|
4139 | سىلەرگە قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ، تۇرالغۇڭلار قىلىپ بېرىمەن دېگەن زېمىنغا ھېچ كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت يەفۇنمەهنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئالا كىرىدۇ. | |
15259 | ئەفرائىم، بىنيامىن، ماناسسەهلەرنىڭ ئالدىدا قۇدرىتىڭنى قوزغىغايسەن، بىزلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلگەيسەن! | |
28560 | پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئالارغا بېرىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقتىنچە بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىنلا باشقا، ئەر-ئايال ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ جىنسىي ھەق-تەلىپىنى رەت قىلمىسۇن. شۇنداق ئالاهىدە مەزگىلدىن كېيىن يەنە بىرگە بولۇڭلار. بولمىسا، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمايدىغانلىقىڭلاردىن شەيتان سىلەرنى ئازدۇرۇش پۇرسىتىنى تېپىشى مۇمكىن. | |
30461 | ئۇ دەرۋەقە دۇنيا ئاپىرىدە قىلىنىشتىن ئىلگىرىلا خۇدا تەرىپىدىن شۇ سۈپىتىدە تونۇلغان، هازىر ئۇ زامانلارنىڭ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا سىلەر ئۈچۈن بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىپ ئاشكارا قىلىندى. |