886 | GEN 31:12 | ئۇ ماڭا: ــ «ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرۈپ قارىغىن؛ مانا ماللارنىڭ ئۈستىگە جۈپلىشىشكە ئېتىلغان قوچقار-تېكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل ۋە ئالا-چىپاردۇر؛ چۈنكى مەن لاباننىڭ ساڭا قىلغىنىنىڭ ھەممىسىنى كۆردۈم. |
3525 | LEV 25:55 | چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ ئۆزى ماڭا قۇل-بەندىلەردۇر؛ ئۇلار مەن ئۆزۈم مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن قۇل-بەندىلىرىمدۇر. خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن. |
3845 | NUM 6:21 | شۇلار بولسا قەسەم ئىچكەن نازارىي توغرىسىدا، ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاشتا سۇنۇش زۆرۈر بولغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر توغرىسىدا بېكىتىلگەن قانۇن-بەلگىلىمىدۇر؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قولى نېمىگە يەتسە شۇنى سۇنسىمۇ بولىدۇ؛ ئۇ ئىچكەن قەسىمى بويىچە، يەنى ئۆزىنى خۇداغا ئاتاش ۋەدىسى توغرۇلۇق شۇ نىزام-بەلگىلىمە بويىچە ھەممە ئىشنى ئادا قىلسۇن؛ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلسۇن. |
4206 | NUM 16:11 | شۇ ۋەجىدىن سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى يىغىلىپ پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىۋېتىپسىلەر-دە؛ ھارۇن نېمىدى، سىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن شۇنچىلىك ئاغرىنىپ غوتۇلدىشىپ كەتكۈدەك؟ — دېدى. |
8467 | 2SA 17:15 | ھۇشاي زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىنلارغا: ئاھىتوفەلنىڭ ئابشالوم بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىغا بەرگەن مەسلىھەتى مۇنداق-مۇنداق، ئەمما مېنىڭ مەسلىھەتىم بولسا مۇنداق-مۇنداق؛ |
8855 | 1KI 4:8 | ئۇلارنىڭ ئىسمى تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن: ئەفرائىم تاغلىق رايونىغا بەن-خۇر؛ |
8856 | 1KI 4:9 | ماكاز، شائالبىم، بەيت-شەمەش ۋە ئېلون-بەيت-ھانانغا بەن-دەكەر؛ |
8857 | 1KI 4:10 | ئارۇبوتقا بەن-خەسەد؛ ئۇ يەنە سوكوھ ۋە خەفەر دېگەن بارلىق يۇرتقىمۇ مەسئۇل ئىدى؛ |
8860 | 1KI 4:13 | راموت-گىلېئادقا بەن-گەبەر؛ ئۇ يەنە گىلېئاد يۇرتىغا جايلاشقان، ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىرغا تەۋە بولغان كەنتلەر ۋە ھەم باشاندىكى يۇرت ئارگوب، جۈملىدىن ئۇ يەردىكى سېپىلى، مىس بالداقلىق قوۋۇقلىرى بولغان ئاتمىش چوڭ شەھەرگىمۇ مەسئۇل ئىدى. |
10567 | 1CH 7:28 | ئەفرائىملارنىڭ زېمىنى ۋە ماكانلاشقان يەرلىرى بەيت-ئەل ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر بولۇپ، كۈنچىقىش تەرىپىدە نارائان، كۈنپېتىش تەرىپىدە گەزەر بىلەن ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ شەكەم ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر، تاكى گازا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرگىچە سوزۇلاتتى. |
10568 | 1CH 7:29 | ماناسسەھ قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا تۇتاشقان يەنە بەيت-شېئان ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ تائاناق ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ مەگىددو ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەر؛ دور ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرمۇ بار ئىدى. ئىسرائىلنىڭ ئوغلى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى مانا مۇشۇ يەرلەرگە ماكانلاشقانىدى. |
10985 | 1CH 22:16 | ئالتۇن-كۈمۈش، مىس، تۆمۈر بولسا سان-ساناقسىز؛ سەن ئىشقا تۇتۇشۇشقا ئورنۇڭدىن تۇر، پەرۋەردىگارىم سېنىڭ بىلەن بىللە بولغاي!» |
13945 | PSA 1:2 | ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىدىلىدۇر؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ. |
14970 | PSA 68:18 | خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى تۈمەن-تۈمەن، مىليون-مىليوندۇر؛ رەب ئۇلار ئارىسىدا تۇرىدۇ؛ سىناي تېغىدىكى مۇقەددەس جايدا تۇرىدۇ. |
15164 | PSA 77:14 | ئى خۇدا، يولۇڭ بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتىدۇر؛ خۇدادەك ئۇلۇغ بىر ئىلاھ بارمىدۇر؟ |
15489 | PSA 92:13 | ھەققانىي ئادەم خورما دەرىخى كەبى گۈللەپ-ياشنايدۇ؛ ئۇ لىۋاندىكى كېدر دەرىخىدەك ئۆسىدۇ. |
15618 | PSA 103:2 | پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر قايتۇر، ئى جېنىم، ئۇنتۇما ئۇنىڭ بارلىق مېھرىمبانلىق-بەرىكەتلىرىنى؛ |
16056 | PSA 119:90 | سېنىڭ ساداقىتىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر؛ سەن يەر-زېمىننى مۇقىم بېكىتكەنسەن، ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. |
16191 | PSA 127:2 | سىلەرنىڭ سەھەردە ئورنۇڭلاردىن قوپۇشۇڭلار، كەچ بولغاندا يېتىشىڭلار، جاپا-مۇشەققەتنى ناندەك يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر؛ چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇيقۇنى بېرىدۇ. |
16398 | PSA 145:8 | |ח| پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىلدۇر؛ ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، ئۇ زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر؛ |
16451 | PSA 148:10 | ياۋايى ھايۋانلار، بارلىق مال-ۋارانلار، ئۆمىلىگۈچىلەر ھەم ئۇچار-قاناتلار؛ |
16452 | PSA 148:11 | جاھان پادىشاھلىرى ۋە بارلىق قوۋملار، ئەمىرلەر ھەم يەر يۈزىدىكى بارلىق ھاكىم-سوتچىلار؛ |
17017 | PRO 19:22 | كىشىنىڭ يېقىملىقى ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىندۇر؛ مىسكىن بولۇش يالغانچىلىقتىن ياخشىدۇر. |
17184 | PRO 25:1 | تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغانلىرىمۇ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى؛ بۇلارنى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوردىسىدىكىلەر كۆچۈرۈپ خاتىرىلىگەن: ــ |
17379 | PRO 31:25 | ע كىيىمى كۈچ-قۇدرەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتۇر؛ ئۇ كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن كۈلۈپ قارايدۇ. |
18023 | ISA 14:25 | مەقسىتىم ئۆز زېمىنىمدا ئاسۇرىيەلىكنى قىيما-چىيما قىلىشتىن ئىبارەت؛ ئۆز تاغلىرىمدا ئۇنى دەسسەپ-چەيلەيمەن؛ ئۇ سالغان بويۇنتۇرۇق خەلقىمنىڭ بوينىدىن، ئۇ ئارتقان يۈك مۈرىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ. |
19092 | JER 3:21 | يۇقىرى جايلاردىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ! ئۇ بولسا ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەرنىڭ يىغا-پەريادلىرى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆز يولىنى بۇرمىلىغان، پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۇنتۇغان. |
19451 | JER 17:25 | بۇ شەھەر دەرۋازىلىرىدىن داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرىدىغان پادىشاھلىرى ۋە ئەمىرلىرى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ ۋە ئاتلارغا مىنىپ كىرىدۇ؛ ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى، يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ كىرىپ-چىقىشىدۇ؛ بۇ شەھەر مەڭگۈ ئاۋات بولىدۇ. |
19533 | JER 22:10 | ئۆلگىنىگە يىغلىماڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ-زارلىماڭلار؛ بەلكى سۈرگۈن بولغىنى ئۈچۈن قاتتىق يىغلاڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆز يۇرتىغا ھېچقاچان قايتىپ كەلمەيدۇ. |
19775 | JER 31:15 | پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنىدۇ، ــ بۇ راھىلەنىڭ ئۆز بالىلىرى ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئاھ-زارلىرى؛ چۈنكى ئۇ بالىلىرى بولمىغاچقا، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ. |
22347 | HOS 13:12 | ئەفرائىمنىڭ قەبىھلىكى چىڭ ئوراپ-قاچىلانغان؛ ئۇنىڭ گۇناھى جۇغلىنىپ ساقلانغان؛ |
22856 | HAB 3:19 | پەرۋەردىگار، رەب، مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمدۇر؛ ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك قىلىدۇ؛ مېنى يۇقىرى جايلىرىمدا ماڭغۇزىدۇ! (بۇ كۈي نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن). |
23256 | MAT 2:18 | «راماھ شەھىرىدە بىر سادا، ئاچچىق يىغا-زارنىڭ پىغانى ئاڭلىنار، بۇ راھىلەنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن كۆتۈرگەن ئاھ-زارلىرى؛ بالىلىرىنىڭ يوق قىلىۋېتىلگىنى تۈپەيلىدىن، تەسەللىنى قوبۇل قىلماي پىغان كۆتۈرىدۇ». |
28190 | ROM 8:6 | ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ؛ مۇقەددەس روھقا ئائىت ئوي-نىيەتلەر ھاياتلىق ۋە خاتىرجەم-ئامانلىقتۇر؛ |
28675 | 1CO 11:7 | چۈنكى ئەر كىشى بولسا بېشىنى ياپماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى ۋە شان-شەرىپىدۇر؛ ئەمما ئايال كىشى بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىدۇر. |
30225 | HEB 10:25 | بەزىلەر ئادەت قىلىۋالغاندەك، جامائەتتە جەم بولۇشتىن باش تارتمايلى، بەلكى بىر-بىرىمىزنى جېكىلەپ-ئىلھاملاندۇرايلى؛ بولۇپمۇ شۇ كۈنىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بايقىغىنىڭلاردا، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى. |