Wildebeest analysis examples for:   uig-uigara   ى    February 25, 2023 at 01:27    Script wb_pprint_html.py   by Ulf Hermjakob

1  GEN 1:1  مۇقەددەمدە خۇدا ئاسمانلار بىلەن زېمىننى ياراتتى.
2  GEN 1:2  ئۇ چاغدا يەر بولسا شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولدى؛ قاراڭغۇلۇق چوڭقۇر سۇلارنىڭ يۈزىنى قاپلىدى؛ خۇدانىڭ روھى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلاتتى.
3  GEN 1:3  خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېۋىدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى.
4  GEN 1:4  خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى؛ خۇدا يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئايرىدى.
5  GEN 1:5  خۇدا يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى «كېچە» دەپ ئاتىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ تۇنجى كۈن بولدى.
6  GEN 1:6  ئاندىن خۇدا: ــ سۇلارنىڭ ئارىلىقىدا بىر بوشلۇق بولسۇن ۋە سۇلار يۇقىرى-تۆۋەن ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرسۇن، دېدى.
7  GEN 1:7  شۇنىڭ بىلەن خۇدا بىر بوشلۇق ھاسىل قىلىپ، سۇلارنى بوشلۇقنىڭ ئاستىغا ۋە بوشلۇقنىڭ ئۈستىگە ئايرىۋەتتى؛ ئىش ئەنە شۇنداق بولدى.
8  GEN 1:8  خۇدا بۇ بوشلۇقنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى.
9  GEN 1:9  ئاندىن خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلسۇن، قۇرۇق تۇپراق كۆرۈنسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى.
10  GEN 1:10  خۇدا قۇرۇق تۇپراقنى «يەر»، يىغىلغان سۇلارنى بولسا «دېڭىزلار» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى.
11  GEN 1:11  ئاندىن خۇدا يەنە: «يەر ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنى، ئۇرۇقلۇق ئوتياشلارنى، مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تۈرلىرى بويىچە ئۆزىدە ئۈندۈرسۇن! مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى؛
12  GEN 1:12  يەردىكى ئۆسۈملۈكلەرنى، يەنى ئۇرۇق چىقىدىغان ئوتياشلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، مېۋە بېرىدىغان، يەنى مېۋىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولغان دەرەخلەرنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈندۈردى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى.