57 | GEN 3:1 | يەر يۈزىدە يىلان رەب پەرۋەردىگار ياراتقان دالادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئايالدىن: ــ خۇدا راستتىنلا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار، دېدىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
65 | GEN 3:9 | لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا توۋلاپ ئادەمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: سەن نەدە؟ ــ دېدى. |
67 | GEN 3:11 | خۇدا ئۇنىڭغا: ــ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېدىڭمۇ-يا؟ ــ دېدى. |
69 | GEN 3:13 | پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: ــ يىلان مېنى ئالداپ ئازدۇرسا، مەن يەپ ساپتىمەن، ــ دېدى. |
86 | GEN 4:6 | شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار قابىلغا: نېمىشقا ئاچچىقلىنىسەن؟ نېمە ئۈچۈن چىرايىڭ تۇتۇلۇپ كېتىدۇ؟ |
87 | GEN 4:7 | ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلساڭ، سەن كۆتۈرۈلمەمسەن؟ لېكىن دۇرۇس ئىش قىلمىساڭ، مانا گۇناھ ئىشىك ئالدىدا سېنى پايلاپ بېغىرلاپ ياتىدۇ، ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولىدۇ؛ لېكىن سەن ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشىڭ كېرەك، دېدى. |
89 | GEN 4:9 | پەرۋەردىگار قابىلغا: ئىنىڭ ھابىل نەدە؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمۇ؟ ــ دېدى. |
90 | GEN 4:10 | خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمە قىلدىڭ؟ مانا، ئىنىڭنىڭ قېنى يەردىن ماڭا پەرياد كۆتۈرۈۋاتىدۇ! |
317 | GEN 12:18 | شۇنىڭ ئۈچۈن پىرەۋن ئابرامنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ «بۇ زادى سېنىڭ ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ ئۆز ئايالىڭ ئىكەنلىكىنى ماڭا ئېيتمىدىڭ؟ |
328 | GEN 13:9 | مانا، ئالدىڭدا پۈتكۈل زېمىن تۇرمامدۇ؟ ئەمدى سەن مەندىن ئايرىلغىن؛ ئەگەر سەن سول تەرەپكە بارساڭ، مەن ئوڭ تەرەپكە باراي؛ ئەگەر سەن ئوڭ تەرەپكە بارساڭ، مەن سول تەرەپكە باراي»، ــ دېدى. |
363 | GEN 15:2 | لېكىن ئابرام: ــ ئەي رەب پەرۋەردىگار، ماڭا نېمە بېرىسەن؟ مانا، مەن بالىسىز تۇرسام، ئۆي-بىساتلىرىمغا ۋارىسلىق قىلغۇچى مۇشۇ دەمەشقلىك ئەلىئېزەرلا باردۇر، ــ دېدى. |
366 | GEN 15:5 | شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: ــ ئەمدى ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى سانا ــ قېنى، ئۇلارنى سانىيالامسەنكىن؟! ــ دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ نەسلىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى. |
369 | GEN 15:8 | لېكىن ئابرام: ــ ئى رەب پەرۋەردىگار، مەن ئۇنىڭغا جەزمەن ئىگە بولىدىغىنىمنى قانداق بىلىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. |
390 | GEN 16:8 | ئەي ساراينىڭ دېدىكى ھەجەر، نەدىن كەلدىڭ، نەگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن خوجايىنىم ساراينىڭ ئالدىدىن قېچىپ چىقتىم، ــ دېدى. |
415 | GEN 17:17 | ئىبراھىم يەنە ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ كۈلۈپ كەتتى ۋە كۆڭلىدە: «يۈز ياشقا كىرگەن ئادەممۇ بالىلىق بولالارمۇ؟ توقسان ياشقا كىرگەن ساراھمۇ بالا تۇغارمۇ؟!»، ــ دېدى. |
437 | GEN 18:12 | شۇڭا ساراھ ئۆز ئىچىدە كۈلۈپ: ــ مەن شۇنچە قېرىپ كەتكەن تۇرسام، راستتىنلا لەززەت كۆرەلەرمەنمۇ؟ ئېرىممۇ قېرىپ كەتكەن تۇرسا؟ ــ دەپ خىيال قىلدى. |
438 | GEN 18:13 | پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا: ــ ساراھنىڭ: «مەن قېرىپ كەتكەن تۇرسام، راستتىنلا بالا تۇغارمەنمۇ؟» دەپ كۈلگىنى نېمىسى؟ |
439 | GEN 18:14 | پەرۋەردىگارغا مۇمكىن بولمايدىغان تىلسىمات ئىش بارمۇ؟ بېكىتكەن ۋاقىتتا، يەنى كېلەر يىلى دەل بۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن ۋە ئۇ ۋاقىتتا ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ، ــ دېدى. |
442 | GEN 18:17 | پەرۋەردىگار: ــ مەن قىلىدىغان ئىشىمنى ئىبراھىمدىن يوشۇرسام بولامدۇ؟ |
443 | GEN 18:18 | چۈنكى ئىبراھىمدىن ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر ئەل چىقىدۇ ۋە شۇنىڭدەك يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-مىللەتلەر ئۇ ئارقىلىق بەخت-بەرىكەتكە مۇيەسسەر بولىدىغان تۇرسا؟ |
448 | GEN 18:23 | ئىبراھىم يېقىن بېرىپ: ــ سەن راستتىنلا ھەققانىيلارنى رەزىللەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلامسەن؟ |
449 | GEN 18:24 | شەھەردە ئەللىك ھەققانىي كىشى بار بولۇشى مۇمكىن؛ سەن راستتىنلا شۇ جاينى ھالاك قىلامسەن، ئەللىك ھەققانىي كىشى ئۈچۈن ئۇ جاينى كەچۈرۈم قىلمامسەن؟ |
450 | GEN 18:25 | ياق، ياق! بۇ ئىش سەندىن نېرى بولغاي! ھەققانىيلارنى رەزىللەرگە قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ، ھەققانىيلارغا رەزىللەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش سەندىن نېرى بولغاي! پۈتكۈل جاھاننىڭ سوراقچىسى ئادالەت يۈرگۈزمەمدۇ؟ ــ دېدى. |
453 | GEN 18:28 | مۇبادا شۇ ئەللىك ھەققانىيدىن بەش كىشى كەم بولسا، سەن بۇ بەش كىشىنىڭ كەم بولغىنى ئۈچۈن پۈتكۈل شەھەرنى يوقىتامسەن؟ ــ دېدى. ئۇ: ــ ئەگەر مەن شۇ يەردە قىرىق بەشنى تاپساممۇ، ئۇنى يوقاتمايمەن، دېدى. |
455 | GEN 18:30 | ئۇ يەنە سۆز قىلىپ: ئى ئىگەم، خاپا بولمىغايسەن، مەن يەنە سۆز قىلاي. شۇ يەردە ئوتتۇزى تېپىلىشى مۇمكىن؟ ــ دېدى. ئۇ: ــ ئەگەر مەن ئۇ يەردە ئوتتۇزنى تاپساممۇ، يوقاتمايمەن، ــ دېدى. |
463 | GEN 19:5 | ئۇلار لۇتنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ بۈگۈن كەچتە سېنىڭكىگە كىرگەن ئادەملەر قېنى؟ ئۇلارنى بىزگە چىقىرىپ بەر، بىز ئۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلىمىز، ــ دېدى. |
467 | GEN 19:9 | لېكىن ئۇلار جاۋاب بېرىپ: «نېرى تۇر!» دېگىنىچە، يەنە: ــ بۇ يەردە تۇرۇشقا كەلگەن بۇ مۇساپىر ھاكىم بولماقچىمىكەن؟ ئەمدى ساڭا ئۇلارغا قىلغاندىنمۇ بەتتەر يامانلىق قىلىمىز! ــ دەپ لۇتنى قىستاپ، ئىشىكنى چېقىشقا باستۇرۇپ كەلدى. |
470 | GEN 19:12 | ئاندىن ئىككەيلەن لۇتقا: ــ مۇشۇ يەردە يەنە بىرەر كىمىڭ بارمۇ؟ كۈيئوغۇل، ئوغۇل ياكى قىزلىرىڭ ۋە ياكى شەھەردە باشقا ئادەملىرىڭ بولسا ئۇلارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كەتكىن! |
478 | GEN 19:20 | قارا، ئاۋۇ شەھەرگە قېچىپ بارسا بولغۇدەك ناھايىتى يېقىن ئىكەن، شۇنداقلا كىچىك شەھەر ئىكەن! ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنىڭ شۇ يەرگە قېچىشىمغا يول قويغايسەن! ئۇ كىچىك شەھەر ئەمەسمۇ؟! جېنىم شۇ يەردە ئامان قالىدۇ! ــ دېدى. |
500 | GEN 20:4 | ئەمما ئابىمەلەك ئۇنىڭغا تېخى يېقىنچىلىق قىلمىغانىدى. ئۇ خۇداغا: ــ ئى رەب، ھەققانىي بىر خەلقنىمۇ ھالاك قىلامسەن؟ |
501 | GEN 20:5 | ئۇ ئۆزىمۇ ماڭا: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم» دەپ ئېيتمىدىمۇ؟ يەنە كېلىپ، بۇ ئايالمۇ «ئۇ مېنىڭ ئاكام»، دەپ ئېيتقانىدى. مەن بولسام ساپ كۆڭلۈم ۋە دۇرۇس نىيىتىم بىلەن بۇ ئىشنى قىلدىم، ــ دېدى. |
505 | GEN 20:9 | ئاندىن ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ مەن ساڭا زادى نېمە گۇناھ قىلدىم، سەن مەن ۋە پادىشاھلىقىمغا ئېغىر بىر گۇناھنى يۈكلەپ قويدۇڭ؟ ماڭا قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلدىڭ! ــ دېدى. |
506 | GEN 20:10 | ئابىمەلەك ئىبراھىمغا يەنە: ــ سەن زادى بىزنىڭ نېمە ئىشىمىزنى كۆرگىنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىشنى قىلدىڭ؟ ــ دېدى. |
521 | GEN 21:7 | ئۇ يەنە: ــ كىممۇ ئىبراھىمغا: «ساراھ بالا ئېمىتىدىغان بولىدۇ!» دەپ ئېيتالايتتى؟ چۈنكى ئۇ قېرىغاندا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم! ــ دېدى. |
531 | GEN 21:17 | خۇدا ئوغۇلنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ھەجەرنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ھەجەر، ساڭا نېمە بولدى؟ قورقمىغىن؛ چۈنكى خۇدا ئوغۇلنىڭ يىغا ئاۋازىنى ياتقان يېرىدىن ئاڭلىدى. |
543 | GEN 21:29 | ئابىمەلەك ئىبراھىمدىن: ــ سەن بىر تەرەپكە ئايرىپ قويغان بۇ يەتتە چىشى قوزىنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ ــ دەپ سورىۋىدى، |
555 | GEN 22:7 | ئىسھاق ئاتىسى ئىبراھىمغا: ــ ئەي ئاتا! دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن، ئوغلۇم، دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ مانا ئوت بىلەن ئوتۇنغۇ بار، ئەمما كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان قوزا قېنى؟ ــ دەپ سورىۋىدى، |
587 | GEN 23:15 | ئەي خوجام، ماڭا قۇلاق سالغايلا؛ تۆت يۈز شەكەل كۈمۈشكە يارايدىغان بىر ئېتىزلىق، سىلى بىلەن مېنىڭ ئارامدا نېمە ئىدى؟ سىلى مېيىتلىرىنى دەپنە قىلغايلا ــ دېدى. |
597 | GEN 24:5 | خىزمەتكارى ئۇنىڭغا: ــ مۇبادا ئۇ قىز مەن بىلەن بۇ يۇرتقا كەلگىلى ئۇنىمىسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرى چىققان شۇ يۇرتقا ئوغۇللىرىنى ياندۇرۇپ ئاپىرامدىمەن؟ ــ دېدى. |
615 | GEN 24:23 | سەن كىمنىڭ قىزى بولىسەن؟ ماڭا دەپ بەرسەڭ! ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە بىزگە قونغۇدەك جاي بارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
623 | GEN 24:31 | لابان ئۇنىڭغا: ــ ئەي پەرۋەردىگارنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئاتا قىلىنغۇچى، كىرگەيلا! نېمە ئۈچۈن تاشقىرىدا تۇردىلا؟ مەن ئۆينى تەييارلاپ قويدۇم، تۆگىلەرگىمۇ جاي راسلىدىم، ــ دېدى. |
631 | GEN 24:39 | ئۇ ۋاقىتتا مەن خوجامغا: «ئۇ قىز مەن بىلەن كەلگىلى ئۇنىمىسىچۇ؟» ــ دېسەم، |
650 | GEN 24:58 | رىۋكاھنى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن: ــ بۇ ئادەم بىلەن بارامسەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ باراي، دەپ جاۋاب بەردى. |
656 | GEN 24:64 | رىۋكاھ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئىسھاقنى كۆردى؛ ئۇ دەرھال تۆگىدىن چۈشۈپ، خىزمەتكاردىن: ــ سەھرادا بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىۋاتقان بۇ كىشى كىم بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. خىزمەتكار: ــ بۇ خوجامدۇر! دېدى. رىۋكاھ دەرھال چۈمبىلىنى تارتىپ يۈزىنى يېپىۋالدى. |
681 | GEN 25:22 | ئەمما ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئىككى بالا بىر-بىرى بىلەن سوقۇشقىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن رىۋكاھ: ــ ئەگەر بۇنداقلىقىنى بىلسەم، ھامىلىدار بولۇپ نېمە قىلاتتىم؟ ــ دەپ پەرۋەردىگاردىن سەۋەبىنى سورىغىلى باردى. |
691 | GEN 25:32 | ئەساۋ: ــ مەن ئۆلەي دەۋاتىمەن، بۇ تۇنجىلىق ھوقۇقىنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ ــ دېدى. |
702 | GEN 26:9 | ئاندىن ئابىمەلەك ئىسھاقنى چاقىرىپ: ــ مانا، ئۇ جەزمەن سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن! سەن نېمە دەپ: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم»، دېدىڭ؟ ــ دېۋىدى، ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ چۈنكى مەن ئەسلىدە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بىرسى مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن، دەپ ئەنسىرىگەنىدىم، ــ دېدى. |
703 | GEN 26:10 | ئابىمەلەك ئۇنىڭغا: بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ تاس قاپتۇ خەلق ئارىسىدىن بىرەرسى ئايالىڭ بىلەن بىرگە بولغىلى؟! ئۇنداق بولغان بولسا سەن بىزنى گۇناھقا پاتقۇزغان بولاتتىڭ! ــ دېدى. |
720 | GEN 26:27 | ئىسھاق ئۇلارغا: ــ ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىپ، مېنى ئاراڭلاردىن قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ قېشىمغا كەلدىڭلار؟ ــ دېدى. |
746 | GEN 27:18 | ياقۇپ ئاتىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ: ــ ئەي ئاتا! دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن! ئوغلۇم، سەن كىم بولىسەن؟ ــ دېۋىدى، |
748 | GEN 27:20 | ئىسھاق ئوغلىغا: ــ ئەي ئوغلۇم، قانداقمۇ ئۇنى شۇنچە تېز تېپىپ كەلدىڭ؟ ــ دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدالىرى ئۇنى دەل يولۇمغا يولۇقتۇردى، ــ دېدى. |
752 | GEN 27:24 | ئاندىن ئۇ يەنە: ــ سەن راست ئوغلۇم ئەساۋمۇسەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ دەل مەن، ــ دېدى. |
760 | GEN 27:32 | ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ سەن كىمسەن؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئوغۇللىرى، چوڭ ئوغۇللىرى ئەساۋمەن! ــ دېدى. |
761 | GEN 27:33 | بۇنى ئاڭلاپ ئىسھاق ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، پۈتۈن بەدىنى جالاقلاپ تىترەپ: ــ ئۇنداقتا باياتىن ئوۋ ئوۋلاپ ئېلىپ كەلگىنى كىم؟ سەن كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن يەپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدىم؛ ۋە بەرھەق، ئۇ بەخت-بەرىكەت كۆرىدۇ! ــ دېدى. |
764 | GEN 27:36 | ئەساۋ: ــ راست ئۇنىڭ ئېتى ياقۇپ ئەمەسمۇ؟! چۈنكى ئۇ ئىككى قېتىم مېنى پۇتلاپ، ئورنۇمنى تارتىۋالدى. ئاۋۋال تۇنجىلىق ھوقۇقۇمنى تارتىۋالدى ۋە مانا ھازىر ئۇ ماڭا تېگىدىغان بەخت-بەرىكەتنى ئېلىپ كەتتى، ــ دېدى، ئاندىن يەنە: ــ مېنىڭ ئۈچۈن بىرەر بەخت-بەرىكەت قالدۇرمىدىلىمۇ؟ ــ دېدى. |
765 | GEN 27:37 | ئىسھاق ئەساۋغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، مەن ئۇنى ئۈستۈڭگە خوجا قىلدىم؛ ھەممە قېرىنداشلىرىنى ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولىدىغان قىلدىم؛ ئاشلىق ۋە يېڭى شاراب بىلەن ئۇنى قۇۋۋەتلىدىم؛ ئەي ئوغلۇم، ئەمدى ساڭا يەنە نېمىمۇ قىلىپ بېرەلەيمەن؟ ــ دېدى. |
766 | GEN 27:38 | ئەساۋ ئاتىسىغا يەنە: ــ ئەي ئاتا، سىلىدە پەقەت شۇ بىرلا بەخت-بەرىكەت بار ئىدىمۇ؟ ماڭا، ئەي ئاتا، ماڭىمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا! دېدى. ئاندىن ئۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. |
773 | GEN 27:45 | ئاكاڭ ئاچچىقىدىن يېنىپ، سېنىڭ ئۇنىڭغا قىلغىنىڭنى ئۇنتۇپ كەتكۈچە شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرغىن؛ ئاندىن مەن ئادەم ئەۋەتىپ، سېنى ئۇ يەردىن ئالدۇرۇپ كېلىمەن. نېمە ئۈچۈن بىر كۈندىلا ھەر ئىككىڭلاردىن مەھرۇم بولۇپ قالاي؟ ــ دېدى. |
774 | GEN 27:46 | ئەمما رىۋكاھ ئىسھاققا: ــ مەن مۇشۇ ھىتتىي قىزلار ۋەجىدىن جېنىمدىن جاق تويدۇم. ئەگەر ياقۇپمۇ بۇ يۇرتتىكى قىزلاردىن، مۇشۇنداق ھىتتىي قىزنى خوتۇنلۇققا ئالسا ياشىغىنىمنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ ــ دېدى. |
800 | GEN 29:4 | ياقۇپ پادىچىلاردىن: ئەي بۇرادەرلەر، سىلەر قەيەرلىك؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ بىز ھارانلىقمىز، دېدى. |
801 | GEN 29:5 | ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەر ناھورنىڭ ئوغلى لاباننى تونۇمسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ تونۇيمىز، دېدى. |
803 | GEN 29:7 | ئۇ: ــ مانا، كۈن تېخى ئېگىز تۇرسا، ھازىر تېخى مالنىڭ يىغىلىدىغان ۋاقتى بولمىدى؛ نېمىشقا قويلارنى سۇغىرىپ، ئاندىن يەنە بېرىپ ئوتلاتمايسىلەر؟ ــ دېدى. |
811 | GEN 29:15 | ئاندىن لابان ياقۇپقا: ــ سەن مېنىڭ تۇغقىنىم بولغاچ، ماڭا بىكارغا خىزمەت قىلامسەن؟ ئېيتقىنا، ھەققىڭگە نېمە ئالىسەن؟ ــ دېدى. |
821 | GEN 29:25 | ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، مانا ئالدىدا لېياھ تۇراتتى! ئۇ لابانغا: ــ بۇ زادى ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ ئەجەبا، مەن راھىلە ئۈچۈن ساڭا خىزمەت قىلمىدىممۇ؟ مېنى نېمىشقا شۇنداق ئالدىدىڭ؟! ــ دېدى. |
833 | GEN 30:2 | شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ راھىلەگە غەزىپى كېلىپ: ــ مەن بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىنى سەندىن ئايىغان خۇدانىڭ ئورنىدىمۇ؟! ــ دېدى. |
846 | GEN 30:15 | لېياھ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئېرىمنى تارتىۋالغىنىڭ يەتمەمدۇ؟ ئەمدى ئوغلۇمنىڭ مۇھەببەتگۈلىنىمۇ تارتىۋالماقچىمۇسەن؟ ــ دېدى. راھىلە جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇنداق بولسا ئۇ ئوغلۇڭنىڭ مۇھەببەتگۈللىرى ئۈچۈن بۈگۈن كېچە سەن بىلەن ياتسۇن، ــ دېدى. |
861 | GEN 30:30 | چۈنكى مەن كەلمەستە مېلىڭ ئاز ئىدى؛ ئەمدى ناھايىتى زور بىر توپ بولدى. مېنىڭ قەدىمىم قەيەرگە يەتسە، پەرۋەردىگار ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلدى. ئەمدى مەن قاچان ئۆز ئائىلەم ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەيمەن؟ ــ دېدى. |
888 | GEN 31:14 | راھىلە ۋە لېياھ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئاتىمىزنىڭ ئۆيىدە بىزگە تېگىشلىك نېسىۋە ياكى مىراس قالمىغانمۇ؟ |
889 | GEN 31:15 | بىز دەرۋەقە ئۇنىڭغا يات ئادەم ھېسابلىنىپ قالغانمۇ؟! ئۇ بىزنى سېتىۋەتتى، تويلۇقىمىزنىمۇ پۈتۈنلەي يەپ كەتتى! |
900 | GEN 31:26 | لابان ياقۇپقا: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ سەن مېنى ئالداپ، قىزلىرىمنى ئۇرۇشتا ئالغان ئولجىدەك ئېلىپ كەتتىڭ؟ |
901 | GEN 31:27 | نېمىشقا يوشۇرۇن قاچىسەن، ماڭا خەۋەر بەرمەي مەندىن ئوغرىلىقچە كەتتىڭ؟ ماڭا دېگەن بولساڭ مەن خۇشال-خۇراملىق بىلەن غەزەل ئوقۇپ، داپ ۋە چاڭ چېلىپ، سېنى ئۇزىتىپ قويمامتىم؟ |
904 | GEN 31:30 | خوش، سەن ئاتاڭنىڭ ئۆيىنى تولىمۇ سېغىنغىنىڭ ئۈچۈن كەتمەي قويمايسەن؛ لېكىن نېمىشقا يەنە مېنىڭ بۇتلىرىمنى ئوغرىلىدىڭ؟ ــ دېدى. |
910 | GEN 31:36 | شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئاچچىقلاپ لابان بىلەن جېدەللىشىپ كەتتى. ياقۇپ لابانغا: ــ سەن مېنى كەينىمدىن مۇنچە ئالدىراپ-تېنەپ قوغلاپ كەلگۈدەك مەندە نېمە سەۋەنلىك، نېمە گۇناھ بار؟ |
911 | GEN 31:37 | سەن ھەممە يۈك-تاقلىرىمنى ئاختۇرۇپ چىقتىڭ، ئۆيۈڭنىڭ نەرسىلىرىدىن بىرەر نېمە تاپالىدىڭمۇ؟ بىرنېمە تاپقان بولساڭ، مېنىڭ قېرىنداشلىرىم بىلەن سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئالدىدا ئۇنى قويغىن، ئۇلار بىز ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلسۇن. |
917 | GEN 31:43 | لابان ياقۇپقا جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ قىزلار مېنىڭ قىزلىرىم، بۇ ئوغۇللار مېنىڭ ئوغۇللىرىم، بۇ پادا بولسا مېنىڭ پادام بولىدۇ؛ شۇنداقلا كۆز ئالدىڭدىكى ھەممە نەرسە مىنىڭكىدۇر؛ ئەمما مەن بۈگۈن بۇ قىزلىرىمنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقان ئوغۇللىرىنى نېمە قىلاي؟ |
946 | GEN 32:18 | ئۇ ئەڭ ئالدىدىكى توپ بىلەن ماڭغان كىشىكە ئەمر قىلىپ: ــ ئاكام ئەساۋ ساڭا ئۇچرىغاندا، ئەگەر ئۇ سەندىن: «كىمنىڭ ئادىمىسەن؟ قەيەرگە بارىسەن؟ ئالدىڭدىكى جانىۋارلار كىمنىڭ؟» ــ دەپ سورىسا، |
956 | GEN 32:28 | ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ ئېتىڭ نېمە؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ئېتىم ياقۇپ، ــ دېدى. |
958 | GEN 32:30 | ئاندىن ياقۇپ ئۇنىڭدىن: ــ نامىڭنى ماڭا دەپ بەرگىن، دېۋىدى، ئۇ: ــ نېمىشقا مېنىڭ نامىمنى سورايسەن؟ ــ دېدى ۋە شۇ يەردە ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى. |
966 | GEN 33:5 | ئاندىن ئەساۋ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ سەن بىلەن بىللە كەلگەنلەر كىملەر؟ ــ دەپ سورىدى. ياقۇپ: ــ بۇلار خۇدا شاپائەت قىلىپ كەمىنىلىرىگە بەرگەن بالىلاردۇر، ــ دېدى. |
969 | GEN 33:8 | ئەساۋ: ــ ماڭا يولدا ئۇچرىغان ئاشۇ توپلىرىڭدا نېمە مەقسىتىڭ بار؟ ــ دېۋىدى، ياقۇپ جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ خوجامنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈندۇر، دېدى. |
976 | GEN 33:15 | ئۇ ۋاقىتتا ئەساۋ: ــ ئۇنداق بولسا، مەن ئۆزۈم بىلەن كەلگەن كىشىلەردىن بىرنەچچىنى قېشىڭدا قويۇپ كېتەي، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بۇنىڭ نېمە ھاجىتى؟ پەقەت خوجامنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپساملا شۇ كۇپايە، دېدى. |
1004 | GEN 34:23 | شۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ مال-تەئەللۇقاتى، ھەممە چارپايلىرى بىزنىڭكى بولمامدۇ؟ بىز پەقەت ئۇلارغا ماقۇل دېسەكلا، ئۇلار ئارىمىزدا تۇرىدۇ، ــ دېدى. |
1012 | GEN 34:31 | ئەمما ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئەجەبا، سىڭلىمىزغا بىر پاھىشە ئايالغا قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسا بولامدۇ؟ ــ دېدى. |
1092 | GEN 37:8 | ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن: ــ ئەجەبا، سەن بىزگە پادىشاھ بولامسەن؟ ئۈستىمىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى ۋە گېپىدىن ئاكىلىرى ئۇنى تېخىمۇ يامان كۆردى. |
1094 | GEN 37:10 | ئۇ بۇ چۈشنى ئاتىسى ۋە ئاكىلىرىغا دەپ بەردى. ئاتىسى ئۇنىڭغا تەنبىھ بېرىپ: ــ بۇ كۆرگىنىڭ زادى قانداق چۈش؟ ئەجەبا، مەن، ئاناڭ ۋە ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ئالدىڭغا بېرىپ، ساڭا يەرگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلىمىزمۇ؟ ــ دېدى. |
1097 | GEN 37:13 | ئىسرائىل يۈسۈپكە: ــ ئاكىلىرىڭ شەكەمدە پادا بېقىۋاتىدىغۇ؟ كەل، مەن سېنى ئۇلارنىڭ قېشىغا ئەۋەتەي، دېۋىدى، يۈسۈپ: ــ مانا مەن، دېدى. |
1110 | GEN 37:26 | يەھۇدا قېرىنداشلىرىغا: ــ بىزنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، قېنىنى يوشۇرغىنىمىزنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ |
1114 | GEN 37:30 | ئىنىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ بالا يوق تۇرىدۇ! ئەمدى مەن نەگە باراي؟! ــ دېدى. |
1136 | GEN 38:16 | ئۇ يولدىن بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆز كېلىنى ئىكەنلىكىنى بىلمەي: ــ كەل، مەن سەن بىلەن بىللە بولاي، دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بىلەن بىللە بولساڭ، ماڭا نېمە بېرىسەن؟ دەپ سورىدى. |
1137 | GEN 38:17 | ئۇ ئۇنىڭغا: ــ پادامنىڭ ئىچىدىن بىر ئوغلاقنى ساڭا ئەۋەتىپ بېرەي، دېدى. ئايال: ــ سەن ئۇنى ئەكېلىپ بەرگۈچە، ماڭا رەنىگە بىرەر نەرسە بېرەمسەن؟ دەپ سورىۋىدى، |
1138 | GEN 38:18 | ئۇ: ــ ساڭا نېمىنى رەنىگە بېرەي؟ ــ دېدى. ئۇ: ــ ئۆز مۆھۈرۈڭ بىلەن ئۇنىڭ شوينىسىنى ۋە قولۇڭدىكى ھاساڭنى رەنىگە بەرگىن، دېۋىدى، ئۇ بۇلارنى بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى. |
1159 | GEN 39:9 | بۇ ئۆيدە مەندىن چوڭ ئادەم يوق. سەندىن باشقا ئۇ ھېچبىر نەرسىنى مەندىن ئايىمىدى ــ چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئايالىدۇرسەن! شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن قانداقمۇ بۇنداق رەزىللىكنى قىلىپ خۇدا ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ ــ دېدى. |
1180 | GEN 40:7 | شۇڭا ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە خوجىسىنىڭ سارىيىدا سولاقلىق ياتقان پىرەۋننىڭ بۇ ئىككى مەنسەپدارىدىن: ــ نېمىشقا چىرايىڭلار بۈگۈن شۇنچە سولغۇن؟ ــ دەپ سورىدى. |
1181 | GEN 40:8 | ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئىككىمىز بىر چۈش كۆردۇق؛ ئەمما چۈشىمىزنىڭ تەبىرىنى يېشىپ بېرىدىغان كىشى يوق، دېدى. يۈسۈپ ئۇلارغا: ــ چۈشكە تەبىر بېرىش خۇدادىن بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، ــ دېدى. |
1234 | GEN 41:38 | شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن خىزمەتكارلىرىغا: ــ بۇ كىشىدەك، ئىچىدە خۇدانىڭ روھى بار يەنە بىرسىنى تاپالامدۇق؟! ــ دېدى. |
1254 | GEN 42:1 | ئەمدى ياقۇپ مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى بىلگىنىدە ئوغۇللىرىغا: ــ نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپ تۇرىسىلەر؟ ــ دېدى. |
1275 | GEN 42:22 | رۇبەن ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مەن سىلەرگە: بالىغا زۇلۇم قىلماڭلار، دېگەن ئەمەسمىدىم؟ لېكىن ئۇنىمىدىڭلار. مانا ئەمدى ئۇنىڭ قان قەرزى بىزدىن سورىلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. |
1281 | GEN 42:28 | ئۇ قېرىنداشلىرىغا: ــ مېنىڭ پۇلۇمنى قايتۇرۇۋېتىپتۇ. مانا ئۇ تاغىرىمدا تۇرىدۇ، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ، تىترىشىپ بىر-بىرىگە: ــ بۇ خۇدانىڭ بىزگە زادى نېمە قىلغىنىدۇ؟ ــ دېيىشتى. |
1298 | GEN 43:7 | ئۇلار جاۋابەن: ــ ئۇ كىشى بىزنىڭ ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ كوچىلاپ: «ئاتاڭلار تېخى ھاياتمۇ؟ يەنە بىر ئىنىڭلار بارمۇ؟» ــ دەپ سورىدى. بىز ئۇنىڭ شۇ سوئالىغا يارىشا جاۋاب بەردۇق. ئۇنىڭ بىزگە: «ئىنىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار» دەيدىغىنىنى نەدىن بىلەيلى؟ ــ دېدى. |
1318 | GEN 43:27 | ئۇ ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئاندىن: ــ سىلەر گېپىنى قىلغان قېرى ئاتاڭلار سالامەتمۇ؟ ئۇ ھاياتمۇ؟ ــ دېدى. |