545 | GEN 21:31 | بۇ ئىككىسى شۇ يەردە قەسەم قىلىشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ شۇ جاينى «بەئەر-شېبا» دەپ ئاتىدى. |
562 | GEN 22:14 | شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم شۇ جايغا «ياھۋەھ-يىرەھ» دەپ ئات قويدى. شۇڭا كىشىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ تېغىدا تەمىنلىنىدۇ» دېگەن بۇ سۆز بۈگۈنگە قەدەر ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. |
726 | GEN 26:33 | ئۇ ئۇنىڭ نامىنى «شېباھ» قويدى. بۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى بۈگۈنگىچە «بەئەر-شېبا» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. |
921 | GEN 31:47 | لابان بۇ دۆۋىنى «يەگار-ساھادۇتا» دەپ ئاتىدى، ياقۇپ ئۇنىڭغا «گالېئەد» دەپ ئات قويدى. |
1027 | GEN 35:15 | ياقۇپ خۇدا ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن شۇ جاينىڭ نامىنى «بەيت-ئەل» دەپ ئاتىدى. |
1030 | GEN 35:18 | شۇنداق بولدىكى، راھىلە جېنى چىقىش ئالدىدا، ئاخىرقى نەپىسى بىلەن ئوغلىغا «بەن-ئونى» دەپ ئىسىم قويدى؛ ئەمما ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنى «بەن-يامىن» دەپ ئاتىدى. |
1518 | GEN 50:11 | شۇ يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق قانائانىيلار ئاتادنىڭ خامىنىدا بولغان بۇ ماتەمنى كۆرۈپ: ــ بۇ مىسىرلىقلارنىڭ ئىنتايىن قاتتىق تۇتقان ھازىسى بولدى، دېيىشتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ جاينىڭ نامى «ئابەل-مىزرائىم» دەپ ئاتالدى؛ ئۇ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىدۇر. |
3065 | LEV 13:12 | لېكىن ئەگەر پېسە-ماخاۋ قوزغىلىپ، جاراھىتى بار كىشىنىڭ تېرىسىگە يېيىلىپ كەتكەن بولسا، كاھىن نەگىلا قارىسا شۇ يەردە شۇ «پېسە-ماخاۋ» بولسا، تېرىسىنى بېشىدىن پۇتىغىچە قاپلاپ كەتكەن بولسا، |
4059 | NUM 11:34 | شۇڭا كىشىلەر شۇ يەرنى «قىبروت-ھاتتاۋاھ» دەپ ئاتىدى؛ چۈنكى ئۇلار شۇ يەردە نەپسى تاقىلدىغان كىشىلەرنى يەرلىككە قويغانىدى. |
4991 | DEU 3:14 | ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىر پۈتكۈل ئارگوب رايونىنى، يەنى باشاننى گەشۇرىيلار ۋە مائاكاتىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىگەن ۋە ئۇنى ئۆز ئىسمى بىلەن «ھاۋۋوت-يائىر» دەپ ئاتىغان. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ شۇنداق ئاتالماقتا). |
6521 | JDG 1:10 | ئاندىن يەھۇدالار ھېبروندىكى قانائانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ، شېشاي، ئاھىمان ۋە تالمايلارنى ئۇرۇپ قىردى (ئىلگىرى ھېبرون «كىرىئات-ئاربا» دەپ ئاتىلاتتى). |
6522 | JDG 1:11 | ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىر «كىرىئات-سەفەر» دەپ ئاتىلاتتى). |
6680 | JDG 6:24 | شۇنىڭ بىلەن گىدېئون پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۇ يەردە بىر قۇربانگاھ ياساپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى «ياھۋەھ-شالوم» دەپ ئاتىدى. بۇ قۇربانگاھ تا بۈگۈنگىچە ئابىئېزەر جەمەتىنىڭ ئوفراھ دېگەن جايىدا بار. |
6948 | JDG 15:17 | بۇلارنى دەپ ئېشەكنىڭ ئېڭەك سۆڭىكىنى تاشلىۋەتتى. شۇنىڭدەك ئۇ شۇ جايغا «راموت-لېھى» دەپ نام قويدى. |
6950 | JDG 15:19 | شۇنىڭ بىلەن خۇدا لېھىدىكى ئازگالنى ياردى، سۇ ئۇنىڭدىن ئۇرغۇپ چىقتى. شىمشون ئىچىپ، روھى ئۇرغۇپ جان كىردى. بۇ سەۋەبتىن بۇ بۇلاققا «ئەن-ھاككورە» دەپ نام قويۇلدى؛ تا بۈگۈنگىچە ئۇ لېھىدا بار. |
8155 | 2SA 5:20 | ئۇ ۋاقىتتا داۋۇت بائال-پەرازىمغا باردى. ئۇ يەردە داۋۇت ئۇلارنى تارمار قىلدى. ئۇ: ــ «پەرۋەردىگار مېنىڭ ئالدىمدا دۈشمەنلىرىم ئۈستىگە خۇددى كەلكۈن يارنى ئېلىپ كەتكەندەك بۆسۈپ كىردى» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرنى «بائال-پەرازىم» دەپ ئاتىدى. |
8168 | 2SA 6:8 | لېكىن داۋۇت بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززاھنىڭ تېنىنى بۆسكەنلىكىگە ئاچچىقلاندى ۋە ئۇ يەرنى «پەرەز-ئۇززاھ» دەپ ئاتىدى؛ ئۇ يەر بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق ئاتىلىدۇ. |
10776 | 1CH 13:11 | لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززاھنىڭ تېنىنى بۆسكەنلىكىگە ئاچچىقلاندى ۋە ئۇ يەرنى «پەرەز-ئۇززاھ» دەپ ئاتىدى؛ ئۇ يەر تاكى ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. |
10790 | 1CH 14:11 | فىلىستىيلەر بائال-پەرازىمغا ھۇجۇم قىلغىلى كەلگەندە، داۋۇت ئۇلارنى شۇ يەردە مەغلۇپ قىلدى ۋە: «خۇدا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق دۈشمەنلىرىم ئۈستىگە خۇددى كەلكۈن يارنى ئېلىپ كەتكەندەك بۆسۈپ كىردى» دېدى. شۇڭا ئۇ يەر «بائال-پەرازىم» دەپ ئاتالغان. |
11594 | 2CH 20:2 | چاپارمەنلەر كېلىپ يەھوشافاتقا: ــ ئۆلۈك دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىن، يەنى ئېدومدىن سىلىگە ھۇجۇم قىلغىلى زور بىر قوشۇن چىقىپ كەلدى؛ مانا، ئۇلار ھازازون-تاماردا، دېدى (ھازازون-تامار يەنە «ئەن-گەدى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ). |
13508 | JOB 27:23 | بىراق شامال ئۇنىڭغا قاراپ چاۋاك چالىدۇ، ئۇنى ئورنىدىن «ئۇش-ئۇش» قىلىپ قوغلىۋېتىدۇ». |
13940 | JOB 42:14 | ئۇ قىزلىرىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «يېمىماھ»، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «كەزىيە»، ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمىنى «كەرەن-خاپۇق» دەپ قويدى. |
14033 | PSA 9:2 | نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «مۇت-لاببەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن سەن پەرۋەردىگارنى پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەدھىيەلەيمەن؛ مەن سېنىڭ قىلغان بارلىق كارامەتلىرىڭنى بايان قىلاي؛ |
14222 | PSA 22:2 | نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئايجەلەت-خاششاھار» (تاڭ سەھەردە كەلگەن مەدەت) دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ «ئاھ ئىلاھىم، ئىلاھىم، نېمىشقا مەندىن ۋاز كەچتىڭ؟ سەن نېمىشقا مېنى قۇتقۇزۇشتىن شۇنچە يىراقسەن؟ نېمىشقا قاتتىق پەريادلىرىمدىن شۇنچە يىراق تۇرىسەن، |
15373 | PSA 88:2 | كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ماخالات-لېئانوت» ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ، ئەزرالىق ھېمان يازغان «ماسقىل»: ــ ئى پەرۋەردىگار، نىجاتلىقىم بولغان خۇدا، كېچە-كۈندۈز ساڭا نالە قىلىپ كەلدىم. |
18402 | ISA 36:2 | ئاندىن ئاسۇرىيە پادىشاھى «راب-شاكەھ» دېگەن سەردارنى چوڭ بىر قوشۇن بىلەن لاقىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمغا ئەۋەتتى. ئۇ كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشىغا كېلىپ تۇردى. |
18952 | ISA 63:16 | چۈنكى گەرچە ئىبراھىم بىزنى تونۇمىسىمۇ، ياكى ئىسرائىل گەرچە بىزنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، سەن ھامان بىزنىڭ ئاتىمىز؛ سەن پەرۋەردىگار بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛ ئەزەلدىن تارتىپ «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز» سېنىڭ نامىڭدۇر. |
19494 | JER 20:3 | ئىككىنچى كۈنى، پاشخۇر يەرەمىيانى تاقاقتىن بوشاتتى؛ يەرەمىيا ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار ئىسمىڭنى پاشخۇر ئەمەس، بەلكى «ماگور-مىسسابىب» دەپ ئاتىدى، دېدى. |
20136 | JER 46:22 | مىسىرنىڭ ئاۋازى يىلاننىڭكىدەك «كۈش-كۈش» قىلىپ ئاڭلىنىدۇ؛ چۈنكى دۈشمەن قوشۇنلىرى بىلەن ئاتلىنىپ، ئوتۇن كەسكۈچىلەردەك ئۇنىڭغا قارشى پالتىلارنى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. |
21226 | EZK 27:36 | خەلقلەر ئارىسىدىكى سودىگەرلەر ساڭا قاراپ «ئۇش-ئۇش» قىلدى؛ سەن ئۆزۈڭ بىر ۋەھشەت ئىدىڭ، ئەمدى قايتىدىن بولمايسەن»». |
22169 | HOS 1:6 | گومەر يەنە ھامىلىدار بولۇپ، قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «لو-رۇھاماھ» دەپ قويغىن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىل جەمەتىگە ئىككىنچى رەھىم قىلمايمەن، ئۇلارنى قەتئىي كەچۈرۈم قىلمايمەن؛ |
22172 | HOS 1:9 | رەب: «ئۇنىڭ ئىسمىنى: «لو-ئاممى» دەپ قويغىن؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس ۋە مەن سىلەرگە پەرۋەردىگار بولمايمەن» دېدى. |
22299 | HOS 10:5 | سامارىيەدە تۇرۇۋاتقانلار «بەيت-ئاۋەن»نىڭ موزىيى ئۈچۈن غەم-ئەندىشىگە چۈشىدۇ؛ «بەيت-ئاۋەن»دىكىلەر دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭ «بۇتپەرەس كاھىن»لىرىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؛ ئۇلار «بەيت-ئاۋەن»نىڭ «شان-شەرىپى» ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ سۈرگۈن قىلىندى! |
22866 | ZEP 1:10 | شۇ كۈنىدە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «بېلىق دەرۋازىسى»دىن «ۋايداد»، «ئىككىنچى مەھەللە»دىن ھۆركىرەشلەر، دۆڭ-ئېگىزلىكلەردىن غايەت زور «گۇم-گۇم» قىلىپ ۋەيران قىلىنغان ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ. |
23158 | ZEC 14:21 | يېرۇسالېمدىكى ۋە يەھۇدادىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارمۇ پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ پاك-مۇقەددەس بولىدۇ؛ قۇربانلىق قىلغۇچىلار كېلىپ ئۇلارنى ئېلىپ قۇربانلىق گۆشلىرىنى پىشۇرىدۇ؛ شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە «قانائانلىق-سودىگەر» ئىككىنچى بولمايدۇ. |
26281 | JHN 5:2 | يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدا ئىبرانىي تىلىدا «بەيت-ئەسدا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى. |
27229 | ACT 7:44 | ئاتا-بوۋىلىرىمىز چۆلدىن كەزگەن ۋاقتىدا، «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق» چېدىرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىكلەنگەنىدى؛ ئۇ دەل مۇساغا سۆز-كالام يەتكۈزگۈچىنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك بويىچە ياسالغانىدى. |
28094 | ROM 4:4 | ئىشلىگۈچىگە بېرىلىدىغان ھەق «مېھىر-شەپقەت» ھېسابلانمايدۇ، بەلكى بىرخىل «قەرز قايتۇرۇش» ھېسابلىنىدۇ. |
28734 | 1CO 13:1 | مەن ئەگەردە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سۆزلەۋاتقان ھەرخىل تىللار ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرى بىلەنمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولساممۇ، بىراق مەن مېھىر-مۇھەببەتسىز بولسام، ئۇ چاغدا مەن پەقەت بىر «داڭ-داڭ» قىلىدىغان مىس داڭ، بىر «چاڭ-چاڭ» قىلىدىغان چاڭ بولۇپ قالىمەن، خالاس. |