2 | GEN 1:2 | ئۇ چاغدا يەر بولسا شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولدى؛ قاراڭغۇلۇق چوڭقۇر سۇلارنىڭ يۈزىنى قاپلىدى؛ خۇدانىڭ روھى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلاتتى. |
5 | GEN 1:5 | خۇدا يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى «كېچە» دەپ ئاتىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ تۇنجى كۈن بولدى. |
7 | GEN 1:7 | شۇنىڭ بىلەن خۇدا بىر بوشلۇق ھاسىل قىلىپ، سۇلارنى بوشلۇقنىڭ ئاستىغا ۋە بوشلۇقنىڭ ئۈستىگە ئايرىۋەتتى؛ ئىش ئەنە شۇنداق بولدى. |
8 | GEN 1:8 | خۇدا بۇ بوشلۇقنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى. |
11 | GEN 1:11 | ئاندىن خۇدا يەنە: «يەر ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنى، ئۇرۇقلۇق ئوتياشلارنى، مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تۈرلىرى بويىچە ئۆزىدە ئۈندۈرسۇن! مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى؛ |
13 | GEN 1:13 | شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئۈچىنچى كۈن بولدى. |
16 | GEN 1:16 | خۇدا ئىككى چوڭ نۇر چىقارغۇچى جىسىمنى ياراتتى؛ چوڭ نۇر چىقارغۇچىنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، كىچىك نۇر چىقارغۇچنى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. ھەمدە يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى. |
19 | GEN 1:19 | شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى. |
21 | GEN 1:21 | شۇنداق قىلىپ خۇدا سۇدىكى چوڭ-چوڭ مەخلۇقلارنى، شۇنداقلا سۇلاردا مىغ-مىغ جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە ھەرخىل ئۇچار-قاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
23 | GEN 1:23 | شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى. |
24 | GEN 1:24 | خۇدا يەنە: «يەر جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە چىقارسۇن ــ مال-چارۋىلارنى، ئۆمۈلىگۈچى جانىۋارلارنى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئاپىرىدە قىلسۇن» ــ دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. |
25 | GEN 1:25 | شۇنداق قىلىپ خۇدا يەردىكى ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، مال-چارۋىلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى بارلىق جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. |
28 | GEN 1:28 | خۇدا ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سىلەر نەسىللىنىپ، كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇپ بويسۇندۇرۇڭلار؛ دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، شۇنىڭدەك يەر يۈزىدە يۈرىدىغان ھەربىر ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىڭلار» دېدى. |
29 | GEN 1:29 | ئاندىن خۇدا يەنە: «مانا، مەن پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى ئۇرۇقلۇق ئوتياشلار بىلەن ئۇرۇقلۇق مېۋە بېرىدىغان ھەربىر دەرەخلەرنى سىلەرگە ئوزۇقلۇق بولسۇن دەپ بەردىم؛ |
30 | GEN 1:30 | شۇنداقلا يەردىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ئۆمىلىگۈچىلەرگە، يەنى بارلىق جان-جانىۋارلارغا ئوزۇقلۇق بولسۇن دەپ بارلىق گۈل-گىياھلارنى بەردىم» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى. |
31 | GEN 1:31 | خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە سەپسېلىپ قارىدى، ۋە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى بولغانىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى. |
36 | GEN 2:5 | زېمىندا تېخى ھېچ گۈل-گىياھ، يەردە ھېچ ئوتياش ئۈنمىگەنىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا يەر يۈزىگە ھۆل-يېغىن ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى. |
38 | GEN 2:7 | ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى يەرنىڭ توپىسىدىن ياساپ، ھاياتلىق نەپەسىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا پۈۋلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئادەم تىرىك بىر جان بولدى. |
40 | GEN 2:9 | پەرۋەردىگار خۇدا يەردىن كۆزنى قاملاشتۇرىدىغان چىرايلىق، مېۋىلىرى يېيىشلىك ھەرخىل دەرەخنى ئۈندۈردى؛ ئۇ يەنە باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا «ھاياتلىق دەرىخى» ۋە «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نى ئۈندۈردى. |
42 | GEN 2:11 | بىرىنچى ئېقىننىڭ نامى پىشون بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان پۈتكۈل ھاۋىلاھ زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. |
43 | GEN 2:12 | بۇ يۇرتنىڭ ئالتۇنى ناھايىتى ئېسىل ئىدى؛ شۇ يەردە پۇراقلىق دېۋىرقاي بىلەن ئاق ھېقىقمۇ چىقىدۇ. |
44 | GEN 2:13 | ئىككىنچى دەريانىڭ نامى گىھون بولۇپ، پۈتكۈل كۇش زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. |
47 | GEN 2:16 | پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە ئەمر قىلىپ: باغدىكى ھەربىر دەرەخ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭچە يە؛ |
49 | GEN 2:18 | ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئادەمنىڭ يالغۇز تۇرۇشى ياخشى ئەمەس؛ مەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر ياردەمچى ھەمراھنى ياساپ بېرەي، ــ دېدى. |
50 | GEN 2:19 | پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن دالادىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى ھەممە ئۇچار-قاناتلارنى ياسىغانىدى؛ ئۇلارغا ئادەمنىڭ نېمە دەپ ئات قويىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئادەم ھەربىر جانىۋارغا نېمە دەپ ئات قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئېتى شۇ بولۇپ قالدى. |
51 | GEN 2:20 | بۇ تەرىقىدە ئادەم ھەممە مال-چارۋىلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالادىكى ھەربىر جانىۋارلارغا ئات قويدى؛ ۋەھالەنكى، ئادەم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھېچبىر ياردەمچى ھەمراھ ئۇچراتمىدى. |
56 | GEN 2:25 | ئادەمئاتا بىلەن ئايالى ھەر ئىككىسى يالىڭاچ بولسىمۇ، ھېچ ئۇيالمايتتى. |
57 | GEN 3:1 | يەر يۈزىدە يىلان رەب پەرۋەردىگار ياراتقان دالادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئايالدىن: ــ خۇدا راستتىنلا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار، دېدىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. |
60 | GEN 3:4 | يىلان ئايالغا: ــ ئۇنداق ئەمەس! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر! |
62 | GEN 3:6 | ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ يېمەكلىك ئۈچۈن ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭ كۆزنى قاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەمدە دەرەخنىڭ ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدىغان جەلپكارلىقىنى كۆرۈپ، مېۋىدىن يېدى ۋە ئۇنىڭدىن يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى؛ ئۇمۇ يېدى. |
63 | GEN 3:7 | يېيىشى بىلەنلا ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى ئېلىپ بىر-بىرىگە ئۇلاپ تىكىپ، ئۆزلىرىگە ياپقۇچ قىلىپ تارتتى. |
64 | GEN 3:8 | كۈن سالقىنلىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا ماڭغان شەپىسىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئادەم ئايالى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ھازىر بولغىنىدىن قېچىپ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى. |
68 | GEN 3:12 | ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا بەرگەن ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، مەن يېدىم، ــ دېدى. |
70 | GEN 3:14 | پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا مۇنداق دېدى: ــ «بۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن، سەن ھەممە مال-چارۋىلاردىن، دالادىكى بارلىق ھايۋاناتلاردىن بەكرەك لەنەتكە قالىسەن؛ قورسىقىڭ بىلەن بېغىرلاپ مېڭىپ، ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە توپا يەيسەن. |
72 | GEN 3:16 | ئاندىن خۇدا ئايالغا: ــ «سېنىڭ ھامىلىدارلىقىڭنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى كۆپەيتىمەن؛ سەن قاتتىق تولغاق ئىچىدە بوشىنىسەن؛ سەن ئېرىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا ھەۋەس قىلساڭمۇ، ئۇ ئۈستۈڭدىن خوجىلىق قىلىدۇ» ــ دېدى. |
76 | GEN 3:20 | ئۇنىڭ ئايالى بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئانىسى بولىدىغىنى ئۈچۈن ئادەم ئۇنىڭغا «ھاۋا» دەپ ئات قويدى. |
77 | GEN 3:21 | پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋان تېرىلىرىدىن كىيىم قىلىپ كىيدۈرۈپ قويدى. |
78 | GEN 3:22 | پەرۋەردىگار خۇدا سۆز قىلىپ: ــ مانا، ئادەم بىزلەردىن بىرىگە ئوخشاپ قالدى، ياخشى بىلەن ياماننى بىلدى. ئەمدى قولىنى ئۇزىتىپ ھاياتلىق دەرىخىدىن ئېلىپ يەۋېلىپ، تا ئەبەدگىچە ياشاۋەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى توسۇشىمىز كېرەك، دېدى. |
80 | GEN 3:24 | ئادەمنى قوغلىۋېتىپ، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئېرەم بېغىنىڭ مەشرىق تەرىپىگە كېرۇبلارنى ۋە تۆت تەرەپكە پىرقىرايدىغان يالقۇنلۇق بىر شەمشەرنى قويۇپ قويدى. |
81 | GEN 4:1 | ئادەمئاتا ئايالى ھاۋا بىلەن بىللە بولدى؛ ھاۋا ھامىلىدار بولۇپ قابىلنى تۇغۇپ: «مەن بىر ئادەمگە ئىگە بولدۇم ــ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر!» ــ دېدى. |
82 | GEN 4:2 | ئاندىن ئۇ يەنە قابىلنىڭ ئىنىسى ھابىلنى تۇغدى. ھابىل پادىچى بولدى، قابىل بولسا تېرىقچى بولدى. |
83 | GEN 4:3 | بېكىتىلگەن شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەتتە شۇنداق بىر ئىش بولدىكى، قابىل تۇپراقنىڭ ھوسۇلىدىن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە كەلتۈردى. |
84 | GEN 4:4 | ھابىلمۇ پادىسىدىن قويلىرىنىڭ تۇنجىلىرىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ يېغىدىن ھەدىيە سۇندى. پەرۋەردىگار ھابىلنى ۋە ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلدى. |
87 | GEN 4:7 | ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلساڭ، سەن كۆتۈرۈلمەمسەن؟ لېكىن دۇرۇس ئىش قىلمىساڭ، مانا گۇناھ ئىشىك ئالدىدا سېنى پايلاپ بېغىرلاپ ياتىدۇ، ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولىدۇ؛ لېكىن سەن ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشىڭ كېرەك، دېدى. |
88 | GEN 4:8 | قابىل ئىنىسى ھابىلغا: «دالىغا چىقىپ كېلەيلى!» دېدى. دالادا شۇ ۋەقە بولدىكى، قابىل ئىنىسى ھابىلغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى. |
89 | GEN 4:9 | پەرۋەردىگار قابىلغا: ئىنىڭ ھابىل نەدە؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمۇ؟ ــ دېدى. |
95 | GEN 4:15 | لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ شۇنداق بولىدۇكى، كىمكى قابىلنى ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭدىن يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ، ــ دېدى. شۇلارنى دەپ پەرۋەردىگار قابىلغا ئۇچرىغان بىرسى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا بىر بەلگە قويۇپ قويدى. |
96 | GEN 4:16 | شۇنىڭ بىلەن قابىل پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئېرەمنىڭ مەشرىق تەرىپىدىكى نود دېگەن يۇرتتا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. |
97 | GEN 4:17 | قابىل ئايالى بىلەن بىللە بولۇپ، ئايالى ھامىلىدار بولۇپ ھانوخنى تۇغدى. ئۇ ۋاقىتتا قابىل بىر شەھەر بىنا قىلىۋاتاتتى؛ ئۇ شەھەرنىڭ نامىنى ئوغلىنىڭ ئىسمى بىلەن ھانوخ دەپ ئاتىدى. |
98 | GEN 4:18 | ھانوختىن ئىراد تۆرەلدى، ئىرادتىن مەھۇيائىل تۆرەلدى، مەھۇيائىلدىن مەتۇشائىل تۆرەلدى، مەتۇشائىلدىن لەمەخ تۆرەلدى. |
99 | GEN 4:19 | لەمەخ ئۆزىگە ئىككى خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئىسمى ئاداھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى زىللاھ ئىدى. |
100 | GEN 4:20 | ئاداھ يابالنى تۇغدى. ئۇ چېدىردا ئولتۇرىدىغان كۆچمەن مالچىلارنىڭ بوۋىسى ئىدى. |
102 | GEN 4:22 | زىللاھ يەنە تۇبال-قايىن دېگەن بىر ئوغۇلنى تۇغدى. ئۇ مىس-تۆمۈر ئەسۋابلارنى سوققۇچى ئىدى. تۇبال-قايىننىڭ نائاماھ ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. |
103 | GEN 4:23 | لەمەخ بولسا ئاياللىرىغا سۆز قىلىپ: ــ «ئەي ئاداھ بىلەن زىللاھ، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! ئەي لەمەخنىڭ ئاياللىرى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! مېنى زەخىملەندۈرگىنى ئۈچۈن مەن ئادەم ئۆلتۈردۈم، تېنىمنى زېدە قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر يىگىتنى ئۆلتۈردۈم. |
104 | GEN 4:24 | ئەگەر قابىل ئۈچۈن يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنسا، لەمەخ ئۈچۈن يەتمىش يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ!» ــ دېدى. |
105 | GEN 4:25 | ئادەمئاتا يەنە ئايالى بىلەن بىللە بولدى. ئايالى بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا شېت دەپ ئات قويۇپ: قابىل ھابىلنى ئۆلتۈرۈۋەتكىنى ئۈچۈن خۇدا ئۇنىڭ ئورنىغا ماڭا باشقا بىر ئەۋلاد تىكلەپ بەردى، دېدى. |
118 | GEN 5:12 | كېنان يەتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ماھالالېل تۆرەلدى. |
119 | GEN 5:13 | ماھالالېل تۇغۇلغاندىن كېيىن كېنان سەككىز يۈز قىرىق يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. |
121 | GEN 5:15 | ماھالالېل ئاتمىش بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن يارەد تۆرەلدى. |
122 | GEN 5:16 | يارەد تۇغۇلغاندىن كېيىن ماھالالېل سەككىز يۈز ئوتتۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. |
123 | GEN 5:17 | ماھالالېل جەمئىي سەككىز يۈز توقسان بەش يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. |
124 | GEN 5:18 | يارەد بىر يۈز ئاتمىش ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ھانوخ تۆرەلدى. |
125 | GEN 5:19 | ھانوخ تۇغۇلغاندىن كېيىن يارەد سەككىز يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. |
127 | GEN 5:21 | ھانوخ ئاتمىش بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن مەتۇشەلاھ تۆرەلدى. |