، ئۇنىڭ ئۇللىرىنى يۇتۇۋەتتى. |
20501 | LAM 4:12 | |ל| (لامەد) يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ۋە جاھاندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار بولسا، نە كۈشەندە نە دۈشمەننىڭ يېرۇسالېمنىڭ قوۋۇقلىرىدىن بۆسۈپ كىرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. |
20502 | LAM 4:13 | |מ| (مەم) ھالبۇكى، پەيغەمبەرلىرىنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، كاھنلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ زىئوندا ھەققانىيلارنىڭ قانلىرىنى تۆككەنلىكى تۈپەيلىدىن، ــ بۇ ئىش بېشىغا چۈشتى! |
20503 | LAM 4:14 | |נ| (نۇن) ھازىر ئۇلار قارغۇلاردەك كوچىلاردا تېنەپ يۈرمەكتە، ئۇلار قانغا بۇلغانغانكى، ھېچكىم كىيىملىرىگە تەگكۈچى بولمايدۇ. |
20504 | LAM 4:15 | |ס| (سامەق) خەق ئۇلارغا: «يوقۇلۇش! ناپاكلار! يوقۇلۇش! يوقۇلۇش، بىزگە تەگكۈچى بولۇشما!» دەپ ۋارقىرىشماقتا. ئۇلار قېچىپ تەرەپ-تەرەپكە سەرگەردان بولۇپ كەتتى؛ لېكىن ئەللەر: «ئۇلارنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇشىغا بولمايدۇ!» ــ دەۋاتىدۇ. |
20505 | LAM 4:16 | |פ| (پې) پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى؛ ئۇ ئۇلارنى قايتا نەزىرىگە ئالمايدۇ؛ كاھىنلارنىڭ ھۆرمىتى قىلىنمىدى، ياشانغانلارمۇ ھېچ مېھرىبانلىق كۆرمىدى. |
20506 | LAM 4:17 | |ע| (ئايىن) كۆزىمىز ياردەمنى بىھۇدە كۈتۈپ ھالىدىن كەتتى؛ دەرۋەقە بىزنى قۇتقۇزالمىغان بىر ئەلنى كۈتۈپ كۆزەت مۇنارلىرىمىزدا تۇرۇپ كەلدۇق. |
20507 | LAM 4:18 | |צ| (تسادە) دۈشمەنلىرىمىز ئىزىمىزدىن قوغلاپ يۈردى؛ شۇڭا كوچىلاردا يۈرەلمەيتتۇق؛ ئەجىلىمىز يېقىنلاشتى، كۈنلىرىمىز توشتى؛ چۈنكى ئەجىلىمىز كەلدى! |
20508 | LAM 4:19 | |ק| (كوف) پېيىمىزگە چۈشكەنلەر ئاسماندىكى بۈركۈتلەردىن ئىتتىك؛ تاغلاردىمۇ بىزنى قوغلاپ يۈگۈردى، باياۋاندىمۇ بىزنى بۆكتۈرمىدە پايلاشتى. |
20509 | LAM 4:20 | |ר| (رەش) جېنىمىزنىڭ نەپىسى بولغان، پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى ئۇلارنىڭ ئورا-تۇزاقلىرىدا تۇتۇلدى؛ بىز ئۇ توغرىسىدا: «ئۇنىڭ سايىسىدە ئەللەر ئارىسىدا ياشايمىز» دەپ ئويلىدۇق! |
20510 | LAM 4:21 | |ש| (شىين) ئى ئۇز زېمىنىدا تۇرغۇچى، ئېدومنىڭ قىزى، خۇشال-خۇرام يايرىغىن! لېكىن بۇ جازا قەدەھى ساڭىمۇ ئۆتىدۇ؛ سەنمۇ مەست بولىسەن، يالىڭاچلىنىسەن! |
20511 | LAM 4:22 | |ת| (تاۋ) قەبىھلىكىڭنىڭ جازاسىغا خاتىمە بېرىلىدۇ، ئى زىئون قىزى؛ ئۇ سېنى سۈرگۈنلۈككە قايتا ئېلىپ كەتمەيدۇ؛ لېكىن، ئى ئېدوم قىزى، ئۇ سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى جازالايدۇ؛ ئۇ گۇناھلىرىڭنى ئېچىپ تاشلايدۇ! |