45 | GEN 2:14 | ئۈچىنچى دەريانىڭ نامى دىجلە بولۇپ، ئاشۇرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، تۆتىنچى دەريانىڭ نامى ئەفرات ئىدى. |
138 | GEN 5:32 | نۇھ بەش يۈز ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن شەم، ھام ۋە يافەت تۆرەلدى. |
148 | GEN 6:10 | نۇھتىن شەم، ھام، يافەت دېگەن ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى. |
152 | GEN 6:14 | ئەمدى سەن ئۆزۈڭگە گوفەر ياغىچىدىن بىر كېمە ياساپ، كېمىنىڭ ئىچىدە بۆلمە-خانىلارنى قىلىپ، ئىچى-تېشىنى قارىماي بىلەن سۇۋا. |
154 | GEN 6:16 | كېمىنىڭ پېشايۋىنى ئاستىغا بىر ئوچۇقچىلىق ياسا، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر گەز بولسۇن؛ ئىشىكىنى كېمىنىڭ يېنىفا ئورۇنلاشتۇر؛ كېمىنى ئاستى، ئوتتۇرا ۋە ئۈستى قىلىپ ئۈچ قەۋەت ياسا. |
173 | GEN 7:13 | دەل يامغۇر باشلانغان كۈنى، نۇھ، نۇھنىڭ شەم، ھام، يافەت دېگەن ئوغۇللىرى، نۇھنىڭ ئايالى بىلەن ئۈچ كېلىنى كېمىگە كىردى. |
224 | GEN 9:18 | نۇھنىڭ كېمىدىن چىققان ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت ئىدى. ھام قانائاننىڭ ئاتىسى بولدى. |
229 | GEN 9:23 | شەم بىلەن يافەت قوپۇپ يېپىنجىنى ئېلىپ، مۈرىسىگە ئارتىپ، كەينىچە مېڭىپ كىرىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى يېپىپ قويدى. ئۇلار يۈزىنى ئالدى تەرەپكە قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ تېنىگە قارىمىدى. |
233 | GEN 9:27 | خۇدا يافەتنى ئاۋۇتقاي! ئۇ شەمنىڭ چېدىرلىرىدا تۇرغاي، قانائان بولسا ئۇنىڭ قۇلى بولغاي! ــ دېدى. |
236 | GEN 10:1 | تۆۋۆندىكىلەر نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت بولۇپ، توپاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئوغۇللار تۆرەلگەن: ــ |
237 | GEN 10:2 | يافەتنىڭ ئوغۇللىرى بولسا، گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس ئىدى. |
238 | GEN 10:3 | گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىناز، رىفات ۋە تورگاماھ ئىدى. |
248 | GEN 10:13 | مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى لۇدىيلار، ئانامىيلار، لەھابىيلار، نافتۇھىيلار، |
249 | GEN 10:14 | پاتروسىيلار، كاسلۇھىيلار (فىلىستىيلەر كاسلۇھىيلاردىن چىققان) ۋە كافتورىيلار ئىدى. |
256 | GEN 10:21 | شەممۇ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى؛ شەم بولسا يافەتنىڭ ئاكىسى، ئېبەرلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى. |
257 | GEN 10:22 | شەمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاشۇر، ئارفاخشاد، لۇد، ئارام؛ |
259 | GEN 10:24 | ئارفاخشادتىن شېلاھ تۆرەلدى، شېلاھتىن ئېبەر تۆرەلدى. |
261 | GEN 10:26 | يوقتاندىن ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يېراھ، |
264 | GEN 10:29 | ئوفىر، ھاۋىلاھ ۋە يوباب تۆرەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. |
265 | GEN 10:30 | ئۇلارنىڭ ئولتۇرغان جايلىرى بولسا مېشادىن تارتىپ، سەففار دېگەن رايوننىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە سوزۇلاتتى. |
277 | GEN 11:10 | تۆۋەندىكىلەر شەمنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ توپان ئۆتۈپ ئىككى يىلدىن كېيىن، شەم يۈز يېشىدا، ئۇنىڭدىن ئارفاكشاد تۆرەلدى. |
278 | GEN 11:11 | ئارفاكشاد تۇغۇلغاندىن كېيىن شەم بەش يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. |
279 | GEN 11:12 | ئارفاكشاد ئوتتۇز بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن شېلاھ تۆرەلدى. |
280 | GEN 11:13 | شېلاھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئارفاكشاد تۆت يۈز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. |
338 | GEN 14:1 | شىنارنىڭ پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئارىئوق، ئېلامنىڭ پادىشاھى كېدورلايومەر ۋە گويىمنىڭ پادىشاھى تىدالنىڭ كۈنلىرىدە شۇ ۋەقە بولدىكى، |
342 | GEN 14:5 | ئون تۆتىنچى يىلى كېدورلايومەر ۋە ئۇنىڭغا ئىتتىپاقداش بولغان پادىشاھلار ھەممىسى يىغىلىپ، ئاشتاروت-كارنائىم دېگەن يەردە رەفايىيلارغا، شۇنداقلا ھام دېگەن يەردە زۇزىيلارغا، شاۋەھ-كىرىئاتايىمدا ئېمىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى يەڭدى؛ |
346 | GEN 14:9 | مۇشۇ بەشەيلەن ئېلامنىڭ پادىشاھى كېدورلايومەر، گويىمنىڭ پادىشاھى تىدال، شىنارنىڭ پادىشاھى ئامرافەل، ئەللاسارنىڭ پادىشاھى ئارىئوق قاتارلىقلار بىلەن سوقۇشتى؛ يەنى تۆت پادىشاھ بىلەن بەش پادىشاھ ئۆزئارا سوقۇشتى. |
379 | GEN 15:18 | دەل شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئابرام بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ زېمىننى مىسىرنىڭ ئېقىنىدىن تارتىپ ئۇلۇغ دەريا، يەنى ئەفرات دەرياسىغىچە بېرىمەن؛ يەنى كېنىيلەر، كەنىززىيلار، كادمونىيلار، |
381 | GEN 15:20 | ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، رەفايىيلار، |
536 | GEN 21:22 | ئۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ لەشكەربېشى فىكول كېلىپ ئىبراھىمغا: ــ قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭدا، خۇدا سېنىڭ بىلەن بىللىدۇر. |
546 | GEN 21:32 | شۇ تەرىقىدە ئۇلار بەئەر-شېبادا ئەھدە قىلىشتى. ئاندىن ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ لەشكەربېشى فىكول قوزغىلىپ، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا يېنىپ كەتتى. |
548 | GEN 21:34 | ئىبراھىم فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدا ئۇزۇن ۋاقىتقىچە تۇرۇپ قالدى. |
570 | GEN 22:22 | ئاندىن كەسەد، خازو، پىلداش، يىدلاف ۋە بېتۇئەل دېگەن ئوغۇللار ئىدى. |
580 | GEN 23:8 | ئۇلارغا: ــ ئەگەر مەرھۇمەمنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇرىۋەرمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، دەپنە قىلىشىمنى راۋا كۆرسەڭلار، ئۇنداقتا سۆزۈمنى ئاڭلاپ مېنىڭ ئۈچۈن زوھارنىڭ ئوغلى ئەفرونغا سۆز قىلىپ، |
582 | GEN 23:10 | شۇ چاغدا ئەفرون ھىتتىيلار ئارىسىدا ئولتۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن ھىتتىيلىق ئەفرون ھىتتىيلارنىڭ ئالدىدا، يەنى شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ: ــ |
585 | GEN 23:13 | شۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ قۇلاقلىرى ئالدىدا ئەفرونغا: ــ ئىلتىماسىمغا قۇلاق سالغايلا؛ مەن بۇ ئېتىزلىقنىڭ نەرخى بويىچە پۇل بېرەي، ئۇنى مەندىن قوبۇل قىلغايلا، ئاندىن مەن مېيىتىمنى شۇ يەردە دەپنە قىلاي، ــ دېدى. |
586 | GEN 23:14 | ئەفرون ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا: |
588 | GEN 23:16 | ئىبراھىم ئەفروننىڭ سۆزىگە قوشۇلدى؛ ئاندىن ئەفرون ھىتتىيلار ئالدىدا ئېيتقان باھانى، يەنى شۇ چاغدىكى سودا ئۆلچىمى بويىچە تۆت يۈز شەكەل كۈمۈشنى تارازىدا تارتىپ بەردى. |
589 | GEN 23:17 | شۇنداق قىلىپ مامرەنىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلاھقا جايلاشقان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقى، يەنى ئېتىزلىقنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭدىكى غار، شۇنداقلا ئېتىزلىقنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى |
590 | GEN 23:18 | ھىتتىيلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىبراھىمغا تاپشۇرۇلۇپ، يەنى ئەفروننىڭ شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن بارلىق كىرگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ مۈلكى قىلىپ بېكىتىلدى. |
663 | GEN 25:4 | مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفاھ، ئېفەر، ھانوخ، ئابىدا ۋە ئەلدائاھ ئىدى. بۇلار ھەممىسى كەتۇراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. |
668 | GEN 25:9 | ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق ۋە ئىسمائىل ئۇنى مامرەنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان، ھىتتىي زوھارنىڭ ئوغلى ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى ماكپيلاھنىڭ غارىدا دەپنە قىلدى. |
674 | GEN 25:15 | ھاداد بىلەن تېما، يەتۇر بىلەن نافىش ۋە قەدەماھ ئىدى. |
694 | GEN 26:1 | قانائان زېمىنىدا ئىبراھىمنىڭ ۋاقتىدىكى ئاچارچىلىقتىن باشقا يەنە بىر قېتىملىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گەرار شەھىرىگە، فىلىستىيلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەكنىڭ قېشىغا باردى. |
701 | GEN 26:8 | لېكىن ئۇ شۇ يەردە ئۇزاق ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، فىلىستىيلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك دەرىزىدىن قارىۋىدى، مانا ئىسھاق ۋە ئايالى رىۋكاھ بىر-بىرىگە ئەركىلىشىپ تۇراتتى. |
707 | GEN 26:14 | ئۇنىڭ قوي-كالا پادىلىرى ۋە ئۆيىدىكى قۇللىرى ئىنتايىن كۆپەيدى؛ فىلىستىيلەر ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغىلى تۇردى. |
708 | GEN 26:15 | بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىمنىڭ كۈنلىرىدە ئاتىسىنىڭ قۇللىرى كولىغان قۇدۇقلارنىڭ ھەممىسىنى فىلىستىيلەر ئېتىپ، توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتتى. |
711 | GEN 26:18 | ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا قۇللىرى بىرمۇنچە قۇدۇقلارنى قازغانىدى؛ بىراق ئىبراھىم ئۆلگەندىن كېيىن، فىلىستىيلەر بۇلارنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسھاق بۇ قۇدۇقلارنى قايتىدىن كولىتىپ، ئۇلارغا ئاتىسى ئىلگىرى قويغان ئىسىملارنى يەنە قويدى. |
719 | GEN 26:26 | ئەمدى ئابىمەلەك، ئاغىنىسى ئاھۇززات بىلەن لەشكەربېشى فىكول بىرگە گەراردىن چىقىپ، ئۇنىڭ قېشىغا باردى. |
839 | GEN 30:8 | راھىلە: ــ «مەن ئاچام بىلەن بەسلىشىپ قاتتىق تۇتۇشۇپ، يەڭدىم» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى نافتالى قويدى. |
1028 | GEN 35:16 | ئاندىن ئۇلار بەيت-ئەلدىن مېڭىپ، ئەفراتقا ئازغىنا يول قالغاندا، راھىلەنى تولغاق تۇتۇپ كېتىپ، قاتتىق تۇغۇت ئازابىدا قالدى. |
1031 | GEN 35:19 | راھىلە ۋاپات بولدى ۋە بەيت-لەھەم دەپ ئاتىلىدىغان ئەفراتنىڭ يولىنىڭ بويىغا دەپنە قىلىندى. |
1037 | GEN 35:25 | راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھاھدىن تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: ــ دان ۋە نافتالى ئىدى. |
1045 | GEN 36:4 | ئاداھ ئەساۋغا ئېلىفازنى تۇغۇپ بەردى؛ باسىمات بولسا رېئۇئەلنى تۇغدى. |
1051 | GEN 36:10 | ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئوغلى ئېلىفاز؛ ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئوغلى رېئۇئەل. ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تېمان، ئومار، زەفو، گاتام ۋە كەناز ئىدى. ئەساۋنىڭ ئوغلى ئېلىفازنىڭ كىچىك خوتۇنى تىمنا ئىدى؛ ئۇ ئېلىفازغا ئامالەكنى تۇغۇپ بەردى. يۇقىرىلار بولسا ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ناھات، زەراھ، شامماھ ۋە مىززاھ ئىدى؛ بۇلار ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. |
1056 | GEN 36:15 | ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدىن تۆۋەندىكى ئەمىرلەر چىققان: ــ ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغلى ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرىدىن: ــ ئەمىر تېمان، ئەمىر ئومار، ئەمىر زەفو، ئەمىر كېناز، |
1057 | GEN 36:16 | ئەمىر كوراھ، ئەمىر گاتام ۋە ئەمىر ئامالەك چىققان. بۇلار ئېدوم زېمىنىدا ئېلىفازنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر بولۇپ، ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. |
1064 | GEN 36:23 | شوبالنىڭ ئوغۇللىرى: ئالۋان، ماناھات، ئېبال، شېفو ۋە ئونام ئىدى. |
1120 | GEN 37:36 | ئەمدى مىدىيانىيلار يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ بېرىپ، پىرەۋننىڭ بىر غوجىدارى، پاسىبان بېشى پوتىفارغا ساتتى. |
1151 | GEN 39:1 | يۈسۈپ بولسا مىسىرغا ئېلىپ كېلىندى؛ ئۇنى پىرەۋننىڭ غوجىدارى، پاسىبان بېشى پوتىفار شۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن ئىسمائىللارنىڭ قولىدىن سېتىۋالدى. |
1156 | GEN 39:6 | شۇنىڭ بىلەن پوتىفار بارلىق ئىشلىرىنى يۈسۈپنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۆز تامىقىنى يېيىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولمىدى. يۈسۈپ بولسا قامىتى كېلىشكەن، خۇشچىراي يىگىت ئىدى. |
1241 | GEN 41:45 | پىرەۋن يۈسۈپكە زافىنات-پائانىياھ دېگەن نامنى بەردى ۋە ئون شەھىرىدىكى كاھىن پوتىفىراھنىڭ قىزى ئاسىناتنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ يۈسۈپ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن چۆرگىلەشكە چىقتى. يۈسۈپ مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا بېكىتىلگەندە ئوتتۇز ياشتا ئىدى؛ ئۇ پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ، مىسىر زېمىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. |
1246 | GEN 41:50 | ئاچارچىلىق يىللىرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن يۈسۈپكە ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بۇلارنى ئوندىكى كاھىن پوتىفەراھنىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى. |
1248 | GEN 41:52 | ئاندىن: «مەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن يۇرتتا خۇدا مېنى مېۋىلىك قىلدى» دەپ ئىككىنچىسىگە ئەفرائىم دەپ ئات قويدى. |
1403 | GEN 46:16 | گادنىڭ ئوغۇللىرى: ــ زىفىئون، ھاگگى، شۇنى، ئەزبون، ئېرى، ئارودى ۋە ئارئەلى. |
1407 | GEN 46:20 | يۈسۈپكە مىسىر زېمىنىدا تۆرەلگەن ئوغۇللىرى ماناسسەھ ۋە ئەفرائىم؛ بۇلارنى ئوندىكى كاھىن پوتىفىراھنىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى. |
1411 | GEN 46:24 | نافتالىنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ياھزىئەل، گۇنى، يەزەر ۋە شىللەم. |
1453 | GEN 48:1 | بۇ ئىشلاردىن كېيىن بىرسى يۈسۈپكە: ــ مانا ئاتاڭ كېسەل بولۇپ قاپتۇ، دەپ خەۋەر بەردى. ئۇ ئىككى ئوغلى ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىمنى بىللە ئېلىپ باردى. |
1457 | GEN 48:5 | ئەمدى مەن مىسىرغا كېلىشتىن ئىلگىرى ساڭا مىسىر زېمىنىدا تۇغۇلغان ئىككى ئوغلۇڭ مېنىڭ ھېسابلىنىدۇ؛ ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھ بولسا، خۇددى رۇبەن بىلەن شىمېئونغا ئوخشاش، ھەر ئىككىسى مېنىڭ ئوغۇللىرىم بولىدۇ. |
1459 | GEN 48:7 | ماڭا كەلسەك، پاداندىن كېلىۋاتقىنىمدا راھىلە قانائان زېمىنىدا يول ئۈستىدە ئەفراتقا ئاز قالغاندا مېنى تاشلاپ ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئۇنى شۇ يەردە، يەنى ئەفراتقا (يەنى بەيت-لەھەمگە) بارىدىغان يولدا دەپنە قىلدىم، ــ دېدى. |
1465 | GEN 48:13 | ئاندىن يۈسۈپ بۇ ئىككىيلەننى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ، ئەفرائىمنى ئوڭ قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ سول قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى؛ ماناسسەھنى سول قولى بىلەن تۇتۇپ ئىسرائىلنىڭ ئوڭ قولىغا ئۇدۇللاپ تۇرغۇزدى. |
1466 | GEN 48:14 | لېكىن ئىسرائىل ئوڭ قولىنى ئۇزىتىپ، كەنجى بالىسى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويدى، سول قولىنى ماناسسەھنىڭ بېشىغا قويدى. ماناسسەھ تۇنجىسى بولسىمۇ، ئۇ ئىككى قولىنى قايچىلاپ تۇتۇپ شۇنداق قويدى. |
1469 | GEN 48:17 | يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە خاپا بولدى؛ شۇڭا ئۇ ئاتىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئەفرائىمنىڭ بېشىدىن ئېلىپ ماناسسەھنىڭ بېشىغا يۆتكىمەكچى بولۇپ، |
1472 | GEN 48:20 | شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى ئۇ بۇ ئىككىسىنى بەرىكەتلەپ: ــ كەلگۈسىدە ئىسرائىللار بەخت-بەرىكەت تىلىگەندە: «خۇدا سېنى ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھدەك ئۇلۇغ قىلسۇن!» دەيدىغان بولىدۇ، دېدى. بۇ تەرىقىدە ئۇ ئەفرائىمنى ماناسسەھتىن ئۈستۈن قويدى. |
1495 | GEN 49:21 | نافتالىدىن چىرايلىق گەپلەر چىقار، ئۇ ئەركىن قويۇۋېتىلگەن مارالدۇر. |
1503 | GEN 49:29 | ئاندىن ياقۇپ ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ــ «مەن ئەمدى ئۆز قوۋمىمنىڭ قېشىغا قوشۇلىمەن. سىلەر مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېنىدا، ھىتتىيلاردىن بولغان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى غارغا دەپنە قىلىڭلار؛ |
1504 | GEN 49:30 | ئۇ غار بولسا قانائان زېمىنىدا مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىدا. غارنى ئىبراھىم گۆرىستان بولسۇن دەپ شۇ ئېتىزلىق بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى. |
1520 | GEN 50:13 | ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنى قانائان زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ ئىچىدىكى غاردا دەپنە قىلدى. شۇ غارنى ئىبراھىم قەبرىستانلىق قىلاي دەپ ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقى بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى. |
1530 | GEN 50:23 | بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ ئەفرائىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆردى؛ ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنىڭ تىزلىرى ئۈستىدە تۇغۇلدى. |
1537 | EXO 1:4 | دان، نافتالى، گاد ۋە ئاشىر. |
1548 | EXO 1:15 | مىسىر پادىشاھى ئىككى ئىبرانىي تۇغۇت ئانىسىغا سۆز قىلىپ (ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى شىفراھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى پۇئاھ ئىدى): |
1677 | EXO 6:21 | يىزھارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ كوراھ، نەفەگ ۋە زىكرى ئىدى. |
1678 | EXO 6:22 | ئۇززىئەلنىڭ ئوغۇللىرى: ــ مىشائەل، ئەلزافان ۋە سىترى ئىدى. |
1680 | EXO 6:24 | كوراھنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئاسسىر، ئەلكاناھ ۋە ئابىئاساف؛ بۇلار كوراھلارنىڭ نەسىللىرى ئىدى. |
1681 | EXO 6:25 | ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار پۇتىئەلنىڭ قىزلىرىنىڭ بىرىنى خوتۇنلۇققا ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا فىنىھاسنى تۇغۇپ بەردى؛ بۇلار بولسا ئۆز نەسەبى بويىچە ھەممىسى لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلقلىرى ئىدى. |
1885 | EXO 13:17 | ئەمما پىرەۋن خەلقنى كېتىشكە قويغاندىن كېيىن، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىكى يول يېقىن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى شۇ يول بىلەن باشلىمىدى؛ چۈنكى ئۇ: «خەلقىم جەڭگە ئۇچراپ قالسا، قورقۇپ پۇشايمان قىلىپ، مىسىرغا يېنىپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىغانىدى. |
1892 | EXO 14:2 | ــ سەن ئىسرائىللارغا: «سىلەر بۇرۇلۇپ مىگدول بىلەن دېڭىزنىڭ ئارىلىقىدىكى پى-ھاھىروتنىڭ ئالدىغا بېرىپ چېدىر تىكىڭلار؛ بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى دېڭىزنىڭ بويىدا چېدىر تىكىڭلار»، دېگىن. |
1899 | EXO 14:9 | مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسى يەنى پىرەۋننىڭ بارلىق ئاتلىرى بىلەن جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق لەشكەرلىرى بىلەن پۈتكۈل قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ، ئىسرائىللار دېڭىز بويىغا چېدىر تىككەن جايدا، يەنى پى-ھاھىروتنىڭ يېنىدا، بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدا ئۇلارغا يېتىشتى. |
1935 | EXO 15:14 | يات خەلقلەر بۇنى ئاڭلاپ، تىترىشىپ كەتتى؛ فىلىستىيەدە تۇرۇۋاتقانلارنى تولغاقتەك ئازاب تۇتتى. |