Wildebeest analysis examples for:   uig-uigara   ـ    February 25, 2023 at 01:27    Script wb_pprint_html.py   by Ulf Hermjakob

6  GEN 1:6  ئاندىن خۇدا: ــ سۇلارنىڭ ئارىلىقىدا بىر بوشلۇق بولسۇن ۋە سۇلار يۇقىرى-تۆۋەن ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرسۇن، دېدى.
24  GEN 1:24  خۇدا يەنە: «يەر جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە چىقارسۇن ــ مال-چارۋىلارنى، ئۆمۈلىگۈچى جانىۋارلارنى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئاپىرىدە قىلسۇن» ــ دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى.
35  GEN 2:4  پەرۋەردىگار خۇدا زېمىن بىلەن ئاسماننى ياراتقان كۈنىدە، ئاسمان-زېمىننىڭ يارىتىلىش جەريانىنىڭ تارىخلىرى مۇنداق: ــ
48  GEN 2:17  ئەمما «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نىڭ مېۋىسىدىن يېمىگىن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈنۈڭدە جەزمەن ئۆلىسەن، ــ دېدى.
49  GEN 2:18  ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئادەمنىڭ يالغۇز تۇرۇشى ياخشى ئەمەس؛ مەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر ياردەمچى ھەمراھنى ياساپ بېرەي، ــ دېدى.
54  GEN 2:23  ئادەمئاتا خۇشال بولۇپ: ــ مانا بۇ سۆڭەكلىرىمدىكى سۆڭەك، ئېتىمدىكى ئەت بولغاچ، «ئايال» دەپ ئاتالسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغاندۇر، ــ دېدى.
57  GEN 3:1  يەر يۈزىدە يىلان رەب پەرۋەردىگار ياراتقان دالادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئايالدىن: ــ خۇدا راستتىنلا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار، دېدىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
58  GEN 3:2  ئايال يىلانغا جاۋاب بېرىپ: ــ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ.
60  GEN 3:4  يىلان ئايالغا: ــ ئۇنداق ئەمەس! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر!
61  GEN 3:5  بەلكى سىلەر ئۇنى يېگەن كۈنۈڭلاردا، خۇدا كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، خۇداغا ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، ــ دېدى.
65  GEN 3:9  لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا توۋلاپ ئادەمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: سەن نەدە؟ ــ دېدى.
66  GEN 3:10  ئادەمئاتا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن باغدا شەپەڭنى ئاڭلاپ، يالىڭاچ تۇرغىنىم ئۈچۈن قورقۇپ كېتىپ، يوشۇرۇنىۋالدىم، ــ دېدى.
67  GEN 3:11  خۇدا ئۇنىڭغا: ــ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېدىڭمۇ-يا؟ ــ دېدى.
68  GEN 3:12  ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا بەرگەن ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، مەن يېدىم، ــ دېدى.
69  GEN 3:13  پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: ــ يىلان مېنى ئالداپ ئازدۇرسا، مەن يەپ ساپتىمەن، ــ دېدى.
70  GEN 3:14  پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا مۇنداق دېدى: ــ «بۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن، سەن ھەممە مال-چارۋىلاردىن، دالادىكى بارلىق ھايۋاناتلاردىن بەكرەك لەنەتكە قالىسەن؛ قورسىقىڭ بىلەن بېغىرلاپ مېڭىپ، ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە توپا يەيسەن.
72  GEN 3:16  ئاندىن خۇدا ئايالغا: ــ «سېنىڭ ھامىلىدارلىقىڭنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى كۆپەيتىمەن؛ سەن قاتتىق تولغاق ئىچىدە بوشىنىسەن؛ سەن ئېرىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا ھەۋەس قىلساڭمۇ، ئۇ ئۈستۈڭدىن خوجىلىق قىلىدۇ» ــ دېدى.
73  GEN 3:17  ئاندىن ئۇ ئادەمئاتىغا: ــ «سەن ئايالىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەختىن يېگىنىڭ تۈپەيلىدىن، سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن يەر-تۇپراق لەنىتىمگە ئۇچرايدۇ؛ ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە پەقەت جاپالىق ئىشلەپلا، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىسەن.
75  GEN 3:19  تاكى سەن تۇپراققا قايتقۇچە يۈز-كۆزۈڭ تەرگە چۈمگەندە، ئاندىن نان يېيەلەيسەن؛ چۈنكى سەن ئەسلى تۇپراقتىن ئېلىنغانسەن؛ سەن ئەسلىدە توپا بولغاچ، يەنە توپىغا قايتىسەن» ــ دېدى.
78  GEN 3:22  پەرۋەردىگار خۇدا سۆز قىلىپ: ــ مانا، ئادەم بىزلەردىن بىرىگە ئوخشاپ قالدى، ياخشى بىلەن ياماننى بىلدى. ئەمدى قولىنى ئۇزىتىپ ھاياتلىق دەرىخىدىن ئېلىپ يەۋېلىپ، تا ئەبەدگىچە ياشاۋەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى توسۇشىمىز كېرەك، دېدى.
81  GEN 4:1  ئادەمئاتا ئايالى ھاۋا بىلەن بىللە بولدى؛ ھاۋا ھامىلىدار بولۇپ قابىلنى تۇغۇپ: «مەن بىر ئادەمگە ئىگە بولدۇم ــ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر!» ــ دېدى.
89  GEN 4:9  پەرۋەردىگار قابىلغا: ئىنىڭ ھابىل نەدە؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمۇ؟ ــ دېدى.
90  GEN 4:10  خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمە قىلدىڭ؟ مانا، ئىنىڭنىڭ قېنى يەردىن ماڭا پەرياد كۆتۈرۈۋاتىدۇ!
92  GEN 4:12  سەن يەرگە ئىشلىسەڭمۇ ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا قۇۋۋىتىنى بەرمەيدۇ؛ سەن يەر يۈزىدە سەرسان بولۇپ، سەرگەردان بولىسەن، ــ دېدى.
93  GEN 4:13  بۇنى ئاڭلاپ قابىل پەرۋەردىگارغا جاۋاب قىلىپ: ــ مېنىڭ بۇ جازايىمنى ئادەم كۆتۈرەلمىگۈدەك!
94  GEN 4:14  مانا، سەن بۈگۈن مېنى يەر يۈزىدىن قوغلىدىڭ، مەن ئەمدى سېنىڭ يۈزۈڭدىن يوشۇرۇنۇپ يۈرىمەن؛ يەر يۈزىدە سەرسەن بولۇپ سەرگەردانلىقتا يۈرىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، كىملا مېنى تېپىۋالسا، ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ!، ــ دېدى.
95  GEN 4:15  لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ شۇنداق بولىدۇكى، كىمكى قابىلنى ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭدىن يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ، ــ دېدى. شۇلارنى دەپ پەرۋەردىگار قابىلغا ئۇچرىغان بىرسى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا بىر بەلگە قويۇپ قويدى.
103  GEN 4:23  لەمەخ بولسا ئاياللىرىغا سۆز قىلىپ: ــ «ئەي ئاداھ بىلەن زىللاھ، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! ئەي لەمەخنىڭ ئاياللىرى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! مېنى زەخىملەندۈرگىنى ئۈچۈن مەن ئادەم ئۆلتۈردۈم، تېنىمنى زېدە قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر يىگىتنى ئۆلتۈردۈم.
104  GEN 4:24  ئەگەر قابىل ئۈچۈن يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنسا، لەمەخ ئۈچۈن يەتمىش يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ!» ــ دېدى.
107  GEN 5:1  بۇ ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسىدۇر: ــ خۇدا ئىنساننى ياراتقان كۈنىدە، ئۇنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتتى.
134  GEN 5:28  لەمەخ بىر يۈز سەكسەن ئىككى ياشقا كىرگەندە بىر ئوغۇل تېپىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ ئاتاپ: ــ پەرۋەردىگار تۇپراققا لەنەت قىلدى؛ شۇڭا بىز يەرگە ئىشلىگىنىمىزدە ھەمدە قوللىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەمگىكىدە بۇ بالا بىزگە تەسەللى بېرىدۇ، ــ دېدى.
141  GEN 6:3  ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ــ ــ مېنىڭ روھىم ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلىۋەرمەيدۇ؛ چۈنكى ئىنسان ئەتتۇر، خالاس. كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن! ــ دېدى.
145  GEN 6:7  بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار: ــ ئۆزۈم ياراتقان ئىنساننى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن ــ ئىنساندىن تارتىپ مال-چارۋىلارغىچە، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلاردىن ئاسماندىكى قۇشلارغىچە، ھەممىسىنى يوق قىلىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى ياراتقىنىمغا پۇشايمەن قىلدىم، ــ دېدى.
147  GEN 6:9  نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ نۇھ ھەققانىي، ئۆز دەۋرىدىكىلەر ئارىسىدا ئەيىبسىز ئادەم ئىدى؛ نۇھ خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى.
151  GEN 6:13  شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: ــ مانا، ئالدىمغا بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ زاۋاللىقى يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پۈتكۈل يەر-جاھاننى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن زوراۋانلىق قاپلىدى. مانا، مەن ئۇلارنى يەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىمەن.
153  GEN 6:15  سەن ئۇنى شۇنداق ياسىغىن: ــ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ يۈز گەز، كەڭلىكى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز بولسۇن.
159  GEN 6:21  ئۆزۈڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئۈچۈن ھەرخىل يېمەكلىكلەردىن ئېلىپ، يېنىڭغا غەملىگىن، ــ دېدى.
161  GEN 7:1  پەرۋەردىگار نۇھقا مۇنداق دېدى: ــ «سەن پۈتۈن ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەن كېمىگە كىرگىن؛ چۈنكى بۇ دەۋردە ئالدىمدا سېنى ھەققانىي دەپ كۆردۈم.
199  GEN 8:15  ئۇ ۋاقىتتا خۇدا نۇھقا سۆز قىلىپ: ــ سەن ئۆزۈڭ، ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭ كېمىدىن چىقىڭلار.
201  GEN 8:17  ئۆزۈڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ئەت ئىگىلىرىدىن ھەربىر تۈردىكى جانىۋارلارنى، يەنى ئۇچار-قاناتلارنى ھەم مال-چارۋىلارنى، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ كېمىدىن ئېلىپ چىققىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ، نەسىللىنىپ زېمىندا كۆپەيسۇن، ــ دېدى.
205  GEN 8:21  شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار خۇشبۇي پۇراپ مەمنۇن بولدى؛ پەرۋەردىگار كۆڭلىدە: ــ «ئىنساننىڭ كۆڭۈل-نىيىتى ياشلىقىدىن تارتىپ رەزىل بولسىمۇ، مەن ئىنسان تۈپەيلىدىن يەرگە يەنە لەنەت ئوقۇمايمەن ۋە ئەمدى بۇ قېتىمقىدەك ھەممە جاندارلارنى ئۇرۇپ يوقىتىۋەتمەيمەن.
206  GEN 8:22  بۇندىن كېيىن، يەر مەۋجۇت كۈنلىرىدە، تېرىش بىلەن ئورما، سوغۇق بىلەن ئىسسىق، ياز بىلەن قىش، كۈندۈز بىلەن كېچە ئۈزۈلمەي ئايلىنىپ تۇرىدۇ» ــ دېدى.
207  GEN 9:1  خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇڭلار.
214  GEN 9:8  ئاندىن خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا ئۆزۈم سىلەر بىلەن ۋە سىلەردىن كېيىن كېلىدىغان ئەۋلادلىرىڭلار بىلەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە تۇرغان ھەربىر جان ئىگىسى، ئۇچارقاناتلار، مال-چارۋىلار، سىلەر بىلەن بىللە تۇرغان يەر يۈزىدىكى ھەربىر ياۋايى ھايۋانلار، كېمىدىن چىققانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ــ يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ھايۋاننى قالدۇرماي، ئۇلار بىلەن ئۆز ئەھدەمنى تۈزىمەن
218  GEN 9:12  خۇدا يەنە: ــ «مەن ئۆزۈم سىلەر بىلەن ۋە قېشىڭلاردىكى ھەممە جان ئىگىلىرى بىلەن مەڭگۈلۈك، يەنى پۈتكۈل ئەۋلادلىرىڭلارغىچە بېكىتكەن مۇشۇ ئەھدەمنىڭ بەلگىسى شۇكى: ــ مانا، مەن ئۆزۈم بىلەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولسۇن دەپ ھەسەن-ھۈسىنىمنى بۇلۇتلار ئىچىگە قويىمەن؛
222  GEN 9:16  ھەسەن-ھۈسەن بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا قارايمەن ۋە شۇنىڭ بىلەن مەنكى خۇدا يەر يۈزىدىكى ئەت ئىگىلىرى بولغان بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئوتتۇرىمىزدا بېكىتكەن ئەھدەمنى ياد ئېتىمەن»، ــ دېدى.
223  GEN 9:17  خۇدا نۇھقا يەنە: ــ «مانا بۇ مەن ئۆزۈم بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدا بېكىتكەن ئەھدەمنىڭ نىشان-بەلگىسىدۇر»، ــ دېدى.
230  GEN 9:24  نۇھ شارابنىڭ كەيپىدىن ئويغىنىپ، كەنجى ئوغلىنىڭ ئۆزىگە نېمە قىلغىنىنى بىلىپ: ــ
231  GEN 9:25  قانائانغا لەنەت بولغاي! ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ قۇلىنىڭ قۇلى بولسۇن، ــ دەپ قارغىدى.
232  GEN 9:26  ئۇ يەنە: ــ شەمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە كەلتۈرۈلگەي! قانائان شەمنىڭ قۇلى بولسۇن.
233  GEN 9:27  خۇدا يافەتنى ئاۋۇتقاي! ئۇ شەمنىڭ چېدىرلىرىدا تۇرغاي، قانائان بولسا ئۇنىڭ قۇلى بولغاي! ــ دېدى.
236  GEN 10:1  تۆۋۆندىكىلەر نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت بولۇپ، توپاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئوغۇللار تۆرەلگەن: ــ
270  GEN 11:3  ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ كېلىڭلار، بىز خىش قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! ــ دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قۇرۇلۇشتا تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارىماي ئىشلەتتى.
271  GEN 11:4  ئۇلار يەنە: ــ كېلىڭلار، ئەمدى ئۆزۈمىزگە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەردە ئۇچى ئاسمانلارغا تاقاشقۇدەك بىر مۇنار ياسايلى! شۇنداق قىلىپ ئۆزىمىزگە بىر نام تىكلىيەلەيمىز. بولمىسا، پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىلىپ كېتىمىز، ــ دېيىشتى.
273  GEN 11:6  پەرۋەردىگار: ــ «مانا، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر قوۋمدۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىلىمۇ بىردۇر؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر! بۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نىيەت قىلغان ھەرقانداق ئىشىنى ھېچ توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.
274  GEN 11:7  شۇڭا بىز تۆۋەنگە چۈشۈپ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ گەپلىرىنى ئۇقالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلىنى باشقا-باشقا قىلىپ قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتەيلى» ــ دېدى.
277  GEN 11:10  تۆۋەندىكىلەر شەمنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ توپان ئۆتۈپ ئىككى يىلدىن كېيىن، شەم يۈز يېشىدا، ئۇنىڭدىن ئارفاكشاد تۆرەلدى.
294  GEN 11:27  تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ تەراھتىن ئابرام، ناھور ۋە ھاران تۆرەلدى؛ ھاراندىن لۇت تۆرەلدى.
300  GEN 12:1  پەرۋەردىگار ئەسلىدە ئابرامغا مۇنداق دېگەنىدى: ــ سەن ئۆز يۇرتۇڭدىن، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭدىن ۋە ئۆز ئاتا جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان زېمىنغا بارغىن.
302  GEN 12:3  كىملەر ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلىسە مەن ئۇلارنى بەرىكەتلەيمەن، كىمكى سېنى خورلىسا، مەن چوقۇم ئۇنى لەنەتكە قالدۇرىمەن؛ سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ! ــ دېدى.
306  GEN 12:7  پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ زېمىننى سېنىڭ نەسلىڭگە ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ سالدى.
310  GEN 12:11  ئەمما شۇنداق بولدىكى، ئۇ مىسىرغا يېقىنلاشقاندا، ئايالى سارايغا: ــ مانا، مەن سېنىڭ ھۆسۈن-جامالىڭنىڭ گۈزەللىكىنى بىلىمەن.
312  GEN 12:13  شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ: «مەن ئۇنىڭ سىڭلىسى» دېيىشىڭنى ئۆتىنىمەن. شۇنداق قىلساڭ، مەن سېنىڭدىن ياخشىلىق تېپىپ، سەن ئارقىلىق تىرىك قالىمەن، ــ دېدى.
317  GEN 12:18  شۇنىڭ ئۈچۈن پىرەۋن ئابرامنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ «بۇ زادى سېنىڭ ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ ئۆز ئايالىڭ ئىكەنلىكىنى ماڭا ئېيتمىدىڭ؟
318  GEN 12:19  نېمىشقا ئۇنى «سىڭلىم» دەپ مېنىڭ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشىمغا سەۋەبكار بولغىلى تاس قالىسەن! مانا بۇ ئايالىڭ! ئۇنى ئېلىپ كەتكىن! ــ دېدى.
327  GEN 13:8  شۇڭا ئابرام لۇتقا: ــ «بىز بولساق قېرىنداشلارمىز، سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا، مېنىڭ پادىچىلىرىم بىلەن سېنىڭ پادىچىلىرىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش پەيدا بولمىسۇن.
328  GEN 13:9  مانا، ئالدىڭدا پۈتكۈل زېمىن تۇرمامدۇ؟ ئەمدى سەن مەندىن ئايرىلغىن؛ ئەگەر سەن سول تەرەپكە بارساڭ، مەن ئوڭ تەرەپكە باراي؛ ئەگەر سەن ئوڭ تەرەپكە بارساڭ، مەن سول تەرەپكە باراي»، ــ دېدى.
333  GEN 13:14  لۇت ئابرامدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئابرامغا: ــ سەن ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئۆزۈڭ تۇرغان جايدىن شىمال ۋە جەنۇبقا، مەشرىق ۋە مەغرىپ تەرەپكە قارىغىن؛
336  GEN 13:17  ئورنۇڭدىن تۇر، بۇ زېمىننى ئۇزۇنلۇقى ۋە ڭەڭلىكى بويىچە ئايلىنىپ چىققىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى ساڭا ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى.
356  GEN 14:19  ئۇ ئابرامنى بەخت-بەرىكەتلەپ: ــ «ئابرام ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرى تەرىپىدىن بەرىكەتلەنسۇن!
357  GEN 14:20  شۇنداقلا دۈشمەنلىرىڭنى ئۆز قولۇڭغا تاپشۇرغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرىگە ھەمدۇسانا ئوقۇلغاي!» ــ دېدى. ئابرام بولسا غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا بەردى.
358  GEN 14:21  ئاندىن سودومنىڭ پادىشاھى ئابرامغا: ــ ئادەملەرنى ماڭا بەرگەيلا، غەنىيمەتلەرنى ئۆزلىرىگە ئالغايلا، ــ دېدى.
359  GEN 14:22  لېكىن ئابرام سودومنىڭ پادىشاھىغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن بولسام ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرى پەرۋەردىگارغا قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلغانمەنكى،
361  GEN 14:24  شۇڭا يىگىتلىرىمنىڭ يېگەن-ئىچكىنى، شۇنداقلا ماڭا ھەمراھ بولغانلار، يەنى ئانەر، ئەشكول ۋە مامرەلەرگە تېگىشلىك ئۈلۈشتىن باشقا، مەن غەنىيمەتتىن ھېچنەرسە ئالمايمەن؛ شۇلار ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئالسۇن، ــ دېدى.
362  GEN 15:1  بۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئابرامغا ئالامەت كۆرۈنۈشتە كېلىپ: «ئەي ئابرام، قورقمىغىن؛ مەن ئۆزۈم قالقىنىڭ ۋە زور ئىنئامىڭدۇرمەن» ــ دېدى.
363  GEN 15:2  لېكىن ئابرام: ــ ئەي رەب پەرۋەردىگار، ماڭا نېمە بېرىسەن؟ مانا، مەن بالىسىز تۇرسام، ئۆي-بىساتلىرىمغا ۋارىسلىق قىلغۇچى مۇشۇ دەمەشقلىك ئەلىئېزەرلا باردۇر، ــ دېدى.
365  GEN 15:4  شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنىڭغا كېلىپ: «بۇ كىشى ساڭا ۋارىس بولمايدۇ، بەلكى ئۆز پۇشتۇڭدىن بولىدىغان كىشى ساڭا ۋارىس بولىدۇ»، ــ دېدى.
366  GEN 15:5  شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: ــ ئەمدى ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى سانا ــ قېنى، ئۇلارنى سانىيالامسەنكىن؟! ــ دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ نەسلىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى.
368  GEN 15:7  يەنە ئۇنىڭغا: مەن بۇ زېمىنغا ئىگە قىلىشقا سېنى كالدىيەدىكى ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگاردۇرمەن، ــ دېدى.
369  GEN 15:8  لېكىن ئابرام: ــ ئى رەب پەرۋەردىگار، مەن ئۇنىڭغا جەزمەن ئىگە بولىدىغىنىمنى قانداق بىلىمەن؟ ــ دەپ سورىدى.
370  GEN 15:9  پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۈچۈن ئۈچ ياشلىق بىر ئىنەك، ئۈچ ياشلىق بىر چىشى ئۆچكە، ئۈچ ياشلىق بىر قوچقار بىلەن بىر كەپتەر ۋە بىر باجكا ئېلىپ كەلگىن، ــ دېدى.
374  GEN 15:13  ئاندىن پەرۋەردىگار ئابرامغا: ــ جەزمەن بىلىشىڭ كېرەككى، سېنىڭ نەسلىڭ ئۆزلىرىنىڭ بولمىغان بىر زېمىندا مۇساپىر بولۇپ، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ ۋە شۇنداقلا، بۇ خەلق ئۇلارغا تۆت يۈز يىلغىچە جەبىر-زۇلۇم سالىدۇ.
379  GEN 15:18  دەل شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئابرام بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ زېمىننى مىسىرنىڭ ئېقىنىدىن تارتىپ ئۇلۇغ دەريا، يەنى ئەفرات دەرياسىغىچە بېرىمەن؛ يەنى كېنىيلەر، كەنىززىيلار، كادمونىيلار،
384  GEN 16:2  ساراي ئابرامغا: ــ مانا، پەرۋەردىگار مېنى تۇغۇشتىن توستى. ئەمدى سەن مېنىڭ دېدىكىمنىڭ قېشىغا كىرگىن؛ بەلكىم ئۇ ئارقىلىق ئانا بولۇپ تىكلىنىشىم مۇمكىن، ــ دېدى. ئابرام بولسا ساراينىڭ سۆزىنى قوبۇل كۆردى.
387  GEN 16:5  ساراي ئابرامغا قېيىداپ: ــ ماڭا چۈشكەن بۇ خورلۇق سېنىڭ بېشىڭغا چۈشسۇن! مەن ئۆز دېدىكىمنى قۇچىقىڭغا سېلىپ بەردىم؛ ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى كۆرگەندە مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە كۆزگە ئىلىنمىدىم. خەير، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن! ــ دېدى.
388  GEN 16:6  ئابرام سارايغا: ــ مانا، دېدىكىڭ ئۆز قولۇڭدىدۇر؛ ساڭا نېمە لايىق كۆرۈنسە ئۇنىڭغا شۇنى قىلغىن، ــ دېدى. بۇنىڭ بىلەن ساراي ئۇنىڭغا قاتتىقلىق قىلىشقا باشلىدى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ كەتتى.
390  GEN 16:8  ئەي ساراينىڭ دېدىكى ھەجەر، نەدىن كەلدىڭ، نەگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن خوجايىنىم ساراينىڭ ئالدىدىن قېچىپ چىقتىم، ــ دېدى.
391  GEN 16:9  پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: ــ ئايال خوجايىنىڭنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا بول، ــ دېدى.
392  GEN 16:10  پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە: ــ سېنىڭ نەسلىڭنى شۇنداق ئاۋۇتىمەنكى، كۆپلۈكىدىن ئۇنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ، ــ دېدى.
399  GEN 17:1  ئابرام توقسان توققۇز ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئابرامغا كۆرۈنۈپ ئۇنىڭغا: ــ مەن قادىر تەڭرىدۇرمەن. سەن مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ، كامىل بولغىن.
400  GEN 17:2  مەن ئۆزۈم بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا ئەھدەمنى بېكىتىپ، سېنى ئىنتايىن زور كۆپەيتىمەن، ــ دېدى.
401  GEN 17:3  ئابرام ئۆزىنى تاشلاپ يۈزىنى يەرگە يېقىپ ياتتى؛ خۇدا ئۇنىڭ بىلەن يەنە سۆزلىشىپ مۇنداق دېدى: ــ
402  GEN 17:4  ئۆزۈمگە كەلسەم، مانا، مېنىڭ ئەھدەم سەن بىلەن تۈزۈلگەندۇر: ــ سەن نۇرغۇن ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن.
406  GEN 17:8  مەن ساڭا ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭگە سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بۇ زېمىننى، يەنى پۈتكۈل قانائان زېمىنىنى ئەبەدىي بىر مۈلۈك سۈپىتىدە ئاتا قىلىمەن؛ ۋە مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ــ دېدى.
407  GEN 17:9  ئاندىن خۇدا ئىبراھىمغا يەنە: ــ سەن ئۆزۈڭ مېنىڭ ئەھدەمنى تۇتقىن، ئۆزۈڭ ۋە سەندىن كېيىنكى نەسلىڭمۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا بۇنى تۇتۇشى كېرەك.
412  GEN 17:14  لېكىن خەتنىلىكى تۇرۇپ، تېخى خەتنە قىلىنمىغان ھەربىر ئەركەك مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان ھېسابلىنىپ، ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ــ دېدى.
413  GEN 17:15  خۇدا ئىبراھىمغا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئايالىڭ ساراينى ئەمدى ساراي دەپ ئاتىمىغىن، بەلكى ئىسمى ساراھ بولسۇن.
414  GEN 17:16  مەن ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭدىنمۇ ساڭا بىر ئوغۇل بېرىمەن. مەن دەرۋەقە ئۇنى بەرىكەتلەيمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەل-مىللەتلەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ؛ خەلقلەرنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ئۇنىڭدىن چىقىدۇ، ــ دېدى.
415  GEN 17:17  ئىبراھىم يەنە ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ كۈلۈپ كەتتى ۋە كۆڭلىدە: «يۈز ياشقا كىرگەن ئادەممۇ بالىلىق بولالارمۇ؟ توقسان ياشقا كىرگەن ساراھمۇ بالا تۇغارمۇ؟!»، ــ دېدى.
416  GEN 17:18  ئىبراھىم خۇداغا: ــ ئاھ، ئىسمائىل ئالدىڭدا ياشىسا ئىدى! دېدى.