6448 | JOS 22:20 | زەراھنىڭ ئوغلى ئاقان ھارام بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئېلىپ، ئىتائەتسىزلىك قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇ سەۋەبتىن قەبىھلىكى ئۈچۈن يالغۇز ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈپ قالماي، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يەنە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئەمەسمۇ؟». |
9436 | 1KI 20:25 | ئاندىن سىلى مەھرۇم بولغان قوشۇنلىرىغا باراۋەر بولغان يەنە بىر قوشۇننى، يەنى ئاتنىڭ ئورنىغا ئات، ھارۋىنىڭ ئورنىغا ھارۋا تەييار قىلدۇرۇپ ئۆزلىرىگە يىغقايلا؛ بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلار بىلەن سوقۇشايلى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا كۈچلۈك كەلمەمدۇق؟». ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ شۇنداق قىلدى. |
9910 | 2KI 14:10 | سەن دەرۋەقە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭ؛ كۆڭلۈڭدە ئۆز-ئۆزۈڭدىن مەغرۇرلىنىپ كەتتىڭ. ئەمدى يايراپ پەخىرلەن، بىراق ئۆيدە قالغىن؛ نېمىشقا بېشىڭغا كۈلپەت كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟». |
11174 | 1CH 29:5 | ئالتۇندىن ياسىلىدىغانلىرىغا ئالتۇن، كۈمۈشتىن ياسىلىدىغانلىرىغا كۈمۈش ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قولى بىلەن ھەرخىل ياسىلىدىغانلىرىغا كېرەك بولغىنىنى تەقدىم قىلدىم. بۈگۈن يەنە كىملەرنىڭ پەرۋەردىگارغا بىرنېمە ئاتىغۇسى بار؟». |
11728 | 2CH 25:19 | سەن دەرۋەقە ئېدومنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭ؛ كۆڭلۈڭدە ئۆز-ئۆزۈڭدىن مەغرۇرلىنىپ يايراپ كەتتىڭ. ئەمدى ئۆيۈڭدە قالغىنىڭ ياخشى؛ نېمىشقا بېشىڭغا كۈلپەت كەلتۈرۈپ، ئۆزۈڭنى ۋە ئۆزۈڭ بىلەن يەھۇدانى بالاغا يىقىتىسەن؟». |
12137 | EZR 4:22 | بۇ ئىشنى ئادا قىلماي قېلىشتىن پەخەس بولۇڭلار؛ پادىشاھلارغا زىيان كەلتۈرىدىغان ئاپەت نېمىشقا كۈچىيىۋېرىدىكەن؟». |
12780 | EST 4:14 | ئەگەر بۇ چاغدا سەن جىم تۇرۇۋالساڭ، يەھۇدىيلارغا باشقا تەرەپتىن مەدەت ۋە نىجات چىقىشى مۇمكىن؛ لېكىن ئۇ چاغدا سەن ئۆز ئاتا جەمەتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ يوقىتىلىسەن. كىم بىلسۇن، سېنىڭ خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكىنىڭ دەل بۈگۈنكى مۇشۇنداق پەيت ئۈچۈن بولغانمۇ؟». |
13465 | JOB 24:25 | بۇ ئىشلار مۇنداق بولمىسا، قېنى كىم مېنى يالغانچى دەپ ئىسپاتلىيالايدۇ. مېنىڭ گەپلىرىمنى كىم قۇرۇق گەپ دېيەلەيدۇ؟». |
13471 | JOB 25:6 | قۇرت بولغان ئىنسان، سازاڭ بولغان ئادەم بالىسى ئۇنىڭ ئالدىدا قانداق بولار؟». |
15160 | PSA 77:10 | تەڭرى مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىشنى ئۈنتۇدىمۇ؟ ئۇ غەزەپلىنىپ ئۆز رەھىمدىللىقىنى توختىتىۋەتتىمۇ؟». سېلاھ. |
17677 | SNG 5:9 | «سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقا بىر سۆيۈملۈكتىن قانداق ئارتۇق يېرى بار، ئى، ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى؟ سېنىڭ سۆيۈملۈكۈڭنىڭ باشقا بىر سۆيۈملۈكتىن قانداق ئارتۇق يېرى بار؟ ــ سەن بىزگە شۇنداق تاپىلىغانغۇ؟». |
18938 | ISA 63:2 | «ئۈستىبېشىڭدىكىسى نېمىشقا قىزىل، قانداقسىگە كىيىم-كېچەكلىرىڭ شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگۈچىنىڭكىگە ئوخشاپ قالدى؟». |
19660 | JER 26:19 | يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيا ۋە بارلىق يەھۇدا خەلقى مىكاھنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغانمۇ؟ ھەزەكىيا پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنگەن ئەمەسمۇ؟ ۋە پەرۋەردىگار ئۇلارغا قىلماقچى بولۇپ جاكارلىغان كۈلپەتتىن يانغان ئەمەسمۇ؟ بىز بۇ يولدىن يانمىساق ئۆز جېنىمىز ئۈستىگە زور بىر كۈلپەتنى چۈشۈرگەن بولمامدىمىز؟». |
20098 | JER 44:19 | بىز ئاياللار «ئاسمانلارنىڭ خانىشى»غا خۇشبۇي ياققىنىمىزدا ۋە ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيغىنىمىزدا، بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ پوشكاللارنى ئېتىشىمىزنى ھەم ئۇنىڭغا «شاراب ھەدىيە»لەرنى قۇيۇشىمىزنى ئەرلىرىمىز قوللىمىغانمۇ؟». |
21375 | EZK 33:26 | سىلەر قىلىچىڭلارغا تايىنىسىلەر، سىلەر يىرگىنچلىك ئىشلارنى چىقىرىسىلەر، ھەربىرىڭلار ئۆز قوشنىسىنىڭ ئايالىغا بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. ئەمدى سىلەر زېمىنغا مىراس بولامسىلەر؟». |
22636 | JON 3:9 | كىم بىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خۇدا قاتتىق غەزىپىدىن يېنىپ بىزنى ھالاك قىلماسمىكىن؟». |
22648 | JON 4:11 | ئەمدى مېنىڭ ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان يۈز يىگىرمە مىڭ ئادەم ئولتۇراقلاشقان، شۇنداقلا نۇرغۇن مال-ۋارانلىرىمۇ بولغان نىنەۋەدەك بۇنداق بۈيۈك شەھەردىكىلەرگە ئىچىمنى ئاغرىتىپ رەھىم قىلىشىمغا توغرا كەلمەمدۇ؟». |
22953 | ZEC 1:6 | لېكىن مېنىڭ پەيغەمبەرلەرگە بۇيرۇغان سۆزلىرىم ۋە بەلگىلىمىلىرىم، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ بېشىغىمۇ چۈشكەن ئەمەسمىدى؟». شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولىدىن يېنىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار يوللىرىمىز ۋە قىلمىشلىرىمىز بويىچە بىزنى قانداق قىلىمەن دېسە، شۇنداق قىلدى، ــ دېگەن. |
28312 | ROM 11:35 | «ئۇنىڭغا كىم ئاۋۋال بىر نەرسە بېرىپ، كېيىن ئۇنى قايتۇرۇپ بەر دېيەلىدى؟». |