Wildebeest analysis examples for:   uig-uigara   ۋ    February 11, 2023 at 19:50    Script wb_pprint_html.py   by Ulf Hermjakob

2  GEN 1:2  ئۇ چاغدا يەر بولسا شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولدى؛ قاراڭغۇلۇق چوڭقۇر سۇلارنىڭ يۈزىنى قاپلىدى؛ خۇدانىڭ روھى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلاتتى.
3  GEN 1:3  خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېۋىدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى.
6  GEN 1:6  ئاندىن خۇدا: ــ سۇلارنىڭ ئارىلىقىدا بىر بوشلۇق بولسۇن ۋە سۇلار يۇقىرى-تۆۋەن ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرسۇن، دېدى.
7  GEN 1:7  شۇنىڭ بىلەن خۇدا بىر بوشلۇق ھاسىل قىلىپ، سۇلارنى بوشلۇقنىڭ ئاستىغا ۋە بوشلۇقنىڭ ئۈستىگە ئايرىۋەتتى؛ ئىش ئەنە شۇنداق بولدى.
9  GEN 1:9  ئاندىن خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلسۇن، قۇرۇق تۇپراق كۆرۈنسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى.
11  GEN 1:11  ئاندىن خۇدا يەنە: «يەر ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنى، ئۇرۇقلۇق ئوتياشلارنى، مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تۈرلىرى بويىچە ئۆزىدە ئۈندۈرسۇن! مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى؛
12  GEN 1:12  يەردىكى ئۆسۈملۈكلەرنى، يەنى ئۇرۇق چىقىدىغان ئوتياشلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، مېۋە بېرىدىغان، يەنى مېۋىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولغان دەرەخلەرنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈندۈردى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى.
14  GEN 1:14  خۇدا يەنە: «كۈندۈز بىلەن كېچىنى ئايرىپ بېرىش ئۈچۈن ئاسمانلاردا يورۇقلۇق جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كۈنلەر، پەسىللار ۋە يىللارنى ئايرىپ تۇرۇشقا بەلگە بولسۇن؛
15  GEN 1:15  ئۇلار ئاسمانلاردا تۇرۇپ نۇر چىقارغۇچى بولۇپ، يەر يۈزىگە يورۇقلۇق بەرسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى.
20  GEN 1:20  خۇدا يەنە: «سۇلاردا مىغ-مىغ جانىۋارلار بولسۇن، ئۇچار-قاناتلار يەرنىڭ ئۈستىدە، ئاسمان بوشلۇقىدا ئۇچسۇن» دېدى.
21  GEN 1:21  شۇنداق قىلىپ خۇدا سۇدىكى چوڭ-چوڭ مەخلۇقلارنى، شۇنداقلا سۇلاردا مىغ-مىغ جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە ھەرخىل ئۇچار-قاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى.
22  GEN 1:22  خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «نەسىللىنىپ، كۆپىيىپ، دېڭىز سۇلىرىنى تولدۇرۇڭلار، ئۇچار-قاناتلارمۇ يەر يۈزىدە ئاۋۇسۇن» دېدى.
24  GEN 1:24  خۇدا يەنە: «يەر جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە چىقارسۇن ــ مال-چارۋىلارنى، ئۆمۈلىگۈچى جانىۋارلارنى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئاپىرىدە قىلسۇن» ــ دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى.
25  GEN 1:25  شۇنداق قىلىپ خۇدا يەردىكى ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە، مال-چارۋىلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ۋە يەر يۈزىدە ئۆمۈلىگۈچى بارلىق جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى.
26  GEN 1:26  ئاندىن خۇدا: «ئۆز سۈرەت-ئوبرازىمىزدا، بىزگە ئوخشايدىغان قىلىپ ئىنساننى يارىتايلى. ئۇلار دېڭىزدىكى بېلىقلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، بارلىق مال-چارۋىلارغا، پۈتكۈل يەر يۈزىگە ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن» دېدى.
28  GEN 1:28  خۇدا ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ: «سىلەر نەسىللىنىپ، كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇپ بويسۇندۇرۇڭلار؛ دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا، شۇنىڭدەك يەر يۈزىدە يۈرىدىغان ھەربىر ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىڭلار» دېدى.
29  GEN 1:29  ئاندىن خۇدا يەنە: «مانا، مەن پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى ئۇرۇقلۇق ئوتياشلار بىلەن ئۇرۇقلۇق مېۋە بېرىدىغان ھەربىر دەرەخلەرنى سىلەرگە ئوزۇقلۇق بولسۇن دەپ بەردىم؛
30  GEN 1:30  شۇنداقلا يەردىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر يۈزىدە بارلىق ئۆمىلىگۈچىلەرگە، يەنى بارلىق جان-جانىۋارلارغا ئوزۇقلۇق بولسۇن دەپ بارلىق گۈل-گىياھلارنى بەردىم» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى.
31  GEN 1:31  خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە سەپسېلىپ قارىدى، ۋە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى بولغانىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى.
32  GEN 2:1  شۇنداق قىلىپ ئاسمان بىلەن زېمىن، پۈتكۈل مەۋجۇداتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يارىتىلىپ بولدى.
35  GEN 2:4  پەرۋەردىگار خۇدا زېمىن بىلەن ئاسماننى ياراتقان كۈنىدە، ئاسمان-زېمىننىڭ يارىتىلىش جەريانىنىڭ تارىخلىرى مۇنداق: ــ
36  GEN 2:5  زېمىندا تېخى ھېچ گۈل-گىياھ، يەردە ھېچ ئوتياش ئۈنمىگەنىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا يەر يۈزىگە ھۆل-يېغىن ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى.
38  GEN 2:7  ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى يەرنىڭ توپىسىدىن ياساپ، ھاياتلىق نەپەسىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا پۈۋلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئادەم تىرىك بىر جان بولدى.
39  GEN 2:8  ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا مەشرىق تەرەپتە ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بىنا قىلىپ، ياسىغان ئادەمنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى.
40  GEN 2:9  پەرۋەردىگار خۇدا يەردىن كۆزنى قاملاشتۇرىدىغان چىرايلىق، مېۋىلىرى يېيىشلىك ھەرخىل دەرەخنى ئۈندۈردى؛ ئۇ يەنە باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا «ھاياتلىق دەرىخى» ۋە «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نى ئۈندۈردى.
42  GEN 2:11  بىرىنچى ئېقىننىڭ نامى پىشون بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان پۈتكۈل ھاۋىلاھ زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ.
43  GEN 2:12  بۇ يۇرتنىڭ ئالتۇنى ناھايىتى ئېسىل ئىدى؛ شۇ يەردە پۇراقلىق دېۋىرقاي بىلەن ئاق ھېقىقمۇ چىقىدۇ.
46  GEN 2:15  پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنى ئېلىپ ئېرەم بېغىغا ئىشلەپ، پەرۋىش قىلسۇن دەپ ئۇنى شۇ يەرگە قويۇپ قويدى.
47  GEN 2:16  پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە ئەمر قىلىپ: باغدىكى ھەربىر دەرەخ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭچە يە؛
48  GEN 2:17  ئەمما «ياخشى بىلەن ياماننى بىلگۈزگۈچى دەرەخ»نىڭ مېۋىسىدىن يېمىگىن؛ چۈنكى ئۇنىڭدىن يېگەن كۈنۈڭدە جەزمەن ئۆلىسەن، ــ دېدى.
49  GEN 2:18  ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سۆز قىلىپ: ــ ئادەمنىڭ يالغۇز تۇرۇشى ياخشى ئەمەس؛ مەن ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بىر ياردەمچى ھەمراھنى ياساپ بېرەي، ــ دېدى.
50  GEN 2:19  پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن دالادىكى بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئاسماندىكى ھەممە ئۇچار-قاناتلارنى ياسىغانىدى؛ ئۇلارغا ئادەمنىڭ نېمە دەپ ئات قويىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنى ئادەمنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئادەم ھەربىر جانىۋارغا نېمە دەپ ئات قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئېتى شۇ بولۇپ قالدى.
51  GEN 2:20  بۇ تەرىقىدە ئادەم ھەممە مال-چارۋىلارغا، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە دالادىكى ھەربىر جانىۋارلارغا ئات قويدى؛ ۋەھالەنكى، ئادەم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھېچبىر ياردەمچى ھەمراھ ئۇچراتمىدى.
52  GEN 2:21  شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمگە بىر قاتتىق ئۇيقۇ سالدى؛ ئۇ ئۇخلاپ قالدى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، ئۇ ئۇنىڭ بىقىنىدىن بىر ئاز ئېلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىنى ئەت-گۆش بىلەن ئېتىپ قويدى.
53  GEN 2:22  شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنىڭ بىقىنىدىن ئالغان شۇ قىسىمدىن بىر ئايالنى ياساپ، ئۇنى ئادەمنىڭ قېشىغا ئەكەلدى.
57  GEN 3:1  يەر يۈزىدە يىلان رەب پەرۋەردىگار ياراتقان دالادىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن ھىيلىگەر ئىدى. ئۇ ئايالدىن: ــ خۇدا راستتىنلا باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مېۋىسىدىن يېمەڭلار، دېدىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
58  GEN 3:2  ئايال يىلانغا جاۋاب بېرىپ: ــ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ.
59  GEN 3:3  ئەمما باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسى توغرىسىدا خۇدا: «بۇنىڭدىن يېمەڭلار، قولمۇ تەگكۈزمەڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر» دېگەن، دېدى.
62  GEN 3:6  ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ يېمەكلىك ئۈچۈن ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭ كۆزنى قاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەمدە دەرەخنىڭ ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدىغان جەلپكارلىقىنى كۆرۈپ، مېۋىدىن يېدى ۋە ئۇنىڭدىن يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى؛ ئۇمۇ يېدى.
64  GEN 3:8  كۈن سالقىنلىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا ماڭغان شەپىسىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئادەم ئايالى بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ھازىر بولغىنىدىن قېچىپ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى.
65  GEN 3:9  لېكىن پەرۋەردىگار خۇدا توۋلاپ ئادەمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: سەن نەدە؟ ــ دېدى.
66  GEN 3:10  ئادەمئاتا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن باغدا شەپەڭنى ئاڭلاپ، يالىڭاچ تۇرغىنىم ئۈچۈن قورقۇپ كېتىپ، يوشۇرۇنىۋالدىم، ــ دېدى.
67  GEN 3:11  خۇدا ئۇنىڭغا: ــ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ مەن ساڭا يېمە، دەپ ئەمر قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېدىڭمۇ-يا؟ ــ دېدى.
68  GEN 3:12  ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ سەن ماڭا ھەمراھ بولۇشقا بەرگەن ئايال دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، مەن يېدىم، ــ دېدى.
69  GEN 3:13  پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ــ دېدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: ــ يىلان مېنى ئالداپ ئازدۇرسا، مەن يەپ ساپتىمەن، ــ دېدى.
70  GEN 3:14  پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا مۇنداق دېدى: ــ «بۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن، سەن ھەممە مال-چارۋىلاردىن، دالادىكى بارلىق ھايۋاناتلاردىن بەكرەك لەنەتكە قالىسەن؛ قورسىقىڭ بىلەن بېغىرلاپ مېڭىپ، ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە توپا يەيسەن.
71  GEN 3:15  ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا، سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك سالىمەن؛ ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى چېقىپ زەخىملەندۈرىسەن».
72  GEN 3:16  ئاندىن خۇدا ئايالغا: ــ «سېنىڭ ھامىلىدارلىقىڭنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى كۆپەيتىمەن؛ سەن قاتتىق تولغاق ئىچىدە بوشىنىسەن؛ سەن ئېرىڭدىن ئۈستۈن تۇرۇشقا ھەۋەس قىلساڭمۇ، ئۇ ئۈستۈڭدىن خوجىلىق قىلىدۇ» ــ دېدى.
76  GEN 3:20  ئۇنىڭ ئايالى بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئانىسى بولىدىغىنى ئۈچۈن ئادەم ئۇنىڭغا «ھاۋا» دەپ ئات قويدى.
77  GEN 3:21  پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋان تېرىلىرىدىن كىيىم قىلىپ كىيدۈرۈپ قويدى.
78  GEN 3:22  پەرۋەردىگار خۇدا سۆز قىلىپ: ــ مانا، ئادەم بىزلەردىن بىرىگە ئوخشاپ قالدى، ياخشى بىلەن ياماننى بىلدى. ئەمدى قولىنى ئۇزىتىپ ھاياتلىق دەرىخىدىن ئېلىپ يەۋېلىپ، تا ئەبەدگىچە ياشاۋەرمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى توسۇشىمىز كېرەك، دېدى.
79  GEN 3:23  شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇنى يەرگە ئىشلەيدىغان، يەنى ئۆزى ئەسلى ئاپىرىدە قىلىنغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان قىلىپ قويدى.