1942 | EXO 15:21 | مەريەم ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق كۈينى ئوقۇدى: ــ «پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ كۈي ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ زور ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى؛ ئۇ ئات ۋە مىنگۈچىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى!». |
4128 | NUM 14:19 | مېھرىي-شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىلىكى بويىچە، مىسىردىكى چاغدىن تاكى ھازىرغىچە دائىم كەچۈرۈپ كەلگىنىڭدەك، بۇ خەلقنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرگەيسەن!». |
4441 | NUM 23:24 | مانا، بۇ قوۋم چىشى شىردەك قوپىدۇ، ئەركەك شىردەك قەددىنى رۇسلايدۇ؛ ئۆزى ئوۋلىغان ئوۋنى يېمىگۈچە، ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قېنىنى ئىچمىگۈچە، ھەرگىز ياتمايدۇ!». |
5736 | DEU 31:6 | جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىترىمەڭلار، ئۇلاردىن ھېچ قورقماڭلار؛ چۈنكى سىلەر بىلەن بىرگە بارغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سىلەردىن ۋاز كەچمەيدۇ، سىلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ!». |
6457 | JOS 22:29 | پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن يېنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغان قۇربانگاھتىن باشقا ئىككىنچى بىر قۇربانگاھنى ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەلەر ۋە باشقا خىل قۇربانلىقلارنى ئۆتكۈزۈش نىيىتى بىزدىن نېرى بولغاي!». |
6656 | JDG 5:31 | ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ئەنە شۇنداق يوقۇتۇلغاي! لېكىن سېنى سۆيگەنلەر قۇياشنىڭ ئۆرلەۋاتقاندىكى قۇدرىتىدەك كۈچلۈك بولغاي!». شۇنىڭ بىلەن زېمىن قىرىق يىلغىچە تىنچ-ئامانلىق تاپتى. |
7252 | 1SA 2:10 | پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقانلار پارە-پارە قىلىۋېتىلىدۇ؛ ئۇ ئۆزى ئاسمانلاردىن ئۇلارغا قارشى گۈلدۈرلەيدۇ. پەرۋەردىگار يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ئۇ ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا قۇدرەت بېرىدۇ، ئۇ ئۆزى مەسىھلىگىنىنىڭ مۈڭگۈزىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ!». |
8094 | 2SA 3:10 | ــ يەنى، پادىشاھلىقنى سائۇلنىڭ جەمەتىدىن يۆتكەپ، داۋۇتنىڭ تەختىنى داندىن بەئەر-شېباغىچە پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە تىكلىمىسەم!». |
9041 | 1KI 8:53 | چۈنكى سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن چىقارغىنىڭدا ئۆز قۇلۇڭ مۇسا ئارقىلىق ئېيتقىنىڭدەك، سەن خەلقىڭنى ئۆزۈڭگە خاس مىراسىڭ بولسۇن دەپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئەللەر ئارىسىدىن ئۇلارنى ئايرىم ئېلىپ تاللىدىڭ، ئى رەب پەرۋەردىگار!». |
9049 | 1KI 8:61 | شۇنداقلا بۈگۈن قىلغىنىڭلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە مېڭىشقا ۋە ئەمرلىرىنى تۇتۇشقا قەلبىڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا مۇكەممەل بولغاي!». |
9358 | 1KI 18:14 | ئەمدى سەن ھازىر ماڭا: ــ «بېرىپ غوجاڭغا: ــ مانا ئىلىياس كەلدى دېگىن»، ــ دېدىڭ. شۇنداق قىلسام ئۇ مېنى ئۆلتۈرىدۇ!». |
9800 | 2KI 10:3 | ئۆز غوجاڭلارنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ، ئۆز ئاتىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپ، غوجاڭلارنىڭ جەمەتى ئۈچۈن سوقۇشقا چىقىڭلار!». |
10053 | 2KI 18:25 | مەن مۇشۇ يەرنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارسىز كەلدىممۇ؟ چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا: «مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىشقا چىققىن» ــ دېدى!». |
10084 | 2KI 19:19 | ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا سېنىڭ، پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن!». |
10856 | 1CH 16:31 | ئاسمانلار شادلانسۇن، ۋە يەر-جاھان خۇش بولسۇن، ئەللەر ئارىسىدا ئېلان قىلىنسۇن: ــ «پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ!». |
11158 | 1CH 28:10 | ئەمدى سەن كۆڭۈل قويغىن، پەرۋەردىگار مۇقەددەسخانا قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆينى سېلىشقا سېنى تاللىدى؛ باتۇر بول، ئۇنى ئادا قىل!». |
11329 | 2CH 6:42 | ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن؛ قۇلۇڭ داۋۇتقا كۆرسەتكەن ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن!». |
12161 | EZR 6:5 | ئەسلىدە نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ بابىلغا ئاپىرىپ قويغان، خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇپ كېلىنىپ، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا قايتىدىن يەتكۈزۈلۈپ، ھەربىرى ئۆز جايىغا قويۇلسۇن؛ ئۇلار خۇدانىڭ ئۆيىگە قۇيۇلسۇن!». |
12415 | NEH 6:9 | ئەمەلىيەتتە، ئۇلار: «مۇشۇنداق قىلساق ئۇلارنىڭ قولى ماغدۇرسىزلىنىپ، قۇرۇلۇش ئىشى ئادا قىلىنماي قالىدۇ!» دەپ ئويلاپ بىزنى قورقاتماقچى ئىدى. ــ «ئەمدى مېنىڭ قولۇمنى ئىشتا تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەيسەن!». |
12420 | NEH 6:14 | ــ «ئاھ خۇدا، توبىيا بىلەن سانباللاتنى ئېسىڭدا تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىغا يارىشا ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن، شۇنداقلا مېنى قورقاتماقچى بولغان ئايال پەيغەمبەر نوئادىيا بىلەن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ قىلغانلىرىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن!». |
12704 | NEH 13:29 | ــ «ئى خۇدايىم، سەن ئۇلارنى يادىڭدا تۇتقايسەن، چۈنكى ئۇلار كاھىنلىققا داغ تەگكۈگۈچىلەر، كاھىنلىق ھەم لاۋىيلارغا تەۋە ئەھدىنىمۇ بۇلغىغۇچىلاردۇر!». |
12706 | NEH 13:31 | مەن يەنە ئۆز ۋاقتىدا ئوتۇن-ياغاچ ئېلىپ كېلىنىشى ۋە دەسلەپكى ھوسۇلنى يەتكۈزۈپ تۇرۇشقىمۇ ئادەم ئورۇنلاشتۇردۇم. «ئاھ خۇدايىم، مېنى يادىڭدا تۇتۇپ، ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن!». |
12782 | EST 4:16 | «سەن بېرىپ، شۇشاندىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغقىن؛ مېنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ يېمەڭلار، ھېچ ئىچمەڭلار؛ مەن ھەم دېدەكلىرىممۇ شۇنداق روزا تۇتىمىز. ئاندىن كېيىن مەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن، ماڭا ئۆلۈم كەلسە، ئۆلەي!». |
12934 | JOB 3:26 | مەندە ھېچ ئاراملىق يوقتۇر! ھەم ھېچ خاتىرجەم ئەمەسمەن! ھېچ تىنچ-ئامانلىقىم يوقتۇر! بىراق پاراكەندىچىلىك ھامان ئۈستۈمگە چۈشمەكتە!». |
12955 | JOB 4:21 | ئۇلارنىڭ چېدىر تانىسى يۇلۇپ تاشلانغانغۇ؟ ئۇلار ھېچ دانالىققا تېخى ئېرىشمەيلا ئۆلۈپ كېتىدۇ!». |
13110 | JOB 10:20 | مېنىڭ ئازغىنە كۈنلىرىم تۈگەي دېگەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا مەن بارسا كەلمەس يەرگە بارغۇچە، ــ قاراڭغۇلۇق، ئۆلۈم سايە بولغان زېمىنغا، ــ زۇلمەت بىر زېمىنغا، يەنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنىغا، ئۆلۈم سايىسىنىڭ زېمىنىغا، تەرتىپسىز، ھەتتا ئۆز نۇرى قاپقاراڭغۇ قىلىنغان شۇ زېمىنغا بارغۇچە، ماڭا ئازراق جان كىرىش ئۈچۈن، ئىشىڭنى بىر دەقىقە توختات، مەندىن نېرى بول!». |
13124 | JOB 11:12 | «ئىنسان تۇغۇلۇپ بىر ياۋا ئېشەكنىڭ تەخىيىگە ئايلانغۇچە، نادان ئادەم دانا بولۇر!». |
13882 | JOB 40:14 | شۇنداق قىلالىساڭ، مەن سېنى ئېتىراپ قىلىپ ماختايمەنكى، «ئوڭ قولۇڭ ئۆزۈڭنى قۇتقۇزىدۇ!». |
14460 | PSA 36:2 | نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي: ــ رەزىل ئادەمنىڭ ئاسىيلىقى مېنىڭ قەلبىمدە بىر بېشارەتنى پەيدا قىلىدۇ: ــ «ئۇنىڭ نەزىرىدە خۇدادىن قورقىدىغان ئىش يوقتۇر!». |
14780 | PSA 55:9 | بوران-چاپقۇنلاردىن، قارا قۇيۇندىن قېچىپ، پاناھگاھغا ئالدىرار ئىدىم!». |
15089 | PSA 73:14 | بىكارغا كۈن بويى جاپا چېكىپتىمەن؛ شۇندىمۇ ھەر سەھەردە ۋىجداننىڭ ئەيىبىگە ئۇچراپ كەلدىم!». |
15137 | PSA 75:11 | «مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!». |
15417 | PSA 89:27 | ئۇ مېنى چاقىرىپ دەيدۇكى: ــ «سەن مېنىڭ ئاتام، مېنىڭ تەڭرىم، نىجاتلىقىم بولغان قورام تېشىمدۇرسەن!». |
15616 | PSA 102:29 | قۇللىرىڭنىڭ بالىلىرىمۇ تۇرىۋېرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ھۇزۇرىڭدا مەزمۇت ياشايدۇ!». |
15819 | PSA 108:10 | موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇمدۇر؛ ئېدومغا چورۇغۇمنى تاشلايمەن؛ مەن فىلىستىيە ئۈستىدىن تەنتەنە قىلىمەن!». |
17626 | SNG 2:2 | «تىكەن-جىغانلار ئارىسىدىكى نىلۇپەردەك، مانا ئىنسان قىزلىرى ئارىسىدا مېنىڭ ئامرىقىم شۇنداقتۇر!». |
17641 | SNG 2:17 | «تاڭ ئاتقۇچە، كۆلەڭگىلەر قېچىپ يوقىغۇچە، ماڭا قاراپ بۇرۇلۇپ كەلگىن، ئى سۆيۈملۈكۈم، ھىجرانلىق تاغلىرى ئۈستىدىن سەكرەپ كېلىدىغان جەرەن ياكى بۇغىدەك بولغىن!». |
17713 | SNG 8:3 | ئۇنىڭ سول قولى بېشىم ئاستىدا بولاتتى، ئۇنىڭ ئوڭ قولى مېنى سىلايتتى!». |
17760 | ISA 2:5 | ــ «ئى ياقۇپ جەمەتىدىكىلەر، كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى!». |
17887 | ISA 8:10 | پىلانىڭلارنى تۈزىۋېرىڭلار، ئۇ بىكارغا كېتىدۇ؛ مەسلىھەتىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار، ئۇمۇ ئاقمايدۇ؛ سەۋەبى ــ ئىممانۇئېل!». |
18043 | ISA 16:4 | «ئى زىئون قىزى، سايىڭىزنى چۈشۈرۈپ چۈشتىكى يورۇقلۇقنى تۈن قاراڭغۇسىدەك قىلىڭ، شۇ غېرىبلارنى يوشۇرۇپ قويغايسىز؛ قوغلانغانلارنى ئاشكارىلاپ قويمىغايسىز! مېنىڭ موئابدىكى مۇساپىرلىرىمنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە تۇرغۇزغايسىز، ئۇلار ئۈچۈن ۋەيران قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا باشپاناھ بولغايسىز!». |
18106 | ISA 21:1 | «دېڭىزنىڭ چۆل-باياۋىنى» توغرىسىدا يۈكلەنگەن بىر ۋەھىي: ــ «جەنۇب تەرەپتە قويۇنتازلار ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك، دەھشەتلىك زېمىندىن بىر نېمىلەر كېلىۋاتىدۇ!». |
18114 | ISA 21:9 | ــ ۋە مانا، ئۇ جەڭ ھارۋىلىرى جۈپ-جۈپ ئاتلىق ئەسكەرلەر بىلەن كېلىۋاتىدۇ!» ۋە يەنە جاۋاب بېرىپ شۇنداق دېگەن: ــ بابىل بولسا يىقىلدى، يىقىلىپ چۈشتى، ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ھەربىر ئويما مەبۇدلىرىنى يەرگە تاشلاپ پارە-پارە قىلىۋەتتى!». |
18415 | ISA 36:15 | ئۇنىڭ سىلەرنى: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى جەزمەن قۇتقۇزىدۇ؛ مۇشۇ شەھەر ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ» دەپ پەرۋەردىگارغا تاياندۇرۇشىغا يول قويماڭلار!». |
18442 | ISA 37:20 | ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا سېنىڭ، پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن!». |
18480 | ISA 38:20 | پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزۇشقا نىيەت باغلىغاندۇر؛ بىز بولساق، قالغان ئۆمرىمىزدە ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ساز چېلىپ مەدھىيە ناخشلىرىمنى ئېيتىمىز!». |
18495 | ISA 40:5 | پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى كۆرۈنىدۇ، ۋە بارلىق تەن ئىگىلىرى ئۇنى تەڭ كۆرىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ئاغزى شۇنداق سۆز قىلغان!». |
18626 | ISA 44:23 | ئى ئاسمانلار، ناخشا ئېيتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار شۇ ئىشنى قىلغان! ئى يەرنىڭ تېگىلىرى، شادلىنىپ، ياڭراڭلار! ئى تاغلار، ئورمانلار ۋە ئۇلاردىكى ھەربىر دەرەخلەر، ياڭرىتىپ ناخشىلار ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدى، ئۇ ئىسرائىل ئارقىلىق گۈزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ!». |
18646 | ISA 45:15 | «ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، نىجاتكار، دەرھەقىقەت ئۆزىنى يوشۇرۇۋالغۇچى بىر تەڭرىدۇرسەن!». |
18705 | ISA 48:21 | ئۇلار چۆل-باياۋانلاردىن ئۆتكەندە ھېچ ئۇسساپ قالمىدى؛ ئۇ سۇلارنى تاشتىن ئاققۇزۇپ بەردى؛ بەرھەق، ئۇ تاشنى يارغۇزدى، سۇلار ئۇنىڭدىن ئۇرغۇپ چىقتى!». |
18743 | ISA 50:11 | مانا، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوت ياقىدىغان، ئەتراپىڭلارنى مەشئەللەر بىلەن ئورايدىغان ھەممىڭلار! قېنى، ئۆز ئوتۇڭلارنىڭ نۇرىدا، ئۆزۈڭلار ياققان مەشئەللەر ئارىسىدا مېڭىڭلار؛ بىراق سىلەر شۇنى قولۇمدىن ئالىسىلەركى: ــ «ئازاب-ھەسرەت ئىچىدە ياتىسىلەر!». |
18931 | ISA 62:7 | ئۇ يېرۇسالېمنى تىكلىگۈچە، ئۇنى يەر-جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا رەھمەت-مەدھىيىلەرنىڭ سەۋەبى قىلغۇچە، ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەڭلار!». |
19114 | JER 4:18 | سېنىڭ يولۇڭ ۋە قىلمىشلىرىڭ مۇشۇلارنى ئۆز بېشىڭغا چۈشۈردى؛ بۇ رەزىللىكىڭنىڭ ئاقىۋىتىدۇر؛ بەرھەق، ئۇ ئازابلىقتۇر، يۈرىكىڭگىمۇ سانجىيدۇ!». |
19238 | JER 8:16 | دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ خارتىلداشلىرى دان زېمىنىدىن تارتىپ ئاڭلانماقتا؛ ئايغىرلىرىنىڭ كىشنەشلىرى پۈتكۈل زېمىننى قورقىتىپ تەۋرەتمەكتە. ئۇلار زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممىنى، شەھەرنى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىشقا كېلىدۇ!». |
19254 | JER 9:9 | «تاغلاردىكى يايلاقلار ئۈچۈن يىغا ۋە نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن، دالادىكى ئوتلاقلار ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇيمەن؛ چۈنكى ئۇلار كۆيۈپ كەتتىكى، ھېچكىم ئۇ يەردىن ئۆتمەيدۇ؛ كالىلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ؛ ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ھەم ھايۋاناتلارمۇ قېچىپ، شۇ يەردىن كەتتى!». |
19281 | JER 10:11 | ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتمىغان ئىلاھلار، ئۇلار زېمىن يۈزىدىن ۋە ئاسمان ئاستىدىن يوقايدۇ!». |
19288 | JER 10:18 | چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن بۇ ۋاقىتتا زېمىندىكىلەرنى ئېلىپ ئۇ يەردىن چۆرىۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تونۇپ يەتكۈچە ئازار بېرىمەن!». |
19696 | JER 28:9 | تىنچلىق-ئاۋاتلىق توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەر بولسا، شۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، ئۇ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن پەيغەمبەر دەپ تونۇلغاندۇر!». |
20063 | JER 42:19 | پەرۋەردىگار سىلەر، يەنى يەھۇدانىڭ قالدىسى توغرۇلۇق: «مىسىرغا بارماڭلار!» ــ دېگەن. ــ ئەمدى شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن بۈگۈنكى كۈنىدە سىلەرنى ئاگاھلاندۇردۇم!». |
20332 | JER 51:51 | «بىز خىجالەتكە قالدۇق، چۈنكى ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق؛ شەرمەندىچىلىكتىن يۈزىمىز تۆكۈلدى؛ چۈنكى يات ئادەملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى مۇقەددەس جايلارغا بېسىپ كىردى!». |
20632 | EZK 5:17 | ۋە ئۈستۈڭلارغا ئۆز بالىلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلاردىن جۇدا قىلىدىغان ئاچارچىلىق ھەم يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئەۋەتىمەن؛ ۋابا كېسىللىرى ۋە قان تۆككۈچىلەر ئاراڭلارغا يامراپ كېتىدۇ؛ ئۈستۈڭلارغا قىلىچ چۈشۈرىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلدىم!». |
20950 | EZK 18:32 | چۈنكى ئۆلىدىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىدىن ماڭا ھۇزۇر يوقتۇر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ شۇڭا يولۇڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىپ ھايات بولۇڭلار!». |
21012 | EZK 21:4 | بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەنكى پەرۋەردىگار ئۇنى ياققانلىقىمنى كۆرۈپ يېتىدۇ؛ ئۇ ھېچقاچان ئۆچۈرۈلمەيدۇ!». |
21338 | EZK 32:21 | ئەمدى پالۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى باتۇر-ئەزىمەتلەر تەھتىسارانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ مىسىر ۋە ئۇنى قوللىغانلارغا سۆز قىلىدۇ: ــ«مانا، ئۇلار چۈشتى، ئۇلار جىم ياتىدۇ ــ خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر!». |
21943 | DAN 4:34 | ئەمدى مەنكى نېبوقادنەسار ئەرشتىكى پادىشاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن، ئۇنى تېخىمۇ ئۇلۇغلايمەن ۋە ئۇنى ئىززەتلەيمەن: ــ ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھەقتۇر، ئۇنىڭ يوللىرى توغرىدۇر؛ ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇق يولىدا ماڭغانلارنىڭ ھەيۋىسىنى چۈشۈرۈش قۇدرىتى باردۇر!». |
22076 | DAN 9:19 | ئى رەب، ئاڭلىغايسەن! ئى رەب، كەچۈرگەيسەن! قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ ئامال قىلغايسەن! ئۆزۈڭنىڭ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن ئەمدى تەخىر قىلمىغايسەن! چۈنكى سېنىڭ بۇ شەھىرىڭ ۋە بۇ خەلقىڭ ئۆز نامىڭ ئاساسىدا ئاتالغانىدى!». |
22239 | HOS 6:3 | ۋە بىز ئۇنى بىلىدىغان بولىمىز! بىز پەرۋەردىگارنى تونۇش ھەم بىلىش ئۈچۈن ئىنتىلىپ قوغلايمىز! ئۇنىڭ بىزنى قۇتقۇزۇشقا چىقىشى تاڭ سەھەرنىڭ بولۇشىدەك مۇقەررەر؛ ئۇ يېنىمىزغا يامغۇردەك، يەر-زېمىننى سۇغىرىدىغان «كېيىنكى يامغۇر»دەك چۈشۈپ كېلىدۇ!». |
22423 | JOL 4:11 | ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەر، تېزدىن كېلىڭلار، ھەممىڭلار شۇ يەرگە جەم بولۇڭلار!». «ئۆزۈڭنىڭ كۈچلۈكلىرىڭنى ئاشۇ يەرگە چۈشۈرگەيسەن، ئاھ پەرۋەردىگار!» |
22681 | MIC 3:4 | بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىدۇ، بىراق ئۇ ئۇلارنى ئاڭلىمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىكى ھەر تۈرلۈك قەبىھلىكى ئۈچۈن، ئۇ چاغدا ئۇ يۈزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ يوشۇرىدۇ!». |
23973 | MAT 22:32 | «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» دېگەن شۇ سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر!». |
24778 | MRK 12:36 | چۈنكى داۋۇت ئۆزى مۇقەددەس روھتا مۇنداق دېگەنغۇ: ــ «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!». |
26181 | JHN 2:17 | بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلىرى زەبۇردا مۇنداق پۈتۈلگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى: «سېنىڭ مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم ئۆزۈمنى چۇلغىۋالدى!». |
26664 | JHN 12:15 | «قورقما، ئى زىئون قىزى! مانا، پادىشاھىڭ ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىۋاتىدۇ!». |
26677 | JHN 12:28 | ئاتا، نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىن!». شۇئان، ئاسماندىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ: ــ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈردۈم ۋە يەنە ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمەن!» ــ دېيىلدى. |
27054 | ACT 2:36 | شۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر شۇنى قەتئىي بىلسۇنكى، خۇدا سىلەر كرېستلىگەن دەل ئۇشبۇ ئەيسانى ھەم رەب ھەم مەسىھ قىلىپ تىكلىدى!». |
27620 | ACT 17:28 | چۈنكى بىز ئۇنىڭدا ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز ۋە ئۇنىڭدا ۋۇجۇدىمىز باردۇر؛ ئاراڭلاردىكى بەزى شائىرلار ئېيتقىنىدەك: «بىز ئۇنىڭ نەسلىدۇرمىز!». |
27832 | ACT 23:30 | كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قەستىدە يۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئاخبارات ماڭا مەلۇم قىلىنغاندا، دەرھال ئۇنى سىلىگە يوللاتتىم ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا شىكايەتلىرىنى ئېيتىشىنى بۇيرۇدۇم. خەير!». |
28098 | ROM 4:8 | پەرۋەردىگار گۇناھلىرى بىلەن ھېچ ھېسابلاشمايدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!». |
28462 | 1CO 1:31 | شۇنىڭدەك تەۋراتتا پۈتۈلگەندەك: «پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا رەبدىن پەخىرلىنىپ ماختىسۇن!». |
28840 | 1CO 15:54 | ئەمما چىرىپ كەتكۈچى چىرىماس ھاياتنى كىيگەندە، بۇ ئۆلگۈچى ئۆلمەسلىكنى كىيگەندە، شۇ چاغدا بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: «ئۆلۈم غەلىبە تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ يوقۇتۇلىدۇ!». |
29056 | 2CO 10:17 | ئەمما «پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا رەبدىن پەخىرلىنىپ ماختىشى كېرەك!». |
29778 | 1TI 1:15 | مۇشۇ سۆز ئىشەنچلىك ۋە ھەر ئادەم ئۇنى قوبۇل قىلىشى تېگىشلىكتۇر ــ «مەسىھ ئەيسا گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى!». مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىيىسىدۇرمەن! لېكىن دەل شۇ سەۋەبتىن مەسىھ ئەيسانىڭ ئەڭ ئەشەددىي گۇناھكار بولغان مېنى، كېيىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا مىسال قىلىپ مەندە ئۆزىنىڭ بارلىق سەۋر-تاقىتىنى ئايان قىلىشى ئۈچۈن، ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىلگەندۇر. |
30796 | REV 2:11 | قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ زىيىنىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ!». |
30971 | REV 12:12 | شۇنىڭ ئۈچۈن، شادلىنىڭلار، ئەي ئەرشلەر ۋە ئۇلاردا تۇرۇۋاتقالار! لېكىن ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي يەر ۋە دېڭىزلار! چۈنكى ئىبلىس ئۈستۈڭلارغا چۈشتى؛ ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەچ، غەزەپ-قەھرى بىلەن كەلدى!». |
31070 | REV 18:8 | بۇ ۋەجىدىن بىر كۈن ئىچىدىلا ئۇنىڭغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەر، يەنى ئۆلۈم، دەرد-ئەلەم ۋە ئاچارچىلىق كېلىدۇ، ئۇ ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى سوراق قىلغۇچى پەرۋەردىگار خۇدا قۇدرەتلىكتۇر!». |
31082 | REV 18:20 | ــ «ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن شادلىنىڭلار، ئەي ئەرش، ئەي مۇقەددەس بەندىلەر، روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر! چۈنكى خۇدا سىلەرنىڭ دەۋايىڭلاردىكى ھۆكۈمنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان!». |