2479 | EXO 33:5 | چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا: «پەرۋەردىگار: ــ سىلەر بوينى قاتتىق بىر خەلق ئىكەنسىلەر؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگار ئاراڭلارغا چىقىپ بىر دەقىقىلا تۇرسام، سىلەرنى يوقىتىۋەتكەن بولاتتىم. ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردىكى زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېلىۋېتىڭلار؛ شۇ چاغدا مەن سىلەرگە نېمە قىلىدىغىنىمنى بىلىمەن، دېدى»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېگەنىدى. |
8188 | 2SA 7:5 | ــ بېرىپ قۇلۇم داۋۇتقا دېگىن: «پەرۋەردىگار: ــ «سەن دەرۋەقە ماڭا تۇرىدىغانغا ئۆي سالماقچىمۇسەن؟» ــ دەيدۇ. |
9439 | 1KI 20:28 | ئەمما خۇدانىڭ ئادىمى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سۇرىيلەر: پەرۋەردىگار تاغ ئىلاھىدۇر، جىلغىلارنىڭ ئىلاھى ئەمەس، دەپ ئېيتقىنى ئۈچۈن، مەن بۇ زور بىر توپ ئادەمنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر»، دېدى. |
9711 | 2KI 6:33 | ئۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، مانا خەۋەرچى ئۇنىڭ قېشىغا چۈشۈپ كېلىپ: «پادىشاھ: «مانا بۇ بالايىئاپەتنىڭ ئۆزى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلدى؛ مەن زادى نېمە دەپ پەرۋەردىگارغا يەنە ئۈمىد باغلىيالارمەن؟» دەيدۇ، دېدى. |
10071 | 2KI 19:6 | يەشايا ئۇلارغا: ــ «خوجايىنىڭلارغا: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ سەن ئاڭلىغان ئاشۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى گەپلىرىدىن قورقما؛ |
18428 | ISA 37:6 | يەشايا ئۇلارغا: ــ «خوجايىنىڭلارغا: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ چاپارمەنلىرىنىڭ سەن ئاڭلىغان ئاشۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغۇچى گەپلىرىدىن قورقما؛ |
18470 | ISA 38:10 | ــ «مەن: «ئۆمرۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەھتىسارانىڭ دەرۋازىلىرىغا بېرىۋاتىمەن، قالغان يىللىرىمدىن مەھرۇم بولدۇم» ــ دېدىم. |
19078 | JER 3:7 | ــ «مەن: ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم يېنىمغا قايتىپ كېلىدۇ، ــ دېدىم؛ لېكىن ئۇ قايتىپ كەلمىدى. ئۇنىڭ ئاسىي سىڭلىسى، يەنى يەھۇدا بۇنى كۆردى؛ |
23945 | MAT 22:4 | ئۇ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا تاپىلاپ: «چاقىرىلغانلارغا: ــ مانا، مەن زىياپىتىمنى تەييار قىلدىم؛ مېنىڭ تورپاقلىرىم، بورداق ماللىرىم سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار. زىياپەتكە مەرھەمەت قىلغاي، دەيدۇ، دەپ ئېيتىڭلار، ــ دەپتۇ. |
24141 | MAT 26:18 | ئۇ ئۇلارغا: ــ شەھەرگە كىرىپ پالانچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇستاز: ــ ۋاقىت-سائىتىم يېقىنلىشىپ قالدى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى مۇخلىسلىرىم بىلەن بىرلىكتە سېنىڭ ئۆيۈڭدە ئۆتكۈزەي ــ دەيدۇ» دەپ ئېيتىڭلار، ــ دېدى. |
24837 | MRK 14:14 | ئۇ ئادەم نەگە كىرسە شۇ ئۆينىڭ ئىگىسىگە: «ئۇستاز: مۇخلىسلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانخانا قەيەردە؟ ــ دەپ سوراۋاتىدۇ» ــ دەڭلار. |
25144 | LUK 4:12 | ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «تەۋراتتا: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ يېزىلغان، ــ دېدى. |
25944 | LUK 22:11 | ۋە ئۆي ئىگىسىگە: «ئۇستاز: ــ مۇخلىسلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانخانا ئۆي قەيەردە؟ــ دەپ سوراۋاتىدۇ» دەڭلار. |
28262 | ROM 10:6 | لېكىن ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىق مۇنداق دەيدۇ: ــ «كۆڭلۈڭدە: ــ «كىم ئاسمانغا چىقار؟» (يەنى «كىم مەسىھنى ئاسماندىن ئېلىپ چۈشۈرەر؟») |