|
94 | مانا، سەن بۈگۈن مېنى يەر يۈزىدىن قوغلىدىڭ، مەن ئەمدى سېنىڭ يۈزۈڭدىن يوشۇرۇنۇپ يۈرىمەن؛ يەر يۈزىدە سەرسەن بولۇپ سەرگەردانلىقتا يۈرىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، كىملا مېنى تېپىۋالسا، ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ!، ــ دېدى. | |
524 | شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىبراھىمغا: ــ بۇ دېدەك بىلەن ئوغلىنى ھەيدىۋەت! چۈنكى بۇ دېدەكنىڭ ئوغلى مېنىڭ ئوغلۇم ئىسھاق بىلەن تەڭ ۋارىس بولسا بولمايدۇ!، ــ دېدى. | |
1273 | ئاندىن كىچىك ئىنىڭلارنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن سۆزلىرىڭلار ئىسپاتلانسا، ئۆلمەيسىلەر!، ــ دېدى. ئۇلار شۇنداق قىلىدىغان بولدى. | |
6984 | ئۇ ئانىسىغا: ــ سېنىڭ ھېلىقى بىر مىڭ بىر يۈز كۈمۈش تەڭگەڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنىدى؛ سەن تەڭگىلەرنى قارغىدىڭ ۋە بۇنى ماڭا دەپ بەردىڭ. مانا، كۈمۈش مەندە، ئۇنى مەن ئالغاندىم، دېۋىدى، ئانىسى: ــ ئەي ئوغلۇم، پەرۋەردىگار سېنى بەرىكەتلىگەي!، ــ دېدى. |