Wildebeest analysis examples for:   uig-uigara   Word).    February 25, 2023 at 01:27    Script wb_pprint_html.py   by Ulf Hermjakob

246  GEN 10:11  ئۇ بۇ زېمىندىن ئاشۇر زېمىنىغا چىقىپ نىنەۋە، رەھوبوت-ئىر، كالاھ ۋە نىنەۋە بىلەن كالاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسەن دېگەن شەھەرلەرنىمۇ بىنا قىلدى (بۇلار قوشۇلۇپ «كاتتا شەھەر» بولدى).
305  GEN 12:6  ئابرام زېمىننى كېزىپ، شەكەم دېگەن جايدىكى «مورەھنىڭ دۇب دەرىخى»نىڭ يېنىغا كەلدى (ئۇ چاغدا ئۇ زېمىندا قانائانىيلار تۇراتتى).
326  GEN 13:7  بۇ سەۋەبتىن ئابرامنىڭ پادىچىلىرى بىلەن لۇتنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا جېدەل چىقتى (ئۇ ۋاقىتتا قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر شۇ زېمىندا تۇراتتى).
385  GEN 16:3  شۇنىڭ بىلەن ئابرامنىڭ ئايالى ساراي دېدىكى مىسىرلىق ھەجەرنى ئۆز ئېرى ئابرامغا توقاللىققا ئاپىرىپ بەردى (ئۇ ۋاقىتتا ئابرام قانائان زېمىنىدا ئون يىل ئولتۇرغانىدى).
571  GEN 22:23  (بېتۇئەلدىن رىۋكاھ تۆرەلدى). بۇ سەككىزىنى مىلكاھ ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھورغا تۇغۇپ بەردى.
677  GEN 25:18  ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھاۋىلاھ رايونىدىن تارتىپ شۇرغىچە ئولتۇراقلاشتى (شۇر بولسا مىسىرنىڭ ئۇتتۇرىسىدا بولۇپ، ئاشۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى). ئىسمائىل ئۆزىنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراقلاشتى.
689  GEN 25:30  ئەساۋ ياقۇپقا: ــ مەن ھالىمدىن كەتتىم! ئۆتۈنۈپ قالاي، ئاۋۇ قىزىلدىن بەرسەڭ! ــ ئاۋۇ قىزىل نەرسىدىن مېنى ئوزۇقلاندۇرساڭچۇ! مەن ھالىمدىن كەتتىم، ــ دېدى (شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئېتى «ئېدوم» دەپمۇ ئاتالدى).
1106  GEN 37:22  رۇبەن ئۇلارغا يەنە: ــ قان تۆكمەڭلار! بەلكى ئۇنى چۆلدىكى مۇشۇ ئورەككە تاشلىۋېتىڭلار؛ لېكىن ئۇنىڭغا قول تەگكۈزمەڭلەر، دېدى (ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا قايتۇرۇۋەتمەكچى ئىدى).
1628  EXO 4:26  شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى قويۇپ بەردى (بۇ چاغدا زىپپوراھ ئۇنىڭغا: «سەن دەرۋەقە ئالدىمدا قان تۆكەر بىر ئەر ئىكەنسەن!» ــ دېدى. بۇ سۆزىنى ئۇ خەتنە تۈپەيلىدىن ئېيتتى).
1810  EXO 11:3  (پەرۋەردىگار خەلقىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپقۇزدى. شۇنىڭدەك مۇسا دېگەن بۇ ئادەم مىسىر زېمىنىدا پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، پۇقرالارنىڭ نەزىرىدە بولسۇن، ناھايىتى ئۇلۇغ زات بولدى).
2004  EXO 18:4  يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئەلىئېزەر دەپ قويۇلغانىدى؛ چۈنكى مۇسا: «ئاتامنىڭ خۇداسى ماڭا ياردەمدە بولۇپ، مېنى پىرەۋننىڭ قىلىچىدىن قۇتقۇزدى»، دېگەنىدى).
2396  EXO 30:13  رويخەتكە ئېلىنىپ، ساناقتىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بېرىشى كېرەك بولغىنى شۇكى، ھەربىرى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يېرىم شەكەل بەرسۇن (بىر شەكەل يىگىرمە گەراھقا باراۋەر كېلىدۇ). بۇ يېرىم شەكەل پەرۋەردىگارغا «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولىدۇ.
3279  LEV 18:27  (چۈنكى بۇ بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلارنى سىلەردىن ئىلگىرى شۇ زېمىندا تۇرغان خەلق قىلىپ كەلگەچكە، زېمىننىڭ ئۆزى ناپاك بولۇپ قالدى).
3406  LEV 23:3  (ئالتە كۈن ئىش-ئەمگەك قىلىنسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى «خاس شابات كۈنى»، مۇقەددەس سورۇنلار كۈنى بولىدۇ؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. قەيەردىلا تۇرساڭلار بۇ كۈن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان شابات كۈنى بولىدۇ).
4952  DEU 2:12  سېئىردا ئەسلىدە ھورىيلار تۇراتتى؛ لېكىن ئەساۋلار ھورىيلارنى زېمىنىدىن ھەيدىۋېتىپ، ئۇلارنى يوقىتىپ ئورنىغا ئولتۇراقلاشتى ــ خۇددى ئىسرائىللار مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا تەقدىم قىلغان، ئۇلارنىڭ تەۋەلىكى بولغان زېمىنغا قىلغىنىغا ئوخشاش).
4963  DEU 2:23  ۋە گازا شەھىرىگىچە كەنت-قىشلاقلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاۋۋىيلارنى بولسا، كافتوردىن چىققان كافتورىيلار يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇراقلاشتى).
4970  DEU 2:30  لېكىن ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ بىزنىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويغۇسى يوق ئىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ روھ-قەلبىنى قاتتىق، كۆڭلىنى جاھىل قىلىۋەتكەن (بۈگۈنكى ئەھۋال دەرۋەقە شۇنداق).
4988  DEU 3:11  (شۇ چاغدا گىگانتلارنىڭ قالدۇقىدىن پەقەت باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ قالغانىدى؛ ئۇنىڭ كارىۋىتى تۆمۈردىن ياسالغانىدى؛ مانا، ئۇ ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە ساقلىنىۋاتمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى توققۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز. «گەز» ــ ئادەتتىكى ئادەمنىڭ جەينىكى ئۆلچەم قىلىنغان).
4991  DEU 3:14  ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىر پۈتكۈل ئارگوب رايونىنى، يەنى باشاننى گەشۇرىيلار ۋە مائاكاتىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىگەن ۋە ئۇنى ئۆز ئىسمى بىلەن «ھاۋۋوت-يائىر» دەپ ئاتىغان. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ شۇنداق ئاتالماقتا).
5055  DEU 4:49  شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى پۈتكۈل ئاراباھ تۈزلەڭلىكى ۋە پىسگاھ تېغىنىڭ باغرىغا جايلاشقان «تۈزلەڭلىكتىكى دېڭىز»غىچە ئىدى).
5060  DEU 5:5  (شۇ چاغدا سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى جاكارلاش ئۈچۈن مەن سىلەر ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغانىدىم؛ سىلەر ئوتنىڭ ئالدىدا قورقۇپ، تاغقا چىقىشنى خالىمىدىڭلار).
5160  DEU 9:1  ئاڭلا، ئى ئىسرائىل! سەن بۈگۈن ئۆزۈڭدىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، سېپىللىرى ئاسمانغا تاقىشىدىغان چوڭ شەھەرلەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئاناكىيلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىسەن (سەن ئۇلارنى بىلىسەن، ئۇلار توغرۇلۇق «كىم ئاناكىيلار ئالدىدا تۇرالىسۇن!» دەپ ئاڭلىغانسەن).
5183  DEU 9:24  مەن سىلەرنى تونۇغان كۈندىن تارتىپ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار).
5195  DEU 10:7  ئىسرائىللار شۇ يەردىن گۇدگوداھقا، ئاندىن گۇدگوداھتىن يوتباتاھقا سەپەر قىلدى (يوتباتاھ ئېرىق-ئېقىنى مول يەردۇر).
5299  DEU 14:7  لېكىن، كۆشىگۈچى ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: ــ تۆگە، توشقان ۋە سۇغۇر (چۈنكى ئۇلار كۆشىگۈچى بولغىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەستۇر. شۇڭا ئۇلار سىلەرگە ھارام بولىدۇ).
5472  DEU 21:23  ئۆلۈكى كېچىچە دەرەختە قالمىسۇن؛ قانداقلا بولمىسۇن، سىلەر دەرەخكە ئېسىلغۇچىنى شۇ كۈندە كۆمۈۋېتىڭلار (چۈنكى كىمدەكىم دەرەخكە ئېسىلغان بولسا، خۇدا تەرىپىدىن لەنەتكە قالدۇرۇلغان كىشى ھېسابلىنىدۇ). شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر.
5698  DEU 29:16  سىلەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياغاچ، تاش، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان بۇتلارنى كۆردۈڭلار).
5886  JOS 2:15  شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۇلارنى پەنجىرىدىن بىر تانا بىلەن چۈشۈرۈپ قويدى (چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى شەھەرنىڭ سېپىلىدا بولۇپ، ئۇ سېپىلنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى).
6136  JOS 12:4  ئۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىل باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئالدى؛ ئۇ رەفايىيلار دېيىلىدىغان گىگانتلارنىڭ قالدۇقىدىن بىرى ئىدى (ئۇلار ئاشتاروت ۋە ئەدرەيدە تۇراتتى).
6193  JOS 14:4  (يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسەھ ۋە ئەفرائىم دېگەن ئىككى قەبىلىگە بۆلۈنگەنىدى. لاۋىيلارغا بولسا، تۇرۇشقا بولىدىغان شەھەرلەر بېكىتىلىپ، شۇنداقلا شۇ شەھەرلەرگە تەۋە يايلاقلاردىن چارپايلىرىنى باقىدىغان ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان يەرلەردىن باشقا ئۇلارغا ھېچ ئۈلۈشلەرنى بەرمىگەنىدى).
6204  JOS 14:15  (ئىلگىرى ھېبرون بولسا كىرىئات-ئاربا دەپ ئاتىلاتتى. ئاربا دېگەن ئادەم ئاناكىيلار ئارىسىدا ئەڭ داڭقى چىققان ئادەم ئىدى). شۇنداق قىلىپ زېمىن جەڭدىن ئارام تاپتى.
6219  JOS 15:15  ئاندىن شۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىرنىڭ نامى كىرىئات-سەفەر ئىدى).
6521  JDG 1:10  ئاندىن يەھۇدالار ھېبروندىكى قانائانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ، شېشاي، ئاھىمان ۋە تالمايلارنى ئۇرۇپ قىردى (ئىلگىرى ھېبرون «كىرىئات-ئاربا» دەپ ئاتىلاتتى).
6522  JDG 1:11  ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپ، دەبىردە تۇرۇۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلدى (ئىلگىرى دەبىر «كىرىئات-سەفەر» دەپ ئاتىلاتتى).
6534  JDG 1:23  يۈسۈپنىڭ جەمەتى بەيت-ئەلنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كېلىشكە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى (ئىلگىرى شەھەرنىڭ نامى لۇز ئىدى).
6612  JDG 4:11  (شۇ چاغدا كېنىيلەردىن بولغان ھەبەر ئۆزىنى مۇسانىڭ قېينئاتىسى ھوبابنىڭ نەسلىدىن بولغان كېنىيلەردىن ئايرىپ چىقىپ، كەدەشنىڭ يېنىدىكى زائانائىمنىڭ دۇب دەرىخىنىڭ يېنىدا چېدىر تىككەنىدى).
6675  JDG 6:19  گىدېئون بېرىپ ئۆيگە كىرىپ بىر ئوغلاقنى تەييارلاپ، بىر ئەفاھ ئېسىل ئۇندىن پېتىر نان پىشۇرۇپ، گۆشنى سېۋەتكە سېلىپ، شورپىسىنى كورىغا ئۇسۇپ بۇلارنى ئۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سۇندى (ئۇ تېخىچە دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى).
6724  JDG 8:3  خۇدا مىدىياننىڭ ئەمىرلىرى ئورەب بىلەن زەئەبنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغان يەردە، مېنىڭ قولۇمدىن كەلگىنىنى قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئاچچىقى ياندى).
6745  JDG 8:24  ئاندىن گىدېئون ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرگە پەقەت بىرلا ئىلتىماسىم بار: ــ ھەر بىرىڭلار ئۆز ئولجاڭلاردىن ھالقا-زېرىلەرنى ماڭا بېرىڭلار، دېدى (مىدىيانلار ئىسمائىللاردىن بولغاچقا، ھەربىرى ئالتۇن زىرە-ھالقىلارنى تاقايتتى).
6902  JDG 13:16  پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوئاھقا جاۋاب بېرىپ: ــ سەن مېنى تۇتۇپ قالساڭمۇ، مەن نېنىڭدىن يېمەيمەن؛ ئەگەر سەن بىرەر كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇشۇڭ كېرەك، دېدى (ئۇنىڭ شۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، مانوئاھ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنىدى).
6960  JDG 16:9  (دىلىلاھ بىرنەچچە ئادەمنى ھۇجرىدا پايلاپ تۇرۇشقا يوشۇرۇپ قويغانىدى). ئۇ شىمشونغا: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى. ئۇ قوپۇپ كىرىچلەرنى چىگە شوينا ئوتتا كۆيۈپ ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك ئۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكىنىڭ سىرى ئاشكارىلانمىدى.
6963  JDG 16:12  شۇنىڭ بىلەن دىلىلاھ يېڭى ئارغامچا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى باغلاپ: ــ ئەي شىمشون، فىلىستىيلەر سېنى تۇتقىلى كەلدى! ــ دېدى (ئەسلىدە بىرنەچچە ئادەم ھۇجرىدا يوشۇرۇنۇپ، ئۇنى پايلاپ تۇرۇشقانىدى). لېكىن شىمشون ئۆز قولىدىكى ئارغامچىلارنى يىپنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلىدى.
7007  JDG 18:12  ئۇلار يەھۇدا يۇرتىدىكى كىرىئات-يېئارىم دېگەن جايغا بېرىپ، چېدىر تىكتى (شۇڭا بۇ جاي تاكى بۈگۈنگىچە «داننىڭ لەشكەرگاھى» دەپ ئاتالماقتا؛ ئۇ كىرىئات-يېئارىمنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقانىدى).
7059  JDG 20:3  (بىنيامىنلار ئىسرائىلنىڭ مىزپاھدا جەم بولغىنىدىن ئەمدى خەۋەر تاپقانىدى). ئىسرائىللار سۈرۈشتە قىلىپ: «بۇ رەزىل ئىش قانداق يۈز بەردى؟» ــ دەپ سورىدى.
7314  1SA 4:15  (ئەلى توقسان سەككىز ياشقا كىرگەن، كۆزلىرى قېتىپ قالغان بولۇپ، كۆرمەيتتى).
7402  1SA 9:9  (بۇرۇن ئىسرائىلدا بىر ئادەم خۇدادىن يول سورىماقچى بولسا: ــ كېلىڭلار، ئالدىن كۆرگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى، دەيتتى. ھازىر «پەيغەمبەر» دېگەننى ئۆتكەن زاماندا «ئالدىن كۆرگۈچى» دەيتتى).
7513  1SA 14:3  (ئۇ ۋاقىتتا ئەفودنى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، ئىخابودنىڭ ئاكىسى ئاخىياھ كىيەتتى؛ ئۇ شىلوھدا تۇرۇۋاتقان، پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنى ئىدى. ئاخىتۇب فىنىھاسنىڭ ئوغلى، فىنىھاس ئەلىنىڭ ئوغلى ئىدى). خەلق بولسا يوناتاننىڭ كەتكىنلىكىنى بىلمىگەنىدى.
7703  1SA 18:25  سائۇل: ــ سىلەر داۋۇتقا: ــ پادىشاھ ساڭا باشقا تويلۇق ئالغۇزمايدۇ، پەقەت پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن يۈز فىلىستىينىڭ خەتنىلىكىنىلا ئالىدۇ، دەپ ئېيتىڭلار، دېدى (سائۇلنىڭ مەقسىتى بولسا داۋۇتنى فىلىستىيلەرنىڭ قولىدا يوقىتىش ئىدى).
7783  1SA 21:9  (لېكىن ئۇ كۈنى سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن مەلۇم بىرسى ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قالدۇرۇلغانىدى. ئۇنىڭ ئىسمى دوئەگ بولۇپ سائۇلنىڭ پادىچىلىرىنىڭ چوڭى ئىدى).
7941  1SA 27:8  داۋۇت بولسا ئۆز ئادەملىرى بىلەن چىقىپ گەشۇرىيلارغا، گەزرىيلەرگە ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ تۇراتتى (چۈنكى ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ شۇرىغا كىرىش يولىدىن تارتىپ مىسىر زېمىنىغىچە بولغان شۇ يۇرتتا تۇراتتى).
7948  1SA 28:3  (سامۇئىل ئۆلگەنىدى ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئۇنى ئۆز شەھىرى بولغان راماھدا دەپنە قىلغانىدى. سائۇل بولسا جىنكەشلەر بىلەن پالچىلارنى زېمىندىن قوغلاپ چىقاردى).
8126  2SA 4:3  لېكىن بەئەروتلۇقلار گىتتائىمغا قېچىپ بېرىپ ئۇ يەردە بۇ كۈنگىچە مۇساپىردەك ياشاۋاتىدۇ).
8130  2SA 4:7  (ئۇلار ئىشبوشەت ھۇجرىسىدا كارىۋاتتا ياتقىنىدا، ئۆيگە كىرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگەنىدى). ئۇلار ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىپ، ئاندىن كاللىسىنى ئېلىپ كېچىچە ئاراباھ تۈزلەڭلىكىدىن مېڭىپ ئۆتتى.
8142  2SA 5:7  لېكىن داۋۇت زىئون قورغىنىنى ئالدى (بۇ يەر داۋۇتنىڭ شەھىرى دەپ ئاتىلىدۇ).
8240  2SA 9:10  سەن بىلەن ئوغۇللىرىڭ ۋە خىزمەتكارلىرىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇ زېمىندا تېرىقچىلىق قىلىپ، چىققان مەھسۇلاتلىرىنى غوجاڭنىڭ ئوغلىغا يېيىشكە تاپشۇرۇڭلار. غوجاڭنىڭ ئوغلى مەفىبوشەت مەن بىلەن ھەمىشە ھەمداستىخان بولۇپ غىزالىنىدۇ، ــ دېدى (زىبانىڭ ئون بەش ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارى بار ئىدى).
8266  2SA 11:4  داۋۇت كىشى ئەۋەتىپ، ئۇنى قېشىغا ئەكەلتۈردى (ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئادەتتىن پاكلىنىۋاتقانىدى). ئۇ ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەندە، داۋۇت ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى؛ ئاندىن ئۇ ئۆز ئۆيىگە يېنىپ كەتتى.
8585  2SA 21:2  پادىشاھ گىبېئونلۇقلارنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن سۆزلەشتى (گىبېئونلۇقلار ئىسرائىللاردىن ئەمەس ئىدى، بەلكى ئامورىيلارنىڭ بىر قالدىسى ئىدى. ئىسرائىل ئەسلىدە ئۇلار بىلەن ئەھدە قىلىپ قەسەم ئىچكەنىدى؛ لېكىن سائۇل ئىسرائىل ۋە يەھۇدالارغا بولغان قىزغىنلىقى بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە ئىنتىلگەنىدى).
8595  2SA 21:12  شۇنىڭ بىلەن داۋۇت يابەش-گىلېئادتىكىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن سائۇلنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ سۆڭەكلىرىنى ئېلىپ كەلدى (فىلىستىيلەر گىلبوئادا سائۇلنى ئۆلتۈرگەن كۈنىدە ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى بەيت-شاندىكى مەيداندا ئېسىپ قويغانىدى؛ يابەش-گىلېئادتىكىلەر ئەسلىدە بۇلارنى شۇ يەردىن ئوغرىلىقچە ئېلىپ كەتكەنىدى).
8726  1KI 1:6  (ئۇنىڭ ئاتىسى ھېچقاچان: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟» دەپ، ئۇنىڭغا تەنبىھ-تەربىيە بېرىپمۇ باقمىغانىدى ھەم ئۇ ناھايىتى كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، ئانىسى ئۇنى ئابشالومدىن كېيىن تۇغقانىدى).
8735  1KI 1:15  بات-شېبا ئىچكىرى ئۆيگە پادىشاھنىڭ قېشىغا كىردى (پادىشاھ تولىمۇ قېرىپ كەتكەنىدى، شۇناملىق ئابىشاگ پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتاتتى).
8862  1KI 4:15  نافتالىغا ئاخىمائاز (ئۇ سۇلايماننىڭ قىزى باسىماتنى خوتۇنلۇققا ئالغانىدى).
8997  1KI 8:9  ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىدە مۇسا پەيغەمبەر ھورەب تېغىدا تۇرغاندا ئىچىگە سالغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى (ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە ئەھدە تۈزگەنىدى).
9094  1KI 10:12  پادىشاھ سەندەل ياغىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئۈچۈن پەلەمپەي-سالاسۇنلار ياساتتى ھەم نەغمە-ناۋاچىلار ئۈچۈن چىلتارلار ۋە سازلارنى شۇنىڭدىن ياساتتى. شۇ ۋاقىتتىن كېيىن شۇنداق زور مىقداردىكى ئېسىل سەندەل ياغىچى بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ كەلتۈرۈلمىدى يا كۆرۈلۈپ باقمىدى).
9156  1KI 12:2  نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام شۇ ئىشنى ئاڭلىغاندا، شۇنداق بولدىكى، ئۇ تېخى مىسىردا ئىدى (چۈنكى يەروبوئام سۇلايمان پادىشاھتىن قېچىپ مىسىردا تۇرۇۋاتاتتى).
9348  1KI 18:4  يىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىۋاتقاندا ئوبادىيا يۈز پەيغەمبەرنى ئېلىپ ئەللىكتىن-ئەللىكتىن ئايرىم-ئايرىم ئىككى غارغا يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ۋە سۇ بىلەن باققانىدى).
9480  1KI 21:26  ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ قوغلىۋەتكەن ئامورىيلارنىڭ قىلغىنىدەك قىلىپ، يىرگىنچلىك بۇتلارغا تايىنىپ ئەگىشىپ، لەنەتلىك ئىشلارنى قىلاتتى).
9776  2KI 9:16  يەھۇ بىر جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدەپ يىزرەئەلگە باردى، چۈنكى يورام ئۇ يەردە كېسەل بىلەن ياتقانىدى (يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئاھازىيا يورامنى يوقلىغىلى چۈشۈپ كەلگەنىدى).
9789  2KI 9:29  (ئاھابنىڭ ئوغلى يورامنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ئون بىرىنچى يىلىدا ئاھازىيا يەھۇداغا پادىشاھ بولغانىدى).
9922  2KI 14:22  (پادىشاھ ئاتىسى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئېلات شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ، يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلغۇچى دەل ئازارىيا ئىدى).
10113  2KI 20:11  شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى ۋە ئۇ قۇياشنىڭ ئاھاز پادىشاھ قۇرغان پەلەمپەي باسقۇچىلىرى ئۈستىگە چۈشكەن سايىسىنى ياندۇرۇپ، ئون باسقۇچ كەينىگە ماڭدۇردى).
10178  2KI 23:9  (ئەمدى «يۇقىرى جايلار»دىكى كاھىنلارنىڭ يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا چىقىشى چەكلەنگەنىدى؛ لېكىن ئۇلار داۋاملىق ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە پىتىر نانلاردىن يېيىشىگە مۇيەسسەر ئىدى).
10180  2KI 23:11  پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان يولنىڭ ئېغىزىدا يەھۇدا پادىشاھلىرى قۇياشقا تەقدىم قىلىپ قويغان ئاتلارنى شۇ يەردىن يۆتكەپ، «قۇياش ھارۋىلىرى»نى ئوتتا كۆيدۈردى (ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىغا جايلاشقان، ناتان-مەلەك دېگەن ئاغۋاتنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا تۇراتتى).
10230  2KI 25:4  شەھەر سېپىلى بۆسۈلدى؛ بارلىق جەڭگىۋار لەشكەرلەر قاچماقچى بولۇپ، تۈن كېچىدە بەدەر تىكىۋېتىشتى. ئۇلار پادىشاھنىڭ باغچىسىغا يېقىن «ئىككى سېپىل» ئارىلىقىدىكى دەرۋازىدىن كېتىشتى (كالدىيلەر بولسا شەھەرنىڭ ھەريېنىدا تۇراتتى). ئۇلار ئىئوردان جىلغىسىدىكى «ئاراباھ تۈزلەڭلىكى»نى بويلاپ قېچىشتى.
10283  1CH 1:27  ئاندىن ئابرام دۇنياغا كەلدى (ئابرام بولسا ئىبراھىمنىڭ ئۆزى).
10295  1CH 1:39  ھورى بىلەن ھومام لوتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى (تىمنا لوتاننىڭ سىڭلىسى ئىدى).
10403  1CH 4:14  مېئونوتايدىن ئوفراھ تۆرەلدى. سېرايادىن «ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسى»دىكىلەرنىڭ ئەجدادى بولغان يوئاب تۆرەلدى (ئۇلار ئەسلىدە ھۈنەرۋەنلەر ئىدى).
10411  1CH 4:22  ۋە يەنە يوكىم، كوزىبالىقلار، يوئاش بىلەن ساراف (بۇلار ئىككىسى موئاب يۇرتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان) ۋە ياشۇبى-لەھەملەرمۇ بار ئىدى (بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدىمكى خاتىرىلەردۇر).
10426  1CH 4:37  ۋە شىفىنىڭ ئوغلى زىزالار ئىدى (شىفى ئاللوننىڭ ئوغلى، ئاللون يەدايانىڭ ئوغلى، يەدايا شىمرىنىڭ ئوغلى، شىمرى شېمايانىڭ ئوغلى ئىدى).
10440  1CH 5:8  (بېلا ئازازنىڭ ئوغلى، ئازاز شېمانىڭ ئوغلى، شېما يوئېلنىڭ ئوغلى ئىدى). يوئېللار ئاروئەردە، نېبو ۋە بائال-مېئونغىچە سوزۇلغان جايلاردا تۇراتتى.
10514  1CH 6:41  (لېكىن بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلۇقلار ۋە شەھەرگە قاراشلىق يېزا-كەنتلەر بولسا يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبكە بېرىلدى).
10554  1CH 7:15  ماكىر شۇپپىيلار ۋە خۇپپىيلار ئارىسىدىنمۇ ئايال ئالغان (ماكىرنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئىسمى مائاكاھ ئىدى). ماكىرنىڭ يەنە بىر ئەۋلادىنىڭ ئىسمى زەلوفىھاد ئىدى، زەلوفىھادنىڭ پەقەت بىرنەچچە قىزىلا بولغان.
10563  1CH 7:24  ئۇنىڭ قىزى ئۈستۈن بەيت-ھورون بىلەن تۆۋەن بەيت-ھوروننى ۋە ئۇززەن-شەئەراھنى بىنا قىلغان).
10585  1CH 8:6  تۆۋەندىكىلەر ئەخۇدنىڭ ئەۋلادلىرى: ــ نائامان، ئاخىياھ ۋە گېرا (ئەسلىدە ئۇلار گېبالىقلارنىڭ جەمەت بېشى ئىدى. گېبالىقلار ماناھاتقا كۆچۈرۈۋېتىلگەنىدى. بۇلارنى كۆچۈرۈۋەتكۈچى بولسا گېرا ئىدى؛ ئۇنىڭدىن ئۇززا بىلەن ئاخىھۇد تۆرەلگەن).
10642  1CH 9:23  ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى، يەنى مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىشىك-دەرۋازىلىرىنى بېقىشقا بېكىتىلگەنىدى).
10681  1CH 11:4  داۋۇت بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى يېرۇسالېمغا كەلدى (يېرۇسالېم شۇ چاغدا «يەبۇس» دەپ ئاتىلاتتى، زېمىندىكى ئاھالە بولغان يەبۇسىيلار شۇ يەردە تۇراتتى).
10682  1CH 11:5  يەبۇس ئاھالىسى داۋۇتقا: «سەن بۇ يەرگە ھېچقاچان كىرەلمەيسەن!» دېدى. بىراق داۋۇت زىئون دېگەن قورغاننى ئالدى (شۇ يەر «داۋۇتنىڭ شەھىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ).
10744  1CH 12:20  داۋۇت ئىلگىرى فىلىستىيلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسەھ قەبىلىسىدىكى بەزىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى (لېكىن ئۇلار فىلىستىيلەرگە ياردەم بەرمىدى، چۈنكى فىلىستىيلەرنىڭ ئەمىرلىرى: «داۋۇت ئۆز غوجىسى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا بېشىمىز كەتمەي قالمايدۇ!» دەپ مەسلىھەتلىشىپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەتمەكچى بولغانىدى).
11058  1CH 25:7  ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ سانى جەمئىي ئىككى يۈز سەكسەن سەككىز ئىدى (ئۇلار ھەممىسى پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەش نەغمە-ناۋالىقىدا ئالاھىدە تەربىيە كۆرگەن، كۈي ئېيتىشقا ئۇستا ئىدى).
11272  2CH 4:21  ئۇ يەنە چىراغداننىڭ گۈللىرى، چىراغ ۋە پىلىك قايچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئالتۇندىن قىلدۇردى (ئۇلار ساپ ئالدۇندىن ئىدى).
11283  2CH 5:10  ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىدە مۇسا پەيغەمبەر ھورەب تېغىدا تۇرغاندا ئىچىگە سالغان ئىككى تاختايدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى (ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ھورەبدە ئەھدە تۈزگەنىدى).
11380  2CH 9:11  پادىشاھ سەندەل ياغىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى ئۈچۈن ۋە پادىشاھنىڭ ئوردىسى ئۈچۈن پەلەمپەيلەر ياساپ ھەم نەغمە-ناۋاچىلار ئۈچۈن چىلتارلار ۋە سازلارنى شۇنىڭدىن ياساتتى. شۇنداق ئېسىل سەندەل ياغىچى يەھۇدا زېمىنىدا بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغانىدى).
11402  2CH 10:2  نىباتنىڭ ئوغلى يەروبوئام شۇ ئىشنى ئاڭلىغاندا شۇنداق بولدىكى، مىسىردىن قايتىپ كەلدى (چۈنكى ئۇ سۇلايمان پادىشاھتىن قېچىپ مىسىردا تۇرۇۋاتاتتى).
11434  2CH 11:15  (چۈنكى يەروبوئام «يۇقىرى جايلار»دىكى خىزمەت ئۈچۈن «تېكە ئىلاھلىرى» ۋە ئۆزى ياسىغان موزاي مەبۇدلىرىنىڭ قۇللۇقىدا بولۇشقا ئۆزى ئۈچۈن كاھىنلارنى تەيىنلىگەنىدى).
11504  2CH 15:9  ئۇ بارلىق يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلارنى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان بارلىق ئەفرائىمىي، ماناسسەھىي، شىمېئونىي مۇساپىرلىرىنى يىغدى (چۈنكى نۇرغۇن ئىسرائىللار ئاسانىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بولۇپ، ئىسرائىلدىن چىقىپ ئاسا تەرەپكە ئۆتكەنىدى).
11594  2CH 20:2  چاپارمەنلەر كېلىپ يەھوشافاتقا: ــ ئۆلۈك دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىن، يەنى ئېدومدىن سىلىگە ھۇجۇم قىلغىلى زور بىر قوشۇن چىقىپ كەلدى؛ مانا، ئۇلار ھازازون-تاماردا، دېدى (ھازازون-تامار يەنە «ئەن-گەدى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ).
11658  2CH 22:9  يەھۇ ئاھازىيانىمۇ ئىزدىدى؛ كىشىلەر ئۇنى تۇتۇۋالدى (ئۇ سامارىيەگە يوشۇرۇنۇۋالغانىدى). ئۇلار ئۇنى يەھۇنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ ئۆلتۈردى. ئۇلار ئۇنى دەپنە قىلدى، چۈنكى كىشىلەر: «بۇ دېگەن پەرۋەردىگارنى چىن كۆڭلىدىن ئىزدىگەن يەھوشافاتنىڭ نەۋرىسىدۇر» دېگەنىدى. ئاھازىيانىڭ جەمەتىدە پادىشاھلىقنى قولىغا ئالغۇدەك بىرەر ئادەم قالمىدى.
11667  2CH 23:6  لېكىن كاھىنلار ھەم ۋەزىپە ئۆتەيدىغان لاۋىيلاردىن بۆلەك ھېچكىمنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزمىسۇن (كاھىن-لاۋىيلار پاك-مۇقەددەس دەپ ھېسابلانغاچقا كىرىشىگە بولىدۇ). باشقا خەلقنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگار ئۆزىگە بېكىتكەن جايلارنى كۆزەت قىلسۇن.
11689  2CH 24:7  (چۈنكى ئەسلىدە رەزىل خوتۇن ئاتالىيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى خۇدانىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ بائال بۇتلىرىغا ئاتاپ تەقدىم قىلىۋەتكەنىدى).
11739  2CH 26:2  (پادىشاھ ئاتىسى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇخلىغاندىن كېيىن، ئېلات شەھىرىنى قايتىدىن ياساپ، يەھۇداغا يەنە تەۋە قىلغۇچى دەل ئۇززىيا ئىدى).
11762  2CH 27:2  ئۇ ئاتىسى ئۇززىيانىڭ بارلىق قىلغانلىرىدەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلدى (لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەسخانىسىغا كىرمىدى). لېكىن خەلق يەنىلا بۇزۇق ئىشلارنى قىلىۋەردى.