3608 | NUM 1:3 | ئىسرائىللار ئىچىدە ئومۇمەن يىگىرمە ياشتىن ئاشقان، جەڭگە چىقالايدىغانلارنى ھارۇن بىلەن ئىككىڭلار ئۇلارنىڭ قوشۇن-قىسمىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈڭلار. |
3621 | NUM 1:16 | بۇلار جامائەت ئىچىدىن چاقىرىلغانلار، يەنى ئاتا جەمەت-قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ باش سەردارلىرى ئىدى. |
3649 | NUM 1:44 | يۇقىرىقىلار بولسا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، مۇسا بىلەن ھارۇن ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى ئەمىرى ‹ھەربىرى ئۆز ئاتا جەمەتىگە ۋەكىل بولدى› ئۇلارنى ساناقتىن ئۆتكەزگەن. |
3650 | NUM 1:45 | شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى، يەنى ئىسرائىلدا يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلاردىن، جەڭگە چىقالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاتا جەمەتلىرى بويىچە تىزىملاندى؛ |
3654 | NUM 1:49 | «سەن پەقەت لاۋىي قەبىلىسىنىلا شۇ ھېسابقا كىرگۈزمىگىن، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ قاتارىغا كىرگۈزمىگىن. |
3657 | NUM 1:52 | ئىسرائىللار بارگاھ قۇرغاندا ھەر ئادەم ئۆز قىسمىدا، ئۆزىگە خاس تۇغ ئاستىغا چېدىر تىكسۇن. |
3661 | NUM 2:2 | ئىسرائىللار ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ تۇغى ئاستىغا، ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ بايرىقى ئاستىدا چېدىر تىكسۇن؛ جامائەت چېدىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن سەل يىراقراق بارگاھ قۇرسۇن. |
3692 | NUM 2:33 | بىراق لاۋىيلارلا، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە، ئىسرائىللار قاتارىدا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلمىدى. |
3693 | NUM 2:34 | ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان بارلىق ئەمرى بويىچە ئىش تۇتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇغى بويىچە بارگاھ قۇراتتى؛ ئۇلار ئۆز قەبىلىسى ۋە ئاتا جەمەتى تەرتىپى بويىچە يولغا چىقاتتى. |
3701 | NUM 3:8 | ئۇلار يەنە جامائەت چېدىرىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى باشقۇرۇش بىلەن ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرسۇن. |
3702 | NUM 3:9 | سەن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەقسىملەپ بەرگىن؛ ئۇلار ئىسرائىللار ئىچىدىن مەخسۇس ئۇنىڭغا تاللاپ بېرىلگەن. |
3705 | NUM 3:12 | — قارا، مەن ئىسرائىللار ئىچىدىن لاۋىيلارنى تاللىدىم، ئۇلارنى ئىسرائىل ئىچىدە بالىياتقۇنىڭ بارلىق تۇنجى مېۋىسىنىڭ ئورنىغا، يەنى چوڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىغا قويىمەن، شۇڭا لاۋىيلار مېنىڭ بولىدۇ. |
3706 | NUM 3:13 | چۈنكى تۇنجى ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى مېنىڭكىدۇر؛ مەن مىسىر زېمىنىدا تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قەتل قىلغان كۈنىدە ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىلارنىڭ ھەممىسىنى، مەيلى ئادەم بولسۇن ياكى ھايۋان بولسۇن، مۇقەددەس ھېسابلاپ مېنىڭكى قىلغانىدىم. ئۇلار مېنىڭكىدۇر؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
3731 | NUM 3:38 | ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، شەرق تەرىپىگە، يەنى جامائەت چېدىرىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىگە بارگاھ قۇرغانلار مۇسا، ھارۇن ۋە ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، مۇقەددەس جايغا قارايدىغان بولدى؛ ئۇلارغا يات بولغان ھەرقانداق ئادەم مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلەتتى. |
3733 | NUM 3:40 | پەرۋەردىگار مۇساغا: — سەن ئىسرائىللار ئىچىدە بىر ئايلىقتىن ئاشقان تۇنجى ئوغۇللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسىم-فامىلىسى بويىچە تىزىملاپ چىق. |
3734 | NUM 3:41 | سەن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل ‹مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن›؛ لاۋىيلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى مال-چارۋىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل، — دېدى. |
3735 | NUM 3:42 | مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىلىرىنى قويماي ساناقتىن ئۆتكۈزدى. |
3738 | NUM 3:45 | سەن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تاللا، شۇنداقلا لاۋىيلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تاللا؛ شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار مېنىڭكى بولىدۇ؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
3739 | NUM 3:46 | ۋە لاۋىيلارنىڭ سانىدىن ئارتۇق چىققان ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىلىرى، يەنى شۇ ئىككى يۈز يەتمىش ئۈچى ئۈچۈن ھۆرلۈك ھەققىنى قوبۇل قىلغىن؛ |
3743 | NUM 3:50 | ئۇ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىلىرىدىن شۇ كۈمۈشنى، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە جەمئىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش شەكەل ئالدى. |
3790 | NUM 4:46 | ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن لاۋىيلار مانا شۇلار ئىدى؛ مۇسا بىلەن ھارۇن ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئەمىرلىرى ئۇلاردىن ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش ۋە يۈك كۈتۈرۈش ۋەزىپىسىگە كىرەلەيدىغانلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزگەن. |
3795 | NUM 5:2 | سەن ئىسرائىللارغا ئەمر قىلىپ: «سىلەر پىسە-ماخاۋ كېسىلى بىلەن ئاقما كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى، شۇنداقلا ئۆلۈككە تېگىشى بىلەن ناپاك بولۇپ قالغان ھەممىسىنى ئەر-ئايال دېمەي بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار. بارگاھلارنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار؛ چۈنكى مەن بارگاھ ئوتتۇرىسىدا ماكان قىلدىم» — دېگىن، — دېدى. |
3797 | NUM 5:4 | ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى بارگاھتىن چىقىرىۋەتتى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق ئەمر قىلغان بولسا، ئىسرائىللار شۇنداق قىلدى. |
3799 | NUM 5:6 | سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: ــ مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئەگەر ئۇ ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان ھەرقانداق گۇناھلىرىدىن بىرىنى سادىر قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھكار دەپ بېكىتىلسە، |
3802 | NUM 5:9 | شۇنىڭدەك ئىسرائىللارنىڭ خۇداغا ئاتىغان بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرى، يەنى كاھىنغا كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن بارلىق «كۆتۈرمە قۇربانلىق-ھەدىيە»لەر كاھىنغا ھېساب بولسۇن. |
3805 | NUM 5:12 | سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: — ئەگەر بىرسىنىڭ خوتۇنى ئۆز ئېرىدىن يۈز ئۆرۈگەن، ساداقەتسىزلىك قىلغان بولسا، |
3826 | NUM 6:2 | سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، «ئۆزۈمنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، نازارىيلاردىن بولىمەن» دېگەن ئالاھىدە بىر قەسەمنى ئىچكەن بولسا، |
3847 | NUM 6:23 | سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: — سىلەر ئىسرائىللارغا مۇنداق بەخت-بەرىكەت تىلەڭلار: — |
3851 | NUM 6:27 | ئۇلار شۇنداق قىلىپ نامىمنى ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە قوندۇرىدۇ ۋە مەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن. |
3946 | NUM 8:6 | سەن ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ چىقىپ پاكلىغىن. |
3950 | NUM 8:10 | لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلغىن؛ ئاندىن ئىسرائىللار كېلىپ قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويسۇن. |
3951 | NUM 8:11 | ھارۇن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ «پۇلاڭلاتما قۇربانلىق»ى سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلسۇن. |
3954 | NUM 8:14 | لاۋىيلار مېنىڭكى بولسۇن دەپ، سەن لاۋىيلارنى ئەنە شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللاردىن ئايرىپ چىق. |
3956 | NUM 8:16 | چۈنكى ئۇلار ئىسرائىللار ئىچىدە پۈتۈنلەي ماڭا ئاتالغان؛ مېنىڭ ئۇلارنى مېنىڭكى بولسۇن دەپ تاللىشىم ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسى ئورنىدا قويغانلىقىمدۇر. |
3957 | NUM 8:17 | چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىسى، مەيلى ئۇ ئىنسان ياكى ھايۋان بولسۇن، پۈتۈنلەي ماڭا تەۋەدۇر؛ مەن مىسىر زېمىنىدا بارلىق تۇنجىلارنى ئۆلتۈرگەن كۈنى ئۇلارنى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلىپ ئېلىۋالغانىدىم. |
3958 | NUM 8:18 | مېنىڭ لاۋىيلارنى ئۇ يول بىلەن تاللىشىم ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا قويۇشۇم ئۈچۈندۇر. |
3959 | NUM 8:19 | ۋە جامائەت چېدىرىدا ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى تىلەپ كافارەت كەلتۈرسۇن، شۇنىڭدەك ئىسرائىللار مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشقاندا ئۇلار ئارىسىدا بالا-قازا چىقمىسۇن دەپ، مەن ئىسرائىللار ئىچىدىن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەردىم. |
3960 | NUM 8:20 | مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى لاۋىيلارنى شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ لاۋىيلار توغرۇلۇق مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئىسرائىللار ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى. |
3962 | NUM 8:22 | ئاندىن كېيىن لاۋىيلار كىرىپ ھارۇننىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا، جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى؛ پەرۋەردىگار لاۋىيلار توغرۇلۇق مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائىللار ئۇنى شۇ بويىچە بەجا كەلتۈردى. |
3968 | NUM 9:2 | ئىسرائىللار بېكىتىلگەن ۋاقىتتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزسۇن؛ |
3970 | NUM 9:4 | شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇدى. |
3971 | NUM 9:5 | ئۇلار بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا، سىناي چۆلىدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائىللار شۇنداق قىلدى. |
3973 | NUM 9:7 | بىز ئۆلۈپ قالغان ئادەمگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغان بولساقمۇ، لېكىن نېمىشقا ئىسرائىللارنىڭ قاتارىدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارغا سۇنۇشقا كېرەك بولغىنىنى ئېلىپ كېلىشتىن رەت قىلىنىمىز؟ — دېيىشتى. |
3976 | NUM 9:10 | سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: «سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ئىچىدە بەزىلەر ئۆلۈكلەرگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغان بولسا ياكى ئۇزاق سەپەر ئۈستىدە بولسا، ئۇلار يەنىلا پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. |
3983 | NUM 9:17 | قاچانىكى بۇلۇت جامائەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلسە، ئىسرائىللار يولغا چىقاتتى؛ بۇلۇت قەيەردە توختىسا، ئىسرائىللار شۇ يەردە بارگاھ تىكەتتى. |
3984 | NUM 9:18 | ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ماڭاتتى، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بارگاھ تىكەتتى؛ بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە قانچە ئۇزاق توختىسا، ئۇلار بارگاھتا شۇنچە ئۇزاق تۇراتتى. |
3985 | NUM 9:19 | بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە خېلى كۈنلەرگىچە توختاپ تۇرسا، ئىسرائىللارمۇ پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسىتمىسىنى تۇتۇپ سەپەرگە چىقمايتتى؛ |
3988 | NUM 9:22 | بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇزۇنراق تۇرسا، مەيلى ئىككى كۈن، بىر ئاي، بىر يىل تۇرسىمۇ، ئىسرائىللار يولغا چىقماي بارگاھتا تۇرۇۋېرەتتى؛ لېكىن بۇلۇت كۆتۈرۈلۈپ ماڭسىلا ئۇلار سەپىرىنى داۋاملاشتۇراتتى. |
3993 | NUM 10:4 | ئەگەر يالغۇز بىرى چېلىنسا، ئەمىرلىرى، يەنى مىڭلىغان ئىسرائىللارنىڭ مىڭبېشىلىرى سېنىڭ يېنىڭغا كېلىپ يىغىلسۇن. |
4001 | NUM 10:12 | شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار سىناي چۆلىدىن چىقىپ، يول ئېلىپ سەپەرلىرىنى باشلىدى؛ بۇلۇت پاران چۆلىدە توختىدى. |
4017 | NUM 10:28 | بۇلار ئىسرائىللار يولغا چىققاندا قوشۇن-قوشۇن بولۇپ مېڭىش تەرتىپى ئىدى؛ ئۇلار شۇ تەرىقىدە يولغا چىقتى. |
4022 | NUM 10:33 | ئىسرائىللار پەرۋەردىگار تېغىدىن يولغا چىقىپ ئۈچ كۈن يول ماڭدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇلارغا ئارام ئالىدىغان يەر ئىزدەپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۈچ كۈن يول باشلاپ ماڭدى. |
4029 | NUM 11:4 | ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شالغۇت كىشىلەرنىڭ نەپسى تاقىلداپ كەتتى، ئىسرائىللارمۇ يەنە يىغلاشقا باشلىدى: «ئەمدى بىزگە كىم گۆش بېرىدۇ؟ |
4078 | NUM 13:2 | مەن ئىسرائىللارغا مىراس قىلىپ بەرگەن قانائان زېمىنىنى چارلاپ كېلىشكە ئادەملەرنى ئەۋەتكىن؛ ھەربىر ئاتا جەمەتكە تەۋە قەبىلىدىن بىردىن ئادەم چىقىرىلسۇن، ئۇلار ئۆز قەبىلىسىدىكى ئەمىر بولسۇن، — دېدى. |
4079 | NUM 13:3 | مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلارنى پاران چۆلىدىن يولغا سالدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىللارنىڭ باشلىرى ئىدى. |
4100 | NUM 13:24 | ئىسرائىللار شۇ يەردە كېسىۋالغان ئەشۇ ئۈزۈم سەۋەبىدىن ئۇ يەر «ئەشكول جىلغىسى» ‹«ئۈزۈم ساپىقى جىلغىسى»› دەپ ئاتالدى. |
4108 | NUM 13:32 | ئاندىن چارلىغۇچىلار ئۆزلىرى چارلاپ كەلگەن زېمىننىڭ ئەھۋالىدىن ئىسرائىللارغا يامان مەلۇمات بېرىپ: — بىز كىرىپ چارلاپ ئۆتكەن زېمىن بولسا ئۆز ئاھالىسىنى يەيدىغان زېمىن ئىكەن؛ بىز ئۇ يەردە كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوغان ئادەملەر ئىكەن. |
4111 | NUM 14:2 | ئىسرائىللار مۇسا بىلەن ھارۇنغا تاپا-تەنە قىلىپ: — بىز بالدۇرلا مىسىردا ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن! مۇشۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن! |
4119 | NUM 14:10 | ھالبۇكى، پۈتكۈل جامائەت تەرەپ-تەرەپتىن: — ئۇ ئىككىسىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، دېيىشتى. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى جامائەت چېدىرىدا ئىسرائىللارغا ئايان بولدى. |
4136 | NUM 14:27 | — مەن مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلىپ غوتۇلدىشىدىغان بۇ رەزىل جامائەتكە قاچانغىچە چىدىشىم كېرەك؟ ئىسرائىللارنىڭ مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلغانلىرى، شۇ توختاۋسىز غوتۇلداشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدىم. |
4156 | NUM 15:2 | سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: — سىلەر ماكانلىشىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تەقدىم قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا كىرگەن چېغىڭلاردا، |
4172 | NUM 15:18 | سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: — «سىلەر مەن سىلەرنى ئەكىرىدىغان زېمىنغا يېتىپ بارغاندا، |
4183 | NUM 15:29 | بىلمەي بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغان بارلىق كىشىلەرگە، مەيلى شۇ زېمىندا تۇغۇلغان ئىسرائىللار بولسۇن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا بولسۇن، — سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئوخشاش بىر قانۇن-بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. |
4186 | NUM 15:32 | ئىسرائىللار چۆل-جەزىرىدىكى ۋاقىتلىرىدا، بىر كىشىنىڭ شابات كۈنىدە ئوتۇن تەرگەنلىكى بايقالدى. |
4192 | NUM 15:38 | سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن، ئۇلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ چۆرىسىگە چۇچىلارنى تۇتسۇن ھەم بۇرجىكىدىكى چۇچىلىرىنىڭ ھەربىرىگە كۆك شوينا تىكىپ قويسۇن؛ |
4197 | NUM 16:2 | ئىسرائىللار ئىچىدىكى جامائەت ئەمىرلىرى بولغان، جامائەت ئىچىدىن سايلاپ چىقىلغان مۆتىۋەرلەردىن ئىككى يۈز ئەللىك كىشىنى باشلاپ كېلىپ مۇساغا قارشى چىقتى. |
4229 | NUM 16:34 | ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ: «يەر بىزنىمۇ يۇتۇپ كېتەرمىكىن!» دېيىشىپ قېچىشتى. |
4233 | NUM 17:3 | شۇڭا ئۆزىنىڭ جېنىغا ئۆزى زامىن بولغان گۇناھكارلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىنى تېرىۋالغىن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلاش ئۈچۈن سوقۇپ نېپىز تۈنىكە قىلىنسۇن، چۈنكى بۇ خۇشبۇيدانلار ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇپ ئۇنىڭغا ئاتالىپ مۇقەددەس قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كېيىن ئىسرائىللارغا ئىبرەت بولىدىغان ئىشارەت-بەلگە بولىدۇ. |
4235 | NUM 17:5 | شۇنىڭ بىلەن قۇربانگاھنىڭ بۇ قاپلىمىسى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يات ئادەملەرنىڭ خۇددى كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە ئوخشاش قىسمەتكە قالماسلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا خۇشبۇي كۆيدۈرۈشكە يېقىنلاشماسلىقىغا ئىسرائىللار ئۈچۈن بىر ئەسلەتمە بولدى. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەلىئازارغا بۇيرۇغانلىرىدۇر. |
4247 | NUM 17:17 | «سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ، ئۇلاردىن ئاتا جەمەتى بويىچە، ھەر قەبىلىنىڭ ئەمىرىدىن بىردىن ئون ئىككى ھاسا ئالغىن؛ سەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ھاسىسىغا يېزىپ قويغىن. |
4250 | NUM 17:20 | ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن تاللىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ھاسىسى بىخ سۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللارنىڭ سىلەرگە غۇدۇراشقان گەپلىرىنى توختىتىپ ماڭا ئاڭلانمايدىغان قىلىۋېتىمەن». |
4251 | NUM 17:21 | شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارغا شۇنداق سۆز قىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممە ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا بىردىن ھاسىنى، جەمئىي بولۇپ ئون ئىككى ھاسىنى بەردى؛ ھەربىر ئاتا جەمەتكە بىر ھاسا ۋەكىل بولدى، ھارۇننىڭ ھاسىسىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. |
4257 | NUM 17:27 | ئىسرائىللار مۇساغا سۆز قىلىپ: — بىز نەپەستىن قالاي دەۋاتىمىز، بىز تۈگەشتۇق، بىز ھەممىمىز تۈگەشتۇق! |
4263 | NUM 18:5 | قەھر-غەزەپ يەنە ئىسرائىللارنىڭ بېشىغا چۈشمىسۇن ئۈچۈن، سىلەر مۇقەددەس جايدىكى ۋەزىپە بىلەن قۇربانگاھدىكى ۋەزىپىنى ئۆتەشكە مەسئۇل بولۇڭلار. |
4264 | NUM 18:6 | مانا، مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولغان لاۋىيلارنى ئىسرائىللار ئىچىدىن تاللاپ چىقتىم؛ ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلىنغان بولۇپ، سىلەرگە سوۋغا سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان. |
4266 | NUM 18:8 | پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — مەن ماڭا سۇنۇلغان كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى، يەنى ئىسرائىللار ماڭا مۇقەددەس دەپ ئاتىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۈلۈشۈڭلار بولسۇن دەپ، مانا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. |
4267 | NUM 18:9 | ئىسرائىللار ئوتتا سۇنىدىغان، «ئەڭ مۇقەددەس» نەرسىلەردىن سىلەرگە مۇنۇلار قالدۇرۇپ بېرىلىدۇ: — ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتاپ سۇنغان بارلىق نەرسىلىرى، يەنى بارلىق ئاشلىق ھەدىيەلەردىن، بارلىق گۇناھ قۇربانلىقلىرىدىن، بارلىق ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىدىن «ئەڭ مۇقەددەس» ھېسابلانغانلىرى، ساڭا ۋە ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىنىدۇ. |
4269 | NUM 18:11 | مۇنۇلارمۇ سېنىڭ بولىدۇ: — ئىسرائىللارنىڭ سوۋغاتلىرى ئىچىدىن كۆتۈرمە ھەدىيەلەر، بارلىق پۇلاڭلاتما ھەدىيەلەر سېنىڭ؛ مەن ئۇلارنى ساڭا، شۇنداقلا ئوغۇللىرىڭ بىلەن قىزلىرىڭغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن تەقدىم قىلدىم؛ سېنىڭ ئۆيۈڭدىكى ھەربىر پاك ئادەم ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. |
4270 | NUM 18:12 | زەيتۇن مېيىدىن ئەڭ ئېسىلىنى، يېڭى شارابتىن ئەڭ ئېسىلىنى، شۇنداقلا ئاشلىقتىن ئەڭ ئېسىلىنى، يەنى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغان دەسلەپكى پىشقان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ساڭا تەقدىم قىلىپ بەردىم. |
4277 | NUM 18:19 | ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغان مۇقەددەس نەرسىلەر ئىچىدىكى كۆتۈرمە ھەدىيە-قۇربانلىقنىڭ ھەممىسىنى مەن ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئوغۇل-قىزلىرىڭغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن تەقدىم قىلدىم. بۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئەۋلادلىرىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تۇزلۇق ئەھدە بولىدۇ. |
4278 | NUM 18:20 | پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — ئىسرائىل زېمىنىدا سېنىڭ ھېچقانداق مىراسىڭ بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ھېچقانداق نېسىۋەڭ بولمايدۇ؛ ئىسرائىللار ئارىسىدا مانا مەن ئۆزۈم سېنىڭ نېسىۋەڭ، سېنىڭ مىراسىڭدۇرمەن. |
4280 | NUM 18:22 | بۇنىڭدىن كېيىن، گۇناھكار بولۇپ ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىللار جامائەت چېدىرىغا يېقىنلاشمىسۇن. |
4281 | NUM 18:23 | جامائەت چېدىرىدىكى خىزمەتنى بولسا، ئۇنى ئۆتىگۈچىلەر پەقەت لاۋىيلارلا بولىدۇ ۋە شۇ ئىشتا بولغان گۇناھىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مەڭگۈلۈك بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولمايدۇ. |
4282 | NUM 18:24 | چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى لاۋىيلارغا مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىدىغان بولدۇم؛ شۇڭا مەن ئۇلار توغرۇلۇق: ئىسرائىللار ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولسا بولمايدۇ، — دېدىم. |
4284 | NUM 18:26 | سەن لاۋىيلارغا ئېيتقىن: «سىلەر ئىسرائىللارنىڭ قولىدىن مەن سىلەرگە مىراس بولسۇن دەپ تەقدىم قىلغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى ئالغان ئىكەنسىلەر، سىلەر شۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ يەنە ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. |
4286 | NUM 18:28 | بۇنداق بولغاندا، سىلەر ئىسرائىللارنىڭ قولىدىن ئالغان ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ھەممىسىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۇنىسىلەر؛ سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتىغان شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى كاھىن ھارۇنغا بېرىڭلار. |
4290 | NUM 18:32 | سىلەر شۇ ئۈلۈشلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، مۇشۇ ئىشىڭلار سەۋەبىدىن گۇناھكار بولمايسىلەر. ئۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئىسرائىللار ئاتىغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىمايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيسىلەر». |
4292 | NUM 19:2 | مەن پەرۋەردىگار ئەمر قىلغان قانۇن-بەلگىلىمە شۇكى: — سەن ئىسرائىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار بېجىرىم، نۇقسانسىز، بويۇنتۇرۇق سېلىنمىغان قىزىل ياش سىيىردىن بىرنى سېنىڭ يېنىڭغا ئەكەلسۇن. |
4300 | NUM 19:10 | سىيىرنىڭ كۈلىنى يىغىشتۇرغان ئادەم ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. بۇ ئىسرائىللارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ. |
4311 | NUM 19:21 | بۇ ئىسرائىللارغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولىدۇ. «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»نى سەپكەن كىشى بولسا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»غا تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. |
4324 | NUM 20:12 | پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: — سىلەر ماڭا ئىشەنمەي، ئىسرائىللار ئالدىدا مېنى مۇقەددەس دەپ ھۆرمەتلىمىگىنىڭلار ئۈچۈن، ئىككىڭلارنىڭ بۇ جامائەتنى مەن ئۇلارغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا باشلاپ كىرىشىڭلارغا يول قويمايمەن، — دېدى. |
4325 | NUM 20:13 | سۇ چىقىرىلغان جاي «مەرىباھ سۇلىرى» دەپ ئاتالغان؛ ئىسرائىللار شۇ يەردە پەرۋەردىگار بىلەن تاكاللاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. |
4331 | NUM 20:19 | ئىسرائىللار ئۇنىڭغا: «بىز «كۆتۈرۈلگەن يول» بىلەن ماڭىمىز، ئۆزىمىز ۋە ماللىرىمىز سۈيۈڭلارنى ئىچسەك، نەرخى بويىچە ھەققىنى بېرىمىز؛ بىز پەقەت پىيادە ئۆتۈپ كېتىمىز، باشقا ھېچ تەلىپىمىز يوق» دېۋىدى، |
4332 | NUM 20:20 | ئېدوم پادىشاھى: «ياق. ئۆتمەيسىلەر!» دېدى. ئېدوم پادىشاھى ناھايىتى كۆپ ئادىمىنى باشلاپ چىقىپ ئىسرائىللارغا زور ھەيۋە كۆرسەتتى. |
4333 | NUM 20:21 | شۇنداق قىلىپ ئېدوملار ئىسرائىللارنىڭ ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىدىن ئۆتۈشىگە ئەنە شۇ يوسۇندا يول قويمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئېدوملارنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ كەتتى. |
4336 | NUM 20:24 | ھارۇن ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئىككىڭلار مەرىباھ سۇلىرى دېگەن جايدا مېنىڭ ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەن ئىسرائىللارغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشىگە بولمايدۇ. |
4342 | NUM 21:1 | جەنۇبتا تۇرۇشلۇق ئاراد مەملىكىتىنىڭ قانائانىيلاردىن بولغان پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ ئاتارىم يولى بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، چىقىپ ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ، نەچچەيلەننى تۇتقۇن قىلىپ كەتتى. |
4343 | NUM 21:2 | ئاندىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىپ: «ئەگەر بۇ خەلقنى بىزنىڭ قولىمىزغا پۈتۈنلەي تاپشۇرىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلايمىز» — دېدى. |
4344 | NUM 21:3 | پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ، قانائانلىيلارنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قانائانىيلارنى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلدى؛ شۇ سەۋەبتىن ئۇلار شۇ يەرنى «خورماھ» دەپ ئاتىدى. |
4347 | NUM 21:6 | شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتتى؛ يىلانلار ئۇلارنى چاقتى، شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللاردىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتى. |