67 | GEN 3:11 | خۇدا ئۇنىڭغا: ــ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېدىڭمۇ-يا؟ ــ دېدى. |
4048 | NUM 11:23 | شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: — پەرۋەردىگارنىڭ قولى قىسقا بولۇپ قاپتىمۇ؟ ئەمدى كۆرۈپ باققىنە، مېنىڭ ساڭا دېگەن سۆزۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلامدۇ-يوق؟ — دېدى. |
7313 | 1SA 4:14 | ئەلى پەرياد ساداسىنى ئاڭلاپ: ــ بۇ زادى نېمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ؟ دەپ سورىدى. ئۇ كىشى ئالدىراپ كېلىپ ئەلىگە خەۋەر بەردى |
13024 | JOB 7:12 | نېمىشقا سەن ئۈستۈمدىن كۆزەت قىلىسەن؟ مەن خەتەرلىك بىر دېڭىزمۇ-يا؟ ياكى دېڭىزدىكى بىر ئەجدىھامۇمەن؟ |
13397 | JOB 22:4 | ئۇنىڭ سېنى ئەيىبلەيدىغانلىقى، ۋە ئۇنىڭ ساڭا شىكايەتلەر يەتكۈزىدىغىنى سېنىڭ ئىخلاسمەن بولغىنىڭ ئۈچۈنمۇ-يا؟ |
13731 | JOB 35:7 | سەن ھەققانىي بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا نېمە بېرەلەيتتىڭ؟ ئۇ سېنىڭ قولۇڭدىن نېمىمۇ ئالار-ھە؟ |
17143 | PRO 23:29 | كىمدە ئازاب بار؟ كىمدە دەرد-ئەلەم؟ كىم جېدەل ئىچىدە قالار؟ كىم نالە-پەرياد كۆتۈرەر؟ كىم سەۋەبسىز يارىلىنار؟ كىمنىڭ كۆزى قىزىرىپ كېتەر؟ |
17325 | PRO 30:4 | كىم ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن، ياكى ئەرشتىن چۈشكەن؟ كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟ كىم سۇلارنى ئۆز تونىغا يۆگەپ قويغان؟ كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىگەن؟ ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى نېمە؟ بىلەمسەن-يوق؟ |
22671 | MIC 2:7 | ئى ياقۇپ جەمەتى، «پەرۋەردىگارنىڭ روھى سەۋر-تاقەتسىزمۇ؟ بۇ ئىشلار راست ئۇنىڭ قىلغانلىرىمۇ؟» ــ دېگىلى بولامدۇ؟ مېنىڭ سۆزلىرىم دۇرۇس ماڭغۇچىغا ياخشىلىق كەلتۈرمەمدۇ؟ |
23958 | MAT 22:17 | قېنى، قانداق ئويلايلا؟ رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ ــ دېيىشتى. |
24756 | MRK 12:14 | ئۇلار كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سىلىنى سەمىمىي ئادەم، ئادەملەرگە قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، بەلكى كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ بىلىمىز. سىلىچە، رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ |
24757 | MRK 12:15 | زادى باج تاپشۇرامدۇق-تاپشۇرمامدۇق؟ ــ دېيىشتى. لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىنى بىلىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟ ماڭا بىر «دىنار» پۇلنى ئەكېلىڭلار، مەن كۆرۈپ باقاي، ــ دېدى. |
25625 | LUK 14:3 | ئەيسا تەۋرات ئەھلىلىرى ۋە پەرىسىيلەردىن: ــ شابات كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ ــ دەپ سورىدى. |
26003 | LUK 22:70 | ــ ئۇنداقتا، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن-دە؟ ــ دېيىشتى ئۇلار. ئۇ: ــ دېگىنىڭلاردەك مەن شۇدۇرمەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. |
26511 | JHN 9:2 | مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ــ ئۇستاز، كىم گۇناھ قىلىپ ئۇنىڭ قارىغۇ تۇغۇلغىنىغا سەۋەب بولغان؟ ئۇ ئۆزىمۇ يا ئاتا-ئانىسىمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. |
28657 | 1CO 10:22 | رەبنىڭ ھەسەت-غەزىپىنى قوزغىماقچىمىزمۇ؟ بىز ئۇنىڭدىن كۈچلۈكمۇ-يا؟ |