960 | GEN 32:32 | ئۇ پەنىئەلدىن ئۆتۈپ ماڭغاندا، كۈن ئۇنىڭ ئۈستىبېشىنى يورۇتتى؛ ئەمما ئۇ يوتىسى تۈپەيلىدىن ئاقساپ ماڭاتتى . |
9749 | 2KI 8:18 | ئۇ ئاھابنىڭ جەمەتى قىلغاندەك ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا يۈردى (چۈنكى ئۇنىڭ ئايالى ئاھابنىڭ قىزى ئىدى)؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى . |
11384 | 2CH 9:15 | سۇلايمان پادىشاھ ئىككى يۈز چوڭ سىپارنى سوقتۇردى ۋە ھەر سىپارغا ئالتە يۈز شەكەل ئالتۇن كەتتى . |
12744 | EST 2:16 | پادىشاھ ئاھاشۋېروش سەلتەنەت سۈرۈپ يەتتىنچى يىلىنىڭ ئونىنچى ئېيىغا، يەنى تەبەت ئېيىغا كەلگەندە، ئەستەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشقا شاھانە ئوردىغا باشلاپ كىرىلدى . |
13727 | JOB 35:3 | شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن سەن: «ھەققانىيلىقنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ گۇناھ قىلمىغىنىمنىڭ گۇناھ قىلغىنىمغا قارىغاندا ئارتۇقچىلىقى نەدە؟» دەپ سورىدىڭ . |
26222 | JHN 3:33 | ھالبۇكى، كىمكى ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسا، خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ مۆھۈرىنى باسقان بولىدۇ . |
27093 | ACT 4:2 | ئۇلار روسۇللارنىڭ خالايىققا تەلىم بېرىشى، جۈملىدىن «ئەيسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆلگەنلەر تىرىلدۈرۈلىدۇ» دەپ جاكارلىغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەسەبىيلەشتى . |
30763 | JUD 1:23 | بەزىلەرنى ئوت ئىچىدىن يۇلۇۋېلىپ قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار؛ بەزىلەرگە ھەتتا ئەتلىرىدىن نىجاسەت چۈشۈپ بۇلغانغان كىيىم-كېچىكىگىمۇ نەپرەتلەنگەن ھالدا قورقۇنچ ئىچىدە رەھىم قىلىڭلار . |