366 | GEN 15:5 | شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: ــ ئەمدى ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى سانا ــ قېنى، ئۇلارنى سانىيالامسەنكىن؟! ــ دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ نەسلىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى. |
478 | GEN 19:20 | قارا، ئاۋۇ شەھەرگە قېچىپ بارسا بولغۇدەك ناھايىتى يېقىن ئىكەن، شۇنداقلا كىچىك شەھەر ئىكەن! ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنىڭ شۇ يەرگە قېچىشىمغا يول قويغايسەن! ئۇ كىچىك شەھەر ئەمەسمۇ؟! جېنىم شۇ يەردە ئامان قالىدۇ! ــ دېدى. |
703 | GEN 26:10 | ئابىمەلەك ئۇنىڭغا: بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ تاس قاپتۇ خەلق ئارىسىدىن بىرەرسى ئايالىڭ بىلەن بىرگە بولغىلى؟! ئۇنداق بولغان بولسا سەن بىزنى گۇناھقا پاتقۇزغان بولاتتىڭ! ــ دېدى. |
764 | GEN 27:36 | ئەساۋ: ــ راست ئۇنىڭ ئېتى ياقۇپ ئەمەسمۇ؟! چۈنكى ئۇ ئىككى قېتىم مېنى پۇتلاپ، ئورنۇمنى تارتىۋالدى. ئاۋۋال تۇنجىلىق ھوقۇقۇمنى تارتىۋالدى ۋە مانا ھازىر ئۇ ماڭا تېگىدىغان بەخت-بەرىكەتنى ئېلىپ كەتتى، ــ دېدى، ئاندىن يەنە: ــ مېنىڭ ئۈچۈن بىرەر بەخت-بەرىكەت قالدۇرمىدىلىمۇ؟ ــ دېدى. |
821 | GEN 29:25 | ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، مانا ئالدىدا لېياھ تۇراتتى! ئۇ لابانغا: ــ بۇ زادى ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ ئەجەبا، مەن راھىلە ئۈچۈن ساڭا خىزمەت قىلمىدىممۇ؟ مېنى نېمىشقا شۇنداق ئالدىدىڭ؟! ــ دېدى. |
833 | GEN 30:2 | شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ راھىلەگە غەزىپى كېلىپ: ــ مەن بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىنى سەندىن ئايىغان خۇدانىڭ ئورنىدىمۇ؟! ــ دېدى. |
889 | GEN 31:15 | بىز دەرۋەقە ئۇنىڭغا يات ئادەم ھېسابلىنىپ قالغانمۇ؟! ئۇ بىزنى سېتىۋەتتى، تويلۇقىمىزنىمۇ پۈتۈنلەي يەپ كەتتى! |
1114 | GEN 37:30 | ئىنىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ بالا يوق تۇرىدۇ! ئەمدى مەن نەگە باراي؟! ــ دېدى. |
1234 | GEN 41:38 | شۇنىڭ بىلەن پىرەۋن خىزمەتكارلىرىغا: ــ بۇ كىشىدەك، ئىچىدە خۇدانىڭ روھى بار يەنە بىرسىنى تاپالامدۇق؟! ــ دېدى. |
1330 | GEN 44:5 | خوجام شۇ جامدا شاراب ئىچىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدا پال ئاچىدۇ ئەمەسمۇ؟! مۇنداق قىلغىنىڭلار رەزىللىك قىلغىنىڭلار بولمامدۇ!» دېگىن، ــ دېدى. |
1362 | GEN 45:3 | يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: ــ مەن يۈسۈپ بولىمەن! ئاتام ھازىر ھاياتمۇ؟! ــ دەپ سورىدى. ئەمما قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا قاراپ ھودۇقۇپ كېتىپ، ھېچ جاۋاب بېرەلمەي قالدى. |
1551 | EXO 1:18 | شۇڭا مىسىرنىڭ پادىشاھى تۇغۇت ئانىلىرىنى چاقىرتىپ ئۇلاردىن: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟! ئوغۇل بالىلارنى نېمىشقا تىرىك قويدۇڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. |
1575 | EXO 2:20 | ئۇ قىزلىرىغا: ــ ئۇنداقتا ئۇ كىشى ھازىر نەدە؟! ئۇنى نېمىشقا سىرتتا تاشلاپ كەلدىڭلار؟ ئۇنى تاماققا چاقىرىڭلار، ــ دېدى. |
1647 | EXO 5:14 | ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە پىرەۋننىڭ نازارەتچىلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسرائىللىق ئىش باشلىرى تاياق يېدى ۋە: ــ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن نېمىشقا كېسەك قۇيۇش ۋەزىپسىنى بۇرۇنقىدەك توشقۇزۇپ ئورۇنلىمىدىڭلار؟! ــ دەپ تىل ئىشىتتى. |
1901 | EXO 14:11 | ئۇلار مۇساغا: ــ مىسىردا گۆرىستان تېپىلماسمىدى، سەن بىزنى چۆلدە ئۆلسۇن دەپ مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىڭغۇ؟! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بىزگە مۇنداق قىلغىنىڭ نېمىسى؟! |
1988 | EXO 17:4 | شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈرۈپ: ــ بۇ خەلقنى قانداق قىلسام بولار؟! ئۇلار ھېلىلا مېنى چالما-كېسەك قىلىشى مۇمكىن! ــ دېدى. |
2490 | EXO 33:16 | چۈنكى، مەن ۋە خەلقىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقىنىمىز نېمىدىن بىلىنىدۇ؟ ئەجەبا، ئۆزۈڭنىڭ بىز بىلەن بىللە ماڭغىنىڭدىن بىلىنمەمدۇ؟ شۇ سەۋەبتىن مەن ۋە خەلقىڭ يەر يۈزىدىكى ھەربىر تائىپىلەردىن ئالاھىدە پەرقلەنمەمدۇق؟! ــ دېدى. |
4322 | NUM 20:10 | مۇسا بىلەن ھارۇن ئىككىسى جامائەتنى قورام تاشنىڭ ئالدىغا يىغدى ۋە مۇسا ئۇلارغا: — گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئى ئاسىيلار! بىز سىلەرگە بۇ قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بېرەيلىمۇ؟! — دېدى. |
4428 | NUM 23:11 | بالاق بالائامغا قاراپ: — سەن ماڭا نېمە قىلىۋاتىسەن؟! مەن سېنى دۈشمەنلىرىمنى قارغاپ بېرىشكە چاقىرىتقان تۇرسام، مانا سەن ئەكسىچە پۈتۈنلەي ئۇلارغا ئامەت تىلىدىڭ! — دېدى. |
5987 | JOS 7:9 | قانائانىيلار، شۇنداقلا زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار بۇنى ئاڭلىسا بىزنى قاپسىۋېلىپ يەر يۈزىدىن نامىمىزنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛ شۇ چاغدا سەن ئۇلۇغ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىسەن؟! ــ دېدى. |
6549 | JDG 2:2 | لېكىن سىلەر بۇ زېمىننىڭ خەلقى بىلەن ھېچقانداق ئەھدە باغلىماڭلار، بەلكى ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇپ تاشلىشىڭلار كېرەك» ــ دېگەنىدىم؛ لېكىن سىلەر مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىدىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىڭلار؟! |
6607 | JDG 4:6 | ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ نافتالى يۇرتىدىكى كەدەشتىن ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: ــ مانا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق ئەمر قىلغان ئەمەسمۇ؟! ئۇ: ــ سەن بېرىپ نافتالىلار قەبىلىسى ھەم زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون مىڭ ئادەمنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ تابور تېغىغا چىققىن؛ |
6615 | JDG 4:14 | دەبوراھ باراققا: ــ قوپقىن؛ بۈگۈن پەرۋەردىگار سىسېرانى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىدىغان كۈندۈر. مانا، پەرۋەردىگار ئالدىڭدا يول باشلىغىلى چىقتى ئەمەسمۇ؟! ــ دېدى. شۇنى دېۋىدى، باراق ۋە ئون مىڭ ئادەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تابور تېغىدىن چۈشتى. |
6633 | JDG 5:8 | ئىسرائىللار يېڭى ئىلاھلارنى تاللىدى؛ ئۇرۇش دەرۋازىلىرىغا يېتىپ كەلدى. قىرىق مىڭچە ئىسرائىللىقنىڭ ئارىسىدا، يا بىر قالقان يا بىر نەيزە تېپىلىسىچۇ؟! |
6655 | JDG 5:30 | «ئۇلار ئولجىلىرىنى يىغىپ بۆلۈشۈۋاتقان بولمىسۇن يەنە؟! ھەربىر ئەركەككە ئاياغ ئاستى قىلىشقا بىر-ئىككىدىن قىز تەگكەندۇ، سىسېراغا رەڭدار كىيىملەر، گۈل كەشتىلەنگەن رەڭدار كىيىملەردىن ئولجا تەگكەندۇ، بۇلاڭچىنىڭ بوينىغا ئالدى-كەينى كەشتىلەنگەن رەڭدار كىيىملەر تەگكەن بولسا كېرەك! |
6727 | JDG 8:6 | لېكىن سۇككوتنىڭ چوڭلىرى جاۋاب بېرىپ: ــ زەباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟! بىز سېنىڭ مۇشۇ لەشكەرلىرىڭگە نان بېرەمدۇق؟! ــ دېدى. |
6784 | JDG 9:28 | ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال: ــ ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىدى؟ شەكەم دېگەن نېمە ئىدى، بىز نېمە دەپ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟! ئۇ يەرۇببائالنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ زەبۇل ئۇنىڭ نازاتەتچىسى ئەمەسمۇ؟ سىلەر شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامورنىڭ ئادەملىرىنىڭ خىزمىتىدە بولساڭلار بولىدۇ! بىز نېمىشقا ئابىمەلەكنىڭ خىزمىتىدە بولىدىكەنمىز؟ |
6926 | JDG 14:15 | يەتتىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇلار شىمشوننىڭ ئايالىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن ئېرىڭنى ئالداپ-سىيلاپ، تېپىشماقنىڭ مەنىسىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىشكە ماقۇل قىلغىن؛ بولمىسا سېنى ئاتاڭنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز. سىلەر بىزنى يوقسۇل قىلىشقا بۇ يەرگە چاقىرغانمۇ؟! ــ دېدى. |
7013 | JDG 18:18 | بۇ بەش ئادەم مىكاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئويما بۇت، ئەفود تونىنى، تەرافىم بۇتلىرى ۋە قۇيما بۇتنى ئېلىپ چىققاندا كاھىن ئۇلاردىن: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟! ــ دەپ سورىدى. |
7018 | JDG 18:23 | ئۇلار دانلارنى توۋلاپ چاقىردى، دانلار بۇرۇلۇپ مىكاھقا: ــ ساڭا نېمە بولدى، بۇنچىۋىلا كۆپ خەلقنى يىغىپ كېلىپ نېمە قىلماقچىسەن؟! ــ دېدى. |
7019 | JDG 18:24 | ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر مەن ياساتقان مەبۇدلارنى كاھىنىم بىلەن قوشۇپ ئالدىڭلار، ئاندىن كەتتىڭلار! ماڭا يەنە نېمە قالدى؟! شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر تېخى: «ساڭا نېمە بولدى؟» ــ دەۋاتىسىلەرغۇ! ــ دېدى. |
7159 | RUT 2:8 | بوئاز رۇتقا: ــ ئەي قىزىم، ئاڭلاۋاتامسەن؟! سەن باشاق تەرگىلى باشقا بىر كىمنىڭ ئېتىزلىقىغا بارمىغىن، بۇ يەردىنمۇ كەتمە، مېنىڭ دېدەكلىرىم بىلەن بىرگە مۇشۇ يەردە تۇرغىن. |
7183 | RUT 3:9 | كىم سەن؟! ــ دەپ سورىدى ئۇ. رۇت جاۋابەن: ــ مەن خىزمەتكارىڭ رۇت بولىمەن. سەن مېنىڭ ھەمجەمەت-نىجاتكارىم بولغىنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭنىڭئۈستىگە تونۇڭنىڭ ئېتىكىنى يېيىپ قويغايسەن، ــ دېدى. |
7190 | RUT 3:16 | رۇت قېينئاناسىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ: ــ ئەي قىزىم، سەن ھازىر كىم؟! ــ دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قېينئانىسىغا ئۇ كىشىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. |
7222 | 1SA 1:8 | ئاخىرى ئۇنىڭ ئېرى ئەلكاناھ ئۇنىڭغا: ــ ئى ھانناھ، نېمىشقا يىغلايسەن؟ نېمىشقا بىرنەرسە يېمەيسەن؟ نېمىشقا كۆڭلۈڭ ئازار يەيدۇ؟ مەن ئۆزۈم ساڭا ئون ئوغۇلدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! ــ دېدى. |
7498 | 1SA 13:11 | لېكىن سامۇئىل: ــ نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟! ــ دەپ سورىدى. سائۇل: ــ خەلق مەندىن تارىلىپ كەتكەنلىكىنى، سىلىنىڭ بېكىتكەن ۋاقىتتا كەلمىگەنلىكلىرىنى، فىلىستىيلەرنىڭ مىكماشتا يىغىلغىنىنى كۆردۇم، |
8108 | 2SA 3:24 | ئاندىن يوئاب پادىشاھنىڭ قېشىغا بېرىپ: بۇ سېنىڭ نېمە قىلغىنىڭ؟! مانا، ئابنەر قېشىڭغا كەپتۇ! نېمىشقا ئۇنى يولغا سېلىپ قويدۇڭ؟ ئۇ ھازىر كېتىپتۇ! |
8134 | 2SA 4:11 | ئەمدى مەن شۇنداق قىلغان يەردە، رەزىل ئادەملەر ئۆز ئۆيىدە ئورۇندا ياتقان بىر ھەققانىي كىشىنى ئۆلتۈرگەن بولسا، مەن نېمە قىلاي؟! ئۇنىڭ ئاققان قان قەرزىنى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن ئېلىپ، سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوقاتمامدىم؟ ــ دېدى. |
8333 | 2SA 13:13 | مەن بۇ شەرمەندىچىلىكنى قانداقمۇ كۆتۈرۈپ يۈرەلەيمەن؟! سەن بولساڭ ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىكى ئەخمەقلەردىن بولۇپ قالىسەن. ئۆتۈنۈپ قالاي، پەقەت پادىشاھقا دېسەڭلا، ئۇ مېنى ساڭا تەۋە بولۇشتىن توسىمايدۇ، ــ دېدى. |
8526 | 2SA 19:13 | سىلەر مېنىڭ قېرىنداشلىرىم، مېنىڭ ئەت-ئۇستىخانلىرىم تۇرۇپ، نېمىشقا پادىشاھنى ئېلىپ كېلىشتە ھەممىسىدىن كېيىن قالىسىلەر؟! ــ دەڭلار. |
9015 | 1KI 8:27 | لېكىن خۇدا ئۆزى راستلا يەر يۈزىدە ماكان قىلامدۇ؟ مانا، ئاسمانلار بىلەن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى سېنى سىغدۇرالمىغان يەردە، مەن ياسىغان بۇ ئۆي قانداقمۇ سېنىڭ ماكانىڭ بولالىسۇن؟! |
9067 | 1KI 9:13 | ئۇ: ــ ھەي بۇرادىرىم، سەن مۇشۇ ماڭا بەرگىنىڭ زادى قانداق شەھەرلەر؟! ــ دېدى. ئۇ ئۇلارنى «كابۇلنىڭ يۇرتى» دەپ ئاتىدى، ۋە ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق ئاتىلىدۇ. |
9361 | 1KI 18:17 | ئاھاب ئىلىياسنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا: ــ بۇ سەنمۇ، ئى ئىسرائىلغا بالا كەلتۈرگۈچى؟! ــ دېدى. |
9371 | 1KI 18:27 | چۈش كىرگەندە ئىلىياس ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ: ــ ئۈنلۈكرەك قىچقىرىڭلار؛ چۈنكى ئۇ بىر ئىلاھ ئەمەسمۇ؟ بەلكىم ئۇ چوڭقۇر خىيالغا چۆمۈپ كەتكەندۇ، ياكى ئىش بىلەن چىقىپ كەتكەندۇ، ياكى بىر سەپەرگە چىقىپ كەتكەندۇ؟ ياكى بولمىسا ئۇ ئۇخلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنى ئويغىتىشىڭلار كېرەك؟! ــ دېدى. |
9499 | 1KI 22:16 | لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا قانچە قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا راست گەپتىن باشقىسىنى ماڭا ئېيتماسلىققا قەسەم ئىچكۈزۈشۈم كېرەك؟! ــ دېدى. |
9507 | 1KI 22:24 | شۇنى ئاڭلاپ كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا كېلىپ مىكايانىڭ كاچىتىغا بىرنى سېلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قايسى يول بىلەن مەندىن ئۆتۈپ، ساڭا سۆز قىلىشقا باردى؟! ــ دېدى. |
9689 | 2KI 6:11 | بۇنىڭ سەۋەبىدىن سۇرىيەنىڭ پادىشاھى كۆڭلىدە قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنى چاقىرىپ ئۇلاردىن: ــ ئارىمىزدىن كىمنىڭ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىپ بەرمەمسىلەر؟! ــ دەپ سورىدى. |
9713 | 2KI 7:2 | ئەمما پادىشاھ بېلىكىنى تۇتۇپ ماڭغان قوشۇن ئەمەلدارى بولسا، خۇدانىڭ ئادىمىگە: مانا، ھەتتا پەرۋەردىگار ئاسمانغا تۈڭلۈك ئاچسىمۇ، ئۇنداق ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟! دېدى. ئۇ: ــ سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن شۇنىڭدىن يېمەيسەن، دېدى. |
9782 | 2KI 9:22 | يورام يەھۇنى كۆرگەندە، «ئى يەھۇ، ھەممە ئىش تىنچلىقمۇ؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئاناڭ يىزەبەلنىڭ قىلغان بۇزۇقچىلىقلىرى ۋە جادۇگەرلىكى شۇنچە جىق تۇرسا، قانداقمۇ تىنچلىق بولىدۇ؟! ــ دېدى. |
10052 | 2KI 18:24 | سىلەردە ئۇنداقلار بولمىسا، خوجايىنىمنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان بىر لەشكەر بېشىنى قانداقمۇ چېكىندۈرەلەيسىلەر؟! گەرچە سىلەر جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا تايىنىسىلەر! |
10062 | 2KI 18:34 | خامات ۋە ئارپاد دېگەن يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ سەفارۋائىم، خېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ ئۇلار سامارىيەنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزغانمۇ؟! |
11305 | 2CH 6:18 | لېكىن خۇدا ئۆزى راستلا يەر يۈزىدە ئىنسانلار بىلەن ماكان قىلامدۇ؟ مانا، ئاسمانلار بىلەن ئاسمانلارنىڭ ئاسمىنى سېنى سىغدۇرالمايدىغان يەردە، مەن ياسىغان بۇ ئۆي قانداقمۇ سېنىڭ ماكانىڭ بولالىسۇن؟! |
11562 | 2CH 18:15 | لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا قانچە قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا راست گەپتىن باشقىسىنى ماڭا ئېيتماسلىققا قەسەم ئىچكۈزۈشۈم كېرەك؟! ــ دېدى. |
11570 | 2CH 18:23 | شۇنى ئاڭلاپ كەنئاناھنىڭ ئوغلى زەدەكىيا كېلىپ مىكايانىڭ كاچىتىغا بىرنى سېلىپ: ــ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قايسى يول بىلەن مەندىن ئۆتۈپ ساڭا سۆز قىلىشقا باردى؟! ــ دېدى. |
12686 | NEH 13:11 | شۇڭا مەن ئەمەلدارلار بىلەن سوقۇشۇپ، ئۇلارنى ئەيىبلەپ: ــ نېمىشقا خۇدانىڭ ئۆيى شۇنداق تاشلىۋېتىلدى؟! ــ دەپ، لاۋىيلارنى يىغىپ ئۇلارنى ئىلگىرىكى ئورنىغا يېڭىۋاشتىن تۇرغۇزدۇم. |
12816 | EST 7:5 | پادىشاھ ئاھاشۋېروش خانىش ئەستەردىن: ــ بۇنداق قىلىشقا پېتىنغان كىشى كىم ئىكەن؟ ئۇ قەيەردە؟! ــ دەپ سورىدى. ئەستەر جاۋابەن: ــ |
12819 | EST 7:8 | پادىشاھ چارىباغدىن زىياپەت-شاراب داستىخىنىغا قايتىپ كەلگىنىدە ھاماننىڭ ئۆزىنى ئەستەر يۆلەنگەن دىۋانغا تاشلىغىنىچە تۇرغىنىنى كۆردى-دە: ــ ــ قارا، ئۇنىڭ ئوردىدا مېنىڭ ئالدىمدىلا خانىشقا زورلۇق قىلغىلىۋاتقىنىنى؟! ــ دېۋىدى، بۇ سۆز پادىشاھنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى بىلەنلا ئادەملەر ھاماننىڭ باش-كۆزىنى چۈمكەپ قويدى. |
12919 | JOB 3:11 | ئاھ، نېمىشقا ئانامنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپلا ئۆلۈپ كەتمىگەندىمەن؟! نېمىشقا قورساقتىن چىققاندىلا نەپەستىن قالمىغاندىمەن؟ |
13007 | JOB 6:25 | توغرا سۆزلەر نېمىدېگەن ئۆتكۈر-ھە! بىراق ئەيىبلىرىڭلار زادى نېمىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟! |
13032 | JOB 7:20 | مەن گۇناھ قىلغان بولساممۇ، ئى ئىنسانىيەتنى كۆزەتكۈچى، ساڭا نېمە قىلىپتىمەن؟! مەن ساڭا يۈك بولۇپ قالدىممۇ؟ بۇنىڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭگە زەربە نىشانى قىلغانسەنمۇ؟ |
13074 | JOB 9:19 | كۈچ-قۇدرەت توغرىسىدا گەپ قىلساق، مانا، ئۇنىڭدىن كۈچلۈك يەنە باشقا كىم بار؟ ئادالەتكە كەلسەك، كىم ئۇنى سوتقا چاقىرالىسۇن؟! |
13119 | JOB 11:7 | سەن تەڭرىنى ئىزدىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى تۈپتىن تونۇيالامسەن؟! ھەممىگە قادىرنىڭ چەكسىزلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەمسەن؟ |
13135 | JOB 12:3 | مېنىڭمۇ سىلەردەك ئۆز ئەقلىم بار، ئەقىلدە سىلەردىن قالمايمەن؛ بۇنچىلىك ئىشلارنى كىم بىلمەيدۇ؟! |
13165 | JOB 13:8 | ئۇنىڭغا يۈز-خاتىرە قىلىپ خۇشامەت قىلماقچىمۇسىلەر؟! ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن دەۋا سورىماقچىمۇسىلەر؟ |
13284 | JOB 18:4 | ھەي ئۆزۈڭنىڭ غەزىپىدە ئۆزۈڭنى يىرتقۇچى، سېنى دەپلا يەر-زېمىن تاشلىۋېتىلەمدۇ؟! تاغ-تاشلار ئۆز ئورنىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟! |
13381 | JOB 21:22 | تەڭرى كاتتىلارنىڭ ئۈستىدىنمۇ ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگىتەلەيدىغان ئادەم بارمىدۇر؟! |
13694 | JOB 34:7 | قېنى، ئايۇپقا ئوخشايدىغان كىم بار؟! ئۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىلارنى ھاقارەتلەش سۇ ئىچكەندەك ئاددىي ئىشتۇر. |
13704 | JOB 34:17 | ئادالەتكە ئۆچ بولغۇچى ھۆكۈم سۈرەلەمدۇ؟ سەن «ھەممىدىن ئادىل بولغۇچى»نى گۇناھكار بېكىتەمسەن؟! |
13791 | JOB 37:18 | سەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئاسماننى خۇددى قۇيۇپ چىقارغان ئەينەكتەك، مۇستەھكەم قىلىپ يايغانمىدىڭ؟! |
13848 | JOB 39:10 | ياۋا كالىنى تانا بىلەن باغلاپ، تاپقا چۈشۈرەلەمسەن؟! ئۇ ساڭا ئەگىشىپ جىلغىلاردا مېڭىپ تىرنا تارتامدۇ؟ |
13899 | JOB 40:31 | سەن ئۇنىڭ پۈتكۈل تېرىسىگە ئاتارنەيزىنى سانجىيالامسەن؟ ئۇنىڭ بېشىغا چاڭگاك بىلەن سانجىيالامسەن؟! |
14229 | PSA 22:9 | «ئۇ پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟! ئەمدى پەرۋەردىگار ئۇنى قۇتقۇزسۇن! پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسا ئەگەر، ئۇنى قۇتۇلدۇرسۇن!» ــ دېيىشىدۇ. |
16492 | PRO 1:22 | ئى ساددىلار، قاچانغىچە مۇشۇنداق نادانلىققا بېرىلىسىلەر؟ مەسخىرە قىلغۇچىلار قاچانغىچە مەسخىرىلىكتىن ھۇزۇر ئالسۇن؟ ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟! |
16888 | PRO 15:11 | تەھتىسارا ۋە ھالاكەت پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق تۇرغان يەردە، ئىنسان كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرنى قانداقمۇ ئۇنىڭدىن يوشۇرالىسۇن؟! |
17777 | ISA 2:22 | ئۈمىدىڭلارنى نەپىسى دىمىغىدىلا تۇرىدىغان ئىنساندىن ئۈزۈڭلار، چۈنكى ئىنسان زادى نېمە ئىدى؟! |
17935 | ISA 10:15 | پالتا ئۆزىنى ئىشلەتكۈچىسىگە لاپ ئاتسا بولامدۇ؟ ھەرە ھەرىدىگۈچىگە پوچىلىق قىلسا بولامدۇ؟ شۇنداق ئىش ئىكەن، خۇددى تاياق ئۆزىنى كۆتۈرگۈچىسىنى ئوينىتالىسا بولىدىغاندەك، خۇددى ھاسا ياغاچ ئەمەس بولغۇچىنى كۆتۈرگەندەك بولاتتى ئەمەسمۇ؟! |
18154 | ISA 23:7 | سىلەرنىڭ قەدىم ئەييامدىن بار بولغان، شاد-خۇراملىققا تولغان شەھىرىڭلار مۇشۇمۇ؟! مانا ئۇلارنىڭ پۇتلىرى ئۆزلىرىنى مۇساپىر قىلىشقا يىراقلارغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ! |
18244 | ISA 28:10 | ئېزىزلاندۇرۇلغانلارغا ئەمەسمۇ؟! ئەمچەكتىن ئايرىلغان بوۋاقلارغا ئەمەسمۇ؟! چۈنكى خەۋەر بولسا ۋەزمۇۋەز، ۋەزمۇۋەزدۇر، قۇرمۇقۇر، قۇرمۇقۇردۇر، بۇ يەردە ئازراق، شۇ يەردە ئازراق بولىدۇ... |
18279 | ISA 29:16 | ئاھ، سىلەرنىڭ تەتۈرلۈكۈڭلار! ساپالچىنى سېغىز لايغا ئوخشاتقىلى بولامدۇ؟ شۇنداقلا ئىش ئۆزىنى ئىشلىگۈچىگە: «ئۇ مېنى ئىشلىمىگەن»، ياكى شەكىللەندۈرۈلگەن ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىگە: «ئۇنىڭ ئەقلى يوق» دېسە بولامدۇ؟! |
18409 | ISA 36:9 | سەندە ئۇنداقلار بولمىسا، خوجامنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان بىر لەشكەر بېشىنى قانداقمۇ چېكىندۈرەلەيسىلەر؟! سەن جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا تايىنىسەن تېخى! |
18419 | ISA 36:19 | خامات ۋە ئارپاد دېگەن يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ سەفارۋائىم شەھىرىنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ ئۇلار سامارىيەنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزغانمۇ؟! |
18509 | ISA 40:19 | بىر بۇتقىمۇ؟! ئۇنى ھۈنەرۋەن قېلىپقا قۇيۇپ ياسايدۇ؛ زەرگەر ئۇنىڭغا ئالتۇن ھەل بېرىدۇ، ئۇنىڭغا كۈمۈش زەنجىرلەرنى سوقۇپ ياسايدۇ. |
18594 | ISA 43:19 | چۈنكى مانا مەن يېڭى بىر ئىشنى قىلىمەن؛ ئۇ ھازىرلا بارلىققا كېلىدۇ؛ سىلەر ئۇنى كۆرمەي قالامسىلەر؟! مەن ھەتتا دالالاردىمۇ يول ئاچىمەن، چۆل-باياۋاندا دەريالارنى بارلىققا كەلتۈرىمەن! |
18681 | ISA 47:12 | ئەمدى قېنى، ياشلىقىڭدىن تارتىپ ئۆزۈڭنى ئۇپرىتىپ كەلگەن ئەپسۇنلىرىڭنى، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان جادۇگەرلىكلىرىڭنى ھازىر ئوقۇپ تۇرىۋەر؛ كىم بىلسۇن، سەن ئۇلاردىن پايدا كۆرۈپ قالامسەن؟ بىرەر نېمىنى تەۋرىتىپ قويالارسەن ھەرقاچان؟! |
18789 | ISA 53:8 | ئۇ قاماپ قويۇلۇپ، ھەق سوراقتىن مەھرۇم بولۇپ ئېلىپ كېتىلدى، ئەمدى ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كىممۇ بايان قىلالىسۇن؟! چۈنكى ئۇ تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدىن ئېلىپ كېتىلدى، مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئاسىيلىقى ئۈچۈن ئۇ ۋابا بىلەن ئۇرۇلدى. |
18953 | ISA 63:17 | ئى پەرۋەردىگار، نېمىشقا بىزنى يوللىرىڭدىن ئازدۇرغانسەن؟ نېمىشقا ئۆزۈڭدىن قورقۇشتىن ياندۇرۇپ كۆڭلىمىزنى تاش قىلغانسەن؟! قۇللىرىڭ ئۈچۈن، ئۆز مىراسىڭ بولغان قەبىلىلەر ئۈچۈن، يېنىمىزغا يېنىپ كەلگەيسەن! |
19068 | JER 2:34 | ئۇنىڭ ئۈستىگە تونۇڭنىڭ پەشلىرىدە گۇناھسىز نامراتلارنىڭ قېنى بار! سەن ئۇلارنى تېمىڭنى تېشىپ ئوغرىلىققا كىرگىنى ئۈچۈن ئۆلتۈردىڭمۇ؟! ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق تۇرسىمۇ، |
19073 | JER 3:2 | بېشىڭنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا قاراپ باق؛ ــ سەن زادى نەدە يات ئىلاھلار بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزمىگەنسەن؟! ــ سەن چۆل-باياۋاندا كۈتۈپ ئولتۇرغان ئەرەبدەك ئۇلارنى يوللار بويى كۈتۈپ ئولتۇرغانسەن؛ زېمىننى بۇزۇقلۇقلىرىڭ ۋە رەزىللىكىڭ بىلەن بۇلغىغانسەن. |
19156 | JER 5:29 | بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟ |
19197 | JER 7:9 | ئەمدى نېمە دېگۈلۈك؟! ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىپ، ساختا قەسەم ئىچىپ، بائالغا ئىسرىق يېقىپ ۋە سىلەر ھېچ تونۇمىغان يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، |
19198 | JER 7:10 | ئاندىن مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆيگە كىرىپ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ: «بىز قۇتقۇزۇلغان!» دەمسىلەر؟! مۇشۇ لەنەتلىك ئىشلاردا تۇرۇۋېرىش ئۈچۈن قۇتقۇزۇلغانمۇسىلەر؟! |
19199 | JER 7:11 | مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆي سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىمۇ؟! مانا، مەن ئۆزۈم بۇ ئىشلارنى كۆرگەنمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
19362 | JER 13:27 | ئاھ، سېنىڭ زىنالىرىڭ، ئايغىرنىڭكىدەك پوخۇر كىشنەشلىرىڭ، ئېگىزلىكلەردە ۋە ئېتىزلاردا بولغان بۇزۇقچىلىقلىرىڭنىڭ پەسكەشلىكى! ــ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆردۇم! ھالىڭغا ۋاي، ئى يېرۇسالېم! سەن پاك قىلىنىشنى قاچانغىچە رەت قىلماقچىسەن؟! |
19425 | JER 16:20 | ئىنسانلار ئۆز-ئۆزىگە خۇدالارنى ياسىيالامدۇ؟! لېكىن ياسىغىنى خۇدا ئەمەستۇر!» ــ دەيدۇ. |
19441 | JER 17:15 | مانا، ئۇلار ماڭا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-بېشارىتى قېنى؟! قېنى، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن!» ــ دەيدۇ. |
19586 | JER 23:33 | ئەمدى ياكى بۇ خەلق، ياكى پەيغەمبەر، ياكى كاھىن سەندىن: «پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يۈكلىگەن سۆزى نېمە؟» دەپ سورىسا، سەن ئۇلارغا: «قايسى يۈك؟! مەن سىلەرنى ئۆزۈمدىن يىراق تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
20119 | JER 46:5 | لېكىن مەن نېمىنى كۆرىمەن؟! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مانا، مۇشۇ لەشكەرلەر دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ چېكىنىدۇ؛ باتۇر-پالۋانلىرى بىتچىت قىلىنىپ كەينىگە قارىماي بەدەر قاچىدۇ! تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
20176 | JER 48:27 | چۈنكى سەن موئاب ئىسرائىلنى مازاق قىلغان ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئوغرىلار قاتارىدا تۇتۇۋېلىنغانمۇ، سەن ئۇنى تىلغا ئالساڭلا بېشىڭنى چايقايسەن؟! |
20203 | JER 49:7 | ئېدوم توغرۇلۇق: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ تېماندا ھازىر دانالىق تېپىلمامدۇ؟ دانىشمەنلىرىدىن نەسىھەت يوقاپ كەتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ دانالىقىنى دات بېسىپ قالغانمۇ؟! |
20421 | LAM 2:20 | |ר| (رەش) قارا، ئى پەرۋەردىگار، ئويلاپ باققايسەن، سەن كىمگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ باققان؟! ئاياللار ئۆز مېۋىلىرى ــ ئەركە بوۋاقلىرىنى يېيىشكە بولامدۇ؟ كاھىن ھەم پەيغەمبەرنى رەبنىڭ مۇقەددەس جايىدا ئۆلتۈرۈشكە بولامدۇ؟! |