3 | GEN 1:3 | خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېۋىدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى. |
9 | GEN 1:9 | ئاندىن خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلسۇن، قۇرۇق تۇپراق كۆرۈنسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. |
11 | GEN 1:11 | ئاندىن خۇدا يەنە: «يەر ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنى، ئۇرۇقلۇق ئوتياشلارنى، مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تۈرلىرى بويىچە ئۆزىدە ئۈندۈرسۇن! مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى؛ |
15 | GEN 1:15 | ئۇلار ئاسمانلاردا تۇرۇپ نۇر چىقارغۇچى بولۇپ، يەر يۈزىگە يورۇقلۇق بەرسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. |
81 | GEN 4:1 | ئادەمئاتا ئايالى ھاۋا بىلەن بىللە بولدى؛ ھاۋا ھامىلىدار بولۇپ قابىلنى تۇغۇپ: «مەن بىر ئادەمگە ئىگە بولدۇم ــ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر!» ــ دېدى. |
88 | GEN 4:8 | قابىل ئىنىسى ھابىلغا: «دالىغا چىقىپ كېلەيلى!» دېدى. دالادا شۇ ۋەقە بولدىكى، قابىل ئىنىسى ھابىلغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى. |
104 | GEN 4:24 | ئەگەر قابىل ئۈچۈن يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنسا، لەمەخ ئۈچۈن يەتمىش يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ!» ــ دېدى. |
357 | GEN 14:20 | شۇنداقلا دۈشمەنلىرىڭنى ئۆز قولۇڭغا تاپشۇرغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرىگە ھەمدۇسانا ئوقۇلغاي!» ــ دېدى. ئابرام بولسا غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا بەردى. |
467 | GEN 19:9 | لېكىن ئۇلار جاۋاب بېرىپ: «نېرى تۇر!» دېگىنىچە، يەنە: ــ بۇ يەردە تۇرۇشقا كەلگەن بۇ مۇساپىر ھاكىم بولماقچىمىكەن؟ ئەمدى ساڭا ئۇلارغا قىلغاندىنمۇ بەتتەر يامانلىق قىلىمىز! ــ دەپ لۇتنى قىستاپ، ئىشىكنى چېقىشقا باستۇرۇپ كەلدى. |
521 | GEN 21:7 | ئۇ يەنە: ــ كىممۇ ئىبراھىمغا: «ساراھ بالا ئېمىتىدىغان بولىدۇ!» دەپ ئېيتالايتتى؟ چۈنكى ئۇ قېرىغاندا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم! ــ دېدى. |
606 | GEN 24:14 | ئەمدى شۇنداق بولسۇنكى، مەن قايسى قىزغا: «كوزمزىكىڭنى چۈشۈرسەڭ، مەن سۇ ئىچىۋالسام بوپتىكەن!» دېسەم، ئۇ جاۋاب بېرىپ: «مانا ئىچكىن، مەن تۆگىلىرىڭنىمۇ سۇغىرىپ قوياي»، دېسە، ئۇ قىز سەن قۇلۇڭ ئىسھاققا بېكىتكىنىڭنىڭ ئۆزى بولسۇن. بۇنىڭدىن سېنىڭ خوجام ئىبراھىمغا شاپائەت قىلغىنىڭنى بىلەلەيمەن، ــ دېدى. |
725 | GEN 26:32 | ئۇ كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسھاقنىڭ قۇللىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزى كولىغان قۇدۇق توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ: «بىز سۇ تاپتۇق!» دېدى. |
757 | GEN 27:29 | خەلقلەر سېنىڭ قۇللۇقۇڭدا بولغاي، ئەل-مىللەتلەر ئالدىڭدا تىزلانغاي؛ قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن؛ ئاناڭنىڭ ئوغۇللىرى ساڭا تىزلانغاي؛ ساڭا لەنەت قىلغانلار لەنەتكە قالغاي؛ ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەخت تاپقاي!» ــ دېدى. |
831 | GEN 29:35 | ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ: ــ «ئەمدى بۇ قېتىم مەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇي!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھۇدا قويدى. ئاندىن ئۇ تۇغۇتتىن توختاپ قالدى. |
844 | GEN 30:13 | لېياھ: «مەن بەختلىكتۇرمەن! چۈنكى خوتۇن-قىزلار مېنى بەختلىك دېيىشىدۇ!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاشىر قويدى. |
898 | GEN 31:24 | لېكىن كېچىسى خۇدا ئارامىي لاباننىڭ چۈشىگە كىرىپ ئۇنىڭغا: «سەن ھېزى بول، ياقۇپقا يا ئاق يا كۆك دېمە!» دېدى. |
1119 | GEN 37:35 | ئۇنىڭ ھەممە ئوغۇل-قىزلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، ئۇ تەسەللىنى قوبۇل قىلماي: «مەن تەھتىساراغا چۈشۈپ ئوغلۇمنىڭ قېشىغا بارغۇچە شۇنداق ماتەم تۇتىمەن!» دېدى. يۈسۈپنىڭ ئاتىسى شۇ پېتى ئۇنىڭغا ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتى. |
1149 | GEN 38:29 | لېكىن ئۇ قولىنى يەنە ئىچىگە تىقىۋالدى، مانا ئۇنىڭ ئىنىسى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تۇغۇت ئانىسى: «سەن قانداق قىلىپ بۆسۈپ چىقتىڭ!» دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا «پەرەز» دېگەن ئات قويۇلدى. |
1239 | GEN 41:43 | ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى شاھانە ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا: «تىز پۈكۈڭلار!» ــ دەپ جار سالدۇردى. شۇنداق قىلىپ، پىرەۋن ئۇنى پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا تىكلەپ قويدى. |
1330 | GEN 44:5 | خوجام شۇ جامدا شاراب ئىچىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدا پال ئاچىدۇ ئەمەسمۇ؟! مۇنداق قىلغىنىڭلار رەزىللىك قىلغىنىڭلار بولمامدۇ!» دېگىن، ــ دېدى. |
1385 | GEN 45:26 | ئۇنىڭغا يۈسۈپ ئۆزلىرىگە ئېيتقان گەپلەرنى يەتكۈزۈپ: «يۈسۈپ تېخى ھايات ئىكەن! ئۇ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا باش ۋەزىر ئىكەن!» دېدى. ئەمما ئۇ ئۇلارغا ئىشەنمەي، يۈرىكى قېتىپ ھوشىدىن كېتەي دەپ قالدى. |
1472 | GEN 48:20 | شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى ئۇ بۇ ئىككىسىنى بەرىكەتلەپ: ــ كەلگۈسىدە ئىسرائىللار بەخت-بەرىكەت تىلىگەندە: «خۇدا سېنى ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھدەك ئۇلۇغ قىلسۇن!» دەيدىغان بولىدۇ، دېدى. بۇ تەرىقىدە ئۇ ئەفرائىمنى ماناسسەھتىن ئۈستۈن قويدى. |
1569 | EXO 2:14 | ھېلىقى كىشى جاۋاب بېرىپ: ــ كىم سېنى بىزگە ھاكىم ۋە سوراقچى قىلىپ قويدى؟ ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېدى. مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ ئۆز ئىچىدە: «مەن قىلغان ئىش جەزمەن ئاشكارا بولۇپ قاپتۇ!» دەپ ئويلىدى. |
1628 | EXO 4:26 | شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى قويۇپ بەردى (بۇ چاغدا زىپپوراھ ئۇنىڭغا: «سەن دەرۋەقە ئالدىمدا قان تۆكەر بىر ئەر ئىكەنسەن!» ــ دېدى. بۇ سۆزىنى ئۇ خەتنە تۈپەيلىدىن ئېيتتى). |
1815 | EXO 11:8 | ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا تەزىم قىلىپ: «سىلى ئۆزلىرى ۋە سىلىگە ئەگەشكەن بارلىق قوۋملىرى چىقىپ كېتىشكەيلا!» دەپ ئېيتىدۇ، ئاندىن چىقىپ كېتىمەن» ــ دېدى-دە، قاتتىق غەزەپ بىلەن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. |
2466 | EXO 32:27 | ئۇ ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەربىر كىشى ئۆز قىلىچىنى يانپىشىغا ئېسىپ، چېدىرگاھنىڭ ئىچىگە كىرىپ، بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە كېزىپ يۈرۈپ، ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنى، ئۆز دوست-بۇرادىرىنى، ئۆز قوشنىسىنى ئۆلتۈرسۇن!» ــ دېدى. |
2573 | EXO 36:6 | ئاندىن مۇسا ئەمر قىلىپ، پۈتكۈل چېدىرگاھ بويىچە: «مانا، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھېچكىم مۇقەددەس چېدىرنى ياساش ئۈچۈن «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە يەنە ھېچقانداق نەرسە تەييارلاپ كەلمىسۇن!» دەپ جاكارلاتتى. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ھەدىيەلەر كەلتۈرۈشتىن توختىتىلدى. |
3098 | LEV 13:45 | شۇنداق جاراھىتى بار پېسە-ماخاۋ كېسىلى بولغان كىشى كىيىملىرى يىرتىق، چاچلىرى چۇۋۇق، بۇرۇت-ساقىلى يېپىقلىق ھالدا: «ناپاك، ناپاك!» دەپ توۋلاپ يۈرۈشى كېرەك. |
3850 | NUM 6:26 | پەرۋەردىگار يۈزىنى ئۈستۈڭلارغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ، سىلەرگە خاتىرجەملىك بەرگەي!» ــ دەپ تىلەڭلار. |
4024 | NUM 10:35 | ئەھدە ساندۇقى يولغا چىقىدىغان چاغدا مۇسا: «ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ دۈشمەنلىرىڭ تىرىپىرەن بولسۇن؛ ساڭا ئۆچلەر يۈزۈڭنىڭ ئالدىدىن قاچسۇن!» — دەيتتى. |
4025 | NUM 10:36 | ئەھدە ساندۇقى توختىغان چاغدا ئۇ: «قايتىپ كەلگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئىسرائىل خەلقى ئارىسىغا قايتىپ كەلگەيسەن!» — دەيتتى. |
4038 | NUM 11:13 | مەن بۇ خەلققە نەدىن گۆش تېپىپ بېرەلەيمەن؟ چۈنكى ئۇلار ماڭا يىغلاپ: «سەن بىزگە يېگۈدەك گۆش تېپىپ بەر!» دېيىشمەكتە. |
4043 | NUM 11:18 | سەن خەلققە مۇنداق دېگىن: «ئەتە گۆش يىيىشكە تەييارلىنىپ ئۆزەڭلەرنى خۇداغا ئاتاپ پاكلاڭلار؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىنى ئاغرىتىپ يىغلاپ: «ئەمدى كىم بىزگە گۆش بېرىدۇ؟ ئاھ، مىسىردىكى ھالىمىز بەك ياخشى ئىدى!» دېگەنىدىڭلار ئەمەسمۇ؟ پەرۋەردىگار دەرۋەقە سىلەرگە گۆش بېرىدۇ، سىلەر ئۇنىڭدىن يەيسىلەر. |
4229 | NUM 16:34 | ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ: «يەر بىزنىمۇ يۇتۇپ كېتەرمىكىن!» دېيىشىپ قېچىشتى. |
4332 | NUM 20:20 | ئېدوم پادىشاھى: «ياق. ئۆتمەيسىلەر!» دېدى. ئېدوم پادىشاھى ناھايىتى كۆپ ئادىمىنى باشلاپ چىقىپ ئىسرائىللارغا زور ھەيۋە كۆرسەتتى. |
4371 | NUM 21:30 | بىز ئۇلارنى يىقىتىۋەتتۇق، ھەشبون تاكى دىبونغىچە ھالاك بولدى؛ بىز ھەتتا نوفاھقىچە ‹نوفاھتىن مەدەباغا يېتىدۇ› ئۇلارنىڭ يۇرتىنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق!» — دەپ شېئىر يېزىشقانىدى. |
5160 | DEU 9:1 | ئاڭلا، ئى ئىسرائىل! سەن بۈگۈن ئۆزۈڭدىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، سېپىللىرى ئاسمانغا تاقىشىدىغان چوڭ شەھەرلەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئاناكىيلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسەن (سەن ئۇلارنى بىلىسەن، ئۇلار توغرۇلۇق «كىم ئاناكىيلار ئالدىدا تۇرالىسۇن!» دەپ ئاڭلىغانسەن). |
5272 | DEU 12:30 | شۇ ئەللەر ئالدىڭدا يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا ئېزىقتۇرۇلماسلىقىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭگە ھېزى بول ۋە: ــ «بۇ ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىنى قانداق تۇتقان بولغىيدى؟ مەنمۇ شۇنداق قىلىپ باقايچۇ!» دەپ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى ھېچ ئىزدىمە. |
5489 | DEU 22:17 | ۋە مانا، ئۇ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ، بەتنام چاپلاپ ئەرز قىلىپ: «قىزىڭنىڭ قىز ئەمەسلىكىنى بىلدىم» دەيدۇ. بىراق مانا قىزىمنىڭ پاكلىق ئىسپاتى!» دەپ، ئىسپات رەختنى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا يېيىپ قويسۇن. |
5558 | DEU 25:9 | يەڭگىسى ئاقساقاللارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ پۇتىدىن كەشىنى سالدۇرۇپ، يۈزىگە تۆكۈرۈپ: «بىر تۇغقان قېرىندىشى ئۈچۈن ئائىلە قۇرۇشقا ئۇنىمىغان كىشىگە شۇنداق قىلىنسۇن!» دەپ جاكارلىسۇن. |
5680 | DEU 28:67 | كۆڭلۈڭنى باسقان ۋەھىمە ۋە پاراكەندىچىلىك ۋە كۆزلىرىڭ كۆرگەن كۆرۈنۈشلەر تۈپەيلىدىن ئەتىگىنى: «كاشكى كەچ بولسىدى!»، كەچتە بولسا: «كاشكى ئەتىگەن بولسىدى!» دەيسەن. |
5738 | DEU 31:8 | مانا، سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سەن بىلەن بىللە بولۇپ سەندىن ۋاز كەچمەيدۇ، سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ! سەن قورقمىغىن، پاراكەندە بولما!» ــ دېدى. |
5823 | DEU 33:11 | ئى پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ تەئەللۇقاتىنى بەرىكەتلىگەيسەن، ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ ئەجرى سېنى خۇش قىلغۇدەك بولغاي، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەنلەر بولسا، ئۇلارنى قوپالمىغۇدەك ھالدا بەللىرىنى سۇندۇرغايسەن!» |
5839 | DEU 33:27 | ئەزەلىي خۇدا سېنىڭ باشپاناھىڭدۇر، ئاستىڭدا ئەبەدىي بىلەكلەر تۇرىدۇ. ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدىن دۈشمەننى ھەيدەپ: ــ «ئۇلارنى ھالاك قىلغىن!» دەپ ساڭا بۇيرۇيدۇ. |
6078 | JOS 10:12 | ئاندىن يەشۇئا پەرۋەردىگارغا سۆز قىلدى، ــ يەنى پەرۋەردىگار ئامورىيلارنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا تاپشۇرغان كۈنىدە ئۇ ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئەي قۇياش، گىبېئون ئۈستىدە توختاپ تۇر! ئەي ئاي، ئايجالون جىلغىسى ئۈستىدە توختاپ تۇر!» |
6453 | JOS 22:25 | ئەي رۇبەنلەر ۋە گادلار، پەرۋەردىگار بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئىئوردان دەرياسىنى چېگرا قىلىپ قويغان ئەمەسمۇ؟ شۇڭا سىلەرنىڭ پەرۋەردىگاردىن ھېچقانداق نېسىۋەڭلار يوقتۇر!» دېيىشىدىن ئەندىشە قىلدۇق. |
6456 | JOS 22:28 | ئەگەر ئۇلار كەلگۈسىدە بىز بىلەن ئەۋلادلىرىمىزغا شۇنداق دېسە، بىز جاۋاب بېرىپ: «مانا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن ياكى باشقا خىل قۇربانلىقلارنى سۇنۇش ئۈچۈن ياسالغان ئەمەس، بەلكى سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ ياسالغان، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياسىغان قۇربانگاھىنىڭ ئەندىزىسىدۇر!» دېيەلەيمىز. |
6637 | JDG 5:12 | «ئى دەبوراھ، ئويغان، ئويغان! ئويغان، ئويغان، غەزەل ئېيتقىن! ئورنۇڭدىن تۇر، ئى باراق، ئەسىرلىرىڭنى يالاپ ماڭ، ئى ئابىنوئامنىڭ ئوغلى!» ــ دېيىشىدۇ. |
6688 | JDG 6:32 | بۇ سەۋەبتىن ئاتىسى گىدېئوننى «يەرۇببائال» دەپ ئاتىدى، چۈنكى ئاتىسى: «ئۇ بائالنىڭ قۇربانگاھىنى ئۆرۈۋەتكىنى ئۈچۈن، بائال ئۆزى ئۇنىڭ بىلەن دەۋالاشسۇن!» دېگەنىدى. |
6714 | JDG 7:18 | مەن ۋە مەن بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭغان بارلىق ئادەملەر كاناي چالساق، سىلەرمۇ لەشكەرگاھنىڭ چۆرىسىدە تۇرۇپ كاناي چېلىڭلار ۋە: «پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھەم گىدېئون ئۈچۈن!» دەپ توۋلاڭلار، ــ دېدى. |
6858 | JDG 11:27 | شۇڭا مەن ساڭا گۇناھ قىلمىدىم، بەلكى ماڭا تاجاۋۇز قىلىپ، يامانلىق قىلغۇچى سەن ئۆزۈڭدۇرسەن. بىردىنبىر ئادالەت چىقارغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزى بۈگۈن ئىسرائىللار بىلەن ئاممونىيلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارسۇن!» ــ دېدى. |
6947 | JDG 15:16 | شىمشون: ــ «ئېشەكنىڭ بىر ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى دۆۋە-دۆۋە قىلىۋەتتىم، ئېشەكنىڭ بىر ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردۈم!» ــ دېدى. |
6981 | JDG 16:30 | ئاندىن: «فىلىستىيلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈپ كەتسەم!» دەپ بەدىنىنى ئېگىپ كۈچىنى يىغىپ ئىتتىرىۋىدى، ئۆي ئۆرۈلۈپ، ئۇ يەردىكى ئەمىرلەر بىلەن بارلىق خەلقنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۆز ئۆلۈمى بىلەن ئۆلتۈرگەن ئادەملەر ئۇنىڭ تىرىك ۋاقتىدا ئۆلتۈرگەنلىرىدىن كۆپ بولدى. |
7122 | JDG 21:18 | پەقەت بىزلا قىزلىرىمىزنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەرسەك بولمايدۇ، چۈنكى ئىسرائىللار: «ئۆز قىزىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرگەن كىشى لەنەتكە قالسۇن!» دەپ قەسەم قىلىشقان، ــ دېيىشتى. |
7288 | 1SA 3:10 | ۋە پەرۋەردىگار كېلىپ يېقىن تۇرۇپ ئىلگىرىكىدەك: ــ «سامۇئىل، سامۇئىل!» دەپ چاقىردى. سامۇئىل: ــ سۆز قىلغىن، چۈنكى قۇلۇڭ ئاڭلايدۇ، دەپ جاۋاب بەردى. |
7857 | 1SA 24:16 | پەرۋەردىگار سوراقچى بولۇپ مەن بىلەن سىلىنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن! ئۇ ھەق-ناھەقنى ئايرىپ، دەۋايىمنى سوراپ مېنى سىلىنىڭ قوللىرىدىن خالاس قىلىپ، ئادالەت يۈرگۈرگەي!» ــ دېدى. |
8052 | 2SA 1:27 | پالۋانلار شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ! جەڭ قوراللىرى شۇنداق دەھشەتلىك ۋەيران قىلىندىغۇ!» |
8118 | 2SA 3:34 | قوللىرىڭ باغلاغلىق بولمىسىمۇ، پۇتلۇرۇڭ ئىشكەللىك بولمىسىمۇ، لېكىن سەن كىشىلەرنىڭ رەزىللەرنىڭ قولىدا يىقىلغىنىدەك، يىقىلىپ ئۆلگەنسەن!» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن يەنە يىغلاشتى. |
8193 | 2SA 7:10 | مەن خەلقىم بولغان ئىسرائىلغا بىر جاينى بېكىتىپ، ئۇلارنى شۇ يەردە تىكىپ ئۆستۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز زېمىنىدا تۇرىدىغان، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىمايدىغان بولىدۇ. رەزىللەر دەسلەپتىدىكىدەك، شۇنداقلا مەن خەلقىم ئىسرائىل ئۈستىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھاكىملارنى تەيىنلىگەن كۈنلەردىكىدەك، ئۇلارغا قايتىدىن زۇلۇم سالمايدۇ. مەن ھازىر ساڭا ھەممە دۈشمەنلىرىڭدىن ئارام بەردىم. ئەمدى مەنكى پەرۋەردىگار ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن سېنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆينى قۇرۇپ بېرىمەن!» ــ دەيدۇ. |
8307 | 2SA 12:18 | يەتتىنچى كۈنى بالا ئۆلدى. داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرى بالا ئۆلدى، دېگەن خەۋەرنى ئۇنىڭغا بېرىشتىن قورقۇپ: «بالا تىرىك ۋاقىتىدا پادىشاھ بىزنىڭ سۆزلىرىمىزگە قۇلاق سالمىدى، ئەمدى بىز قانداقمۇ ئۇنىڭغا بالا ئۆلدى، دەپ خەۋەر بېرىمىز؟ ئۇ ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن!» ــ دېيىشتى. |
8402 | 2SA 15:10 | لېكىن ئابشالوم ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىگە مەخپىي ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ: بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا: «ئابشالوم ھېبروندا پادىشاھ بولدى!» دەپ ئېلان قىلىڭلار، دېدى. |
8745 | 1KI 1:25 | چۈنكى ئۇ بۈگۈن چۈشۈپ، كۆپ بۇقا، بوردىغان تورپاقلار بىلەن قويلارنى سويدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى، قوشۇننىڭ سەردارلىرىنى، ئابىياتار كاھىننى چاقىردى؛ ۋە مانا، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا يەپ-ئىچىپ: «ياشىسۇن پادىشاھ ئادونىيا!» ــ دەپ توۋلاشماقتا. |
8767 | 1KI 1:47 | يەنە كېلىپ پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى كېلىپ غوجىمىز داۋۇت پادىشاھقا: «خۇدالىرى سۇلايماننىڭ نامىنى سىلىنىڭكىدىن ئەۋزەل قىلىپ، تەختىنى سىلىنىڭكىدىن ئۇلۇغ قىلغاي!» دەپ بەخت تىلەپ مۇبارەكلەشكە كېلىشتى. پادىشاھ ئۆزى ياتقان ئورۇندا سەجدە قىلدى |
8768 | 1KI 1:48 | ۋە پادىشاھ: ــ «بۈگۈن مېنىڭ تەختىمگە ئولتۇرغۇچى بىرسىنى تەيىنلىگەن، ئۆز كۆزلىرىمگە شۇنى كۆرگۈزگەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇبارەكلەنسۇن!» ــ دېدى ــ دېدى. |
8803 | 1KI 2:30 | بىنايا پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ «پادىشاھ سېنى بۇياققا چىقسۇن!» دېدى، دېدى. ئۇ: ــ ياق، مۇشۇ يەردە ئۆلىمەن، دېدى. بىنايا پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىپ: ــ يوئاب مۇنداق-مۇنداق دېدى، ماڭا شۇنداق جاۋاب بەردى، دېدى. |
9421 | 1KI 20:10 | بەن-ھاداد ئۇنىڭغا يەنە خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ «پۈتكۈل سامارىيە شەھىرىدە ماڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ قوللىرىغا ئوچۇملىغۇدەك توپا قېلىپ قالسا، ئىلاھلار ماڭىمۇ شۇنداق قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ قىلسۇن!» ــ دېدى. |
9422 | 1KI 20:11 | لېكىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى جاۋاب بېرىپ: ــ «ساۋۇت-قوراللار بىلەن جابدۇنغۇچى ساۋۇت-قوراللاردىن يېشىنگۈچىدەك ماختىنىپ كەتمىسۇن!» دەپ ئېيتىڭلار، ــ دېدى. |
9543 | 2KI 1:6 | ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىر ئادەم بىزگە ئۇچراپ بىزگە: ــ سىلەرنى ئەۋەتكەن پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلدا خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن يول سورىغىلى ئادەملەرنى ئەۋەتتىڭمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن!» دەڭلار، ــ دېدى. |
9553 | 2KI 1:16 | پادىشاھقا: پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: «ئىسرائىلدا ۋەھىي سورىغىلى بولىدىغان خۇدا يوقمۇ، ئەكروندىكى ئىلاھ بائال-زەبۇبدىن يول سورىغىلى ئەلچىلەرنى ئەۋەتتىڭغۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سەن چىققان كارىۋاتتىن چۈشەلمەيسەن؛ سەن چوقۇم ئۆلىسەن!» دەيدۇ، ــ دېدى. |
9573 | 2KI 2:18 | ئۇلار ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە (ئۇ يېرىخودا تۇرۇۋاتاتتى) ئۇ ئۇلارغا: مەن دەرۋەقە سىلەرگە «ئىزدەپ بارماڭلار!» دېمىدىممۇ؟ ــ دېدى. |
9773 | 2KI 9:13 | شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونلىرىنى سېلىپ، پەلەمپەيدە يېيىپ ئۇنىڭغا پايانداز قىلدى. ئۇلار كاناي چېلىپ: «يەھۇ پادىشاھ بولدى!» دەپ جاكارلاشتى. |
9783 | 2KI 9:23 | شۇنىڭ بىلەن يورام ھارۋىنى ياندۇرۇپ ئاھازىياغا: «ئى ئاھازىيا، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ بەدەر قاچتى. |
9787 | 2KI 9:27 | يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا بۇنى كۆرگەندە «باغدىكى راۋاق يولى» بىلەن قاچتى. لېكىن يەھۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ: «ئۇنى ئېتىڭلار!» دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇلار ئۇنى ئىبلېئامنىڭ يېنىدا، گۇر ئېگىزلىكىگە چىققان يولدا ئاتتى. ئۇ مەگىددوغىچە قېچىپ ئۇ يەردە ئۆلدى. |
9845 | 2KI 11:12 | يەھويادا شاھزادىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئۇنىڭ بېشىغا تاجنى كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھنامىلەرنى بېرىپ، پادىشاھ بولۇشقا خۇشبۇي ماي بىلەن مەسىھ قىلدى. ھەممەيلەن چاۋاك چېلىپ: ــ «پادىشاھ ياشىسۇن!» دەپ توۋلاشتى. |
9889 | 2KI 13:14 | ئېلىشا ئۆز ئەجىلىنى يەتكۈزىدىغان كېسەل بىلەن ياتتى. ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە ئېڭىشىپ يىغلاپ: ئى ئاتام، ئى ئاتام، ئىسرائىلنىڭ جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلىق ئەسكەرلىرى!» دەپ پەرياد كۆتۈردى. |
9999 | 2KI 17:12 | گەرچە پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ «بۇ ئىشنى قىلماڭلار!» دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇتلارنىڭ قۇللۇقىغا بېرىلىپ كەتكەنىدى. |
10051 | 2KI 18:23 | ئەمدى ھازىر خوجايىنىم ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن بىر توختامغا كېلىڭلار: ــ «ئەگەر سىلەردە ئۇلارغا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭلار بولسا، مەن سىلەرگە ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!» |
10055 | 2KI 18:27 | بىراق راب-شاكەھ: ــ خوجايىنىم مېنى مۇشۇ گەپنى خوجايىنىڭلارغا ۋە سىلەرگىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكەنمۇ؟ مۇشۇ گەپنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە سېپىلدا ئولتۇرغانلارغا دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار ئۆز پوقىنى يېگۈچى ھەم ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچكۈچى بولىدۇ!» ــ دېدى. |
10056 | 2KI 18:28 | ئاندىن راب-شاكەھ ئىبرانىي تىلىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار!» ــ دەپ ۋارقىرىدى. |
10399 | 1CH 4:10 | يابەز ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا نىدا قىلىپ: «مېنى ناھايىتى كۆپ بەرىكەتلىگەن بولساڭ، زېمىنىمنى كېڭەيتسەڭ، قولۇڭ بىلەن مېنى يۆلەپ، بالا-قازادىن ساقلاپ، ماڭا ئازاب-ئوقۇبەتنى كۆرسەتمىگەيسەن!» ــ دەپ تىلىدى. خۇدا ئۇنىڭ تىلىگىنى ئىجابەت ئەيلىدى. |
10682 | 1CH 11:5 | يەبۇس ئاھالىسى داۋۇتقا: «سەن بۇ يەرگە ھېچقاچان كىرەلمەيسەن!» دېدى. بىراق داۋۇت زىئون دېگەن قورغاننى ئالدى (شۇ يەر «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). |
10694 | 1CH 11:17 | داۋۇت ئۇسساپ: «ئاھ، بىرسى ماڭا بەيت-لەھەمنىڭ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكىلىپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى!» دېۋىدى، |
10696 | 1CH 11:19 | «خۇدايىم بۇ ئىشنى مەندىن نېرى قىلسۇن! مەن ھاياتىنىڭ خەۋپتە قېلىشىغا قارىمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ قېنىنى ئىچسەم قانداق بولىدۇ؟ چۈنكى بۇنى ئۇلار ھاياتىنىڭ خەۋپتە قېلىشىغا قارىماي ئېلىپ كەلگەن!» دېدى. شۇڭا داۋۇت بۇ سۇنى ئىچكىلى ئۇنىمىدى. بۇ ئۈچ پالۋان قىلغان ئىشلار دەل شۇلار ئىدى. |
10742 | 1CH 12:18 | داۋۇت چىقىپ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ: «ئەگەر سىلەر تىنچلىق نىيىتىدە ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولساڭلار، سىلەر بىلەن بىر جان بىر دىل بولىمەن، لېكىن قوللىرىمدا ھېچ ناھەقلىق بولمىغان مېنى دۈشمەنلىرىمگە سېتىۋەتمەكچى بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسى بۇنى نەزىرىگە ئېلىپ ھۆكۈم چىقارغاي!» ــ دېدى. |
10744 | 1CH 12:20 | داۋۇت ئىلگىرى فىلىستىيلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسەھ قەبىلىسىدىكى بەزىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى (لېكىن ئۇلار فىلىستىيلەرگە ياردەم بەرمىدى، چۈنكى فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى: «داۋۇت ئۆز غوجىسى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا بېشىمىز كەتمەي قالمايدۇ!» دەپ مەسلىھەتلىشىپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولغانىدى). |
10847 | 1CH 16:22 | «مەن مەسىھ قىلغانلارغا تەگمە، پەيغەمبەرلىرىمگە يامان ئىش قىلما!» ــ دېدى. |
10892 | 1CH 17:24 | ئامىن، ۋەدەڭ ئەمەل قىلىنسۇن، شۇنداقلا نامىڭ مەڭگۈ ئۇلۇغلانسۇن، كىشىلەر: «ساماۋى قوشۇننىڭ سەردارى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ھەقىقەتەن ئىسرائىلغا خۇدادۇر!» دېسۇن؛ ۋە شۇنداق بولۇپ، پېقىر قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ ئۆي-جەمەتى سېنىڭ ئالدىڭدا مەزمۇت تۇرغۇزۇلسۇن. |
10954 | 1CH 21:15 | خۇدا يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىپ تاشلاش ئۈچۈن بىر پەرىشتىنى ئەۋەتتى؛ ئۇ ۋەيران قىلىۋاتقاندا، پەرۋەردىگار ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۆزى چۈشۈرگەن بۇ بالا-قازادىن پۇشايمان قىلىپ قالدى-دە، ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە: «بەس! ئەمدى قولۇڭنى تارت!» دېدى. ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. |
10956 | 1CH 21:17 | داۋۇت خۇداغا: «خەلقنىڭ سانىنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇغۇچى مەن ئەمەسمۇ؟ گۇناھ قىلىپ بۇ رەزىللىك ئۆتكۈزگۈچى مەندۇرمەن؛ بۇ بىر پادا قويلار بولسا، زادى نېمە قىلدى؟ ئاھ، پەرۋەردىگار خۇدايىم، قولۇڭ ئۆز خەلقىڭگە ئەمەس، بەلكى ماڭا ۋە مېنىڭ جەمەتىمگە چۈشكەي، ۋابانى ئۆز خەلقىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمىگەيسەن!» دېدى. |
10985 | 1CH 22:16 | ئالتۇن-كۈمۈش، مىس، تۆمۈر بولسا سان-ساناقسىز؛ سەن ئىشقا تۇتۇشۇشقا ئورنۇڭدىن تۇر، پەرۋەردىگارىم سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي!» |
10988 | 1CH 22:19 | ئەمدى سىلەر پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن جېنىڭلار بىلەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزلەڭلار؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ۋە خۇدانىڭ مۇقەددەسخانىسىدىكى قاچا-ئەسۋابلىرىنى ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ سېلىنغان ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ مۇقەددەسخانىسىنى سېلىشقا ئورنۇڭلاردىن قوپۇڭلار!» دېدى. |
11189 | 1CH 29:20 | داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە: «سىلەر خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇپ مەدھىيىلەڭلار!» دېۋىدى، پۈتۈن جامائەت ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇپ سەجدە قىلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگار ھەم پادىشاھ ئالدىدا باش ئۇردى. |
11332 | 2CH 7:3 | ئوت چۈشكەنلىكىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئۆينىڭ ئۈستىدە توختىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى تاش ياتقۇزۇلغان مەيداندا يۈكۈنۈپ باش ئۇرۇپ: «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈگىچە تۇرىدۇ!» دەپ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇشتى. |
11609 | 2CH 20:17 | سىلەر بۇ دۆرەم جەڭدە ئۇرۇشۇشۇڭلارنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ؛ پەقەت سەپكە تىزىلىپ تۇرۇڭلار، سىلەر بىلەن بىللە بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نىجات-نۇسرىتىنى كۆرۈڭلار! ئى يەھۇدا، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر، قورقماڭلار، ئالاقزادىمۇ بولۇپ كەتمەڭلار؛ ئەتە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقىڭلار، پەرۋەردىگار چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ!» ــ دېدى. |
11613 | 2CH 20:21 | ئاندىن ئۇ خەلق بىلەن ئوبدان مەسلىھەتلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بەھەيۋەتلىكىنى مەدھىيىلەپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ غەزەل-كۈي ئېيتىدىغانلارنى: «سىلەر پەرۋەردىگارغا رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!» دەپ ئوقۇشقا تەيىنلەپ، قوشۇننىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى. |
11672 | 2CH 23:11 | ئاندىن ئۇلار شاھزادىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بېشىغا تاجنى كىيگۈزۈپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھنامىلەرنى بېرىپ، ئۇنى پادىشاھ قىلدى؛ يەھويادا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى خۇشبۇي ماي بىلەن ئۇنى مەسىھ قىلدى ۋە «پادىشاھ ياشىسۇن!» دەپ توۋلاشتى. |
11727 | 2CH 25:18 | ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى يوئاش يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئامازىياغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇنداق سۆزلەرنى يەتكۈزدى: «لىۋاندىكى تىكەن لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىگە سۆز ئەۋەتىپ: «ئۆز قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرگىن!» ــ دېدى. لېكىن لىۋاندىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسىۋەتتى. |
12021 | 2CH 36:23 | «پارس پادىشاھى قورەش مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاسمانلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ماڭا بەردى؛ ئۇ شۇنداقلا مېنى يەھۇدا زېمىنىغا جايلاشقان يېرۇسالېمدا ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاراڭلاردا خۇدانىڭ خەلقى بولغان ھەرقايسىڭلارغا بولسا، ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاي، ئۇ شۇ يەرگە چىقسۇن!» دېدى. |
12168 | EZR 6:12 | ۋە ئۆزىنىڭ نامىنى شۇ يەردە قالدۇرغان خۇدا مۇشۇ يېرۇسالېمدىكى ئۆيىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بۇزۇشقا قول ئۇزارتقان ھەرقانداق پادىشاھ ياكى خەلقنى ھالاك قىلسۇن! مەن دارىئۇس مۇشۇ يارلىقنى چۈشۈردۇم، ئەستايىدىللىق بىلەن بەجا كەلتۈرۈلسۇن!» دېيىلدى. |
12413 | NEH 6:7 | سەن يەنە يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭ توغرۇلۇق: «مانا، يەھۇدىيەدە ئۆزىمىزنىڭ بىر پادىشاھىمىز بار!» دەپ جار سېلىپ تەشۋىق قىلىشقا بىرنەچچە پەيغەمبەر قويۇپسەن. ئەمدى بۇ گەپلەر سۆزسىز پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا، كەلگىن، بىز بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىۋالايلى» دېيىلگەنىكەن. |