3749 | NUM 4:5 | بارگاھكۆچۈرۈلىدىغان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كىرىپ «ئەڭ مۇقەددەس جاي»دىكى «ئايرىما پەردە-يوپۇق»نى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى يۆگىسۇن؛ |
3802 | NUM 5:9 | شۇنىڭدەك ئىسرائىللارنىڭ خۇداغا ئاتىغان بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرى، يەنى كاھىنغا كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن بارلىق «كۆتۈرمە قۇربانلىق-ھەدىيە»لەر كاھىنغا ھېساب بولسۇن. |
9809 | 2KI 10:12 | ئاندىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، سامارىيەگە باردى. يولدا كېتىۋېتىپ «پادىچىلارغا تەۋە بەيت-ئەكەد»كە يەتكەندە |
25700 | LUK 16:11 | شۇڭا ئەگەر «ناھەق دۇنياغا تەۋە بولغان مال-دۇنيا»دا سادىق بولمىساڭلار، كىم سىلەرگە ھەقىقىي بايلىقلارنى تاپشۇرسۇن؟ |
29207 | GAL 4:9 | ئەمدىلىكتە، ھازىر ھەقىقىي خۇدانى تونۇغانىكەنسىلەر، ــ ياكى ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدا تەرىپىدىن تونۇلغانىكەنسىلەر، ئەمدى سىلەر نېمە دەپ بۇ دۇنيادىكى كۈچسىز، ئەبجەق ئەرزىمەس «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر»گە قاراپ يانىسىلەر؟ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا يېڭىۋاشتىن قايتىشنى خالامسىلەر؟ |