14409 | PSA 34:2 | داۋۇت يازغان كۈي: ــ (داۋۇت ئابىمەلەك پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈرۈش-تۇرۇشىنى باشقىچە قىلىۋالغاندا، ئابىمەلەك ئۇنى ھەيدىۋەتكەن ۋاقىتتا يازغان) |א| مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛ ئۇنى مەدھىيىلەش ئاغزىمدىن چۈشمەيدۇ. |
14410 | PSA 34:3 | |ב| قەلبىم پەرۋەردىگارنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيدۇ، مۆمىنلەر بۇنى ئاڭلاپ شادلىقتا بولىدۇ. |
14411 | PSA 34:4 | |ג| مەن بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار، بىرلىكتە ئۇنىڭ نامىغا مەدھىيىلەر ياڭرىتايلى. |
14412 | PSA 34:5 | |ד| پەرۋەردىگارنى ئىزدىدىم، ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى، مېنى باسقان بارلىق ۋەھىمە-قورقۇنچلىرىمدىن قۇتقۇزدى. |
14413 | PSA 34:6 | |ה| مۆمىنلەر ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ نۇرلاندى؛ |ו| يۈزلىرى يەرگە قارىتىلمىدى. |
14414 | PSA 34:7 | |ז| مەن پېقىر-بىچارە ئۇنىڭغا نىدا قىلدى، پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتقۇزدى. |
14415 | PSA 34:8 | |ח| پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنى قوغداپ ئەتراپىغا چېدىرىنى تىكىدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. |
14416 | PSA 34:9 | |ט| پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ، بىلگىن، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان ئادەم نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! |
14417 | PSA 34:10 | |י| ئى ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىڭلار! چۈنكى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نەرسىسى كەم بولماس. |
14418 | PSA 34:11 | |כ| كۈچلۈك ئارسلانلار ئوزۇقسىز قېلىپ ئاچ قالسىمۇ، ئەمما پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھېچبىر ياخشى نەرسىسى كەم بولماس. |
14419 | PSA 34:12 | |ל| كېلىڭلار بالىلىرىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ مەن سىلەرگە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى ئۆگىتىپ قوياي. |
14420 | PSA 34:13 | |מ| ھاياتنى ئەتىۋارلايدىغان كىشى كىم؟ كىمنىڭ ئۇزۇن ۋە ياخشى كۈنلەرنى كۆرگۈسى بار؟ |
14421 | PSA 34:14 | |נ| ئۇنداقتا تىلىڭنى يامانلىقتىن تارتىپ يۈر، لەۋلىرىڭ مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛ |
14422 | PSA 34:15 | |ס| يامانلىقتىن ئايرىلىپ يىراق بولۇپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈر؛ ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈر. |
14423 | PSA 34:16 | |ע| پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛ |
14424 | PSA 34:17 | |פ| پەرۋەردىگارنىڭ چىرايى رەزىللىك قىلغۇچىلارغا قارشى چىقار، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نام-خاتىرىلىرىنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلار؛ |
14425 | PSA 34:18 | |צ| ھەققانىيلار ئىلتىجا قىلىدۇ، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ، ئۇلارنى بارلىق ئازاب-مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ؛ |
14426 | PSA 34:19 | |ק| پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ. |
14427 | PSA 34:20 | |ר| ھەققانىيلار دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەر كۆپتۇر؛ بىراق پەرۋەردىگار ئۇلارنى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزىدۇ. |
14428 | PSA 34:21 | |ש| ئۇ ھەققانىينىڭ سۆڭەكلىرىنى ساق قالدۇرىدۇ، ئۇلاردىن بىرسىمۇ سۇنۇپ كەتمەيدۇ. |
14429 | PSA 34:22 | |ח| يامانلىقنىڭ ئۆزى رەزىللەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛ ھەققانىيلارغا نەپرەتلىنىدىغانلار گۇناھتا قالىدۇ. |
14430 | PSA 34:23 | |פ| پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ؛ ئۇنىڭغا تايانغانلاردىن ھېچكىمگە گۇناھ بېكىتىلمەيدۇ. |
14472 | PSA 37:1 | داۋۇت يازغان كۈي: ــ |א| يامانلىق قىلغۇچىلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە، ناكەسلەرگە ھەسەت قىلما. |
14474 | PSA 37:3 | |ב| پەرۋەردىگارغا تايان، تىرىشىپ ياخشىلىق قىل، زېمىندا ماكانلىشىپ ياشاپ، ئۇنىڭ ۋاپا-ھەقىقىتىنى ئوزۇق بىلىپ ھۇزۇرلان. |
14476 | PSA 37:5 | |ג| يولۇڭنى پەرۋەردىگارغا ئامانەت قىل؛ ئۇنىڭغا تايان، ئۇ چوقۇم تىلىكىڭنى ئىجابەت قىلىدۇ. |
14477 | PSA 37:6 | |ד| ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى نۇردەك، ئادالىتىڭنى چۈشتىكى قۇياشتەك چاقنىتىدۇ. |
14478 | PSA 37:7 | |ד| پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىنچ بولۇپ، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈت؛ ھارامدىن روناق تاپقان ئادەم تۈپەيلىدىن، يامان نىيەتلىرى ئىشقا ئاشىدىغان كىشى تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە. |
14479 | PSA 37:8 | |ה| ئاچچىقىڭدىن يان، غەزەپتىن قايت، ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە؛ ئۇ پەقەت سېنى يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ. |
14481 | PSA 37:10 | |ו|: كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا، رەزىل ئادەم ھالاك بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ماكانىغا سەپسېلىپ قارىساڭ، ئۇ يوق بولىدۇ. |
14483 | PSA 37:12 | |ז| رەزىل ئادەم ھەققانىيغا قەست قىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىدۇ؛ |
14485 | PSA 37:14 | |ח| ياۋاشلار ۋە يوقسۇللارنى يىقىتىش ئۈچۈن، يولى دۇرۇسلارنى قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن، رەزىللەر قىلىچىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى تارتىپ تەييارلىدى. |
14487 | PSA 37:16 | |ט| ھەققانىيلاردىكى «ئاز»، كۆپلىگەن يامانلارنىڭ بايلىقلىرىدىن ئەۋزەلدۇر. |
14489 | PSA 37:18 | |י| پەرۋەردىگار كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مىراسى مەڭگۈگە بولىدۇ. |
14491 | PSA 37:20 | |כ| بىراق رەزىللەر ھالاك بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقۇچىلار چىمەنزاردىكى گۈل-گىياھدەك توزۇپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۈگەيدۇ؛ ئىس-تۈتۈندەك تارقىلىپ تۈگەيدۇ. |
14492 | PSA 37:21 | |ל| رەزىل ئادەم ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرمايدۇ؛ ئەمما ھەققانىي ئادەم مېھرىبانلىق بىلەن ئۆتنە بېرىدۇ؛ |
14494 | PSA 37:23 | |מ| مەردانە ئادەمنىڭ قەدەملىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر؛ رەب ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ. |
14496 | PSA 37:25 | |נ| مەن ياش ئىدىم، ھازىر قېرىپ قالدىم؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى، ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى ئەسلا كۆرگەن ئەمەسمەن؛ |
14498 | PSA 37:27 | |ס| يامانلىقنى تاشلاڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، مەڭگۈ ياشايسىلەر! |
14499 | PSA 37:28 | چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنى تاشلىمايدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈگە ساقلىنىدۇ؛ |ע| لېكىن رەزىللەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. |
14501 | PSA 37:30 | |פ| ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى دانالىق جاكارلايدۇ؛ ئۇنىڭ تىلى ئادىل ھۆكۈملەرنى سۆزلەيدۇ؛ |
14503 | PSA 37:32 | |צ| رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرگۈدەك پەيتنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. |
14505 | PSA 37:34 | |ק| پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈت، ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقىن؛ ئۇ سېنىڭ مەرتىۋەڭنى كۆتۈرۈپ، زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ ، رەزىللەر ھالاك قىلىنغاندا، سەن بۇنى كۆرىسەن. |
14506 | PSA 37:35 | |ר| مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم، ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان. |
14508 | PSA 37:37 | |ש| مۇكەممەل ئادەمگە نەزەر سال، دۇرۇس ئىنسانغا قارا! چۈنكى بۇنداق ئادەمنىڭ ئاخىر كۆرىدىغىنى ئارامبەخش خاتىرجەملىك بولىدۇ. |
14510 | PSA 37:39 | |ח| بىراق ھەققانىيلارنىڭ نىجاتلىقى پەرۋەردىگاردىندۇر؛ ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك پاناھىدۇر. |
15967 | PSA 119:1 | |א| (ئالەف) يولدا مۇكەممەل بولغانلار، پەرۋەردىگار تەۋرات-قانۇنىدا ماڭىدىغانلار بەختلىكتۇر! |
15975 | PSA 119:9 | |ב| (بەت) ياش بىر يىگىت قانداق قىلىپ ئۆز يولىنى پاك تۇتالايدۇ؟ سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىش بىلەنلا. |
15983 | PSA 119:17 | |ג| (گىمەل) قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسەتكەيسەن، شۇنىڭ بىلەن مەن ياشايمەن، كالامىڭغا بويسۇنىمەن. |
15991 | PSA 119:25 | |ד| (دالەت) مېنىڭ جېنىم تۇپراققا يېپىشقان؛ سۆز-كالامىڭ بويىچە مېنى يېڭىلاندۇرغايسەن. |
15999 | PSA 119:33 | |ה| (خې) ئى پەرۋەردىگار، بەلگىلىمىلىرىڭنىڭ يولىنى ماڭا ئايان قىلغايسەن؛ مەن ئۇنى ئاخىرغىچە تۇتىمەن. |
16007 | PSA 119:41 | |ו|: (ۋاۋ) ۋە مېھىر-مۇھەببەتلىرىڭ يېنىمغا كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛ ۋەدەڭ بويىچە نىجاتلىقىڭ يېنىمغا كەلسۇن؛ |
16015 | PSA 119:49 | |ז| (زائىن) سەن قۇلۇڭغا بەرگەن سۆزۈڭنى، يەنى ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان كالامىڭنى ئەسلىگەيسەن. |
16023 | PSA 119:57 | |ח| (خەت) ئۆزۈڭ مېنىڭ نېسىۋەمدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ «سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتاي» ــ دېدىم. |
16031 | PSA 119:65 | |ט| (تەت) سۆز-كالامىڭ بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىپ كەلگەنسەن. |
16039 | PSA 119:73 | |י| (يود) سېنىڭ قوللىرىڭ مېنى ياسىغان، مېنى مۇستەھكەملىدى؛ مېنى يورۇتقايسەن، ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمەن. |
16047 | PSA 119:81 | |כ| (كاف) جېنىم نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ ھالىدىن كېتەي دەۋاتىدۇ؛ مەن سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم. |
16055 | PSA 119:89 | |ל| (لامەد) مەڭگۈگە، ئى پەرۋەردىگار، سۆز-كالامىڭ ئەرشلەردە بېكىتىلگەندۇر. |
16063 | PSA 119:97 | |מ| (مەم) ئاھ، مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا بولغان مۇھەببىتىم نەقەدەر چوڭقۇردۇر! كۈن بويى ئۇ مېنىڭ سېغىنىپ ئويلايدىغىنىمدۇر. |
16071 | PSA 119:105 | |נ| (نۇن) سۆز-كالامىڭ ئايىغىم ئالدىدىكى چىراغ، يولۇمغا نۇردۇر. |
16079 | PSA 119:113 | |ס| (سامەق) ئالا كۆڭۈللەرنى ئۆچ كۆرۈپ كەلدىم؛ سۆيگىنىم بولسا، تەۋرات-قانۇنۇڭدۇر. |
16087 | PSA 119:121 | |ע| (ئايىن) مەن دۇرۇس ھۆكۈملەرنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزدۇم؛ مېنى ئەزگۈچىلەرگە تاشلاپ قويمىغايسەن؛ |
16095 | PSA 119:129 | |פ| (پې) ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ كارامەتتۇر؛ شۇڭا جېنىم ئۇلارغا ئەگىشىدۇ. |
16103 | PSA 119:137 | |צ| (تسادە) ھەققانىيدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ھۆكۈملىرىڭ توغرىدۇر. |
16111 | PSA 119:145 | |ק| (كوف) مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ مەن بەلگىلىمىلىرىڭنى تۇتىمەن. |
16119 | PSA 119:153 | |ר| (رەش) مېنىڭ خار بولغىنىمنى كۆرگەيسەن، مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛ چۈنكى تەۋرات-قانۇنۇڭنى ئۇنتۇمىدىم. |
16127 | PSA 119:161 | |ש| (شىين) ئەمىرلەر بىكاردىن-بىكار ماڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ؛ بىراق يۈرىكىم كالامىڭ ئالدىدىلا تىترەيدۇ. |
16135 | PSA 119:169 | |ח| (تاۋ) مېنىڭ پەريادىم ئالدىڭغا يېقىن كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛ كالامىڭ بويىچە مېنى يورۇتقايسەن. |
16391 | PSA 145:1 | مەدھىيە: داۋۇت يازغان كۈي: ــ |א| مەن سېنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايمەن، خۇدايىم، ئى پادىشاھ؛ نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن. |
16392 | PSA 145:2 | |ב| ھەركۈنى ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن، نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن! |
16393 | PSA 145:3 | |ג| ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، زور مەدھىيىلەرگە لايىقتۇر! ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بولغىلى بولماس؛ |
16394 | PSA 145:4 | |ד| بىر دەۋر يېڭى بىر دەۋرگە سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ماختايدۇ؛ ئۇلار قۇدرەتلىك قىلغانلىرىڭنى جاكارلايدۇ؛ |
16395 | PSA 145:5 | |ה| مەن ھەيۋىتىڭنىڭ شەرەپلىك جۇلالىقىنى، ۋە كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى سېغىنىپ سۆزلەيمەن؛ |
16396 | PSA 145:6 | |ו|: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورقۇنچلۇق ئىشلىرىڭنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىدۇ؛ مەنمۇ ئۇلۇغ ئەمەللىرىڭنى جاكارلايمەن! |
16397 | PSA 145:7 | |ז| ئۇلار زور مېھرىبانلىقىڭنى ئەسلەپ، ئۇنى مۇبارەكلەپ تارقىتىدۇ، ھەققانلىيلىقىڭ توغرۇلۇق يۇقىرى ئاۋازدا كۈيلەيدۇ. |
16398 | PSA 145:8 | |ח| پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىلدۇر؛ ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، ئۇ زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر؛ |
16399 | PSA 145:9 | |ט| پەرۋەردىگار ھەممىگە مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرى بارچە ياراتقانلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر؛ |
16400 | PSA 145:10 | |י| سېنىڭ بارلىق ياسىغانلىرىڭ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭ ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىدۇ. |
16401 | PSA 145:11 | |כ| ئۇلار پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرىپىدىن خەۋەر يەتكۈزىدۇ، كۈچ-قۇدرىتىڭنى سۆزلەيدۇ؛ |
16402 | PSA 145:12 | |ל| شۇنداق قىلىپ ئىنسان بالىلىرىغا قۇدرەتلىك ئىشلىرىڭ، پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك ھەيۋىسى ئايان قىلىنىدۇ. |
16403 | PSA 145:13 | |מ| سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئەبەدىي پادىشاھلىقتۇر، سەلتەنىتىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر. |
16404 | PSA 145:14 | |ס| پەرۋەردىگار يىقىلاي دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يۆلەيدۇ، ئېگىلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇرغۇزىدۇ. |
16405 | PSA 145:15 | |ע| ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ساڭا تىكىلىپ كۈتىدۇ؛ ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا رىزقىنى تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؛ |
16406 | PSA 145:16 | |פ| قولۇڭنى ئېچىشىڭ بىلەنلا، بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىسەن. |
16407 | PSA 145:17 | |צ| پەرۋەردىگار بارلىق يوللىرىدا ھەققانىيدۇر، ياسىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە مۇھەببەتلىكتۇر. |
16408 | PSA 145:18 | |ק| پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر، ئۆزىگە ھەقىقەتتە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر؛ |
16409 | PSA 145:19 | |ר| ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. |
16410 | PSA 145:20 | |ש| پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىدۇ. |
16411 | PSA 145:21 | |ת| ئاغزىم پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىدۇ؛ بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرغاي! |
20380 | LAM 1:1 | |א| (ئالەف) ئاھ! ئىلگىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر، ھازىر شۇنچە يىگانە ئولتۇرىدۇ! ئەللەر ئارىسىدا كاتتا بولغۇچى، ھازىر تۇل خوتۇندەك بولدى! ئۆلكىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگەن مەلىكە، ھاشارغا تۇتۇلدى! |
20381 | LAM 1:2 | |ב| (بەت) ئۇ كېچىچە ئاچچىق يىغا كۆتۈرمەكتە؛ مەڭزىدە كۆز ياشلىرى تاراملىماقتا؛ ئاشنىلىرى ئارىسىدىن، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ھېچبىرى يوقتۇر؛ بارلىق دوستلىرى ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلدى، ئۇلار ئۇنىڭغا دۈشمەن بولۇپ كەتتى. |
20382 | LAM 1:3 | |ג| (گىمەل) يەھۇدا جەبىر-جاپا ھەم ئېغىر قۇللۇق ئاستىدا، سۈرگۈنلۈككە چىقتى؛ ئۇ ئەللەر ئارىسىدا مۇساپىر بولدى، ھېچ ئارام تاپمايدۇ؛ ئۇنى قوغلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ، ئۇنى تار يولدا قىستايدۇ؛ |
20383 | LAM 1:4 | |ד| (دالەت) ھېچكىم ھېيتلارغا كەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، زىئونغا بارىدىغان يوللار ماتەم تۇتماقتا. بارلىق قوۋۇقلىرى چۆلدەرەپ قالدى، كاھىنلىرى ئاھ-زار كۆتۈرمەكتە، قىزلىرى دەرد-ئەلەم ئىچىدىدۇر؛ ئۆزى بولسا، قاتتىق ئازابلانماقتا. |
20384 | LAM 1:5 | |ה| (خې) كۈشەندىلىرى ئۇنىڭغا خوجايىن بولدى، دۈشمەنلىرى روناق تاپماقتا؛ چۈنكى ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئاسىيلىقلىرى تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار ئۇنى جەبىر-جاپاغا قويدى. ئۇنىڭ بالىلىرى كەلمەسكە كەتتى، كۈشەندىسىگە ئەسىر بولۇپ سۈرگۈن بولدى. |
20385 | LAM 1:6 | |ו| (ۋاۋ) بارلىق ھۆرمەت-شۆھرىتى زىئوننىڭ قىزىدىن كەتتى؛ ئەمىرلىرى يايلاقنى تاپالمىغان كىيىكلەردەك بولدى؛ ئۇلارنىڭ ئوۋچىدىن ئۆزىنى قاچۇرغۇدەك ھېچ دەرمانى قالمىدى. |
20386 | LAM 1:7 | |ז| (زائىن) خارلانغان، سەرگەردان بولغان كۈنلىرىدە، خەلقى كۈشەندىسىنىڭ قولىغا چۈشكەن، ھېچكىم ياردەم قولىنى سوزمىغان چاغدا، يېرۇسالېم قەدىمدە ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرىنى، قىممەتلىك بايلىقلىرىنى يادىغا كەلتۈرمەكتە؛ كۈشەندىلىرى ئۇنىڭغا مەسخىرىلىك قارايتتى؛ كۈشەندىلىرى ئۇنىڭ نابۇت بولغانلىقىنى مەسخىرە قىلىشتى. |
20387 | LAM 1:8 | |ח| (خەت) يېرۇسالېم ئەشەددىي ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھارام بولدى؛ ئۇنىڭ يالىڭاچلىقىنى كۆرگەچكە، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر ھازىر ئۇنى كەمسىتىدۇ؛ ئۇياتتا، ئۇھ تارتقىنىچە ئۇ كەينىگە بۇرۇلدى. |
20388 | LAM 1:9 | |ט| (تەت) ئۇنىڭ ئۆز ھەيزلىرى ئېتەكلىرىنى بۇلغىۋەتتى؛ ئۇ ئاقىۋىتىنى ھېچ ئويلىمىغاندۇر؛ ئۇنىڭ يىقىلىشى ئاجايىب بولدى؛ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈچى يوقتۇر؛ ــ «ئاھ پەرۋەردىگار، خارلانغىنىمغا قارا! چۈنكى دۈشمەن ھالىمدىن ماختىنىپ كەتتى!» |
20389 | LAM 1:10 | |י| (يود) كۈشەندىسى قولىنى ئۇنىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرى ئۈستىگە سوزدى؛ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس جايىغا ئەللەرنىڭ بېسىپ كىرگەنلىكىنى كۆردى؛ سەن ئەسلى ئۇلارنى ئىبادەت جامائىتىڭگە «كىرىشكە بولمايدۇ» دەپ مەنئى قىلغانغۇ! |
20390 | LAM 1:11 | |כ| (كاف) بىر چىشلەم نان ئىزدەپ، ئۇنىڭ خەلقىنىڭ ھەممىسى ئۇھ تارتماقتا؛ جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا، ئۇلار قىممەتلىك نەرسىلىرىنى ئاشلىققا تېگىشتى. «ئاھ پەرۋەردىگار، قارا! مەن ئەرزىمەس سانالدىم. |
20391 | LAM 1:12 | |ל| (لامەد) ئەي ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ھېچ ئىش ئەمەسمۇ؟ قاراپ باق، مېنىڭ دەرد-ئەلىمىمدەك باشقا دەرد-ئەلەم بارمىدۇ؟ پەرۋەردىگار ئوتلۇق غەزىپىنى چۈشۈرگەن كۈنىدە، ئۇنى مېنىڭ ئۈستۈمگە يۈكلىدى. |