2 | GEN 1:2 | ئۇ چاغدا يەر بولسا شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولدى؛ قاراڭغۇلۇق چوڭقۇر سۇلارنىڭ يۈزىنى قاپلىدى؛ خۇدانىڭ روھى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلاتتى. |
4 | GEN 1:4 | خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى؛ خۇدا يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئايرىدى. |
5 | GEN 1:5 | خۇدا يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى «كېچە» دەپ ئاتىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ تۇنجى كۈن بولدى. |
6 | GEN 1:6 | ئاندىن خۇدا: ــ سۇلارنىڭ ئارىلىقىدا بىر بوشلۇق بولسۇن ۋە سۇلار يۇقىرى-تۆۋەن ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرسۇن، دېدى. |
7 | GEN 1:7 | شۇنىڭ بىلەن خۇدا بىر بوشلۇق ھاسىل قىلىپ، سۇلارنى بوشلۇقنىڭ ئاستىغا ۋە بوشلۇقنىڭ ئۈستىگە ئايرىۋەتتى؛ ئىش ئەنە شۇنداق بولدى. |
8 | GEN 1:8 | خۇدا بۇ بوشلۇقنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى. |
9 | GEN 1:9 | ئاندىن خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلسۇن، قۇرۇق تۇپراق كۆرۈنسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. |
10 | GEN 1:10 | خۇدا قۇرۇق تۇپراقنى «يەر»، يىغىلغان سۇلارنى بولسا «دېڭىزلار» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
11 | GEN 1:11 | ئاندىن خۇدا يەنە: «يەر ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنى، ئۇرۇقلۇق ئوتياشلارنى، مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تۈرلىرى بويىچە ئۆزىدە ئۈندۈرسۇن! مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى؛ |
12 | GEN 1:12 | يەردىكى ئۆسۈملۈكلەرنى، يەنى ئۇرۇق چىقىدىغان ئوتياشلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، مېۋە بېرىدىغان، يەنى مېۋىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولغان دەرەخلەرنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈندۈردى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
13 | GEN 1:13 | شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئۈچىنچى كۈن بولدى. |
14 | GEN 1:14 | خۇدا يەنە: «كۈندۈز بىلەن كېچىنى ئايرىپ بېرىش ئۈچۈن ئاسمانلاردا يورۇقلۇق جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كۈنلەر، پەسىللار ۋە يىللارنى ئايرىپ تۇرۇشقا بەلگە بولسۇن؛ |
15 | GEN 1:15 | ئۇلار ئاسمانلاردا تۇرۇپ نۇر چىقارغۇچى بولۇپ، يەر يۈزىگە يورۇقلۇق بەرسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. |
16 | GEN 1:16 | خۇدا ئىككى چوڭ نۇر چىقارغۇچى جىسىمنى ياراتتى؛ چوڭ نۇر چىقارغۇچىنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، كىچىك نۇر چىقارغۇچنى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. ھەمدە يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى. |
17 | GEN 1:17 | خۇدا بۇلارنى يەرگە يورۇقلۇق بېرىپ، كۈندۈز بىلەن كېچىنى باشقۇرۇپ، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئايرىسۇن دەپ ئاسمانلارنىڭ گۈمبىزىگە ئورۇنلاشتۇردى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
19 | GEN 1:19 | شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى. |
20 | GEN 1:20 | خۇدا يەنە: «سۇلاردا مىغ-مىغ جانىۋارلار بولسۇن، ئۇچار-قاناتلار يەرنىڭ ئۈستىدە، ئاسمان بوشلۇقىدا ئۇچسۇن» دېدى. |
21 | GEN 1:21 | شۇنداق قىلىپ خۇدا سۇدىكى چوڭ-چوڭ مەخلۇقلارنى، شۇنداقلا سۇلاردا مىغ-مىغ جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە ھەرخىل ئۇچار-قاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
23 | GEN 1:23 | شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى. |
24 | GEN 1:24 | خۇدا يەنە: «يەر جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە چىقارسۇن ــ مال-چارۋىلارنى، ئۆمۈلىگۈچى جانىۋارلارنى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئاپىرىدە قىلسۇن» ــ دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. |
25 | GEN 1:25 | شۇنداق قىلىپ خۇدا يەردىكى ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، مال-چارۋىلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى بارلىق جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
26 | GEN 1:26 | ئاندىن خۇدا: «ئۆز سۈرەت-ئوبرازىمىزدا، بىزگە ئوخشايدىغان قىلىپ ئىنساننى يارىتايلى. ئۇلار دېڭىزدىكى بېلىقلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، بارلىق مال-چارۋىلارغا، پۈتكۈل يەر يۈزىگە ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن» دېدى. |
27 | GEN 1:27 | شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتتى؛ ئۇنى ئۆزىنىڭ سۈرىتىدە ياراتتى؛ ئۇلارنى ئەركەك-چىشى قىلىپ ياراتتى. |
28 | GEN 1:28 | خۇدا ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سىلەر نەسىللىنىپ، كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇپ بويسۇندۇرۇڭلار؛ دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، شۇنىڭدەك يەر يۈزىدە يۈرىدىغان ھەربىر ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىڭلار» دېدى. |
29 | GEN 1:29 | ئاندىن خۇدا يەنە: «مانا، مەن پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى ئۇرۇقلۇق ئوتياشلار بىلەن ئۇرۇقلۇق مېۋە بېرىدىغان ھەربىر دەرەخلەرنى سىلەرگە ئوزۇقلۇق بولسۇن دەپ بەردىم؛ |
30 | GEN 1:30 | شۇنداقلا يەردىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ئۆمىلىگۈچىلەرگە، يەنى بارلىق جان-جانىۋارلارغا ئوزۇقلۇق بولسۇن دەپ بارلىق گۈل-گىياھلارنى بەردىم» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. |
31 | GEN 1:31 | خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە سەپسېلىپ قارىدى، ۋە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى بولغانىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى. |
32 | GEN 2:1 | شۇنداق قىلىپ ئاسمان بىلەن زېمىن، پۈتكۈل مەۋجۇداتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يارىتىلىپ بولدى. |
33 | GEN 2:2 | خۇدا يەتتىنچى كۈنىگىچە قىلىدىغان ئىشىنى تاماملىدى. ئۇ يەتتىنچى كۈنى بارلىق يارىتىش ئىشىنى توختىتىپ ئارام ئالدى. |
34 | GEN 2:3 | يەتتىنچى كۈنى خۇدا بارلىق يارىتىش ئىشلىرىدىن ئارام ئالغان كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ كۈننى بەختلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى «مۇقەددەس كۈن» دەپ بېكىتتى. |
35 | GEN 2:4 | پەرۋەردىگار خۇدا زېمىن بىلەن ئاسماننى ياراتقان كۈنىدە، ئاسمان-زېمىننىڭ يارىتىلىش جەريانىنىڭ تارىخلىرى مۇنداق: ــ |
36 | GEN 2:5 | زېمىندا تېخى ھېچ گۈل-گىياھ، يەردە ھېچ ئوتياش ئۈنمىگەنىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا يەر يۈزىگە ھۆل-يېغىن ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى. |
38 | GEN 2:7 | ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى يەرنىڭ توپىسىدىن ياساپ، ھاياتلىق نەپەسىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا پۈۋلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئادەم تىرىك بىر جان بولدى. |
39 | GEN 2:8 | ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا مەشرىق تەرەپتە ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بىنا قىلىپ، ياسىغان ئادەمنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. |
40 | GEN 2:9 | پەرۋەردىگار خۇدا يەردىن كۆزنى قاملاشتۇرىدىغان چىرايلىق، مېۋىلىرى يېيىشلىك ھەرخىل دەرەخنى ئۈندۈردى؛ ئۇ يەنە باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا «ھاياتلىق دەرىخى» ۋە «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نى ئۈندۈردى. |
41 | GEN 2:10 | باغنى سۇغىرىشقا ئېرەمدىن بىر دەريا ئېقىپ چىقتى؛ ئاندىن بۆلۈنۈپ، تۆت ئېقىن بولدى. |
42 | GEN 2:11 | بىرىنچى ئېقىننىڭ نامى پىشون بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان پۈتكۈل ھاۋىلاھ زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. |
43 | GEN 2:12 | بۇ يۇرتنىڭ ئالتۇنى ناھايىتى ئېسىل ئىدى؛ شۇ يەردە پۇراقلىق دېۋىرقاي بىلەن ئاق ھېقىقمۇ چىقىدۇ. |
44 | GEN 2:13 | ئىككىنچى دەريانىڭ نامى گىھون بولۇپ، پۈتكۈل كۇش زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. |
45 | GEN 2:14 | ئۈچىنچى دەريانىڭ نامى دىجلە بولۇپ، ئاشۇرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، تۆتىنچى دەريانىڭ نامى ئەفرات ئىدى. |
46 | GEN 2:15 | پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى ئېلىپ ئېرەم بېغىغا ئىشلەپ، پەرۋىش قىلسۇن دەپ ئۇنى شۇ يەرگە قويۇپ قويدى. |
48 | GEN 2:17 | ئەمما «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نىڭ مېۋىسىدىن يېمىگىن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈنۈڭدە جەزمەن ئۆلىسەن، ــ دېدى. |
49 | GEN 2:18 | ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئادەمنىڭ يالغۇز تۇرۇشى ياخشى ئەمەس؛ مەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر ياردەمچى ھەمراھنى ياساپ بېرەي، ــ دېدى. |
50 | GEN 2:19 | پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن دالادىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى ھەممە ئۇچار-قاناتلارنى ياسىغانىدى؛ ئۇلارغا ئادەمنىڭ نېمە دەپ ئات قويىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئادەم ھەربىر جانىۋارغا نېمە دەپ ئات قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئېتى شۇ بولۇپ قالدى. |
52 | GEN 2:21 | شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە بىر قاتتىق ئۇيقۇ سالدى؛ ئۇ ئۇخلاپ قالدى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، ئۇ ئۇنىڭ بىقىنىدىن بىر ئاز ئېلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئەت-گۆش بىلەن ئېتىپ قويدى. |
53 | GEN 2:22 | شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنىڭ بىقىنىدىن ئالغان شۇ قىسىمدىن بىر ئايالنى ياساپ، ئۇنى ئادەمنىڭ قېشىغا ئەكەلدى. |
54 | GEN 2:23 | ئادەمئاتا خۇشال بولۇپ: ــ مانا بۇ سۆڭەكلىرىمدىكى سۆڭەك، ئېتىمدىكى ئەت بولغاچ، «ئايال» دەپ ئاتالسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغاندۇر، ــ دېدى. |
55 | GEN 2:24 | شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر كىشى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىپ بىر بولۇپ، ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ. |
61 | GEN 3:5 | بەلكى سىلەر ئۇنى يېگەن كۈنۈڭلاردا، خۇدا كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، خۇداغا ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، ــ دېدى. |
62 | GEN 3:6 | ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ يېمەكلىك ئۈچۈن ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭ كۆزنى قاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەمدە دەرەخنىڭ ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدىغان جەلپكارلىقىنى كۆرۈپ، مېۋىدىن يېدى ۋە ئۇنىڭدىن يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى؛ ئۇمۇ يېدى. |
63 | GEN 3:7 | يېيىشى بىلەنلا ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى ئېلىپ بىر-بىرىگە ئۇلاپ تىكىپ، ئۆزلىرىگە ياپقۇچ قىلىپ تارتتى. |
64 | GEN 3:8 | كۈن سالقىنلىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا ماڭغان شەپىسىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئادەم ئايالى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ھازىر بولغىنىدىن قېچىپ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى. |
66 | GEN 3:10 | ئادەمئاتا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن باغدا شەپەڭنى ئاڭلاپ، يالىڭاچ تۇرغىنىم ئۈچۈن قورقۇپ كېتىپ، يوشۇرۇنىۋالدىم، ــ دېدى. |
68 | GEN 3:12 | ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا بەرگەن ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، مەن يېدىم، ــ دېدى. |
71 | GEN 3:15 | ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا، سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك سالىمەن؛ ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى چېقىپ زەخىملەندۈرىسەن». |
72 | GEN 3:16 | ئاندىن خۇدا ئايالغا: ــ «سېنىڭ ھامىلىدارلىقىڭنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى كۆپەيتىمەن؛ سەن قاتتىق تولغاق ئىچىدە بوشىنىسەن؛ سەن ئېرىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا ھەۋەس قىلساڭمۇ، ئۇ ئۈستۈڭدىن خوجىلىق قىلىدۇ» ــ دېدى. |
73 | GEN 3:17 | ئاندىن ئۇ ئادەمئاتىغا: ــ «سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەختىن يېگىنىڭ تۈپەيلىدىن، سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن يەر-تۇپراق لەنىتىمگە ئۇچرايدۇ؛ ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەقەت جاپالىق ئىشلەپلا، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىسەن. |
74 | GEN 3:18 | يەر ساڭا تىكەن بىلەن قامغاق ئۈندۈرىدۇ؛ شۇنداقتىمۇ سەن يەردىكى زىرائەت-ئوتياشلارنى يەيسەن. |