Wildebeest analysis examples for:   uig-uigara   Word-Word،    February 25, 2023 at 01:27    Script wb_pprint_html.py   by Ulf Hermjakob

24  GEN 1:24  خۇدا يەنە: «يەر جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە چىقارسۇن ــ مال-چارۋىلارنى، ئۆمۈلىگۈچى جانىۋارلارنى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئاپىرىدە قىلسۇن» ــ دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى.
26  GEN 1:26  ئاندىن خۇدا: «ئۆز سۈرەت-ئوبرازىمىزدا، بىزگە ئوخشايدىغان قىلىپ ئىنساننى يارىتايلى. ئۇلار دېڭىزدىكى بېلىقلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، بارلىق مال-چارۋىلارغا، پۈتكۈل يەر يۈزىگە ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن» دېدى.
28  GEN 1:28  خۇدا ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سىلەر نەسىللىنىپ، كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇپ بويسۇندۇرۇڭلار؛ دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، شۇنىڭدەك يەر يۈزىدە يۈرىدىغان ھەربىر ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىڭلار» دېدى.
36  GEN 2:5  زېمىندا تېخى ھېچ گۈل-گىياھ، يەردە ھېچ ئوتياش ئۈنمىگەنىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا يەر يۈزىگە ھۆل-يېغىن ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى.
51  GEN 2:20  بۇ تەرىقىدە ئادەم ھەممە مال-چارۋىلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالادىكى ھەربىر جانىۋارلارغا ئات قويدى؛ ۋەھالەنكى، ئادەم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھېچبىر ياردەمچى ھەمراھ ئۇچراتمىدى.
70  GEN 3:14  پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا مۇنداق دېدى: ــ «بۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن، سەن ھەممە مال-چارۋىلاردىن، دالادىكى بارلىق ھايۋاناتلاردىن بەكرەك لەنەتكە قالىسەن؛ قورسىقىڭ بىلەن بېغىرلاپ مېڭىپ، ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە توپا يەيسەن.
145  GEN 6:7  بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار: ــ ئۆزۈم ياراتقان ئىنساننى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن ــ ئىنساندىن تارتىپ مال-چارۋىلارغىچە، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلاردىن ئاسماندىكى قۇشلارغىچە، ھەممىسىنى يوق قىلىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى ياراتقىنىمغا پۇشايمەن قىلدىم، ــ دېدى.
174  GEN 7:14  ئۇلار بىلەن بىللە ھەرخىل ياۋا ھايۋانلار تۈر-تۈرى بويىچە، ھەرخىل مال-چارۋىلار تۈر-تۈرى بويىچە، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھەرخىل جانىۋارلار تۈر-تۈرى بويىچە ۋە ھەرخىل ئۇچار-قاناتلار، يەنى ھەرخىل قاناتلىق جانىۋارلار تۈر-تۈرى بويىچە كېمىگە كىردى.
181  GEN 7:21  بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدە يۈرگۈچى ھەممە ئەت ئىگىلىرى، ئۇچار-قۇشلار، مال-چارۋىلار، ياۋايى ھايۋانلار، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھەممە جانىۋارلار، جۈملىدىن پۈتكۈل ئادەملەر ھەممىسى ئۆلدى؛
201  GEN 8:17  ئۆزۈڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ئەت ئىگىلىرىدىن ھەربىر تۈردىكى جانىۋارلارنى، يەنى ئۇچار-قاناتلارنى ھەم مال-چارۋىلارنى، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭ بىلەن قوشۇپ كېمىدىن ئېلىپ چىققىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ، نەسىللىنىپ زېمىندا كۆپەيسۇن، ــ دېدى.
203  GEN 8:19  جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى، بارلىق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار، بارلىق ئۇچار-قاناتلار، يەردە مىدىرلاپ يۈرىدىغانلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز تۈرلىرى بويىچە كېمىدىن چىقىشتى.
214  GEN 9:8  ئاندىن خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا ئۆزۈم سىلەر بىلەن ۋە سىلەردىن كېيىن كېلىدىغان ئەۋلادلىرىڭلار بىلەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە تۇرغان ھەربىر جان ئىگىسى، ئۇچارقاناتلار، مال-چارۋىلار، سىلەر بىلەن بىللە تۇرغان يەر يۈزىدىكى ھەربىر ياۋايى ھايۋانلار، كېمىدىن چىققانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ــ يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ھايۋاننى قالدۇرماي، ئۇلار بىلەن ئۆز ئەھدەمنى تۈزىمەن
246  GEN 10:11  ئۇ بۇ زېمىندىن ئاشۇر زېمىنىغا چىقىپ نىنەۋە، رەھوبوت-ئىر، كالاھ ۋە نىنەۋە بىلەن كالاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسەن دېگەن شەھەرلەرنىمۇ بىنا قىلدى (بۇلار قوشۇلۇپ «كاتتا شەھەر» بولدى).
307  GEN 12:8  ئاندىن ئۇ بۇ يەردىن يۆتكىلىپ، بەيت-ئەلنىڭ شەرقىدىكى تاغقا باردى؛ غەرب تەرىپىدە بەيت-ئەل، شەرق تەرىپىدە ئايى دېگەن جاي بار ئىدى؛ ئۇ شۇ يەردە چېدىر تىكتى. ئۇ شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى.
315  GEN 12:16  پىرەۋن ساراينىڭ سەۋەبىدىن ئابرامغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوي، كالا، ھاڭگا ئېشەكلەر، قۇل-دېدەكلەر، مادا ئېشەكلەر ۋە تۆگىلەرگە ئېرىشتى.
322  GEN 13:3  ئۇ كۆچۈپ يۈرۈپ، جەنۇبتىكى نەگەۋدىن بەيت-ئەلگە، يەنى بەيت-ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىدە چېدىر تىككەن جايغا،
353  GEN 14:16  پۈتكۈل ئولجا ئالغان مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇۋالدى؛ ئۆز قېرىندىشى لۇتنى، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ۋە خوتۇن-قىزلىرىنى، شۇنداقلا بارلىق قالغان ئادەملەرنى ياندۇرۇپ كەلدى.
361  GEN 14:24  شۇڭا يىگىتلىرىمنىڭ يېگەن-ئىچكىنى، شۇنداقلا ماڭا ھەمراھ بولغانلار، يەنى ئانەر، ئەشكول ۋە مامرەلەرگە تېگىشلىك ئۈلۈشتىن باشقا، مەن غەنىيمەتتىن ھېچنەرسە ئالمايمەن؛ شۇلار ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئالسۇن، ــ دېدى.
510  GEN 20:14  ئاندىن ئابىمەلەك قوي-كالىلار، قۇللار ۋە دېدەكلەرنى ئېلىپ ئۇلارنى ئىبراھىمغا بەردى ۋە ئايالى ساراھنىمۇ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردى.
574  GEN 23:2  ساراھ قانائان زېمىنىدىكى كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروندا ۋاپات بولدى. ئىبراھىم بېرىپ ساراھ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار قىلدى.
646  GEN 24:54  ئاندىن ئۇ ۋە ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ، شۇ يەردە قونۇپ قالدى. ئەتىسى سەھەردە قوپۇپ، ئۇ ئۇلارغا: مېنى خوجامنىڭ قېشىغا يولغا سېلىپ قويۇڭلار، دېۋىدى،
717  GEN 26:24  پەرۋەردىگار شۇ كېچىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: ــ مەن بولسام ئاتاڭ ئىبراھىمنىڭ خۇداسىدۇرمەن؛ قورقمىغىن، چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللىمەن، سېنى بەخت-بەرىكەتلەپ، نەسلىڭنى قۇلۇم ئىبراھىمنىڭ سەۋەبىدىن ئاۋۇتىمەن، ــ دېدى.
776  GEN 28:2  بەلكى قوپۇپ، پادان-ئارامغا، ئاناڭنىڭ ئاتىسى بېتۇئەلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن ئاناڭنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزلىرىدىن خوتۇن ئالغىن.
777  GEN 28:3  ھەممىگە قادىر تەڭرى سېنى بەخت-بەرىكەتلەپ، ئاۋۇتۇپ، سەندىن كۆپ خەلقلەرنى چىقىرىپ كۆپەيتكەي،
779  GEN 28:5  شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى يولغا سالدى. ئۇ پادان-ئارامغا، ئارامىي بېتۇئەلنىڭ ئوغلى، ياقۇپ بىلەن ئەساۋنىڭ ئانىسى رىۋكاھنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قېشىغا قاراپ ماڭدى.
916  GEN 31:42  ئەگەر ئاتامنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، يەنى ئىسھاقنىڭ قورقۇنچىسى بولغاننىڭ ئۆزى مەن بىلەن بىللە بولمىسا ئىدى، سەن جەزمەن مېنى قۇرۇق قول قىلىپ قايتۇرۇۋېتەتتىڭ. لېكىن خۇدا مېنىڭ تارتقان جەبىر-جاپالىرىمنى، قوللىرىمنىڭ مۇشەققىتىنى كۆرۈپ تۈنۈگۈن كېچە ساڭا تەنبىھ بەردى، ــ دېدى.
1004  GEN 34:23  شۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ مال-تەئەللۇقاتى، ھەممە چارپايلىرى بىزنىڭكى بولمامدۇ؟ بىز پەقەت ئۇلارغا ماقۇل دېسەكلا، ئۇلار ئارىمىزدا تۇرىدۇ، ــ دېدى.
1009  GEN 34:28  ئۇلارنىڭ قوي-كالا، ئېشەكلىرىنى، شەھەردىكى ھەممىنى، ئېتىزلىقلاردىكى ھەممىنى ئېلىپ كەتتى،
1010  GEN 34:29  شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى بۇلاپ-تالاپ، بارلىق خوتۇن-بالىلارنى ئەسىر قىلىپ، ئۆي ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ كەتتى.
1039  GEN 35:27  ئەمدى ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قېشىغا، ئىبراھىم ۋە ئىسھاق مۇساپىر بولۇپ تۇرغان كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروننىڭ يېنىدىكى مامرەگە كەلدى.
1047  GEN 36:6  ئەساۋ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرى، ئۆيىدىكى ھەممە كىشىلىرىنى ۋە چارپايلىرىنى، بارلىق ئۇلاغلىرىنى، شۇنداقلا قانائان زېمىنىدا تاپقان بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ، ئىنىسى ياقۇپتىن ئايرىلىپ، باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈپ كەتتى.
1081  GEN 36:40  ئەساۋنىڭ نەسلىدىن بولغان ئەمىرلەر ئۇلارنىڭ ئات-ئىسىملىرى، جەمەتلىرى، نەسەبنامىلىرى ۋە تۇرغان جايلىرى بويىچە: ئەمىر تىمنا، ئەمىر ئالۋاھ، ئەمىر يەھەت، ئەمىر ئوھولىباماھ، ئەمىر ئېلاھ، ئەمىر پىنون، ئەمىر كېناز، ئەمىر تېمان ۋە ئەمىر مىبزار، ئەمىر ماگدىيەل ۋە ئەمىر ئىراملار ئىدى. بۇلار ئېدومىيلارنىڭ ئەمىرلىرى بولۇپ، ئۆزلىرى ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقان جايلار ئۆز ناملىرى بىلەن ئاتالغانىدى. مانا شۇ تەرىقىدە ئەساۋ ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى.
1109  GEN 37:25  ئاندىن ئۇلار تاماق يېگىلى ئولتۇردى. ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئىسمائىللارنىڭ بىر كارۋىنى گىلېئاد تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. تۆگىلىرىگە دورا-دەرمەك، تۇتىيا ۋە مۇرمەككىلەر ئارتىلغان بولۇپ، مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتاتتى.
1116  GEN 37:32  ئاندىن ئۇزۇن يەڭلىك توننى ئاتىسىنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: ــ بۇنى بىز تېپىۋالدۇق؛ بۇ ئوغلۇڭنىڭ تونىمۇ-ئەمەسمۇ، ئۆزۈڭ كۆرۈپ باققىن، دېدى.
1168  GEN 39:18  لېكىن مەن قاتتىق ۋارقىراپ-جارقىردىم، ئۇ تونىنى قېشىمدا تاشلاپ، تاشقىرىغا قېچىپ كەتتى، ــ دېدى.
1302  GEN 43:11  ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئىسرائىل ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، مۇنداق قىلىڭلار: ــ ئۇ كىشىگە قاچا-قۇچاڭلارغا زېمىندىكى ئەڭ ئېسىل مېۋىلەردىن سوۋغات ئالغاچ بېرىڭلار: يەنە ئازغىنا تۇتىيا، ئازراق ھەسەل، دورا-دەرمانلار، مۇرمەككى، پىستە ۋە باداملارنى ئالغاچ بېرىڭلار.
1336  GEN 44:11  شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ، تاغارلىرىنى يەرگە چۈشۈرۈپ، ھەربىرى ئۆز تاغىرىنى ئېچىپ بەردى.
1419  GEN 46:32  بۇ ئادەملەر پادىچىلار بولۇپ، مال بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، قوي-كالىلىرى، شۇنداقلا بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ كەلدى» دەپ ئېيتاي.
1422  GEN 47:1  يۈسۈپ پىرەۋننىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئاتام بىلەن قېرىنداشلىرىم قوي-كالىلىرى، شۇنداقلا ھەممە مال-مۈلۈكلىرىنى بىللە ئېلىپ قانائان زېمىنىدىن كەلدى. مانا، ئۇلار ھازىر گوشەن يۇرتىغا چۈشتى، دەپ خەۋەر بېرىپ،
1477  GEN 49:3  ئەي رۇبەن، سەن مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمسەن، كۈچ-قۇدرىتىمسەن، كۈچۈم بار ۋاقتىمنىڭ تۇنجى مېۋىسىدۇرسەن، سالاپەت ۋە قۇدرەتتە ئالدى ئىدىڭ،
1714  EXO 7:28  دەريادا توپ-توپ پاقىلار پەيدا بولۇپ، دەريادىن چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ئورۇن-كۆرپەڭگە، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىۋالىدۇ، شۇنىڭدەك خەلقىڭنىڭ ئۇچىسىغا، تونۇر ۋە تەڭنىلىرىڭگە يامىشىپ چىقىۋالىدۇ.
1746  EXO 9:3  مانا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئېتىزلىقتىكى چارپايلىرىڭنىڭ ئۈستىگە، ئات-ئېشەكلەر، تۆگىلەر، ۋە قوي-كالىلىرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋابا كەلتۈرىدۇ.
1784  EXO 10:6  ئۇلار ئوردا-سارايلىرىڭغا، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ سارايلىرى، شۇنداقلا بارلىق مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيلىرىگە تولۇپ كېتىدۇ؛ بۇنداق ئاپەتنى ئاتا-بوۋاڭلىرىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ يەر يۈزىدە ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ كۆرۈپ باقمىغان» ــ دېدى-دە، بۇرۇلۇپ پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى.
1789  EXO 10:11  يوقسۇ، بۇنداق قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ! پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا پەقەت ئاراڭلاردىن ئەر كىشىلەرلا بارسۇن! چۈنكى سىلەرنىڭ تەلىپىڭلار دەل شۇ ئەمەسمىدى! ــ دېدى-دە، ئۇلار پىرەۋننىڭ ئالدىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.
1815  EXO 11:8  ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا تەزىم قىلىپ: «سىلى ئۆزلىرى ۋە سىلىگە ئەگەشكەن بارلىق قوۋملىرى چىقىپ كېتىشكەيلا!» دەپ ئېيتىدۇ، ئاندىن چىقىپ كېتىمەن» ــ دېدى-دە، قاتتىق غەزەپ بىلەن پىرەۋننىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى.
2070  EXO 20:18  پۈتكۈل خەلق گۈلدۈرمامىلارنى، چېقىن-يالقۇنلارنى، كاناينىڭ ئاۋازى ۋە تاغدىن ئۆرلەپ چىققان ئىس-تۈتەكلەرنى كۆردى ۋە ئاڭلىدى؛ ئۇلار بۇلارنى كۆرۈپ، تىترىشىپ يىراق تۇرۇشتى
2088  EXO 21:10  ئەگەر خوجىسى يەنە خوتۇن ئالسا، ئەسلىدە ئەمرىگە ئالغان دېدىكىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى، كىيىم-كېچىكىنى ۋە ئەر-خوتۇنچىلىق بۇرچىنى كېمەيتمىسۇن.
2202  EXO 25:6  چىراغ ئۈچۈن زەيتۇن مېيى، «مەسىھلەش مېيى» ۋە خۇشبۇي ئۈچۈن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر،
2225  EXO 25:29  شىرەگە يانداپ لېگەن، قاچا-تەخسە، پىيالە ۋە «شاراب ھەدىيەلىرى»نى چاچىدىغان قەدەھلەرنى ياسىغىن؛ ئۇلارنى ساپ ئالتۇندىن ياسىغىن.
2292  EXO 27:19  مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىش-خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ئەسۋاب-سايمانلىرى ھەمدە بارلىق مىق-قوزۇقلىرى، شۇنداقلا ھويلىنىڭ بارلىق مىق-قوزۇقلىرى مىستىن بولسۇن.
2329  EXO 28:35  ھارۇن خىزمەت قىلغان ۋاقتىدا شۇ توننى كىيسۇن؛ بۇنىڭ بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بارغاندا، يەنى مۇقەددەس جايغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كىرىپ-چىققاندا ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ-دە، ئۇ ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ.
2410  EXO 30:27  شىرە ۋە ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچىلىرىنى، چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، خۇشبۇيگاھنى،
2417  EXO 30:34  پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ سەن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، يەنى خۇشبۇي يېلىم، دېڭىز قۇلۇلىسى مېيى، ئاق دېۋىرقاي ۋە ساپ مەستىكى تەييارلىغىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش مىقداردا بولسۇن؛
2424  EXO 31:3  ئۇنى خۇدانىڭ روھى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا دانالىق، ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-ھېكمەت ئىگىلىتىپ، ئۇنى ھەرتۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا قابىلىيەتلىك قىلىپ،
2426  EXO 31:5  ياقۇتلارنى كېسىپ-ئويالايدىغان، ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا ئورنىتالايدىغان، ياغاچلارغا نەقىش چىقىرالايدىغان، ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنى قاملاشتۇرالايدىغان قىلدىم.
2429  EXO 31:8  شىرە بىلەن ئۇنىڭ قاچا-قۇچىلىرىنى، ساپ ئالتۇندىن ياسىلىدىغان چىراغدان بىلەن ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، خۇشبۇيگاھنى،
2445  EXO 32:6  ئەتىسى ئۇلار سەھەر قوپۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ كەلتۈردى؛ ئاندىن خالايىق ئولتۇرۇپ يەپ-ئىچىشتى، قوپۇپ ئەيش-ئىشرەت قىلىشتى.
2456  EXO 32:17  يەشۇئا خەلقنىڭ كۆتۈرگەن چۇقان-سۈرەنلىرىنى، ۋارقىراشلىرىنى ئاڭلاپ مۇساغا: ــ چېدىرگاھدىن جەڭنىڭ خىتابى چىقىۋاتىدۇ، دېدى.
2466  EXO 32:27  ئۇ ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەربىر كىشى ئۆز قىلىچىنى يانپىشىغا ئېسىپ، چېدىرگاھنىڭ ئىچىگە كىرىپ، بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە كېزىپ يۈرۈپ، ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنى، ئۆز دوست-بۇرادىرىنى، ئۆز قوشنىسىنى ئۆلتۈرسۇن!» ــ دېدى.
2503  EXO 34:6  پەرۋەردىگار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈپ: ــ «پەرۋەردىگار، پەرۋەردىگار، رەھىمدىل ۋە مېھىر-شەپقەتلىكتۇر، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، شاپائەت بىلەن ۋاپاسى كەڭ تەڭرىدۇر،
2540  EXO 35:8  چىراغدان ئۈچۈن زەيتۇن مېيى، «مەسىھلەش مېيى» بىلەن خۇشبۇي ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەر،
2550  EXO 35:18  چېدىرنىڭ مىخ-قوزۇقلىرىنى، ھويلىنىڭ مىخ-قوزۇقلىرىنى، شۇنداقلا بارلىق تانىلىرىنى،
2554  EXO 35:22  ئۇلار ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ كېلىپ، سۇنۇشقا كۆڭلى خۇش بولغانلارنىڭ ھەربىرى ھەدىيە كەلتۈرۈپ، بۇلاپكا، زىرە-ھالقا، ئۈزۈك، زۇننار-بىلەزۈك قاتارلىق ھەرخىل ئالتۇن بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى؛ ئالتۇننى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ بېرەي دېگەنلەرنىڭ ھەربىرى ئۇنى پەرۋەردىگارغا سۇندى.
2560  EXO 35:28  دورا-دەرمەكلەرنى، چىراغقا ۋە مەسىھلەش مېيىغا ئىشلىتىلىدىغان زەيتۇن مېيىنى، خۇشبۇيغا ئىشلىتىلىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەرنى كەلتۈردى.
2563  EXO 35:31  ئۇنى خۇدانىڭ روھى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا دانالىق، ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-ھېكمەت ئىگىلىتىپ، ئۇنى ھەرتۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا قابىلىيەتلىك قىلىپ،
2565  EXO 35:33  ياقۇتلارنى كېسىپ-ئويالايدىغان، زىننەت بۇيۇملىرىغا ئورنىتالايدىغان، ياغاچلارغا نەقىش چىقىرالايدىغان، ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنى قاملاشتۇرالايدىغان قىلدى.
2929  LEV 8:11  ئۇ مايدىن ئېلىپ قۇربانگاھقا يەتتە مەرتىۋە چېچىپ، قۇربانگاھ بىلەن ئۇنىڭ بارچە قاچا-قۇچىلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە تەگلىكىنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشقا مەسىھلىدى.
3011  LEV 11:13  ئۇچار-قاناتلاردىن تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە يىرگىنچلىكتۇر؛ ئۇلار يېيىلمەسلىكى كېرەك ۋە سىلەرگە يىرگىنچلىك بولسۇن: ــ يەنى بۈركۈت، قورۇلتاز-تاپقۇشلار، دېڭىز بۈركۈتى،
3044  LEV 11:46  شۇلار بولسا چارپاي بىلەن ئۇچار-قاناتلار، سۇدا يۈرىدىغان ھەربىر جانىۋار بىلەن يەر يۈزىدە ئۆمىلىگۈچى ھەربىر ئۇششاق جانىۋارلار توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىدۇر.
3102  LEV 13:49  شۇنداقلا كىيىم-كېچەك ياكى تېرە-خۇرۇمدا، ئۆرۈش يىپ ياكى ئارقاق يىپلىرىدا، يا تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىلەردە پەيدا بولغان ئىز-داغ يېشىلراق ياكى قىزغۇچ بولسا بۇ ئىز-داغ «پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى» دەپ قارىلىپ كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن.
3104  LEV 13:51  ئۇ يەتتىنچى كۈنى ئىز-داغغا قاراپ باقسۇن؛ ئىز-داغ چۈشكەن كىيىم-كېچەك، مەيلى ئارقاق يىپتا ياكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، ياكى تېرە-خۇرۇمدا ياكى تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە بولسۇن، ئۇ كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، بۇ ئىز-داغ چىرىتكۈچ پېسە-ماخاۋ كېسىلى دەپ ھېسابلىنىپ، ئۇلار ناپاك سانالسۇن.
3109  LEV 13:56  لېكىن ئەگەر كاھىن سەپسېلىپ قارىغاندا، مانا، داغنىڭ رەڭگى يۇيۇلغاندىن كېيىن سۇسلىشىپ كەتكەن بولسا، ئۇ شۇ قىسمىنى كىيىم-كېچەكتىن، ئۆرۈش يىپتىن ياكى ئارقاق يىپتىن بولسۇن، ياكى تېرە-خۇرۇمدىن بولسۇن ئۇنى يىرتىپ ئېلىپ، تاشلىۋەتسۇن.
3110  LEV 13:57  ئەگەر بۇ ئىز-داغ كىيىم-كېچەكتە، مەيلى ئارقاق يىپتا ياكى ئۆرۈش يىپتا بولسۇن، يا تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىدە كۆرۈنسۇن، بۇ كېڭىيدىغان بىرخىل پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى دەپ سانالسۇن؛ سەن ئۇ چاپلاشقان كىيىم-كېچەكنى كۆيدۈرۈۋەتكىن.
3261  LEV 18:9  سەن ئاچا-سىڭلىڭنىڭ، بىر ئاتىدىن بولغان ياكى بىر ئانىدىن بولغان، ياكى شۇ ئۆيدە تۇغۇلغان ياكى باشقا يەردە تۇغۇلغان بولسۇن، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە.
3263  LEV 18:11  سەن ئاتاڭنىڭ ئايالىنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ ئۇ ئاتاڭدىن تۇغۇلغان، سېنىڭ ئاچا-سىڭلىڭ، شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە.
3336  LEV 20:17  بىرسى ئاچا-سىڭلىسىنى، يەنى ئاتىسىدىن ياكى ئانىسىدىن بولغان قىزنى ئېلىپ، ئەۋرىتىگە تەگسە ۋە بۇ قىزمۇ ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسە ئۇياتلىق ئىش بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر-ئايال ئىككىسى ئۆز خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن؛ ئۇ ئۆز ئاچا ياكى سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەچكە، ئۆز قەبىھلىكى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ.
3345  LEV 20:26  سىلەر ماڭا خاس پاك-مۇقەددەس بولۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار پاك-مۇقەددەستۇرمەن، سىلەرنى ماڭا خاس بولسۇن دەپ بارلىق ئەللەردىن ئايرىم قىلغانمەن.
3392  LEV 22:22  كور ياكى ئاقساق-چولاق، چوناق ياكى يارىسى يىرىڭداپ كەتكەن، تەمرەتكە باسقان ياكى قوتۇر-چاقا بېسىپ قالغان ھايۋانلار بولسا ــ بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنساڭلار ياكى بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۈپىتىدە قۇربانگاھتا ئوتتا كۆيدۈرسەڭلار بولمايدۇ.
3440  LEV 23:37  سىلەر «مۇقەددەس سورۇنلار بولسۇن» دەپ جاكارلايدىغان، يەنى پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلار مانا شۇلاردۇر. شۇ سورۇنلاردا سىلەر ھەرقايسى كۈنگە بېكىتىلگىنى بويىچە، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىق، يەنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيە، باشقا ھەرخىل قۇربانلىقلار ۋە شاراب ھەدىيەلەرنى سۇنىسىلەر؛
3467  LEV 24:20  بىرەر ئەزاسى سۇندۇرۇۋېتىلگەن بولسا، ئۇنىڭمۇ سۇندۇرۇلسۇن؛ كۆزىگە-كۆز، چىشىغا-چىش ناكار قىلىنسۇن؛ باشقا كىشىنى قانداق زەخىملەندۈرگەن بولسا ئۇمۇ ھەم شۇنداق قىلىنسۇن.
3541  LEV 26:16  مەنمۇ بېشىڭلارغا شۇ ئىشلارنى چۈشۈرىمەنكى، ــ مەن سىلەرگە ۋەھىمە سېلىپ، كۆزۈڭلارنى كور قىلىدىغان، جېنىڭلارنى زەئىپلەشتۈرىدىغان سىل-ۋابا كېسىلى، كېزىك كېسىلىنى بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن. سىلەر ئۇرۇقۇڭلارنى بىكار چېچىپ-تېرىيسىلەر، چۈنكى دۈشمەنلىرىڭلار ئۇنى يەپ كېتىدۇ.
3623  NUM 1:18  ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پۈتكۈل جامائەتنى يىغدى؛ ئۇلار خەلقنىڭ ھەربىرىنىڭ قەبىلە-نەسەبى، ئاتا جەمەتى بويىچە ئىسمىنى ئاساس قىلىپ، يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تىزىملىدى.
3718  NUM 3:25  گەرشونلارنىڭ جامائەت چېدىرىدىكى ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۆزىدىكى ئاستىنقى ئىككى ياپقۇچ-پەردە، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يوپۇق ۋە جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشىك پەردىسىگە،
3724  NUM 3:31  ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، ئىككى قۇربانگاھ، شۇنىڭدەك مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان قاچا-قۇچا، پەردە ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە قاراش ئىدى.
3852  NUM 7:1  مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى تىكلىگەن كۈنى، ئۇ چېدىرنى مەسىھ قىلىپ مايلاپ مۇقەددەس قىلدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ئەسۋاب-جابدۇقلار، قۇربانگاھ ۋە ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلىرىنى مەسىھ قىلىپ مايلاپ مۇقەددەس قىلدى؛ شۈ كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىلنىڭ ئەمىرلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى بولغان، قەبىلە ئەمىرلىرى كېلىپ ھەدىيەلەرنى سۇندى؛ شۇ قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈش ئىشىغا نازارەت قىلغۇچىلار ئىدى.
3972  NUM 9:6  بىر نەچچەيلەن بىر ئۆلۈككە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار شۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمىدى-دە، ئۇلار شۇ كۈنى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇساغا: —
4094  NUM 13:18  ئۇ يەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى، ئاز ياكى كۆپلۈكىنى كۆرۈپ بېقىڭلار؛
4170  NUM 15:16  سىلەرگىمۇ، ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغىمۇ ئوخشاش بىر قانۇن-بەلگىلىمە، ئوخشاش بىر ھۆكۈم بولسۇن.
4198  NUM 16:3  ئۇلار يىغىلىپ مۇساغا قارشى ھەم ھارۇنغا قارشى چىقىپ: — سىلەر ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار، پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، شۇنداق تۇرۇغلۇق سىلەر نېمە دەپ ئۆزۈڭلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىدىن ئۈستۈن قويۇسىلەر؟ — دېدى.
4355  NUM 21:14  شۇڭا «پەرۋەردىگارنىڭ جەڭنامىسى» دېگەن كىتابتا: — «سۇفاھدىكى ۋاھەب ۋە دەريا-ۋادىلىرى، ئارنون دەرياسى ۋە جىلغىلىرىنىڭ يانباغىرلىرى، ئارنىڭ تۇرالغۇسىغىچە يېتىپ، موئابنىڭ چېگرىسىغا چۈشىدۇ» دەپ پۈتۈلگەنىدى›.
4479  NUM 25:7  كاھىن ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس بۇنى كۆرۈپ، جامائەت ئىچىدىن قوپتى-دە، قولىغا نەيزە ئېلىپ،
4581  NUM 28:2  سەن ئىسرائ‍ىللارغا بۇيرۇپ: — «ماڭا سۇنۇلغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى، يەنى ماڭا ئوزۇق بولىدىغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى بولسا، سىلەر ھەربىرىنى بېكىتىلگەن قەرەلىدە سۇنۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار» — دېگىن.
4686  NUM 31:20  بارلىق كىيىم-كېچەك، تېرە ئەسۋاب ئۈسكۈنىلەر، تىۋىتتا توقۇلغان بارلىق نەرسىلەر ھەم ياغاچ ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسىنى پاكلاڭلار، — دېدى.
4692  NUM 31:26  سەن كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەت ئىچىدىكى قەبىلە كاتتىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىنغان ئولجا-غەنىمەتنىڭ، ئادەم بولسۇن، چارپاي بولسۇن، شۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى ھېسابلاپ چىققىن؛
4698  NUM 31:32  ئەمدى ئولجا-غەنىيمەت، يەنى جەڭگە چىققان لەشكەرلەر ئېلىۋالغان نەرسىلەردىن قالغىنى قوي جەمئىي ئالتە يۈز يەتمىش بەش مىڭ،
4716  NUM 31:50  شۇڭا، مانا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆزىمىزنىڭ گۇناھىنىڭ كافارىتى ئۈچۈن ھەرقايسىمىز ئېرىشكەنلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيە قىلىمىز — ئالتۇن بۇيۇملار، پۇت-قول زەنجىرلىرى، بىلەزۈك، مۆھۈر ئۈزۈك، زىرە-ھالقا، مارجانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، — دېدى.
4755  NUM 32:35  ئاتروت-شوفان، يائازەر، يوگبىخاھ،
4756  NUM 32:36  بەيت-نىمراھ، بەيت-ھاران قاتارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى سالدى ۋە شۇنداقلا قوتانلارنى سالدى.
4895  DEU 1:1  تۆۋەندە خاتىرىلەنگىنى مۇسانىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى پاران بىلەن توفەل، لابان، ھازىروت، دى-زاھابنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يەنى سۇفنىڭ ئۇدۇلىدىكى چۆل-تۈزلەڭلىكتە، پۈتكۈل ئىسرائىلغا ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ــ
4902  DEU 1:8  مانا، مەن شۇ زېمىننى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا قويدۇم؛ كىرىڭلار، پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا: «سىلەرگە بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان زېمىننى ئىگىلەڭلار» ــ دېگەنىدى.