1 | GEN 1:1 | مۇقەددەمدە خۇدا ئاسمانلار بىلەن زېمىننى ياراتتى. |
2 | GEN 1:2 | ئۇ چاغدا يەر بولسا شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولدى؛ قاراڭغۇلۇق چوڭقۇر سۇلارنىڭ يۈزىنى قاپلىدى؛ خۇدانىڭ روھى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلاتتى. |
5 | GEN 1:5 | خۇدا يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى «كېچە» دەپ ئاتىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ تۇنجى كۈن بولدى. |
10 | GEN 1:10 | خۇدا قۇرۇق تۇپراقنى «يەر»، يىغىلغان سۇلارنى بولسا «دېڭىزلار» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
11 | GEN 1:11 | ئاندىن خۇدا يەنە: «يەر ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنى، ئۇرۇقلۇق ئوتياشلارنى، مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تۈرلىرى بويىچە ئۆزىدە ئۈندۈرسۇن! مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى؛ |
12 | GEN 1:12 | يەردىكى ئۆسۈملۈكلەرنى، يەنى ئۇرۇق چىقىدىغان ئوتياشلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، مېۋە بېرىدىغان، يەنى مېۋىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولغان دەرەخلەرنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈندۈردى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
14 | GEN 1:14 | خۇدا يەنە: «كۈندۈز بىلەن كېچىنى ئايرىپ بېرىش ئۈچۈن ئاسمانلاردا يورۇقلۇق جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كۈنلەر، پەسىللار ۋە يىللارنى ئايرىپ تۇرۇشقا بەلگە بولسۇن؛ |
15 | GEN 1:15 | ئۇلار ئاسمانلاردا تۇرۇپ نۇر چىقارغۇچى بولۇپ، يەر يۈزىگە يورۇقلۇق بەرسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. |
16 | GEN 1:16 | خۇدا ئىككى چوڭ نۇر چىقارغۇچى جىسىمنى ياراتتى؛ چوڭ نۇر چىقارغۇچىنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، كىچىك نۇر چىقارغۇچنى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. ھەمدە يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى. |
17 | GEN 1:17 | خۇدا بۇلارنى يەرگە يورۇقلۇق بېرىپ، كۈندۈز بىلەن كېچىنى باشقۇرۇپ، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئايرىسۇن دەپ ئاسمانلارنىڭ گۈمبىزىگە ئورۇنلاشتۇردى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
21 | GEN 1:21 | شۇنداق قىلىپ خۇدا سۇدىكى چوڭ-چوڭ مەخلۇقلارنى، شۇنداقلا سۇلاردا مىغ-مىغ جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە ھەرخىل ئۇچار-قاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
22 | GEN 1:22 | خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «نەسىللىنىپ، كۆپىيىپ، دېڭىز سۇلىرىنى تولدۇرۇڭلار، ئۇچار-قاناتلارمۇ يەر يۈزىدە ئاۋۇسۇن» دېدى. |
24 | GEN 1:24 | خۇدا يەنە: «يەر جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە چىقارسۇن ــ مال-چارۋىلارنى، ئۆمۈلىگۈچى جانىۋارلارنى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئاپىرىدە قىلسۇن» ــ دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. |
25 | GEN 1:25 | شۇنداق قىلىپ خۇدا يەردىكى ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، مال-چارۋىلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى بارلىق جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
26 | GEN 1:26 | ئاندىن خۇدا: «ئۆز سۈرەت-ئوبرازىمىزدا، بىزگە ئوخشايدىغان قىلىپ ئىنساننى يارىتايلى. ئۇلار دېڭىزدىكى بېلىقلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، بارلىق مال-چارۋىلارغا، پۈتكۈل يەر يۈزىگە ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن» دېدى. |
27 | GEN 1:27 | شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتتى؛ ئۇنى ئۆزىنىڭ سۈرىتىدە ياراتتى؛ ئۇلارنى ئەركەك-چىشى قىلىپ ياراتتى. |
28 | GEN 1:28 | خۇدا ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سىلەر نەسىللىنىپ، كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇپ بويسۇندۇرۇڭلار؛ دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، شۇنىڭدەك يەر يۈزىدە يۈرىدىغان ھەربىر ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىڭلار» دېدى. |
29 | GEN 1:29 | ئاندىن خۇدا يەنە: «مانا، مەن پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى ئۇرۇقلۇق ئوتياشلار بىلەن ئۇرۇقلۇق مېۋە بېرىدىغان ھەربىر دەرەخلەرنى سىلەرگە ئوزۇقلۇق بولسۇن دەپ بەردىم؛ |
30 | GEN 1:30 | شۇنداقلا يەردىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ئۆمىلىگۈچىلەرگە، يەنى بارلىق جان-جانىۋارلارغا ئوزۇقلۇق بولسۇن دەپ بارلىق گۈل-گىياھلارنى بەردىم» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. |
32 | GEN 2:1 | شۇنداق قىلىپ ئاسمان بىلەن زېمىن، پۈتكۈل مەۋجۇداتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يارىتىلىپ بولدى. |
35 | GEN 2:4 | پەرۋەردىگار خۇدا زېمىن بىلەن ئاسماننى ياراتقان كۈنىدە، ئاسمان-زېمىننىڭ يارىتىلىش جەريانىنىڭ تارىخلىرى مۇنداق: ــ |
36 | GEN 2:5 | زېمىندا تېخى ھېچ گۈل-گىياھ، يەردە ھېچ ئوتياش ئۈنمىگەنىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا يەر يۈزىگە ھۆل-يېغىن ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى. |
37 | GEN 2:6 | لېكىن يەردىن بۇلاق سۈيى چىقىپ، تامام يەر يۈزىنى سۇغاردى. |
40 | GEN 2:9 | پەرۋەردىگار خۇدا يەردىن كۆزنى قاملاشتۇرىدىغان چىرايلىق، مېۋىلىرى يېيىشلىك ھەرخىل دەرەخنى ئۈندۈردى؛ ئۇ يەنە باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا «ھاياتلىق دەرىخى» ۋە «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نى ئۈندۈردى. |
42 | GEN 2:11 | بىرىنچى ئېقىننىڭ نامى پىشون بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان پۈتكۈل ھاۋىلاھ زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. |
44 | GEN 2:13 | ئىككىنچى دەريانىڭ نامى گىھون بولۇپ، پۈتكۈل كۇش زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. |
48 | GEN 2:17 | ئەمما «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نىڭ مېۋىسىدىن يېمىگىن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈنۈڭدە جەزمەن ئۆلىسەن، ــ دېدى. |
49 | GEN 2:18 | ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئادەمنىڭ يالغۇز تۇرۇشى ياخشى ئەمەس؛ مەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر ياردەمچى ھەمراھنى ياساپ بېرەي، ــ دېدى. |
51 | GEN 2:20 | بۇ تەرىقىدە ئادەم ھەممە مال-چارۋىلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالادىكى ھەربىر جانىۋارلارغا ئات قويدى؛ ۋەھالەنكى، ئادەم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھېچبىر ياردەمچى ھەمراھ ئۇچراتمىدى. |
52 | GEN 2:21 | شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە بىر قاتتىق ئۇيقۇ سالدى؛ ئۇ ئۇخلاپ قالدى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، ئۇ ئۇنىڭ بىقىنىدىن بىر ئاز ئېلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئەت-گۆش بىلەن ئېتىپ قويدى. |
55 | GEN 2:24 | شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىپ بىر بولۇپ، ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ. |
57 | GEN 3:1 | يەر يۈزىدە يىلان رەب پەرۋەردىگار ياراتقان دالادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئايالدىن: ــ خۇدا راستتىنلا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار، دېدىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
59 | GEN 3:3 | ئەمما باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسى توغرىسىدا خۇدا: «بۇنىڭدىن يېمەڭلار، قولمۇ تەگكۈزمەڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر» دېگەن، دېدى. |
60 | GEN 3:4 | يىلان ئايالغا: ــ ئۇنداق ئەمەس! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر! |
61 | GEN 3:5 | بەلكى سىلەر ئۇنى يېگەن كۈنۈڭلاردا، خۇدا كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، خۇداغا ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، ــ دېدى. |
62 | GEN 3:6 | ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ يېمەكلىك ئۈچۈن ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭ كۆزنى قاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەمدە دەرەخنىڭ ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدىغان جەلپكارلىقىنى كۆرۈپ، مېۋىدىن يېدى ۋە ئۇنىڭدىن يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى؛ ئۇمۇ يېدى. |
63 | GEN 3:7 | يېيىشى بىلەنلا ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى ئېلىپ بىر-بىرىگە ئۇلاپ تىكىپ، ئۆزلىرىگە ياپقۇچ قىلىپ تارتتى. |
64 | GEN 3:8 | كۈن سالقىنلىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا ماڭغان شەپىسىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئادەم ئايالى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ھازىر بولغىنىدىن قېچىپ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى. |
69 | GEN 3:13 | پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: ــ يىلان مېنى ئالداپ ئازدۇرسا، مەن يەپ ساپتىمەن، ــ دېدى. |
71 | GEN 3:15 | ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا، سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك سالىمەن؛ ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى چېقىپ زەخىملەندۈرىسەن». |
73 | GEN 3:17 | ئاندىن ئۇ ئادەمئاتىغا: ــ «سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەختىن يېگىنىڭ تۈپەيلىدىن، سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن يەر-تۇپراق لەنىتىمگە ئۇچرايدۇ؛ ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەقەت جاپالىق ئىشلەپلا، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىسەن. |
74 | GEN 3:18 | يەر ساڭا تىكەن بىلەن قامغاق ئۈندۈرىدۇ؛ شۇنداقتىمۇ سەن يەردىكى زىرائەت-ئوتياشلارنى يەيسەن. |
75 | GEN 3:19 | تاكى سەن تۇپراققا قايتقۇچە يۈز-كۆزۈڭ تەرگە چۈمگەندە، ئاندىن نان يېيەلەيسەن؛ چۈنكى سەن ئەسلى تۇپراقتىن ئېلىنغانسەن؛ سەن ئەسلىدە توپا بولغاچ، يەنە توپىغا قايتىسەن» ــ دېدى. |
78 | GEN 3:22 | پەرۋەردىگار خۇدا سۆز قىلىپ: ــ مانا، ئادەم بىزلەردىن بىرىگە ئوخشاپ قالدى، ياخشى بىلەن ياماننى بىلدى. ئەمدى قولىنى ئۇزىتىپ ھاياتلىق دەرىخىدىن ئېلىپ يەۋېلىپ، تا ئەبەدگىچە ياشاۋەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى توسۇشىمىز كېرەك، دېدى. |
79 | GEN 3:23 | شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنى يەرگە ئىشلەيدىغان، يەنى ئۆزى ئەسلى ئاپىرىدە قىلىنغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان قىلىپ قويدى. |
80 | GEN 3:24 | ئادەمنى قوغلىۋېتىپ، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئېرەم بېغىنىڭ مەشرىق تەرىپىگە كېرۇبلارنى ۋە تۆت تەرەپكە پىرقىرايدىغان يالقۇنلۇق بىر شەمشەرنى قويۇپ قويدى. |
87 | GEN 4:7 | ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلساڭ، سەن كۆتۈرۈلمەمسەن؟ لېكىن دۇرۇس ئىش قىلمىساڭ، مانا گۇناھ ئىشىك ئالدىدا سېنى پايلاپ بېغىرلاپ ياتىدۇ، ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولىدۇ؛ لېكىن سەن ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشىڭ كېرەك، دېدى. |
91 | GEN 4:11 | ئەمدى ئىنىڭنىڭ قولۇڭدا تۆكۈلگەن قېنىنى قوبۇل قىلىشقا ئاغزىنى ئاچقان يەردىن قوغلىنىپ، لەنەتكە ئۇچرايسەن. |
92 | GEN 4:12 | سەن يەرگە ئىشلىسەڭمۇ ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا قۇۋۋىتىنى بەرمەيدۇ؛ سەن يەر يۈزىدە سەرسان بولۇپ، سەرگەردان بولىسەن، ــ دېدى. |
93 | GEN 4:13 | بۇنى ئاڭلاپ قابىل پەرۋەردىگارغا جاۋاب قىلىپ: ــ مېنىڭ بۇ جازايىمنى ئادەم كۆتۈرەلمىگۈدەك! |
94 | GEN 4:14 | مانا، سەن بۈگۈن مېنى يەر يۈزىدىن قوغلىدىڭ، مەن ئەمدى سېنىڭ يۈزۈڭدىن يوشۇرۇنۇپ يۈرىمەن؛ يەر يۈزىدە سەرسەن بولۇپ سەرگەردانلىقتا يۈرىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، كىملا مېنى تېپىۋالسا، ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ!، ــ دېدى. |
96 | GEN 4:16 | شۇنىڭ بىلەن قابىل پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئېرەمنىڭ مەشرىق تەرىپىدىكى نود دېگەن يۇرتتا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. |
99 | GEN 4:19 | لەمەخ ئۆزىگە ئىككى خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئىسمى ئاداھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى زىللاھ ئىدى. |
102 | GEN 4:22 | زىللاھ يەنە تۇبال-قايىن دېگەن بىر ئوغۇلنى تۇغدى. ئۇ مىس-تۆمۈر ئەسۋابلارنى سوققۇچى ئىدى. تۇبال-قايىننىڭ نائاماھ ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. |
103 | GEN 4:23 | لەمەخ بولسا ئاياللىرىغا سۆز قىلىپ: ــ «ئەي ئاداھ بىلەن زىللاھ، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! ئەي لەمەخنىڭ ئاياللىرى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! مېنى زەخىملەندۈرگىنى ئۈچۈن مەن ئادەم ئۆلتۈردۈم، تېنىمنى زېدە قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر يىگىتنى ئۆلتۈردۈم. |
107 | GEN 5:1 | بۇ ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسىدۇر: ــ خۇدا ئىنساننى ياراتقان كۈنىدە، ئۇنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتتى. |
109 | GEN 5:3 | ئادەمئاتا بىر يۈز ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ئوخشايدىغان، ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدەك بىر ئوغۇل تۆرەلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا شېت دەپ ئات قويدى. |
110 | GEN 5:4 | شېت تۇغۇلغاندىن كېيىن ئادەمئاتا سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. |