Wildebeest analysis examples for:   uig-uigara   —    February 25, 2023 at 01:27    Script wb_pprint_html.py   by Ulf Hermjakob

2347  EXO 29:10  سەن تورپاقنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگىن؛ ئېلىپ كەلگىنىڭدە ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى تورپاقنىڭ بېشىغا قويسۇن.
2360  EXO 29:23  بۇنىڭدىن باشقا سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قويۇلغان پېتىر نان سېۋىتىدىن بىر گىردىنى، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچتىن بىرنى ۋە پېتىر ھەمەك ناندىن بىرنى ئېلىپ،
3606  NUM 1:1  ۋە ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە، جامائەت چېدىرىدا تۇرۇپ مۇساغا مۇنداق دېدى:
3610  NUM 1:5  تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە ياردەملىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى: رۇبەن قەبىلىسىدىن شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر؛
3637  NUM 1:32  يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇنىڭ ئوغلى ئەفرائىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە، ئىسمى ئاساس قىلىنىپ، يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ تىزىملاندى؛
3653  NUM 1:48  چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ:
3658  NUM 1:53  بىراق خۇدانىڭ غەزىپى ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشمەسلىكى ئۈچۈن، لاۋىيلار خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىرنىڭ تۆت ئەتراپىغا بارگاھ قۇرسۇن؛ لاۋىيلار خۇدانىڭ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى ساقلاقلىق چېدىرنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ» دېگەنىدى.
3660  NUM 2:1  پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
3669  NUM 2:10  جەنۇب تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى رۇبەن قەبىلىسى بولسۇن؛ رۇبەنلارنىڭ ئەمىرى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر بولسۇن.
3677  NUM 2:18  كۈن پېتىش تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى ئەفرائىم قەبىلىسى بولسۇن؛ ئەفرائىملارنىڭ ئەمىرى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما بولسۇن.
3684  NUM 2:25  شىمال تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى دان قەبىلىسى بولسۇن. دانلارنىڭ ئەمىرى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر بولسۇن.
3698  NUM 3:5  پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ:
3703  NUM 3:10  ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىنى بولسا سەن ئۆزىنىڭ كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە بېكىتكىن؛ ھەرقانداق يات كىشى يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلسۇن، دېدى.
3704  NUM 3:11  ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
3705  NUM 3:12  قارا، مەن ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىن لاۋىيلارنى تاللىدىم، ئۇلارنى ئىسرائىل ئىچىدە بالىياتقۇنىڭ بارلىق تۇنجى مېۋىسىنىڭ ئورنىغا، يەنى چوڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىغا قويىمەن، شۇڭا لاۋىيلار مېنىڭ بولىدۇ.
3707  NUM 3:14  ئاندىن پەرۋەردىگار سىناي چۆل-باياۋىنىدا مۇساغا:
3708  NUM 3:15  سەن لاۋىيلارنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈز؛ بارلىق ئەركەكلەرنى، يەنى بىر ئايلىقتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈز، دېدى.
3710  NUM 3:17  لاۋىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى مۇنداق: گەرشون، كوھات، مەرارى.
3733  NUM 3:40  پەرۋەردىگار مۇساغا: سەن ئىسرائ‍ىللار ئىچىدە بىر ئايلىقتىن ئاشقان تۇنجى ئوغۇللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسىم-فامىلىسى بويىچە تىزىملاپ چىق.
3734  NUM 3:41  سەن لاۋىيلارنى ئىسرائ‍ىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل ‹مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن›؛ لاۋىيلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىمۇ ئىسرائ‍ىللارنىڭ بارلىق تۇنجى مال-چارۋىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل، دېدى.
3737  NUM 3:44  پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
3745  NUM 4:1  ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
3758  NUM 4:14  ئاندىن يەنە قۇربانگاھتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلار كۈلدان، ئىلمەك، بەلگۈرجەك، چىنىلەر، شۇنداقلا بارلىق ئەسۋابلارنى قۇربانگاھ ئۈستىگە تىزىپ، ئاندىن دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن بىر يوپۇق بىلەن يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويسۇن.
3761  NUM 4:17  ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
3765  NUM 4:21  پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
3769  NUM 4:25  ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ ئۆزىنى، يەنى ئاستىدىكى ئىچكى پەردىلىرى ۋە سىرتقى پەردىلىرىنى، ئۇنىڭ ياپقۇچىنى، شۇنداقلا ئۈستىگە ياپقان دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن يوپۇقنى ۋە جامائەت چېدىرىنىڭكىرىش ئىشىكىنىڭ پەردىسىنى،
3775  NUM 4:31  ئۇلارنىڭ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى بارلىق خىزمىتى، يەنى كۆتۈرۈش ۋەزىپىسى مۇنداق: ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرى، بالداقلىرى، خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى،
3794  NUM 5:1  پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ:
3795  NUM 5:2  سەن ئىسرائ‍ىللارغا ئەمر قىلىپ: «سىلەر پىسە-ماخاۋ كېسىلى بىلەن ئاقما كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى، شۇنداقلا ئۆلۈككە تېگىشى بىلەن ناپاك بولۇپ قالغان ھەممىسىنى ئەر-ئايال دېمەي بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار. بارگاھلارنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار؛ چۈنكى مەن بارگاھ ئوتتۇرىسىدا ماكان قىلدىم» دېگىن، دېدى.
3798  NUM 5:5  پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
3804  NUM 5:11  پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
3805  NUM 5:12  سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ئەگەر بىرسىنىڭ خوتۇنى ئۆز ئېرىدىن يۈز ئۆرۈگەن، ساداقەتسىزلىك قىلغان بولسا،
3806  NUM 5:13  دېمەك، باشقا بىرسى بىلەن يېقىنلاشقان، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇلغانغانلىقى ئېرىنىڭ كۆزلىرىدىن يوشۇرۇن بولغان بولسا، ھېچ گۇۋاھچى بولمىغان ھەم گۇناھ قىلغان چېغىدا تۇتۇلۇپمۇ قالمىغان بولسا،
3807  NUM 5:14  شۇنداق ئەھۋالدا، ئېرى ئۆز خوتۇنىدىن گۇمان قىلىپ كۈنلىسە، خوتۇنى راستلا زىنا قىلىپ بۇلغانغان بولسا ‹ياكى ئۆز خوتۇنىغا گۇمان قىلىپ كۈنلىسىمۇ، خوتۇنى زىنا قىلمىغان ۋە بۇلغانمىغان بولسا›
3813  NUM 5:20  لېكىن سەن ئېرىڭنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسىگە يېقىنلىشىپ ئۆزۈڭنى بۇلغىغان بولساڭ، ئېرىڭدىن باشقا بىر ئەر سەن بىلەن بىللە ياتقان بولسا، » دېسۇن؛
3825  NUM 6:1  پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
3846  NUM 6:22  پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
3847  NUM 6:23  سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: سىلەر ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق بەخت-بەرىكەت تىلەڭلار:
3856  NUM 7:5  جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن سەن بۇ نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ، لاۋىيلارنىڭ ھەربىرىنىڭ بېجىرىدىغان ئىشلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىشىگەبەرگىن، دېدى.
3862  NUM 7:11  پەرۋەردىگار مۇساغا: ئۇلار قۇربانگاھنى بېغىشلاش يولىدا ھەدىيەلىرىنى سۇنسۇن؛ ھەربىر ئەمىر ئۆز كۈنىدە سۇنسۇن، دېدى.
3935  NUM 7:84  قۇربانگاھ مايلىنىپ مەسىھلەنگەن كۈنىدە، ئىسرائىل ئەمىرلىرى قۇربانگاھقا سۇنغان ھەدىيەلەر: جەمئىي ئون ئىككى كۈمۈش لېگەن، ئون ئىككى كۈمۈش داس، ئون ئىككى ئالتۇن پىيالە بولدى،
3938  NUM 7:87  كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ئۈچۈن بولغان ماللار: جەمئىي ئون ئىككى تورپاق، ئون ئىككى قوچقار، ئون ئىككى بىر ياشلىق ئەركەك قوزا ئىدى، ھەربىرى تېگىشلىك ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن بىللە سۇنۇلدى؛ ئون ئىككى تېكە گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنۇلدى؛
3941  NUM 8:1  پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ:
3942  NUM 8:2  سەن ھارۇنغا: «سەن چىراغلار ياقىدىغان چاغدا يەتتە چىراغنىڭ ھەممىسى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان بولسۇن» دەپ ئېيتىپ قوي، دېدى.
3945  NUM 8:5  پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
3963  NUM 8:23  پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
3964  NUM 8:24  لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسى مۇنداق بولسۇن: يىگىرمە بەش ياشتىن يۇقىرىلىرى كىرىپ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا سەپكە كىرسۇن؛
3967  NUM 9:1  مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا، پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا بۇيرۇپ:
3969  NUM 9:3  يەنى مۇشۇ ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، بارلىق بەلگىلىمە ۋە قائىدە-تەرتىپ بويىچە ھېيتنى ئۆتكۈزۈڭلار، دېدى.
3972  NUM 9:6  بىر نەچچەيلەن بىر ئۆلۈككە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار شۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمىدى-دە، ئۇلار شۇ كۈنى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇساغا:
3973  NUM 9:7  بىز ئۆلۈپ قالغان ئادەمگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغان بولساقمۇ، لېكىن نېمىشقا ئىسرائ‍ىللارنىڭ قاتارىدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارغا سۇنۇشقا كېرەك بولغىنىنى ئېلىپ كېلىشتىن رەت قىلىنىمىز؟ دېيىشتى.
3974  NUM 9:8  توختاپ تۇرۇڭلار، مەن بېرىپ پەرۋەردىگار سىلەر توغراڭلاردا نېمە بۇيرۇيدىكىن، ئاڭلاپ باقاي، ــ دېدى مۇسا ئۇلارغا.
3975  NUM 9:9  پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
3990  NUM 10:1  پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
4018  NUM 10:29  مۇسا ئۆزىنىڭ قېيناتىسى، مىدىيانلىق رېئۇئەلنىڭ ئوغلى ھوبابقا: بىز پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان يەرگە قاراپ سەپەر قىلىۋاتىمىز، ئۇ: «مەن ئۇ يەرنى سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىمەن» دېگەن؛ ئۆزلىرىنىڭ بىز بىلەن بىللە مېڭىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن، بىز سىلىگە ياخشى قارايمىز، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل توغرۇلۇق بەخت-سائادەت ئاتا قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن، دېدى.
4019  NUM 10:30  لېكىن ھوباب مۇساغا: ياق، مەن ئۆز يۇرتۇم، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمغا كېتىمەن، دېدى.
4021  NUM 10:32  شۇنداق بولىدۇكى، بىز بىلەن بىللە بارسىلا، كەلگۈسىدە پەرۋەردىگار بىزگە قانداق ياخشىلىق قىلسا، بىزمۇ سىلىگە شۇنداق قىلىمىز! دېدى.
4024  NUM 10:35  ئەھدە ساندۇقى يولغا چىقىدىغان چاغدا مۇسا: «ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ دۈشمەنلىرىڭ تىرىپىرەن بولسۇن؛ ساڭا ئۆچلەر يۈزۈڭنىڭ ئالدىدىن قاچسۇن!» دەيتتى.
4025  NUM 10:36  ئەھدە ساندۇقى توختىغان چاغدا ئۇ: «قايتىپ كەلگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئىسرائىل خەلقى ئارىسىغا قايتىپ كەلگەيسەن!» دەيتتى.
4036  NUM 11:11  مۇسا پەرۋەردىگارغا: سەن بۇ بارلىق خەلقنىڭ ئېغىر يۈكىنى ماڭا ئارتىپ قويۇپ، مەن قۇلۇڭنى نېمىشقا بۇنداق قىينايسەن؛ نېمىشقا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ئىلتىپات تاپمايمەن؟
4040  NUM 11:15  ئەگەر سەن ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلماقچى بولساڭ، مەن ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ خاراب ھالىتىمنى ماڭا كۆرسەتمەي، ئىلتىپات قىلىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! دېدى.
4041  NUM 11:16  پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ئىچىدىن، سەن يېنىمغا تونۇيدىغان خەلق ئاقساقاللىرى ۋە بەگلەردىن يەتمىشنى تاللاپ يىغقىن، ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكەل. ئۇلار سېنىڭ بىلەن بىللە شۇ يەردە تۇرسۇن.
4045  NUM 11:20  بەلكى پۈتۈن بىر ئاي يەيسىلەر، تاكى بۇرنىڭلاردىن ئېتىلىپ چىقىپ ھۆ بولغۇچە يەيسىلەر؛ چۈنكى سىلەر ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ: «بىز نېمە ئۈچۈن مىسىردىن چىقتۇق؟» دېدىڭلار».
4046  NUM 11:21  مۇسا: مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان بۇ خەلقتىن يولغا چىقالايدىغان ئەركەكلەر ئالتە يۈز مىڭ تۇرسا، سەن تېخى: «مەن ئۇلارنى گۆش يەيدىغان، ھەتتا پۈتۈن بىر ئاي گۆش يەيدىغان قىلىمەن» دەيسەن؛
4047  NUM 11:22  ئەمىسە قوي، كالا پادىلىرىنىڭ ھەممىسى سويۇلسا ئۇلارغا يېتەمدۇ؟ ياكى دېڭىزدىكى ھەممە بېلىق ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ يىيىشىگە يىتەرمۇ؟ دېدى.
4048  NUM 11:23  شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىسقا بولۇپ قاپتىمۇ؟ ئەمدى كۆرۈپ باققىنە، مېنىڭ ساڭا دېگەن سۆزۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلامدۇ-يوق؟ دېدى.
4052  NUM 11:27  ياش بىر يىگىت يۈگۈرۈپ كېلىپ مۇساغا: ئەلداد بىلەن مېداد بارگاھتا بېشارەت بېرىۋاتىدۇ، دېدى.
4053  NUM 11:28  مۇسانىڭ خىزمەتكارى، مۇسا تاللىغان سەرخىل يىگىتلىرىدىن بىرى، نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا قوپۇپ: ئى خوجام مۇسا، ئۇلارنى توسۇغايلا، دېدى.
4054  NUM 11:29  لېكىن مۇسا ئۇنىڭغا: سەن مېنىڭ سەۋەبىمدىن ھەسەت قىلىۋاتامسەن؟ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن خەلقى پەيغەمبەر بولۇپ كەتسە ئىدى، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ روھىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويسا ئىدى! دېدى.
4062  NUM 12:2  ئۇلار: پەرۋەردىگار پەقەت مۇسا بىلەنلا سۆزلىشىپ، بىز بىلەن سۆزلەشمەپتىمۇ؟ دېيىشتى. بۇ گەپنى پەرۋەردىگار ئاڭلىدى.
4064  NUM 12:4  پەرۋەردىگار مۇسا، ھارۇن ۋە مەرىيەمگە تۇيۇقسىز: سىلەر ئۈچۈڭلار جامائەت چېدىرىغا كېلىڭلار، دېدى. ئۈچىلىسى چىقىپ كەلدى.
4066  NUM 12:6  ئۇ ئۇلارغا: ئەمدى سىلەر گېپىمنى ئاڭلاڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پەيغەمبەر بولسا، مەن پەرۋەردىگار ئالامەت كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئايان قىلىمەن، چۈشىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن.
4068  NUM 12:8  مەن ئۇنىڭ بىلەن تېپىشماق ئېيتىپ ئولتۇرماي، يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ بىۋاسىتە سۆزلىشىمەن؛ ئۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ قىياپىتىنى كۆرەلەيدۇ. ئەمدى سىلەر نېمىشقا قۇلۇم مۇسا توغرۇلۇق يامان گەپ قىلىشتىن قورقمىدىڭلار؟ دېدى.
4071  NUM 12:11  ھارۇن مۇساغا: ۋاي خوجام! نادانلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بۇ گۇناھنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئارتمىغايسەن.
4072  NUM 12:12  ئۇ خۇددى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چىققاندىلا بەدىنى يېرىم چىرىك، ئۆلۈك تۇغۇلغان بالىدەك بولۇپ قالمىغاي! دېدى.
4073  NUM 12:13  شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا: ئى تەڭرى، ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتىۋەتكەن بولساڭ، دەپ نىدا قىلدى.
4074  NUM 12:14  پەرۋەردىگار مۇساغا: ئەگەر ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن بولسا، ئۇ يەتتە كۈن خىجىلچىلىق ئىچىدە تۇرغان بولاتتى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى ئۇ بارگاھنىڭ سىرتىغا يەتتە كۈن قاماپ قويۇلسۇن، ئاندىن ئۇ قايتىپ كەلسۇن، دېدى.
4077  NUM 13:1  پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ:
4078  NUM 13:2  مەن ئىسرائ‍ىللارغا مىراس قىلىپ بەرگەن قانائان زېمىنىنى چارلاپ كېلىشكە ئادەملەرنى ئەۋەتكىن؛ ھەربىر ئاتا جەمەتكە تەۋە قەبىلىدىن بىردىن ئادەم چىقىرىلسۇن، ئۇلار ئۆز قەبىلىسىدىكى ئەمىر بولسۇن، دېدى.
4080  NUM 13:4  تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى: رۇبەن قەبىلىسىدىن زاككۇرنىڭ ئوغلى شاممۇيا،
4093  NUM 13:17  مۇسا ئۇلارنى چارلاپ كېلىشكە قانائانغا سەپەرۋەر قىلىپ: سىلەر مۇشۇ يەردىن نەگەۋ چۆلى تەرەپكە قاراپ مېڭىڭلار، ئاندىن تاغلىق رايونغا چىقىڭلار.
4096  NUM 13:20  ئۇ يەرنىڭ مۇنبەت ياكى مۇنبەتسىز ئىكەنلىكىنى، دەل-دەرەخلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆرۈپ كېلىڭلار. يۈرەكلىكرەك بولۇپ، مېۋە-چىۋىلىرىدىن ئالغاچ كېلىڭلار، دېدى. بۇ چاغ دەل ئۈزۈم پىشىپ قالغان ۋاقىت ئىدى.
4103  NUM 13:27  ئۇلار مۇساغا مەلۇمات بېرىپ: بىز ئۆزلىرى بېرىڭلار دېگەن يەرلەرگە باردۇق، راستتىنلا سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يەر ئىكەن، مانا بۇلار شۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى.
4105  NUM 13:29  ئامالەكلەر جەنۇب تەرەپتە تۇرىدىكەن؛ ھىتتىيلار، يەبۇسىيلار، ئامورىيلار تاغلاردا تۇرىدىكەن؛ قانائانىيلار دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويلىرىدا تۇرىدىكەن، دېدى.
4106  NUM 13:30  كالەب مۇسانىڭ ئالدىدا كۆپچىلىكنى تىنچىتىپ: بىز دەرھال ئاتلىنىپ بېرىپ ئۇ يەرنى ئىگىلەيلى! چۈنكى بىز چوقۇم غالىپ كېلىمىز دېدى.
4107  NUM 13:31  لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىققان باشقىلار بولسا: ئۇلار بىزدىن كۈچلۈك ئىكەن، شۇڭا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلساق بولمايدۇ، دېيىشتى.
4108  NUM 13:32  ئاندىن چارلىغۇچىلار ئۆزلىرى چارلاپ كەلگەن زېمىننىڭ ئەھۋالىدىن ئىسرائ‍ىللارغا يامان مەلۇمات بېرىپ: بىز كىرىپ چارلاپ ئۆتكەن زېمىن بولسا ئۆز ئاھالىسىنى يەيدىغان زېمىن ئىكەن؛ بىز ئۇ يەردە كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوغان ئادەملەر ئىكەن.
4109  NUM 13:33  بىز ئۇ يەرلەردە «نەفىلىيلەر» دېگەن گىگانت ئادەملەرنى كۆردۇق ‹دەرۋەقە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرى نەفىلىيلەردىن چىققاندۇر›؛ بىز ئۆزىمىزگە قارىساق چېكەتكىدەك تۇرىدىكەنمىز، بىز ئۇلارغىمۇ شۇنداق كۆرىنىدىكەنمىز، دېدى.
4111  NUM 14:2  ئىسرائ‍ىللار مۇسا بىلەن ھارۇنغا تاپا-تەنە قىلىپ: بىز بالدۇرلا مىسىردا ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن! مۇشۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن!
4112  NUM 14:3  پەرۋەردىگار نېمىشقا بىزنى قىلىچ ئاستىدا ئۆلسۇن، خوتۇن بالا-چاقىلىرىمىز بۇلىنىپ، دۈشمەننىڭ ئولجىسى بولسۇن دەپ بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگەندۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، مىسىرغا قايتىپ كەتكىنىمىز ياخشى ئەمەسمۇ؟ دەپ غوتۇلداشتى.
4113  NUM 14:4  شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر-بىرىگە: باشقىدىن بىر باشلىق تىكلەپ مىسىرغا قايتىپ كېتەيلى، دېيىشتى.
4116  NUM 14:7  پۈتۈن ئىسرائىل جامائەتچىلىكىگە: بىز چارلاپ كېلىشكە ئۆتۈپ بارغان زېمىن ئىنتايىن بەك ياخشى زېمىن ئىكەن.
4118  NUM 14:9  سىلەر پەقەت پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلماڭلار! ئۇ زېمىنىدىكىلەردىن قورقماڭلار، چۈنكى ئۇلار بىزگە نىسبەتەن بىر غىزادۇر؛ ئۇلارنىڭ پاناھدارلىرى ئۇلاردىن كەتتى، پەرۋەردىگار بولسا بىز بىلەن بىللە؛ ئۇلاردىن قورقماڭلار، دېدى.
4119  NUM 14:10  ھالبۇكى، پۈتكۈل جامائەت تەرەپ-تەرەپتىن: ئۇ ئىككىسىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، دېيىشتى. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى جامائەت چېدىرىدا ئىسرائ‍ىللارغا ئايان بولدى.
4120  NUM 14:11  پەرۋەردىگار مۇساغا: بۇ خەلق مېنى قاچانغىچە مەنسىتمەيدۇ؟ گەرچە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنچە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ياراتقان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار ماڭا قاچانغىچە ئىشىنىشمەيدىكەن؟
4121  NUM 14:12  مەن ئۇلارنى ۋابا بىلەن ئۇرۇپ يوقىتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئۇلاردىن تېخىمۇ چوڭ ۋە قۇدرەتلىك بىر ئەل قىلىمەن، دېدى.
4122  NUM 14:13  مۇسا بولسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: «بۇنداق بولىدىغان بولسا بۇ ئىشنى مىسىرلىقلار ئاڭلاپ قالىدۇ، چۈنكى سەن ئۇلۇغ قۇدرىتىڭ بىلەن بۇ خەلقنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ چىققانىدىڭ؛
4129  NUM 14:20  پەرۋەردىگار: «بوپتۇ، سەن دېگەندەك ئۇلارنى كەچۈردۈم.
4134  NUM 14:25  ‹شۇ چاغدا ئامالەكلەر بىلەن قانائانىيلار تاغلىق جىلغىلاردا تۇرۇۋاتاتتى› ئەتە سىلەر يولۇڭلاردىن بۇرۇلۇپ، قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يول بىلەن مېڭىپ چۆلگە سەپەر قىلىڭلار» دېدى.
4136  NUM 14:27  مەن مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ غوتۇلدىشىدىغان بۇ رەزىل جامائەتكە قاچانغىچە چىدىشىم كېرەك؟ ئىسرائ‍ىللارنىڭ مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلغانلىرى، شۇ توختاۋسىز غوتۇلداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدىم.