10942 | 1CH 21:3 | لېكىن يوئاب جاۋابەن: ــ«پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ھازىر مەيلى قانچىلىك بولسۇن، يۈز ھەسسە ئاشۇرۇۋەتكەي. لېكىن ئى خوجام پادىشاھىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈڭنىڭ خىزمىتىڭدە تۇرۇۋاتقانلار ئەمەسمۇ؟ خوجام بۇ ئىشنى زادى نېمە دەپ تەلەپ قىلىدۇ؟ خوجام ئىسرائىلنى نېمىشقا گۇناھقا مۇپتىلا قىلىدىلا؟» ــ دېدى. |
11449 | 2CH 12:7 | پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلغانلىقىنى كۆرۈپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى شىماياغا يېتىپ كېلىپ: ــ«ئۇلار ئۆزلىرىنى تۆۋەن قىلغانىكەن، مەن ئۇلارنى ھالاك قىلماي، بەلكى ئۇلارغا ئازغىنە نىجات كۆرسىتىمەن ۋە مېنىڭ قايناپ تۇرغان غەزىپىم شىشاكنىڭ قولى بىلەن يېرۇسالېمغا تۆكۈلمەيدۇ. |
22190 | HOS 2:18 | ۋە شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ«سەن مېنى «ئېرىم» دەپ چاقىرىسەن، ئىككىنچى مېنى «بائال»ىم دېمەيسەن. |
22449 | AMO 2:1 | پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ«موئابنىڭ ئۈچ گۇناھى، بەرھەق تۆت گۇناھى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشىدىغان جازانى ياندۇرمايمەن، چۈنكى ئۇ ئېدومنىڭ پادىشاھىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى كۆيدۈرۈپ ھاك قىلىۋەتتى. |