1895 | EXO 14:5 | «ئۇ خەلق قېچىپ كەتتى» دەپ مىسىرنىڭ پادىشاھىغا خەۋەر بېرىلىۋىدى، پىرەۋن بىلەن ئەمەلدارلىرى خەلق توغرىسىدىكى قارارىدىن يېنىپ: «ئىسرائىللارنى قۇللۇقتىن قويۇۋەتكىنىمىز، بۇ زادى نېمە قىلغىنىمىز؟!» ــ دېيىشتى. |
9730 | 2KI 7:19 | ئەمما ھېلىقى ئەمەلدار خۇدانىڭ ئادىمىگە: ــ «مانا، ھەتتا پەرۋەردىگار ئاسمانغا تۈڭلۈك ئاچسىمۇ، ئۇنداق بىر ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟!» دېگەنىدى. ئۇ: ــ «سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن شۇنىڭدىن يېمەيسەن»، دېگەنىدى. |
13329 | JOB 19:28 | ئەگەر سىلەر: «ئىشنىڭ يىلتىزى ئۇنىڭدىدۇر، ئۇنى قانداق قىلىپ قىستاپ قوغلىۋېتەلەيمىز؟!» ــ دېسەڭلار، |
13406 | JOB 22:13 | بىراق سەن: «تەڭرى نېمىنى بىلىدۇ؟ ئۇ راست شۇنچە زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا بىرنېمىنى پەرق ئېتەلەمدۇ؟!» دەۋاتىسەن. |
17418 | ECC 2:15 | كۆڭلۈمدە: «ئەخمەقكە بولىدىغان ئىش ماڭىمۇ ئوخشاش بولىدۇ؛ ئەمدى مېنىڭ شۇنداق دانا بولۇشۇمنىڭ زادى نېمە پايدىسى؟!» ــ دېدىم. ئاندىن مەن كۆڭلۈمدە: «بۇ ئىشمۇ ئوخشاشلا بىمەنىلىكتۇر!» ــ دېدىم. |
17896 | ISA 8:19 | ــ باشقىلار سىلەرگە: ــ «بىز ۋىچىر-ۋىچىر، گۇدۇڭ-گۇدۇڭ قىلىدىغان «ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچى»لار ۋە داخانلاردىن يول سورايلى» ــ دېسە، سىلەر جاۋاب بېرىپ: ــ «بىر خەلقنىڭ ئۆز خۇداسىنى ئىزدەپ يول سورىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ تىرىكلەرنىڭ ئۆلۈكلەردىن يول سورىشى توغرىمۇ؟!» ــ دەڭلار. |
18008 | ISA 14:10 | ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ھالىڭمۇ بىزلەرنىڭكىدەك بوشاپ كەتتىمۇ؟ بىزگە ئوخشاش بولۇپ قالدىڭمۇسەن؟!» |
18771 | ISA 52:5 | (ئەمدى ھازىر خەلقىم پۇلسىز ئېلىپ كېلىنگىنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار) مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟ ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ئۇلارنى زار قاقشاتقان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شۇنداقلا نامىم بولسا كۈن بويى توختاۋسىز ھاقارەتلەنگەن تۇرسا، مېنىڭ كارىم بولمامدىكەن؟!» |
19228 | JER 8:6 | مەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم؛ لېكىن ئۇلار دۇرۇسلۇقنى سۆزلىمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىدىن: «مەن زادى نېمىلەرنى قىلىپ قويدۇم؟!» دەپ توۋا قىلىدىغان ھېچكىم يوق؛ ئات جەڭگە بۇرۇلۇپ ئېتىلغاندەك ھەربىرسى ئۆز يولىغا بۇرۇلۇپ ئېتىلىدۇ. |
19241 | JER 8:19 | «مانا، خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ ئىنتايىن يىراق يۇرتتىن كۆتۈرۈلگەن پەريادىنىڭ ساداسى! ئۇلار ــ «پەرۋەردىگار زىئوندا ئەمەسمۇ؟ زىئوننىڭ پادىشاھى ئۇ يەردە تۇرمامدۇ؟!» ــ دەيدۇ. نېمىشقا ئەمدى ئۇلار مېنى ئويما مەبۇدلىرى بىلەن، ئەرزىمەس يات نەرسىلەر بىلەن غەزەپلەندۈرىدۇ؟!» |
19466 | JER 18:13 | شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەللەر ئارىسىدىن: «كىم مۇشۇنداق ئىشنى ئاڭلاپ باققان؟!» دەپ سوراڭلار. «پاك قىز» ئىسرائىل دەھشەتلىك يىرگىنچلىك ئىشنى قىلغان! |
19522 | JER 21:13 | مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن، ئى جىلغا ئۈستىدە، تۈزلەڭلىكتىكى قىيادا ئولتۇرغۇچى، يەنى «كىم ئۈستىمىزگە چۈشۈپ ھۇجۇم قىلالىسۇن، كىم ئۆيلىرىمىزگە بېسىپ كىرەلىسۇن؟!» دېگۈچى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
21360 | EZK 33:11 | ئۇلارغا سۆزۈمنى يەتكۈزۈپ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن رەزىل ئادەمنىڭ ئۆلۈمىدىن ھېچ خۇرسەنلىكىم يوقتۇر؛ پەقەت ئۇلارنى رەزىل يولىدىن يېنىپ ھاياتقا ئېرىشسۇن دەيمەن؛ رەزىل يوللىرىڭلاردىن يېنىڭلار، يېنىڭلار! نېمىشقا ئۆلگۈڭلار كېلىدۇ، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟!» ــ دېگىن. |
22582 | OBA 1:3 | ھەي تىك قىيانىڭ يېرىقلىرى ئىچىدە تۇرغۇچى، تۇرالغۇسى يۇقىرى بولغۇچى، كۆڭلۈڭدە: «كىم مېنى يەرگە چۈشۈرەلىسۇن؟!» دېگۈچى، كۆڭلۈڭدىكى تەكەببۇرلۇق ئۆزۈڭنى ئالداپ قويدى! |
23829 | MAT 18:33 | مەن ساڭا ئىچ ئاغرىتقىنىمدەك، سەنمۇ چاكار بۇرادىرىڭگە ئىچ ئاغرىتىشىڭغا توغرا كەلمەمدۇ؟!» دەپتۇ. |
26428 | JHN 7:31 | لېكىن خالايىق ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ئۇلار: «مەسىھ كەلگەندە بۇ كىشى كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەردىن ئارتۇق مۆجىزە يارىتالارمۇ؟!» دېيىشتى. |
26990 | JHN 21:23 | بۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار ئارىسىدا «ھېلىقى مۇخلىس ئۆلمەيدۇ» دېگەن گەپ تارقالدى. لېكىن ئەيسا پېترۇسقا: «ئۇ ئۆلمەيدۇ» دېمىگەنىدى، بەلكى پەقەت: «ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟!» دېگەنىدى. |
28841 | 1CO 15:55 | «ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ نەشتىرىڭ قېنى؟! ئاھ، ئۆلۈم، سېنىڭ غەلىبەڭ قېنى؟!» |