270 | GEN 11:3 | ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ كېلىڭلار، بىز خىش قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! ــ دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قۇرۇلۇشتا تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارىماي ئىشلەتتى. |
356 | GEN 14:19 | ئۇ ئابرامنى بەخت-بەرىكەتلەپ: ــ «ئابرام ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرى تەرىپىدىن بەرىكەتلەنسۇن! |
395 | GEN 16:13 | ھەجەر ئۆز-ئۆزىگە: «مەن مۇشۇ يەردە مېنى كۆرگۈچىنى ئارقىسىدىن كۆردۈم» دەپ، ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرۋەردىگارنى: «سەن مېنى كۆرگۈچى تەڭرىدۇرسەن» دەپ ئاتىدى. |
529 | GEN 21:15 | ئەمدى تۇلۇمدىكى سۇ تۈگەپ كەتكەنىدى؛ ھەجەر بالىنى بىر چاتقالنىڭ تۈۋىگە تاشلاپ قويۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ چىدىمايمەن» دەپ، بىر ئوق ئېتىمچە يىراققا بېرىپ، ئۇدۇلىدا ئولتۇردى. ئۇ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ، پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىدى. |
700 | GEN 26:7 | ئەمما ئۇ يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭ ئايالى توغرىسىدا سورىسا ئۇ: ــ بۇ مېنىڭ سىڭلىم بولىدۇ، ــ دېدى؛ چۈنكى رىۋكاھ ئىنتايىن چىرايلىق بولغاچقا، ئىسھاق ئۆز-ئۆزىگە: «بۇ مېنىڭ ئايالىم بولىدۇ»، دېسەم، بۇ يەرلىك ئادەملەر رىۋكاھنىڭ سەۋەبىدىن مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن، ــ دەپ قورقتى. |
992 | GEN 34:11 | شەكەم قىزنىڭ ئاتىسى بىلەن ئاكا-ئۇكىلىرىغا: ــ نەزىرىڭلاردا ئىلتىپات تاپسام دەيمەن؛ سىلەر نېمە دېسەڭلار، شۇنى بېرەي. |
1103 | GEN 37:19 | ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ مانا ھېلىقى چۈش كۆرگۈچى كېلىۋاتىدۇ. |
1281 | GEN 42:28 | ئۇ قېرىنداشلىرىغا: ــ مېنىڭ پۇلۇمنى قايتۇرۇۋېتىپتۇ. مانا ئۇ تاغىرىمدا تۇرىدۇ، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ، تىترىشىپ بىر-بىرىگە: ــ بۇ خۇدانىڭ بىزگە زادى نېمە قىلغىنىدۇ؟ ــ دېيىشتى. |
4113 | NUM 14:4 | شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر-بىرىگە: — باشقىدىن بىر باشلىق تىكلەپ مىسىرغا قايتىپ كېتەيلى، — دېيىشتى. |
4119 | NUM 14:10 | ھالبۇكى، پۈتكۈل جامائەت تەرەپ-تەرەپتىن: — ئۇ ئىككىسىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، دېيىشتى. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى جامائەت چېدىرىدا ئىسرائىللارغا ئايان بولدى. |
4687 | NUM 31:21 | كاھىن ئەلىئازار جەڭگە چىقىپ قايتقان لەشكەرلەرگە: — مانا پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان قانۇن-بەلگىلىمە: |
5705 | DEU 29:23 | بۇنى كۆرگەنلەر، ھەتتا ھەممە ئەل-يۇرت: «نېمىشقا پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا مۇنداق قىلغاندۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ غەزىپى شۇنچە قاتتىق، ئەشەددىي بولغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ؛ |
6518 | JDG 1:7 | شۇنىڭ بىلەن ئادونى-بېزەك: ــ ئەينى چاغدا قوللىرىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارمىقى كېسىۋېتىلگەن يەتمىش پادىشاھ داستىخىنىمنىڭ تېگىدىكى ئۇۋاقلارنى تېرىپ يېگەنىدى. مانا ئەمدى خۇدا مېنىڭ قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، دېدى. ئاندىن ئۇلار ئۇنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى، كېيىن ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. |
6669 | JDG 6:13 | گىدېئون ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئى خوجام، ئەگەر پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە بولغان بولسا، بۇ كۆرگۈلۈكلەر نېمىشقا ئۈستىمىزگە كەلدى؟ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزگە سۆزلەپ بەرگەن ئۇنىڭ بارلىق مۆجىزىلىرى قېنى؟ بۇلار توغرىسىدا ئاتا-بوۋىلىرىمىز: «مانا، پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن چىقىرىپ كەلمىگەنمىدى؟» ــ دېدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە پەرۋەردىگار بىزنى تاشلاپ، مىدىياننىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى! ــ دېدى. |
6685 | JDG 6:29 | بۇنى كۆرۈپ ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئىشنى كىم قىلغاندۇ؟ ــ دېيىشتى. ئۇلار سۈرۈشتۈرىۋىدى، بۇنى يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئوننىڭ قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. |
7353 | 1SA 6:20 | بەيت-شەمەشتىكىلەر: ــ بۇ مۇقەددەس خۇدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كىم ئۆرە تۇرالايدۇ؟ ئەھدە ساندۇقى بىزنىڭ بۇ يەردىن كىمنىڭ قېشىغا ئاپىرىلىشى كېرەك؟ ــ دېدى. |
7431 | 1SA 10:11 | ئۇنى ئىلگىرى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدا بېشارەت قىلغىنىنى كۆرگەندە ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ كىشنىڭ ئوغلىغا نېمە بوپتۇ؟ سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىن بىرى بولدىمۇ نېمە؟ ــ دېيىشتى. |
7645 | 1SA 17:25 | ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرىگە: ــ چىقىۋاتقان بۇ ئادەمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئۇ ئىسرائىلغا ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن چىقىدۇ. شۇنداق بولىدۇكى، ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمگە پادىشاھ كۆپ مال-مۈلۈك ئىنئام قىلىدۇ، ئۆز قىزىنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بېرىدۇ ھەم ئاتىسىنىڭ جەمەتىنى ئىسرائىل تەۋەسىدە باج-ئالۋاندىن خالاس قىلىدۇ، دېدى. |
7787 | 1SA 21:13 | لېكىن ئاقىشنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: ــ بۇ زېمىننىڭ پادىشاھى داۋۇت ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ توغرىسىدا قىز-ئاياللار بىر-بىرىگە: ــ سائۇل مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ۋە داۋۇت ئون مىڭلاپ ئۆلتۈردى، ــ دەپ ناخشا-غەزەل ئوقۇشۇپ ئۇسسۇل ئوينىغان ئەمەسمۇ، دېدى. |
8406 | 2SA 15:14 | شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يېرۇسالېمدا ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە قۇل-خىزمەتكارلىرىغا: قوپۇپ قاچايلى! بولمىسا، ئابشالومدىن قۇتۇلالمايمىز. ئىتتىك كېتەيلى؛ بولمىسا، ئۇ تۇيۇقسىز ئۈستىمىزگە بېسىپ كېلىپ، بىزگە بالا كەلتۈرۈپ شەھەر خەلقىنى قىلىچ بىسى بىلەن ئۇرىدۇ، دېدى. |
8731 | 1KI 1:11 | ناتان بولسا سۇلايماننىڭ ئانىسى بات-شېباغا: ــ «ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ ھاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا پادىشاھ بولدى، لېكىن غوجىمىز داۋۇت ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز. |
8745 | 1KI 1:25 | چۈنكى ئۇ بۈگۈن چۈشۈپ، كۆپ بۇقا، بوردىغان تورپاقلار بىلەن قويلارنى سويدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى، قوشۇننىڭ سەردارلىرىنى، ئابىياتار كاھىننى چاقىردى؛ ۋە مانا، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدا يەپ-ئىچىپ: «ياشىسۇن پادىشاھ ئادونىيا!» ــ دەپ توۋلاشماقتا. |
8791 | 1KI 2:18 | بات-شېبا: ــ ماقۇل؛ سەن ئۈچۈن پادىشاھقا سۆز قىلاي، دېدى. |
9180 | 1KI 12:26 | رەھوبوئام كۆڭلىدە ئۆز-ئۆزىگە: ــ ئەمدى پادىشاھلىق داۋۇتنىڭ جەمەتىگە يېنىشى مۇمكىن. |
9443 | 1KI 20:32 | شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەللىرىگە بۆز باغلاپ باشلىرىغا كۇلا يۆگەپ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ كەمىنىلىرى بەن-ھاداد: «جېنىمنى ئايىغايلا»، دەپ ئىلتىجا قىلدى، دېدى. ئۇ بولسا: ــ ئۇ تېخى ھاياتمۇ؟ ئۇ مېنىڭ بۇرادىرىم، دېدى. |
9714 | 2KI 7:3 | ئەمدى دەرۋازىنىڭ تۈۋىدە تۆت ماخاۋ كېسىلى بار ئادەم ئولتۇراتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە: نېمە ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىز؟ |
9717 | 2KI 7:6 | چۈنكى پەرۋەردىگار سۇرىيلەرنىڭ لەشكەرگاھىغا جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلار ۋە زور چوڭ قوشۇننىڭ ساداسىنى ئاڭلاتقانىدى. شۇنى ئاڭلاپ ئۇلار بىر-بىرىگە: مانا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىشەك ھىتتىيلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى ئۈستىمىزگە ھۇجۇم قىلغىلى ياللىۋاپتۇ، دېيىشتى؛ |
9720 | 2KI 7:9 | ئاندىن ئۇلار بىر-بىرىگە: بىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىمىز دۇرۇس ئەمەس. بۈگۈن قۇتلۇق خەۋەر بار كۈندۇر، لېكىن بىز تىنماي تۇرۇۋاتىمىز. سەھەرگىچە قالساق بۇ يامانلىق بېشىمىزغا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى بېرىپ پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزەيلى، دېدى. |
10054 | 2KI 18:26 | ئېلىئاكىم، شەبنا ۋە يوئاھ راب-شاكەھگە: ــ پېقىرلىرىغا ئارامىي تىلىدا سۆزلىسىلە؛ بىز بۇنى چۈشىنىمىز. بىزگە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمىسىلە، گەپلىرى سېپىلدا تۇرغانلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمىسۇن! ــ دېدى. |
10055 | 2KI 18:27 | بىراق راب-شاكەھ: ــ خوجايىنىم مېنى مۇشۇ گەپنى خوجايىنىڭلارغا ۋە سىلەرگىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكەنمۇ؟ مۇشۇ گەپنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە سېپىلدا ئولتۇرغانلارغا دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار ئۆز پوقىنى يېگۈچى ھەم ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچكۈچى بولىدۇ!» ــ دېدى. |
12538 | NEH 9:23 | سەن ئۇلارنىڭ پەرزەنت-ئەۋلادلىرىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتتۇڭ؛ سەن ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا: «سىلەر بۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئۇنىڭغا كىرىڭلار» دەپ تەقدىم قىلغان زېمىنغا باشلاپ كىردىڭ. |
12539 | NEH 9:24 | ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى كىرىپ ئۇ زېمىننى ئىگىلىدى؛ سەن ئۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقان قانائان ئاھالىسىنى ئۇلارغا بېقىندۇردۇڭ ھەم زېمىندىكى پادىشاھلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەبىلە-قوۋملىرىنى: «سىلەر ئۇلارغا خالىغانچە مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردۇڭ. |
12819 | EST 7:8 | پادىشاھ چارىباغدىن زىياپەت-شاراب داستىخىنىغا قايتىپ كەلگىنىدە ھاماننىڭ ئۆزىنى ئەستەر يۆلەنگەن دىۋانغا تاشلىغىنىچە تۇرغىنىنى كۆردى-دە: ــ ــ قارا، ئۇنىڭ ئوردىدا مېنىڭ ئالدىمدىلا خانىشقا زورلۇق قىلغىلىۋاتقىنىنى؟! ــ دېۋىدى، بۇ سۆز پادىشاھنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى بىلەنلا ئادەملەر ھاماننىڭ باش-كۆزىنى چۈمكەپ قويدى. |
13779 | JOB 37:6 | چۈنكى ئۇ قارغا: «يەرگە ياغ!»، ھەم ھۆل-يېغىنغا: «كۈچلۈك يامغۇر بول!» دەيدۇ. |
14343 | PSA 30:7 | مەن بولسام ئۆز راھەت-پاراغىتىمدە: «مەڭگۈگە تەۋرەنمەي مۇقىم تۇرىمەن» ــ دېدىم. |
14461 | PSA 36:3 | چۈنكى ئۇ ئۆز-ئۆزىنى ماختايدۇكى، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە: ــ «مەندە گۇناھ تېپىلماس، قىلغىنىم يىرگىنچلىك ئىش ئەمەستۇر!» ــ دەيدۇ. |
14626 | PSA 45:2 | نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇلغان، «سۆيۈملۈك يار ئۈچۈن» دېگەن «ماسقىل» مۇناجات-ناخشا: ــ قەلبىمدىن گۈزەل ئىش توغرىسىدا سۆزلەر ئۇرغۇپ چىقماقتا؛ پادىشاھقا بېغىشلىغان مۇناجىتىمنى ئېيتىمەن؛ تىلىم گويا ماھىر شائىرنىڭ قەلىمىدۇر؛ |
14912 | PSA 65:2 | نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي-ناخشا: ــ زىئوندا، مەدھىيە سۈكۈت ئىچىدە سېنى كۈتىدۇ، ئى خۇدا؛ ساڭا قىلغان ۋەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. |
14925 | PSA 66:1 | نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، كۈي-ناخشا: ــ پۈتكۈل جاھان، خۇشاللىق بىلەن خۇداغا تەنتەنە قىلىڭلار! |
14946 | PSA 67:2 | نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن چېلىنسۇن، دەپ يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەرىكەتلەپ، ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە چاچقاي! سېلاھ! |
14954 | PSA 68:2 | نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي-ناخشا: ــ خۇدا ئورنىدىن تۇردى، دۈشمەنلىرىنى تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ! ئۇنىڭغا ئۆچمەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدىن بەدەر قاچىدۇ! |
15128 | PSA 75:2 | نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئى خۇدا، تەشەككۈر ئېيتىمىز! چۈنكى نامىڭ بىزگە يېقىندۇر؛ بۇنى، قىلغان كارامەتلىرىڭ ئىسپاتلاپ جاكارلايدۇ. |
15139 | PSA 76:2 | نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا، تارلىق سازلاردا چېلىنسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ يەھۇدادا خۇدا تونۇلغاندۇر؛ ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئۇلۇغدۇر. |
15303 | PSA 83:2 | ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ئى خۇدا، ئۈن چىقارماي تۇرۇۋالما، جىم تۇرۇۋالما، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالما، ئى تەڭرىم! |
15365 | PSA 87:1 | كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ ئۇنىڭ ئۇلى بولسا مۇقەددەس تاغلاردىدۇر. |
15373 | PSA 88:2 | كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ماخالات-لېئانوت» ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ، ئەزرالىق ھېمان يازغان «ماسقىل»: ــ ئى پەرۋەردىگار، نىجاتلىقىم بولغان خۇدا، كېچە-كۈندۈز ساڭا نالە قىلىپ كەلدىم. |
15478 | PSA 92:2 | شابات كۈنى ئۈچۈن بىر كۈي-ناخشا: ــ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىش، نامىڭنى كۈيلەش ئەلادۇر، ئى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى! |
15811 | PSA 108:2 | داۋۇتنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛ مەن مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، بەرھەق، سېنى كۈيلەيمەن، پۈتۈن روھىم بىلەن! |
16471 | PRO 1:1 | ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ |
16727 | PRO 10:1 | پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار. |
17725 | ISA 1:1 | ئۇززىيا، يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيالار يەھۇداغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا توغرىسىدا، ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا كۆرگەن غايىبانە ۋەھىي-ئالامەتلەر: ــ |
17758 | ISA 2:3 | نۇرغۇن خەلق-مىللەتلەر چىقىپ بىر-بىرىگە: ــ «كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىگە چىققايلى؛ ئۇ ئۆز يوللىرىدىن بىزگە ئۆگىتىدۇ، بىز ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە ماڭىمىز» ــ دېيىشىدۇ. ــ چۈنكى قانۇن-يوليورۇق زىئوندىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى يېرۇسالېمدىن چىقىدىغان بولىدۇ. |
18411 | ISA 36:11 | ئېلىئاكىم، شەبنا ۋە يوئاھ راب-شاكەھگە: ــ «پېقىرلىرىغا ئارامىي تىلىدا سۆزلىسىلە؛ بىز بۇنى چۈشىنىمىز. بىزگە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمىسىلە، گەپلىرى سېپىلدا تۇرغانلارنىڭ قۇلىقىغا كىرمىسۇن!» ــ دېدى. |
18412 | ISA 36:12 | بىراق راب-شاكەھ: ــ «خوجام مېنى مۇشۇ گەپنى خوجاڭلارغا ۋە سىلەرگىلا ئېيتىشقا ئەۋەتكەنمۇ؟ مۇشۇ گەپنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە سېپىلدا ئولتۇرغانلارغا دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆز پوقىنى يېگۈچى ھەم ئۆز سۈيدۈكىنى ئىچكۈچى بولىدۇ!» ــ دېدى. |
18490 | ISA 39:8 | شۇنىڭ بىلەن ھەزەكىيا ئۆز-ئۆزىگە: «ئۆز كۈنلىرىمدە بولسا ئامان-تىنچلىق، خۇدانىڭ ھەقىقەت-ۋاپالىقى بولىدىكەنغۇ» دەپ، يەشاياغا: ــ «سىز ئېيتقان پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزى ياخشى ئىكەن» ــ دېدى. |
18619 | ISA 44:16 | دېمەك، يېرىمىنى ئوتتا كۆيدۈرىۋېتىدۇ؛ يېرىمى بىلەن گۆش يەيدۇ؛ ئۇ كاۋاب قىلىپ قانغۇچە يەيدۇ؛ بەرھەق، ئۇ ئىسسىنىپ، ئۆز-ئۆزىگە: ــ «ئاھ، راھەتلىنىپ ئىسسىندىممەن، ئوتنى كۆرۈۋاتىمەن!» ــ دەيدۇ. |
18677 | ISA 47:8 | ئەمدى ھازىر، ئى ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگۈچى، ئۆز-ئۆزىگە: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچكىم يوقتۇر، مەن ھەرگىز تۇل ئايالنىڭ جاپاسىنى ياكى بالىلاردىن مەھرۇم بولۇشنىڭ جاپاسىنى تارتمايمەن» ــ دېگۈچى، ئى سەن ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلگۈچىسەن، شۇنى ئاڭلاپ قوي: ــ |
19038 | JER 2:4 | پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى: ــ |
19300 | JER 11:5 | شۇنداق بولغىنىدا مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا: «سىلەرگە سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىن تەقدىم قىلىمەن» دەپ ئىچكەن قەسەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» ــ دېگەنىدىم. سىلەر بۈگۈنكى كۈندە دەل شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتىسىلەر! مەن بولسام جاۋابەن «ئامىن، پەرۋەردىگار!» ــ دېدىم. |
20447 | LAM 3:24 | ئۆز-ئۆزۈمگە: «پەرۋەردىگار مېنىڭ نېسىۋەمدۇر؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايمەن» ــ دەيمەن. |
21255 | EZK 29:3 | رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئى ئۆز-ئۆزىگە: «بۇ دەريا ئۆزۈمنىڭكى، مەن ئۇنى ئۆزۈم ئۈچۈن ياراتقانمەن» دېگۈچى بولغان، ئۆز دەريالىرى ئوتتۇرىسىدا ياتقان يوغان ئەجدىھا مىسىر پادىشاھى پىرەۋن، مانا، مەن ساڭا قارشىمەن! |
21366 | EZK 33:17 | بىراق ئەل-يۇرتۇڭدىكىلەر: «رەبنىڭ يولى ھەممىگە باراۋەر ئەمەس» دەيدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يولى بولسا ھەممىگە باراۋەر ئەمەس. |
22607 | JON 1:7 | ئۇلار بىر-بىرىگە: — كېلىڭلار، بۇ كۈلپەتنىڭ كىمنىڭ ۋەجىدىن بېشىمىزغا چۈشكەنلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن چەك تاشلايلى، — دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار چەك تاشلاشتى؛ ئاخىردا چەكتە يۇنۇس چىقىپ قالدى. |
22691 | MIC 4:2 | نۇرغۇن قوۋم-مىللەتلەر چىقىپ بىر-بىرىگە: ــ «كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا، ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كېلەيلى؛ ئۇ ئۆز يوللىرىدىن بىزگە ئۆگىتىدۇ، ۋە بىز ئۇنىڭ ئىزلىرىدا ماڭىمىز» ــ دېيىشىدۇ. چۈنكى قانۇن-يوليورۇق زىئوندىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى يېرۇسالېمدىن چىقىدىغان بولىدۇ. |
23034 | ZEC 7:3 | بەيت-ئەلدىكىلەر: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى كاھىنلاردىن، شۇنىڭدەك پەيغەمبەرلەردىن: «ھەربىرىمىز كۆپ يىللاردىن بېرى قىلغىنىمىزدەك، بەشىنچى ئايدا ھەربىرىمىز يەنىلا ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئايرىپ، يىغا-زارغا ئولتۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟» ــ دەپ سوراڭلار» دەپ تاپىلىغانىدى. |
23441 | MAT 8:27 | مۇخلىسلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران-چاپقۇنلار ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى. |
23544 | MAT 11:16 | لېكىن بۇ دەۋردىكى كىشىلەرنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار خۇددى رەستە-بازارلاردا ئولتۇرۋېلىپ، بىر-بىرىگە: |
24433 | MRK 4:41 | ئۇلارنى ئىنتايىن زور بىر قورقۇنچ باستى، ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ ھەتتا شامال ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى. |
24683 | MRK 10:26 | ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن بەك ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىدىن: ئۇنداقتا، كىم نىجاتقا ئېرىشەلەيدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. |
24827 | MRK 14:4 | لېكىن بەزىلەر بۇنىڭغا خاپا بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئەتىر نېمە دەپ شۇنداق ئىسراپ قىلىنىدۇ؟ |
25057 | LUK 2:15 | پەرىشتىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىۋىدى، پادىچىلار بىر-بىرىگە: ــ بەيت-لەھەمگە يول ئېلىپ، پەرۋەردىگار بىزگە ئۇقتۇرغان، ئەمەلگە ئاشۇرغان بۇ ئىشنى كۆرۈپ كېلەيلى، ــ دېيىشتى. |
25168 | LUK 4:36 | ھەممەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئىش! ئۇ دەرۋەقە ھوقۇق ۋە قۇدرەت بىلەن ناپاك روھلارغا ئەمر قىلسىلا، ئۇلار چىقىپ كېتىدىكەن، ــ دېيىشتى. |
25296 | LUK 7:32 | ئۇلار خۇددى رەستە-بازارلاردا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەكمۇ، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار»، «ماتەم پەدىسىگە چېلىپ بەرسەكمۇ، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ قاقشايدىغان تۇتۇرۇقسىز بالىلارغا ئوخشايدۇ. |
25339 | LUK 8:25 | ئۇ مۇخلىسلىرىغا قاراپ: ــ ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ ــ دېدى. ئۇلار ھەم قورقۇشۇپ، ھەم بەكمۇ ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ، بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا شاماللار ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى. |
25547 | LUK 12:19 | ئاندىن ئۆز-ئۆزۈمگە: «ئەي جېنىم، يىغىپ ساقلىغان، كۆپ يىل يەتكۈدەك نېمەتلىرىڭ بار، راھەت ئىچىدە يەپ-ئىچىپ خۇش بولغىن!» دەيدىغان بولىمەن» دەپ ئويلاپتۇ. |
25956 | LUK 22:23 | ئاندىن مۇخلىسلار بىر-بىرىدىن: ــ ئارىمىزدا زادى كىم مۇشۇنداق ئىشنى قىلىشى مۇمكىن؟ ــ دەپ مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىشتى. |
26092 | LUK 24:32 | ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ ئۇ يولدا بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، بىزگە مۇقەددەس يازمىلارغا شەرھ بەرگەندە، يۈرەك-باغرىمىز گويا ئوتتەك يانمىدىمۇ؟! ــ دېيىشتى. |
26258 | JHN 4:33 | مۇخلىسلار بىر-بىرىگە: ــ ئەجەبا، بىرسى ئۇنىڭغا يېگىلى بىر نەرسە ئەكېلىپ بەرگەنمىدۇ؟ ــ دېيىشتى. |
26432 | JHN 7:35 | بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىيلار بىر-بىرىگە: ــ ئۇ بىز تاپالمىغۇدەك قەيەرلەرگە بارار؟ گرېكلەر ئارىسىدىكى تارقاق يەھۇدىي مۇھاجىرلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، گرېكلارغا تەلىم بېرەمدىغاندۇ؟ |
26532 | JHN 9:23 | شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى: «ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، بۇنى ئۆزىدىن سوراڭلار» دېگەنىدى. |
26648 | JHN 11:56 | شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ كىشىلەر ئەيسانى ئىزدەشتى. ئۇلار ئىبادەتخانىدا يىغىلغاندا بىر-بىرىگە: ــ قانداق ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ ھېيت ئۆتكۈزگىلى كەلمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى. |
26668 | JHN 12:19 | پەرىسىيلەر بولسا بىر-بىرىگە: ــ قاراڭلار، بارلىق قىلغىنىڭلار بىكار كەتتى! مانا ئەمدى پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭغا ئەگەشمەكتە! ــ دېيىشتى. |
26812 | JHN 16:17 | شۇڭا مۇخلىسلارنىڭ بەزىلىرى بىر-بىرىگە: ــ بىزلەرگە: ــ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر» ۋە يەنە «چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن» دېگىنى نېمە دېگىنىدۇ؟ |
26918 | JHN 19:24 | شۇنىڭ ئۈچۈن لەشكەرلەر بىر-بىرىگە: ــ بۇنى يىرتمايلى، بەلكى چەك تارتىشايلى، كىمگە چىقسا شۇ ئالسۇن، ــ دېيىشتى. بۇ ئىشلار مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن يۈز بەردى: ــ «ئۇلار مېنىڭ كىيىملىرىمنى ئۆز ئارىسىدا ئۈلەشتى، مېنىڭ كۆڭلىكىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن چەك تاشلاشتى». دەرۋەقە، لەشكەرلەر شۇنداق قىلىشتى. |
27030 | ACT 2:12 | ئۇلار ھاڭ-تاڭ قېلىپ ئالاقزادىلىك بىلەن بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟ ــ دېيىشتى. |
27417 | ACT 12:11 | شۇ چاغدا، پېترۇس ئېسىگە كېلىپ، ئۆز-ئۆزىگە: «دەرۋەقە ئەمدى رەب ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، مېنى ھېرودنىڭ قولىدىن ۋە يەھۇدىي خەلقىنىڭ كۈتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزۇپتۇ، دەپ بىلدىم» ــ دېدى. |
27682 | ACT 19:28 | بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك غەزەپكە چۆمۈپ، قايتا-قايتا: ــ ئەفەسۇسلۇقلارنىڭ ئارتېمىسىمىز بۈيۈكتۇر! ــ دەپ چۇقان كۆتۈرۈشكە باشلىدى. |
27922 | ACT 26:31 | زالدىن چىقىپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمگە ياكى تۈرمىگە سولاشقا تېگىشلىك ھېچبىر جىنايىتى يوق ئىكەن! ــ دېيىشتى. |
27971 | ACT 28:4 | شۇ يەرلىكلەر پاۋلۇسنىڭ قولىغا يېپىشىپ تۇرغان يىلاننى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم چوقۇم بىر قاتىل ئىكەن! دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «ئادىللىق» ئۇنىڭ تىرىك قېلىشىغا يول قويمىدى، ــ دېيىشتى. |