Wildebeest analysis examples for:   uig-uigara   )    February 25, 2023 at 01:27    Script wb_pprint_html.py   by Ulf Hermjakob

142  GEN 6:4  شۇ كۈنلەردە (ۋە شۇنداقلا كېيىنكى كۈنلەردىمۇ)، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلاردىن بالىلارنى تاپقىنىدا، گىگانتلار يەر يۈزىدە پەيدا بولدى. بۇلار بولسا قەدىمكى زامانلاردىكى داڭلىق پالۋان-باتۇرلار ئىدى.
246  GEN 10:11  ئۇ بۇ زېمىندىن ئاشۇر زېمىنىغا چىقىپ نىنەۋە، رەھوبوت-ئىر، كالاھ ۋە نىنەۋە بىلەن كالاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسەن دېگەن شەھەرلەرنىمۇ بىنا قىلدى (بۇلار قوشۇلۇپ «كاتتا شەھەر» بولدى).
249  GEN 10:14  پاتروسىيلار، كاسلۇھىيلار (فىلىستىيلەر كاسلۇھىيلاردىن چىققان) ۋە كافتورىيلار ئىدى.
298  GEN 11:31  تەراھ بولسا ئوغلى ئابرامنى، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى)نى ۋە كېلىنى، يەنى ئابرامنىڭ ئايالى ساراينى ئېلىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن كالدىيلەرنىڭ ئۇر شەھىرىدىن يولغا چىقتى؛ بىراق ئۇلار ھاران دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
305  GEN 12:6  ئابرام زېمىننى كېزىپ، شەكەم دېگەن جايدىكى «مورەھنىڭ دۇب دەرىخى»نىڭ يېنىغا كەلدى (ئۇ چاغدا ئۇ زېمىندا قانائانىيلار تۇراتتى).
326  GEN 13:7  بۇ سەۋەبتىن ئابرامنىڭ پادىچىلىرى بىلەن لۇتنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا جېدەل چىقتى (ئۇ ۋاقىتتا قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر شۇ زېمىندا تۇراتتى).
339  GEN 14:2  ئۇلار بىرلىشىپ سودومنىڭ پادىشاھى بېرا، گوموررانىڭ پادىشاھى بىرشا، ئادماھنىڭ پادىشاھى شىناب، زەبوئىمنىڭ پادىشاھى شەمئېبەر ۋە بېلا (يەنى زوئار)نىڭ پادىشاھىغا قارشى ھۇجۇمغا ئاتلاندى.
344  GEN 14:7  ئارقىدىنلا، ئۇلار ئەن-مىشپاتقا (يەنى قادەشكە) يېنىپ كېلىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتكۈل يۇرتىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى؛ ھازازون-تاماردا ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىمۇ ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلدى.
345  GEN 14:8  شۇنىڭ بىلەن سودومنىڭ پادىشاھى، گوموررانىڭ پادىشاھى، ئادماھنىڭ پادىشاھى، زەبوئىمنىڭ پادىشاھى ۋە بېلانىڭ (يەنى زوئارنىڭ) پادىشاھى چىقىپ، سىددىم ۋادىسىدا ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىشقا سەپ تىزدى؛
354  GEN 14:17  ئابرام كېدورلايومەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كەلگەندە، سودومنىڭ پادىشاھى شاۋەھ ۋادىسى (يەنى خان ۋادىسى)غا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى.
385  GEN 16:3  شۇنىڭ بىلەن ئابرامنىڭ ئايالى ساراي دېدىكى مىسىرلىق ھەجەرنى ئۆز ئېرى ئابرامغا توقاللىققا ئاپىرىپ بەردى (ئۇ ۋاقىتتا ئابرام قانائان زېمىنىدا ئون يىل ئولتۇرغانىدى).
571  GEN 22:23  (بېتۇئەلدىن رىۋكاھ تۆرەلدى). بۇ سەككىزىنى مىلكاھ ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھورغا تۇغۇپ بەردى.
591  GEN 23:19  شۇنىڭدىن كېيىن ئىبراھىم ئايالى ساراھنى قانائان زېمىنىدىكى مامرە (يەنى، ھېبرون)نىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ غارىدا دەپنە قىلدى.
677  GEN 25:18  ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھاۋىلاھ رايونىدىن تارتىپ شۇرغىچە ئولتۇراقلاشتى (شۇر بولسا مىسىرنىڭ ئۇتتۇرىسىدا بولۇپ، ئاشۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى). ئىسمائىل ئۆزىنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراقلاشتى.
689  GEN 25:30  ئەساۋ ياقۇپقا: ــ مەن ھالىمدىن كەتتىم! ئۆتۈنۈپ قالاي، ئاۋۇ قىزىلدىن بەرسەڭ! ــ ئاۋۇ قىزىل نەرسىدىن مېنى ئوزۇقلاندۇرساڭچۇ! مەن ھالىمدىن كەتتىم، ــ دېدى (شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئېتى «ئېدوم» دەپمۇ ئاتالدى).
721  GEN 26:28  ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ سەن بىلەن بىللە بولغىنىنى روشەن بايقىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز سېنىڭ توغراڭدا: «ئوتتۇرىمىزدا بىر كېلىشىم بولسۇن، يەنى بىزلەر بىلەن سەن بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ ئەھدە قىلىشايلى» دېدۇق؛ شۇ ۋەجىدىن سەن بىزگە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەيسەن؛ بىز ساڭا ھېچ تەگمىگىنىمىزدەك، شۇنداقلا ساڭا ياخشىلىقتىن باشقا ھېچبىر نېمە قىلمىغىنىمىزدەك (بەلكى سېنى ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە يولۇڭغا ئەۋەتكەنىدۇق) سەنمۇ شۇنداق قىلغايسەن. مانا ھازىر سەن پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت-بەرىكەت كۆرۈۋاتىسەن! ــ دېيىشتى.
1042  GEN 36:1  تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر (ئەساۋ يەنە ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ): ــ
1049  GEN 36:8  بۇنىڭ بىلەن ئەساۋ (ئەساۋ ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سېئىر تېغىغا بېرىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
1106  GEN 37:22  رۇبەن ئۇلارغا يەنە: ــ قان تۆكمەڭلار! بەلكى ئۇنى چۆلدىكى مۇشۇ ئورەككە تاشلىۋېتىڭلار؛ لېكىن ئۇنىڭغا قول تەگكۈزمەڭلەر، دېدى (ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا قايتۇرۇۋەتمەكچى ئىدى).
1459  GEN 48:7  ماڭا كەلسەك، پاداندىن كېلىۋاتقىنىمدا راھىلە قانائان زېمىنىدا يول ئۈستىدە ئەفراتقا ئاز قالغاندا مېنى تاشلاپ ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئۇنى شۇ يەردە، يەنى ئەفراتقا (يەنى بەيت-لەھەمگە) بارىدىغان يولدا دەپنە قىلدىم، ــ دېدى.
1498  GEN 49:24  ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئوقيايى مەزمۇت تۇرار، قول-بىلەكلىرى ئەپلىك تۇرغۇزۇلار، شۇ كۈچ ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسىنىڭ قوللىرىدىندۇر ــ (ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى، يەنى ئۇنىڭ پادىچىسى ئۇنىڭدىن چىقار!)
1499  GEN 49:25  ئاشۇ كۈچ ئاتاڭنىڭ تەڭرىسىدىندۇر ــ (ئۇ ساڭا مەدەت بېرەر!) يەنى ھەممىگە قادىردىندۇر ــ ئۇ سېنى بەرىكەتلەر! يۇقىرىدا ئاسماننىڭ بەرىكەتلىرى بىلەن، تۆۋەندە ياتقان چوڭقۇر سۇلارنىڭ بەرىكەتلىرى بىلەن، ئەمچەك بىلەن بالىياتقۇنىڭ بەرىكىتى بىلەن سېنى بەرىكەتلەر!
1534  EXO 1:1  ۋە تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىل بىلەن بىللە مىسىرغا بارغان ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى (ئۇلار ھەرقايسىسى ئۆز بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، ياقۇپ بىلەن بىللە مىسىرغا بارغانىدى): ــ
1548  EXO 1:15  مىسىر پادىشاھى ئىككى ئىبرانىي تۇغۇت ئانىسىغا سۆز قىلىپ (ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى شىفراھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى پۇئاھ ئىدى):
1628  EXO 4:26  شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى قويۇپ بەردى (بۇ چاغدا زىپپوراھ ئۇنىڭغا: «سەن دەرۋەقە ئالدىمدا قان تۆكەر بىر ئەر ئىكەنسەن!» ــ دېدى. بۇ سۆزىنى ئۇ خەتنە تۈپەيلىدىن ئېيتتى).
1701  EXO 7:15  ئەمدى سەن ئەتە سەھەردە پىرەۋننىڭ قېشىغا بارغىن (شۇ ۋاقىتتا ئۇ سۇ بويىغا چىقىدۇ) ــ سەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە دەريانىڭ بويىدا ساقلاپ تۇرغىن؛ يىلانغا ئايلانغان ھاسىنى قولۇڭغا ئېلىۋال.
1731  EXO 8:16  پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەتە سەھەر قوپۇپ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرغىن ــ (شۇ ۋاقىتتا ئۇ سۇ بويىغا چىقىدۇ) ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر!
1810  EXO 11:3  (پەرۋەردىگار خەلقىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقۇزدى. شۇنىڭدەك مۇسا دېگەن بۇ ئادەم مىسىر زېمىنىدا پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، پۇقرالارنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، ناھايىتى ئۇلۇغ زات بولدى).
2004  EXO 18:4  يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئەلىئېزەر دەپ قويۇلغانىدى؛ چۈنكى مۇسا: «ئاتامنىڭ خۇداسى ماڭا ياردەمدە بولۇپ، مېنى پىرەۋننىڭ قىلىچىدىن قۇتقۇزدى»، دېگەنىدى).
2338  EXO 29:1  ئۇلارنىڭ ماڭا مۇقەددەس قىلىنىپ، كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن مۇنداق ئىشنى ئادا قىلىشىڭ كېرەك: ــ سەن بىر ياش ئەركەك تورپاق بىلەن ئىككى قوچقارنى تاللا (ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن)
2359  EXO 29:22  ئاندىن سەن قوچقارنىڭ مېيى، قۇيرۇق مېيى، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان بارلىق ماي، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماي، ئىككى بۆرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ماينى چىقار ھەمدە ئوڭ ئارقا پۇتىنى ئالغىن ــ (چۈنكى بۇ قوچقار كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقاردۇر) ــ
2396  EXO 30:13  رويخەتكە ئېلىنىپ، ساناقتىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بېرىشى كېرەك بولغىنى شۇكى، ھەربىرى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يېرىم شەكەل بەرسۇن (بىر شەكەل يىگىرمە گەراھقا باراۋەر كېلىدۇ). بۇ يېرىم شەكەل پەرۋەردىگارغا «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولىدۇ.
2407  EXO 30:24  قوۋزاقدارچىندىن بەش يۈز شەكەل ئېلىپ (بۇ ئۆلچەملەر مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بولسۇن) ۋە زەيتۇن مېيىدىنمۇ بىر ھىن تەييارلا؛
2526  EXO 34:29  مۇسا سىناي تېغىدىن چۈشكەندە شۇنداق بولدىكى (ئۇ تاغدىن چۈشكەندە ئىككى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق تاختىيى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى)، ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىنى ئۈچۈن يۈزىنىڭ پارقىراپ كەتكىنىنى بىلمەيتتى.
2655  EXO 38:21  مۇقەددەس چېدىر، يەنى «ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى چېدىرى» ئۈچۈن ئاتالغان ماتېرىياللارنىڭ سانى تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن (ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇقى بىلەن، كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدىكى لاۋىيلار مەسئۇل بولۇپ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، خۇداغا ئاتالغانىدى): ــ
2806  LEV 4:10  (خۇددى ئىناقلىق قۇربانلىقى بولغان كالىنىڭ ئىچىدىكى ماي ئاجرىتىلغاندەك)؛ ئاندىن كاھىن بۇلارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن.
2835  LEV 5:4  ئەگەر بىرسى ئاڭسىز رەۋىشتە يامان ياكى ياخشى بىر ئىشنى قىلاي دەپ قەسەم قىلىپ سالسا (كىشىلەر ھەرتۈرلۈك ئىش توغرىسىدا ئاڭسىز رەۋىشتە قەسەم قىلىشى مۇمكىن)، شۇنداقلا ئۇ بۇنى تونۇپ يەتسە، ئۇ بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.
2901  LEV 7:21  كىمكى ناپاك بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە (مەيلى ناپاك ھالەتتىكى ئادەم بولسۇن، ناپاك بىر ھايۋان بولسۇن ياكى ھەرقانداق ناپاك يىرگىنچلىك نەرسە بولسۇن) ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارغا خاس ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
3001  LEV 11:3  ھايۋانلار ئىچىدە ھەم تۇياقلىرى پۈتۈن ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) ھەم كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەربىرىنى يېسەڭلار بولىدۇ.
3005  LEV 11:7  چوشقا بولسا تۇياقلىرى ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) بولغىنى بىلەن كۆشىمىگىنى ئۈچۈن سىلەرگە ھارام بولىدۇ.
3108  LEV 13:55  بۇ نەرسە يۇيۇلغاندىن كېيىن كاھىن يەنە داغقا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر ئۇنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمىگەن بولسا (گەرچە كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسىمۇ)، ئۇ يەنىلا ناپاكتۇر؛ سەن ئۇنى ئوتتا كۆيدۈرگىن. چۈنكى مەيلى ئۇنىڭ ئىز-دېغى ئىچ يۈزىدە بولسۇن ياكى تاش يۈزىدە بولسۇن ئۇ چىرىتكۈچ ئىز-داغ ھېسابلىنىدۇ.
3111  LEV 13:58  لېكىن ئەگەر ئىز-داغ كىيىم-كېچەكتە بولسۇن (ئۆرۈش يىپىدا ياكى ئارقاق يىپىدا بولسۇن) ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، يۇيۇلۇش بىلەن چىقىپ كەتسە، ئۇنداقتا بۇ ئېگىن ئىككىنچى قېتىم يۇيۇلسۇن، ئاندىن پاك سانالسۇن.
3112  LEV 13:59  پېسە-ماخاۋ كېسىلىنىڭكىدەك ئىز-داغ پەيدا بولغان يۇڭ ياكى كاناپ رەختتىن توقۇلغان كىيىم-كېچەك (ئىز-داغ ئۆرۈش يىپتا ياكى ئارقاق يىپتا بولسۇن) ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىلەر توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇدۇر؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاك ياكى ناپاك جاكارلاشقا بولىدۇ.
3279  LEV 18:27  (چۈنكى بۇ بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلارنى سىلەردىن ئىلگىرى شۇ زېمىندا تۇرغان خەلق قىلىپ كەلگەچكە، زېمىننىڭ ئۆزى ناپاك بولۇپ قالدى).
3375  LEV 22:5  ياكى ئادەمنى ناپاك قىلىدىغان ئۆمىلىگۈچى جانىۋارغا تەگسە ياكى ھەرقانداق يۇقۇپ قالىدىغان ناپاكلىقى بار بىر ئادەمگە تېگىپ كەتسە، (ناپاكلىقى نېمىدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر)
3406  LEV 23:3  (ئالتە كۈن ئىش-ئەمگەك قىلىنسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى «خاس شابات كۈنى»، مۇقەددەس سورۇنلار كۈنى بولىدۇ؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. قەيەردىلا تۇرساڭلار بۇ كۈن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان شابات كۈنى بولىدۇ).
3418  LEV 23:15  ئاندىن سىلەر شۇ شابات كۈننىڭ ئەتىسىدىن، يەنى شۇ بىر باغلامنى پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن تارتىپ، يەتتە ھەپتە ساناڭلار (ئۇلار تولۇق ھەپتە بولۇشى كېرەك)؛
4952  DEU 2:12  سېئىردا ئەسلىدە ھورىيلار تۇراتتى؛ لېكىن ئەساۋلار ھورىيلارنى زېمىنىدىن ھەيدىۋېتىپ، ئۇلارنى يوقىتىپ ئورنىغا ئولتۇراقلاشتى ــ خۇددى ئىسرائىللار مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا تەقدىم قىلغان، ئۇلارنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا قىلغىنىغا ئوخشاش).
4963  DEU 2:23  ۋە گازا شەھىرىگىچە كەنت-قىشلاقلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاۋۋىيلارنى بولسا، كافتوردىن چىققان كافتورىيلار يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشتى).
4970  DEU 2:30  لېكىن ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ بىزنىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويغۇسى يوق ئىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ روھ-قەلبىنى قاتتىق، كۆڭلىنى جاھىل قىلىۋەتكەن (بۈگۈنكى ئەھۋال دەرۋەقە شۇنداق).
4986  DEU 3:9  (ھەرمون تېغىنى زىدونىيلار «سىرىئون»، ئامورىيلار «سېنىر» دەپ ئاتايدۇ)؛
4988  DEU 3:11  (شۇ چاغدا گىگانتلارنىڭ قالدۇقىدىن پەقەت باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ قالغانىدى؛ ئۇنىڭ كارىۋىتى تۆمۈردىن ياسالغانىدى؛ مانا، ئۇ ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە ساقلىنىۋاتمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى توققۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز. «گەز» ــ ئادەتتىكى ئادەمنىڭ جەينىكى ئۆلچەم قىلىنغان).
4991  DEU 3:14  ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىر پۈتكۈل ئارگوب رايونىنى، يەنى باشاننى گەشۇرىيلار ۋە مائاكاتىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىگەن ۋە ئۇنى ئۆز ئىسمى بىلەن «ھاۋۋوت-يائىر» دەپ ئاتىغان. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ شۇنداق ئاتالماقتا).
4993  DEU 3:16  رۇبەندىكىلەر ۋە گادتىكىلەرگە مەن گىلېئادتىن ئارنون دەرياسىغىچە (ۋادىنىڭ ئوتتۇرىسى چېگرا ئىدى)، شۇنداقلا ئاممونىيلارنىڭ چېگراسى بولغان ياببوك دەرياسىغىچە بولغان زېمىننى تەقدىم قىلدىم؛
4994  DEU 3:17  يەنە پىسگاھ تاغلىقى ئاستىدا ياتقان ئاراباھ تۈزلەڭلىكى (تاغلىق تۈزلەڭلىكنىڭ شەرقىي تەرىپىدە) ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ كىننەرەت كۆلىدىن تارتىپ تۇز دېڭىزغىچە بولغان قىسمىنى ئۇلارغا چېگرا قىلىپ بەردىم.
4996  DEU 3:19  پەقەت بالا-چاقىلىرىڭلار ۋە مال-چارۋىلىرىڭلار (مال-چارۋىلىرىڭلارنىڭ كۆپلىكىنى بىلىمەن) مەن سىلەرگە تەقسىم قىلغان شەھەرلەردە قالسۇن؛
5021  DEU 4:15  ئۆزۈڭلارغا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىڭلاركى (چۈنكى پەرۋەردىگار ھورەب تېغىدا ئوت ئوتتۇرىسىدىن سىلەرگە سۆز قىلغاندا ھېچقانداق شەكىلنى كۆرمىگەنسىلەر)،
5054  DEU 4:48  ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى ئاروئەردىن تارتىپ سىئون (يەنى ھەرمون) تېغىغىچە،
5055  DEU 4:49  شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى پۈتكۈل ئاراباھ تۈزلەڭلىكى ۋە پىسگاھ تېغىنىڭ باغرىغا جايلاشقان «تۈزلەڭلىكتىكى دېڭىز»غىچە ئىدى).
5060  DEU 5:5  (شۇ چاغدا سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى جاكارلاش ئۈچۈن مەن سىلەر ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغانىدىم؛ سىلەر ئوتنىڭ ئالدىدا قورقۇپ، تاغقا چىقىشنى خالىمىدىڭلار).
5091  DEU 6:3  سەن، ئى ئىسرائىل، ئۇلارنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە دېگىنىدەك، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت زېمىندا تۇرۇپ، ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە سانىڭلار ئىنتايىن كۆپىيىدۇ): ــ
5155  DEU 8:16  سېنى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسۇن دەپ سىناپ، ساڭا ئاخىر راھەت-بەرىكەت كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆل-باياۋاندا ئاتا-بوۋىلىرىڭ كۆرۈپ باقمىغان «ماننا» بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان)
5160  DEU 9:1  ئاڭلا، ئى ئىسرائىل! سەن بۈگۈن ئۆزۈڭدىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، سېپىللىرى ئاسمانغا تاقىشىدىغان چوڭ شەھەرلەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئاناكىيلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسەن (سەن ئۇلارنى بىلىسەن، ئۇلار توغرۇلۇق «كىم ئاناكىيلار ئالدىدا تۇرالىسۇن!» دەپ ئاڭلىغانسەن).
5168  DEU 9:9  شۇ چاغدا مەن تاش تاختايلارنى، يەنى پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدە تاختايلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تاغقا چىققانىدىم؛ مەن تاغدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردۇم (مەن نە تاماق يېمىدىم، نە سۇ ئىچمىدىم)؛
5177  DEU 9:18  سىلەر پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈرۈپ بارلىق ئۆتكۈزگەن گۇناھىڭلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، يەنە ئاۋۋالقىدەك پەرۋەردىگار ئالدىدا يىقىلىپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز دۈم ياتتىم (مەن ھېچ نەرسە يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم)
5183  DEU 9:24  مەن سىلەرنى تونۇغان كۈندىن تارتىپ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار).
5195  DEU 10:7  ئىسرائىللار شۇ يەردىن گۇدگوداھقا، ئاندىن گۇدگوداھتىن يوتباتاھقا سەپەر قىلدى (يوتباتاھ ئېرىق-ئېقىنى مول يەردۇر).
5216  DEU 11:6  ئۇنىڭ رۇبەننىڭ ئەۋلادى، ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ۋە ئابىرامغا نېمە قىلغانلىقى، يەنى پۈتۈن ئىسرائىللار ئارىسىدا يەر يۈزىنىڭ ئاغزىنى قانداق ئېچىپ ئۇلارنى ئائىلىسىدىكىلىرى ۋە چېدىرلىرى بىلەن قوشۇپ بارلىق تەئەللۇقاتلىرى بىلەن يۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆرمىگەنىدى)؛
5254  DEU 12:12  ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىدا شادلىنىسىلەر، يەنى سىلەر، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل-دېدەكلىرىڭلار ۋە سىلەر بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار (چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاراڭلاردا ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوقتۇر) ھەممىڭلار شادلىنىسىلەر.
5257  DEU 12:15  ھالبۇكى، سەن كۆڭلۈڭ تارتقىنىچە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى بەرىكەتلىگىنى بويىچە شەھەر-يېزىلىرىڭدا ھالال ھايۋانلارنى سويۇپ (خۇددى جەرەن ياكى كېيىك گۆشىدىن يېگەنگە ئوخشاش)، گۆش يېسەڭ بولىدۇ؛ مەيلى پاك، مەيلى ناپاك كىشىلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ.
5276  DEU 13:3  ۋە ئۇ سىلەرگە ئالدىنئالا دېگەن مۆجىزىلىك ئالامەت ياكى كارامەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، ئەمما شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك «باشقا ئىلاھلارغا (يەنى سىلەر تونۇمىغان ئىلاھلارغا) ئەگىشەيلى» ۋە «ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولايلى» دېسە،
5298  DEU 14:6  شۇنداقلا ھايۋانلار ئىچىدە تۇياقلىرى پۈتۈنلەي ئاچىماق (تۇياقلىرى پۈتۈنلەي يېرىق) ھەم كۆشىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەرخىلىنى يېسەڭلار بولىدۇ.
5299  DEU 14:7  لېكىن، كۆشىگۈچى ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: ــ تۆگە، توشقان ۋە سۇغۇر (چۈنكى ئۇلار كۆشىگۈچى بولغىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەستۇر. شۇڭا ئۇلار سىلەرگە ھارام بولىدۇ).
5321  DEU 14:29  شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار (چۈنكى ئاراڭلاردا ئۇنىڭ ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوق)، مۇساپىر، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار كېلىپ ئۇنىڭدىن يەپ تويۇنسۇن؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قولۇڭدىكى بارلىق مېۋىنى بەرىكەتلەيدۇ.
5337  DEU 15:16  ھالبۇكى، شۇ قۇلۇڭ ساڭا: «مەن سەندىن كەتمەيمەن» دېسە (چۈنكى ئۇ سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنى سۆيىدۇ، سېنىڭ بىلەن ھالى ياخشى بولىدۇ)
5346  DEU 16:2  سەن «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نىڭ مېلىنى (مەيلى قوي ياكى كالا پادىسىدىن بولسۇن) پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللاپ بېكىتىدىغان جايدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغىن؛
5368  DEU 17:2  پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان شەھەر-يېزاڭ ئىچىدە ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بىرسىنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا بىرەر رەزىل ئىشنى قىلغانلىقى ــ ئۇنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، باشقا ئىلاھلارغا (مەسىلەن، مەن ساڭا ئىبادەت قىلىشقا مەنئى قىلغان قۇياش، ئاي ياكى پۈتكۈل ساماۋى قوشۇن بولغان يۇلتۇزلارغا)، ئىبادەت قىلىپ ئۇلارغا باش ئۇرغانلىقى بايقالسا،
5389  DEU 18:3  كاھىنلارنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغان خەلقتىن ئالىدىغان ئۈلۈشى مۇنداق: ــ (مەيلى كالا ياكى قوي بولسۇن) قول، ئېڭەك گۆشى ۋە ئۈچەي-قېرىنى كاھىنلارغا بېرىلىدۇ.
5394  DEU 18:8  ئۇنداقتا (مەيلى ئۇ ئاتىسىدىن قالغان مىراسىنى سېتىۋەتكەن ياكى سېتىۋەتمىگەن بولسۇن) ئۇنىڭ يەيدىغان ئۈلۈشى قېرىنداشلىرىنىڭكىدەك بولۇشى كېرەك.
5472  DEU 21:23  ئۆلۈكى كېچىچە دەرەختە قالمىسۇن؛ قانداقلا بولمىسۇن، سىلەر دەرەخكە ئېسىلغۇچىنى شۇ كۈندە كۆمۈۋېتىڭلار (چۈنكى كىمدەكىم دەرەخكە ئېسىلغان بولسا، خۇدا تەرىپىدىن لەنەتكە قالدۇرۇلغان كىشى ھېسابلىنىدۇ). شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر.
5586  DEU 26:18  ۋە پەرۋەردىگار بولسا بۈگۈن سىلەرنى ئۆزىنىڭ خاس خەلقى بولۇشقا، ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى تۇتۇشقا (ئۇ سىلەرگە ۋەدە قىلغاندەك) سىلەرنى قوبۇل قىلدى.
5602  DEU 27:15  «كىمكى ھۈنەرۋەننىڭ قولى بىلەن بىرەر ئويما ياكى قۇيما مەبۇدنى ياساپ چىقسا (پەرۋەردىگار ئالدىدا يىرگىنچلىك ئىشتۇر!)، ئۇنى يوشۇرۇنچە تىكلەپ قويسا لەنەتكە قالسۇن» دەپ جاكارلىسۇن. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى جاۋابەن: ــ ئامىن! دېسۇن.
5698  DEU 29:16  سىلەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياغاچ، تاش، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان بۇتلارنى كۆردۈڭلار).
5886  JOS 2:15  شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۇلارنى پەنجىرىدىن بىر تانا بىلەن چۈشۈرۈپ قويدى (چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سېپىلىدا بولۇپ، ئۇ سېپىلنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى).
5910  JOS 3:15  ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگۈچىلەر ئىئوردان دەرياسىغا يېتىپ كېلىپ، پۇتلىرى سۇغا تېگىشى بىلەنلا (ئورما ۋاقتىدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىن تېشىپ چىقىدۇ)،
6004  JOS 7:26  ئاندىن خالايىق بىر چوڭ دۆۋە تاشنى ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويدى. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ ئۇ يەردە تۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ياندى. شۇنىڭ بىلەن شۇ يەرگە «ئاپەت جىلغىسى» «(ئاقور جىلغىسى)» دەپ نام قويۇلدى ۋە بۇ كۈنگىچە شۇنداق ئاتالماقتا.
6028  JOS 8:24  ئىسرائىل دالادا ئۇچرىغان بارلىق ئايىلىقلارنى، يەنى ئۆزلىرىنى چۆلگىچە قوغلاپ كەلگەنلەرنى قىرىپ يوقاتقاندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىچلىنىپ يوقىتىلغانىدى)، بارلىق ئىسرائىل ئايىغا يېنىپ كېلىپ، ئۇ يەردىكىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى.
6134  JOS 12:2  بىرسى ھەشبوندا تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھون؛ ئۇ ئاروئەر (ئاروئەر ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدا) ۋە ئارنون جىلغىسىدىكى شەھەردىن تارتىپ، گىلېئادنىڭ يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياببوك دەرياسىغىچە (بۇ ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسى ئىدى) بولغان يەرلەردە سەلتەنەت قىلاتتى؛
6136  JOS 12:4  ئۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىل باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئالدى؛ ئۇ رەفايىيلار دېيىلىدىغان گىگانتلارنىڭ قالدۇقىدىن بىرى ئىدى (ئۇلار ئاشتاروت ۋە ئەدرەيدە تۇراتتى).
6159  JOS 13:3  يەنى مىسىرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى شىھور دەرياسىدىن تارتىپ، شىمال تەرىپىدىكى ئەكرون شەھىرىنىڭ چېگرالىرىغىچە سوزۇلغان يەرلەر (شۇ يۇرت قانائانىيلارنىڭ زېمىنى ھېسابلىناتتى)، جۈملىدىن گازا، ئاشدود، ئاشكېلون، گات ۋە ئەكروندىكى بەش فىلىستىي ئەمىر باشقۇرىدىغان يۇرتلار بىلەن ئاۋۋىيلارنىڭ جەنۇب تەرەپتىكى يۇرتلىرى؛ زىدونىيلارغا تەۋە بولغان مەئاراھدىن تارتىپ ئافەك بىلەن ئامورىيلارنىڭ چېگراسىغىچە بولغان قانائانىيلارنىڭ بارلىق زېمىنى؛
6186  JOS 13:30  زېمىنلىرى ماھانايىمدىن تارتىپ، پۈتكۈل باشان زېمىنى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ پۈتكۈل سەلتەنىتىنىڭ زېمىنى ۋە يائىرنىڭ بارلىق يېزا-كەنتلىرى (بۇ يېزا-كەنتلەر باشاننىڭ ئۆزىگە جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي ئاتمىش ئىدى)،
6193  JOS 14:4  (يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسەھ ۋە ئەفرائىم دېگەن ئىككى قەبىلىگە بۆلۈنگەنىدى. لاۋىيلارغا بولسا، تۇرۇشقا بولىدىغان شەھەرلەر بېكىتىلىپ، شۇنداقلا شۇ شەھەرلەرگە تەۋە يايلاقلاردىن چارپايلىرىنى باقىدىغان ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان يەرلەردىن باشقا ئۇلارغا ھېچ ئۈلۈشلەرنى بەرمىگەنىدى).
6204  JOS 14:15  (ئىلگىرى ھېبرون بولسا كىرىئات-ئاربا دەپ ئاتىلاتتى. ئاربا دېگەن ئادەم ئاناكىيلار ئارىسىدا ئەڭ داڭقى چىققان ئادەم ئىدى). شۇنداق قىلىپ زېمىن جەڭدىن ئارام تاپتى.
6213  JOS 15:9  چېگرا بۇ تاغنىڭ چوققىسىدىن نەفتوئاھ سۈيىنىڭ بۇلىقىغا بېرىپ، ئاندىن ئەفرون تېغىدىكى شەھەرلىرىنىڭ يېنى بىلەن چىقىپ، ئۇ يەردىن بائالاھ (يەنى كىرىئات-يېئارىم)غا يېتىپ بېرىپ،
6214  JOS 15:10  ئاندىن بائالاھتىن ئۆتۈپ، غەرب تەرىپىگە قايرىلىپ سېئىر تېغىغا بېرىپ، يېئارىم تېغى (يەنى كېسالون)نىڭ شىمالىي باغرىدىن ئۆتۈپ، بەيت-شەمەشكە چۈشۈپ، تىمناھتىن ئۆتتى؛
6219  JOS 15:15  ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىرنىڭ نامى كىرىئات-سەفەر ئىدى).
6229  JOS 15:25  ھازور-ھاداتتاھ، كېرىئوت-ھەزرون (يەنى ھازور)،
6253  JOS 15:49  دانناھ، كىرىئات-سانناھ (يەنى دەبىر)،
6258  JOS 15:54  ھۇمتاھ، كىرىئات-ئاربا (يەنى ھېبرون) ۋە زىئور بولۇپ، جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.
6264  JOS 15:60  بۇنىڭدىن باشقا يەنە كىرىئات-بائال (يەنى كىرىئات-يېئارىم) ۋە رابباھ دېگەن ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كەنت-قىشلاقلار بار ئىدى.