Wildebeest analysis examples for:   uig-uigara   Word!    February 11, 2023 at 19:50    Script wb_pprint_html.py   by Ulf Hermjakob

11  GEN 1:11  ئاندىن خۇدا يەنە: «يەر ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنى، ئۇرۇقلۇق ئوتياشلارنى، مېۋە بېرىدىغان دەرەخلەرنى تۈرلىرى بويىچە ئۆزىدە ئۈندۈرسۇن! مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇرۇقلىرى بولسۇن!» دېۋىدى، دەل شۇنداق بولدى؛
60  GEN 3:4  يىلان ئايالغا: ــ ئۇنداق ئەمەس! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر!
90  GEN 4:10  خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمە قىلدىڭ؟ مانا، ئىنىڭنىڭ قېنى يەردىن ماڭا پەرياد كۆتۈرۈۋاتىدۇ!
93  GEN 4:13  بۇنى ئاڭلاپ قابىل پەرۋەردىگارغا جاۋاب قىلىپ: ــ مېنىڭ بۇ جازايىمنى ئادەم كۆتۈرەلمىگۈدەك!
103  GEN 4:23  لەمەخ بولسا ئاياللىرىغا سۆز قىلىپ: ــ «ئەي ئاداھ بىلەن زىللاھ، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! ئەي لەمەخنىڭ ئاياللىرى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! مېنى زەخىملەندۈرگىنى ئۈچۈن مەن ئادەم ئۆلتۈردۈم، تېنىمنى زېدە قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر يىگىتنى ئۆلتۈردۈم.
141  GEN 6:3  ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ــ ــ مېنىڭ روھىم ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلىۋەرمەيدۇ؛ چۈنكى ئىنسان ئەتتۇر، خالاس. كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن! ــ دېدى.
231  GEN 9:25  قانائانغا لەنەت بولغاي! ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ قۇلىنىڭ قۇلى بولسۇن، ــ دەپ قارغىدى.
232  GEN 9:26  ئۇ يەنە: ــ شەمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە كەلتۈرۈلگەي! قانائان شەمنىڭ قۇلى بولسۇن.
233  GEN 9:27  خۇدا يافەتنى ئاۋۇتقاي! ئۇ شەمنىڭ چېدىرلىرىدا تۇرغاي، قانائان بولسا ئۇنىڭ قۇلى بولغاي! ــ دېدى.
270  GEN 11:3  ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ كېلىڭلار، بىز خىش قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! ــ دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قۇرۇلۇشتا تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارىماي ئىشلەتتى.
271  GEN 11:4  ئۇلار يەنە: ــ كېلىڭلار، ئەمدى ئۆزۈمىزگە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەردە ئۇچى ئاسمانلارغا تاقاشقۇدەك بىر مۇنار ياسايلى! شۇنداق قىلىپ ئۆزىمىزگە بىر نام تىكلىيەلەيمىز. بولمىسا، پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىلىپ كېتىمىز، ــ دېيىشتى.
273  GEN 11:6  پەرۋەردىگار: ــ «مانا، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر قوۋمدۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىلىمۇ بىردۇر؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر! بۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نىيەت قىلغان ھەرقانداق ئىشىنى ھېچ توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.
302  GEN 12:3  كىملەر ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلىسە مەن ئۇلارنى بەرىكەتلەيمەن، كىمكى سېنى خورلىسا، مەن چوقۇم ئۇنى لەنەتكە قالدۇرىمەن؛ سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-قەبىلىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ! ــ دېدى.
318  GEN 12:19  نېمىشقا ئۇنى «سىڭلىم» دەپ مېنىڭ ئۇنى خوتۇنلۇققا ئېلىشىمغا سەۋەبكار بولغىلى تاس قالىسەن! مانا بۇ ئايالىڭ! ئۇنى ئېلىپ كەتكىن! ــ دېدى.
356  GEN 14:19  ئۇ ئابرامنى بەخت-بەرىكەتلەپ: ــ «ئابرام ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرى تەرىپىدىن بەرىكەتلەنسۇن!
387  GEN 16:5  ساراي ئابرامغا قېيىداپ: ــ ماڭا چۈشكەن بۇ خورلۇق سېنىڭ بېشىڭغا چۈشسۇن! مەن ئۆز دېدىكىمنى قۇچىقىڭغا سېلىپ بەردىم؛ ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى كۆرگەندە مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە كۆزگە ئىلىنمىدىم. خەير، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن! ــ دېدى.
416  GEN 17:18  ئىبراھىم خۇداغا: ــ ئاھ، ئىسمائىل ئالدىڭدا ياشىسا ئىدى! دېدى.
450  GEN 18:25  ياق، ياق! بۇ ئىش سەندىن نېرى بولغاي! ھەققانىيلارنى رەزىللەرگە قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ، ھەققانىيلارغا رەزىللەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش سەندىن نېرى بولغاي! پۈتكۈل جاھاننىڭ سوراقچىسى ئادالەت يۈرگۈزمەمدۇ؟ ــ دېدى.
457  GEN 18:32  ئۇ سۆزلەپ: ــ ئى ئىگەم، خاپا بولمىغاي، مەن پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا سۆز قىلاي! شۇ يەردە ئونى تېپىلىشى مۇمكىن، دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئونى ئۈچۈن ئۇنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى.
465  GEN 19:7  ئۇلارغا: ــ ئەي بۇرادەرلىرىم، مۇنداق رەزىللىكنى قىلماڭلار!
466  GEN 19:8  مانا، تېخى ھېچ ئەر بىلەن بىللە بولمىغان ئىككى قىزىم بار؛ ئۇلارنى سىلەرگە چىقىرىپ بېرەي. ئۇلار بىلەن خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار. ئەمما بۇ ئادەملەر ئۆگزەمنىڭ سايىسى ئاستىغا كىرگەنىكەن، سىلەر ئۇلارنى ھېچنېمە قىلماڭلار! ــ دېدى.
467  GEN 19:9  لېكىن ئۇلار جاۋاب بېرىپ: «نېرى تۇر!» دېگىنىچە، يەنە: ــ بۇ يەردە تۇرۇشقا كەلگەن بۇ مۇساپىر ھاكىم بولماقچىمىكەن؟ ئەمدى ساڭا ئۇلارغا قىلغاندىنمۇ بەتتەر يامانلىق قىلىمىز! ــ دەپ لۇتنى قىستاپ، ئىشىكنى چېقىشقا باستۇرۇپ كەلدى.
470  GEN 19:12  ئاندىن ئىككەيلەن لۇتقا: ــ مۇشۇ يەردە يەنە بىرەر كىمىڭ بارمۇ؟ كۈيئوغۇل، ئوغۇل ياكى قىزلىرىڭ ۋە ياكى شەھەردە باشقا ئادەملىرىڭ بولسا ئۇلارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كەتكىن!
475  GEN 19:17  ئۇلارنى چىقارغاندىن كېيىن شۇ ئىش بولدىكى، ئۇلاردىن بىرى ئۇنىڭغا: ــ جېنىڭنى ئېلىپ قاچ، ھالاك بولماسلىقىڭ ئۈچۈن كەينىڭگە قارىماي، تۈزلەڭلىكتىكى ھېچ يەردە توختىماي، تاغقا قاچقىن! ــ دېدى.
476  GEN 19:18  لېكىن لۇت ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولمىغاي، ئەي خوجام، ئۆتۈنۈپ قالاي!
478  GEN 19:20  قارا، ئاۋۇ شەھەرگە قېچىپ بارسا بولغۇدەك ناھايىتى يېقىن ئىكەن، شۇنداقلا كىچىك شەھەر ئىكەن! ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنىڭ شۇ يەرگە قېچىشىمغا يول قويغايسەن! ئۇ كىچىك شەھەر ئەمەسمۇ؟! جېنىم شۇ يەردە ئامان قالىدۇ! ــ دېدى.
505  GEN 20:9  ئاندىن ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ مەن ساڭا زادى نېمە گۇناھ قىلدىم، سەن مەن ۋە پادىشاھلىقىمغا ئېغىر بىر گۇناھنى يۈكلەپ قويدۇڭ؟ ماڭا قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلدىڭ! ــ دېدى.
521  GEN 21:7  ئۇ يەنە: ــ كىممۇ ئىبراھىمغا: «ساراھ بالا ئېمىتىدىغان بولىدۇ!» دەپ ئېيتالايتتى؟ چۈنكى ئۇ قېرىغاندا ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم! ــ دېدى.
524  GEN 21:10  شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىبراھىمغا: ــ بۇ دېدەك بىلەن ئوغلىنى ھەيدىۋەت! چۈنكى بۇ دېدەكنىڭ ئوغلى مېنىڭ ئوغلۇم ئىسھاق بىلەن تەڭ ۋارىس بولسا بولمايدۇ!، ــ دېدى.
549  GEN 22:1  بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، خۇدا ئىبراھىمنى سىناپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئىبراھىم! دېدى. ئۇ: مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى.
555  GEN 22:7  ئىسھاق ئاتىسى ئىبراھىمغا: ــ ئەي ئاتا! دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن، ئوغلۇم، دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ مانا ئوت بىلەن ئوتۇنغۇ بار، ئەمما كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان قوزا قېنى؟ ــ دەپ سورىۋىدى،
559  GEN 22:11  شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئىبراھىم، ئىبراھىم! ــ دەپ ۋارقىرىدى. ئۇ: ــ مانا مەن، ــ دېدى.
577  GEN 23:5  ھىتتىيلار ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئى خوجام، بىزگە قۇلاق سالغايلا! سىلى ئارىمىزدا خۇدانىڭ بىر شاھزادىسى ھېسابلىنىلا! ئارىمىزدىكى ئەڭ ئېسىل يەرلىكنى تاللاپ، شۇ يەردە مەرھۇمەلىرىنى دەپنە قىلغايلا! مەرھۇمەلىرىنى دەپنە قىلىشقا ھېچقايسىمىز ئۆز يەرلىكىنى سىلىدىن ئايىمايدۇ، ــ دېدى.
598  GEN 24:6  ئىبراھىم ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ھېزى بول، ئوغلۇمنى ھەرگىز شۇ يەرگە ياندۇرۇپ بارمىغىن!
610  GEN 24:18  ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئىچكەيلا، ئەي خوجام! دەپلا، كومزەكنى دەرھال قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ سۇ ئىچىشى ئۈچۈن سۇندى.
615  GEN 24:23  سەن كىمنىڭ قىزى بولىسەن؟ ماڭا دەپ بەرسەڭ! ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە بىزگە قونغۇدەك جاي بارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
619  GEN 24:27  ئۆز شاپائىتى بىلەن خوجامدىن ۋاپادارلىقىنى ئايىمىغان، خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇلغاي! پەرۋەردىگار بۇ سەپىرىمدە مېنى خوجامنىڭ قېرىنداشلىرى تۇرغان ئۆيگە باشلاپ كەلدى! ــ دېدى.
623  GEN 24:31  لابان ئۇنىڭغا: ــ ئەي پەرۋەردىگارنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئاتا قىلىنغۇچى، كىرگەيلا! نېمە ئۈچۈن تاشقىرىدا تۇردىلا؟ مەن ئۆينى تەييارلاپ قويدۇم، تۆگىلەرگىمۇ جاي راسلىدىم، ــ دېدى.
652  GEN 24:60  ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار رىۋكاھقا بەخت تىلەپ: ــ ئەي سىڭلىمىز، مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئانىسى بولغايسەن! نەسلىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولغاي! ــ دېدى.
656  GEN 24:64  رىۋكاھ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئىسھاقنى كۆردى؛ ئۇ دەرھال تۆگىدىن چۈشۈپ، خىزمەتكاردىن: ــ سەھرادا بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىۋاتقان بۇ كىشى كىم بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. خىزمەتكار: ــ بۇ خوجامدۇر! دېدى. رىۋكاھ دەرھال چۈمبىلىنى تارتىپ يۈزىنى يېپىۋالدى.
689  GEN 25:30  ئەساۋ ياقۇپقا: ــ مەن ھالىمدىن كەتتىم! ئۆتۈنۈپ قالاي، ئاۋۇ قىزىلدىن بەرسەڭ! ــ ئاۋۇ قىزىل نەرسىدىن مېنى ئوزۇقلاندۇرساڭچۇ! مەن ھالىمدىن كەتتىم، ــ دېدى (شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئېتى «ئېدوم» دەپمۇ ئاتالدى).
702  GEN 26:9  ئاندىن ئابىمەلەك ئىسھاقنى چاقىرىپ: ــ مانا، ئۇ جەزمەن سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن! سەن نېمە دەپ: «ئۇ مېنىڭ سىڭلىم»، دېدىڭ؟ ــ دېۋىدى، ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ چۈنكى مەن ئەسلىدە ئۇنىڭ سەۋەبىدىن بىرسى مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن، دەپ ئەنسىرىگەنىدىم، ــ دېدى.
703  GEN 26:10  ئابىمەلەك ئۇنىڭغا: بۇ بىزگە نېمە قىلغىنىڭ؟ تاس قاپتۇ خەلق ئارىسىدىن بىرەرسى ئايالىڭ بىلەن بىرگە بولغىلى؟! ئۇنداق بولغان بولسا سەن بىزنى گۇناھقا پاتقۇزغان بولاتتىڭ! ــ دېدى.
721  GEN 26:28  ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز پەرۋەردىگارنىڭ سەن بىلەن بىللە بولغىنىنى روشەن بايقىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز سېنىڭ توغراڭدا: «ئوتتۇرىمىزدا بىر كېلىشىم بولسۇن، يەنى بىزلەر بىلەن سەن بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ ئەھدە قىلىشايلى» دېدۇق؛ شۇ ۋەجىدىن سەن بىزگە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەيسەن؛ بىز ساڭا ھېچ تەگمىگىنىمىزدەك، شۇنداقلا ساڭا ياخشىلىقتىن باشقا ھېچبىر نېمە قىلمىغىنىمىزدەك (بەلكى سېنى ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە يولۇڭغا ئەۋەتكەنىدۇق) سەنمۇ شۇنداق قىلغايسەن. مانا ھازىر سەن پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت-بەرىكەت كۆرۈۋاتىسەن! ــ دېيىشتى.
729  GEN 27:1  ئىسھاق قېرىپ، كۆزلىرى تورلىشىپ، كۆزى غۇۋا كۆرىدىغان بولۇپ قالغاندا شۇنداق بولدىكى، ئۇ چوڭ ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئوغلۇم! ــ دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى.
746  GEN 27:18  ياقۇپ ئاتىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ: ــ ئەي ئاتا! دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن! ئوغلۇم، سەن كىم بولىسەن؟ ــ دېۋىدى،
755  GEN 27:27  ئۇ ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنى سۆيدى. ئاتىسى ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلىپ: ــ «مانا، ئوغلۇمنىڭ تېنىدىكى پۇراق پەرۋەردىگار بەرىكەتلىگەن كۆكلەمزارنىڭ خۇش پۇرىقىغا ئوخشايدىكەن!
760  GEN 27:32  ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا: ــ سەن كىمسەن؟ ــ دېدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئوغۇللىرى، چوڭ ئوغۇللىرى ئەساۋمەن! ــ دېدى.
761  GEN 27:33  بۇنى ئاڭلاپ ئىسھاق ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، پۈتۈن بەدىنى جالاقلاپ تىترەپ: ــ ئۇنداقتا باياتىن ئوۋ ئوۋلاپ ئېلىپ كەلگىنى كىم؟ سەن كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن يەپ، ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدىم؛ ۋە بەرھەق، ئۇ بەخت-بەرىكەت كۆرىدۇ! ــ دېدى.
766  GEN 27:38  ئەساۋ ئاتىسىغا يەنە: ــ ئەي ئاتا، سىلىدە پەقەت شۇ بىرلا بەخت-بەرىكەت بار ئىدىمۇ؟ ماڭا، ئەي ئاتا، ماڭىمۇ بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلغايلا! دېدى. ئاندىن ئۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.
778  GEN 28:4  شۇنداقلا ئىبراھىمنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن نەسلىڭگە بەرگەي؛ شۇنداق قىلىپ سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يەرنى، يەنى ئەسلىدە خۇدا ئىبراھىمغا بەرگەن زېمىننى ئىگىلەيسەن! ــ دېدى.
791  GEN 28:17  ئۇ قورقۇپ كېتىپ: بۇ جاي ئالامەت دەھشەتلىك بىر جاي ئىكەن! بۇ خۇدانىڭ ئۆيى بىلەن ئاسماننىڭ دەرۋازىسىدىن باشقا ھېچ جاي ئەمەستۇر، ــ دېدى.
810  GEN 29:14  لابان ئۇنىڭغا: ــ سەن دەرۋەقە مېنىڭ سۆڭەك بىلەن گۆشۈمدۇرسەن! ــ دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ قېشىدا بىر ئايچە تۇرۇپ قالدى.
821  GEN 29:25  ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، مانا ئالدىدا لېياھ تۇراتتى! ئۇ لابانغا: ــ بۇ زادى ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ ئەجەبا، مەن راھىلە ئۈچۈن ساڭا خىزمەت قىلمىدىممۇ؟ مېنى نېمىشقا شۇنداق ئالدىدىڭ؟! ــ دېدى.
844  GEN 30:13  لېياھ: «مەن بەختلىكتۇرمەن! چۈنكى خوتۇن-قىزلار مېنى بەختلىك دېيىشىدۇ!» دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاشىر قويدى.
845  GEN 30:14  بۇغداي ئورمىسى كۈنلىرىدە رۇبەن چىقىپ ئېتىزلىققا باردى ۋە ئېتىزدىن بىرقانچە مۇھەببەتگۈلىنى تېرىپ، بۇلارنى ئانىسى لېياھنىڭ قېشىغا ئەكەلدى. ئەمدى راھىلە لېياھقا: ــ ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇڭنىڭ مۇھەببەتگۈلىدىن بىرنەچچىنى ماڭا بەرگىن! ــ دېدى.
889  GEN 31:15  بىز دەرۋەقە ئۇنىڭغا يات ئادەم ھېسابلىنىپ قالغانمۇ؟! ئۇ بىزنى سېتىۋەتتى، تويلۇقىمىزنىمۇ پۈتۈنلەي يەپ كەتتى!
906  GEN 31:32  ئەمدى بۇتلىرىڭغا كەلسەك، ئۇلار كىمدىن چىقسا شۇ تىرىك قالمايدۇ! قېرىنداشلىرىمىز ئالدىدا مەندىن قانداقلا نېمەڭنى تونۇۋالساڭ، ئۇنى ئېلىپ كەت، ــ دېدى. ھالبۇكى، ياقۇپنىڭ راھىلەنىڭ بۇتلارنى ئوغرىلاپ كەلگىنىدىن خەۋىرى يوق ئىدى.
924  GEN 31:50  ئەگەر سەن قىزلىرىمنى بوزەك قىلساڭ، ياكى قىزلىرىمنىڭ ئۈستىگە باشقا خوتۇنلارنى ئالساڭ، باشقا ھېچ كىشى قېشىمىزدا ھازىر بولمىغان تەقدىردىمۇ، مانا، خۇدا مەن بىلەن سېنىڭ ئاراڭدا گۇۋاھچىدۇر!
931  GEN 32:3  ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ جاي خۇدانىڭ بارگاھى ئىكەن! ــ دەپ، بۇ جاينىڭ نامىنى «ماھانائىم» دەپ قويدى.
938  GEN 32:10  ئاندىن ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى ۋە ئاتام ئىسھاقنىڭ خۇداسى! ماڭا: «ئۆز زېمىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ قېشىغا يېنىپ كەتكىن، ساڭا ياخشىلىق قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان پەرۋەردىگار!
971  GEN 33:10  ئەمما ياقۇپ: ــ ئۇنداق قىلمىغىن؛ ئەگەر مەن نەزەرلىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، سوۋغىتىمنى قولۇمدىن قوبۇل قىلغايلا؛ چۈنكى سىلىنىڭ مېنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلىرىنى كۆرۈپ، دىدارلىرىنى كۆرگىنىمدە خۇدانىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولدۇم!
989  GEN 34:8  ھامور ئۇلارغا سۆز قىلىپ: ــ ئوغلۇم شەكەمنىڭ كۆڭلى قىزىڭلارغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئىلتىپات قىلىپ ئۇنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەرسەڭلار!
1091  GEN 37:7  مانا، بىز ھەممىمىز ئېتىزلاردا ئاشلىقلارنى باغلاۋاتقۇدەكمىز. قارىسام مېنىڭ ئۆنچەم ئۆرە تۇرۇپتىدەك؛ سىلەرنىڭ ئۆنچەڭلار بولسا مېنىڭ ئۆنچەمنىڭ چۆرىسىگە ئولىشىپ تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! ــ دېدى.
1093  GEN 37:9  كېيىن ئۇ يەنە بىر چۈش كۆردى ۋە چۈشىنى ئاكىلىرىغا دەپ: ــ مانا، مەن يەنە بىر چۈش كۆردۈم. قارىسام، قۇياش بىلەن ئاي ۋە ئون بىر يۇلتۇز ماڭا تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! ــ دېدى.
1104  GEN 37:20  كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ مۇشۇ يەردىكى ئورەكلەردىن بىرىگە تاشلىۋېتەيلى، ئاندىن: ــ ۋەھشىي بىر ھايۋان ئۇنى يەپ كېتىپتۇ، دەيلى. شۇندا، بىز ئۇنىڭ چۈشلىرىنىڭ نېمە بولىدىغىنىنى كۆرىمىز! ــ دېدى.
1106  GEN 37:22  رۇبەن ئۇلارغا يەنە: ــ قان تۆكمەڭلار! بەلكى ئۇنى چۆلدىكى مۇشۇ ئورەككە تاشلىۋېتىڭلار؛ لېكىن ئۇنىڭغا قول تەگكۈزمەڭلەر، دېدى (ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا قايتۇرۇۋەتمەكچى ئىدى).
1114  GEN 37:30  ئىنىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ بالا يوق تۇرىدۇ! ئەمدى مەن نەگە باراي؟! ــ دېدى.
1117  GEN 37:33  ئۇ ئۇنى تونۇپ: ــ بۇ دەرۋەقە مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ تونى ئىكەن؛ بىر ۋەھشىي ھايۋان ئۇنى يەپ كەتكەن ئوخشايدۇ؛ شۈبھىسىزكى، يۈسۈپ تىتما-تىتما قىلىۋېتىلىپتۇ! ــ دېدى.
1144  GEN 38:24  ئۈچ ئايچە ئۆتكەندىن كېيىن بىرسى يەھۇداغا: ــ سېنىڭ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىنادىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى، دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. يەھۇدا جاۋابەن: ــ ئۇنى ئېلىپ چىقىڭلار، كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن! ــ دېدى.
1145  GEN 38:25  لېكىن ئۇ ئېلىپ چىقىلغاندا قېيناتىسىغا خەۋەر ئەۋەتىپ: ــ بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئادەمدىن ھامىلىدار بولدۇم! ئەمدى سەن كۆرۈپ باق، بۇ مۆھۈر، شوينىسى ۋە ھاسىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغىن، دېدى.
1157  GEN 39:7  بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ خوجىسىنىڭ ئايالىنىڭ يۈسۈپكە كۆزى چۈشۈپ قېلىپ: ــ مەن بىلەن ياتقىن! ــ دېدى.
1159  GEN 39:9  بۇ ئۆيدە مەندىن چوڭ ئادەم يوق. سەندىن باشقا ئۇ ھېچبىر نەرسىنى مەندىن ئايىمىدى ــ چۈنكى سەن ئۇنىڭ ئايالىدۇرسەن! شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن قانداقمۇ بۇنداق رەزىللىكنى قىلىپ خۇدا ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ ــ دېدى.
1162  GEN 39:12  بۇ ئايال ئۇنىڭ تونىنى تۇتۇۋېلىپ: ــ مەن بىلەن ياتقىن! دېدى. ئۇ تونىنى ئۇنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇپ، يۈگۈرگەن پېتى قېچىپ تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى.
1164  GEN 39:14  ئۆيىدىكى خىزمەتچىلىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ قاراڭلار، ئېرىم بىزگە ھاقارەت كەلتۈرسۇن دەپ بىر ئىبرانىي ئادەمنى ئېلىپ كەپتۇ! بۇ ئادەم يېنىمغا كىرىپ: «سەن بىلەن ياتاي» دېۋىدى، قاتتىق ۋارقىرىدىم!
1240  GEN 41:44  ئاندىن پىرەۋن يۈسۈپكە يەنە: ــ مەن دېگەن پىرەۋندۇرمەن؛ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا سەنسىز ھېچكىم قول-پۇتىنى مىدىرلاتمىسۇن! ــ دېدى.
1263  GEN 42:10  ئەمما ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي خوجام، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى كەمىنىلىرى ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدى!
1264  GEN 42:11  بىز ھەممىمىز بىر ئادەمنىڭ ئوغۇللىرى، سەمىمىي ئادەملەرمىز. كەمىنىلىرى جاسۇس ئەمەس! ــ دېدى.
1265  GEN 42:12  ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ ئۇنداق ئەمەس! بەلكى زېمىننىڭ مۇداپىئەسىز جايلىرىنى كۆرگىلى كەلدىڭلار، ــ دېدى.
1267  GEN 42:14  ئەمما يۈسۈپ ئۇلارغا يەنە: ــ مانا مەن دەل سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، جاسۇس ئىكەنسىلەر!
1269  GEN 42:16  ئىنىڭلارنى ئېلىپ كەلگىلى بىرىڭلارنى ئەۋەتىڭلار، قالغانلىرىڭلار بولسا سولاپ قويۇلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن ئېيتقىنىڭلارنىڭ راست-يالغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ؛ بولمىسا، پىرەۋننىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر جەزمەن جاسۇس! ــ دېدى.
1288  GEN 42:35  ئەمما شۇنداق بولدىكى، ئۇلار تاغارلىرىنى تۆككەندە، مانا ھەربىرىنىڭ پۇلدىنى ئۆز تاغارلىرىدا تۇراتتى! ئۇلار ۋە ئاتىسى ئۆزلىرىنىڭ چىگىكلىك پۇللىرىنى كۆرگەندە، قورقۇپ قېلىشتى.
1289  GEN 42:36  ئاتىسى ياقۇپ ئۇلارغا: ــ مېنى ئوغلۇمدىن جۇدا قىلدىڭلار! يۈسۈپ يوق بولدى، شىمېئونمۇ يوق، ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولۇۋاتىسىلەر! مانا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كەلدى! ــ دېدى.
1305  GEN 43:14  ھەممىگە قادىر تەڭرى ئۆزى سىلەرنى ئۇ كىشىنىڭ ئالدىدا رەھىمگە ئېرىشتۈرگەي. بۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنىڭ شۇ يەردىكى قېرىندىشىڭلارنى ۋە بىنيامىننى قويۇپ بېرىپ، سىلەرگە قوشۇپ قويارمىكىن؛ ئۆزۈم ناۋادا بالىلىرىمدىن جۇدا بولسام بولاي! ــ دېدى.
1320  GEN 43:29  يۈسۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئىنىسى بىنيامىننى كۆرۈپ: ــ سىلەر ماڭا گېپىنى قىلغان كىچىك ئىنىڭلار شۇمۇ؟ ــ دەپ سوراپ: ــ ئەي ئوغلۇم، خۇدا ساڭا شاپائەت كۆرسەتكەي! ــ دېدى.
1332  GEN 44:7  ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ خوجىمىز نېمىشقا مۇنداق گەپ قىلىدۇ؟ مۇنداق ئىشنى قىلىش كەمىنىلىرىدىن نېرى بولسۇن!
1342  GEN 44:17  لېكىن يۈسۈپ: ــ مۇنداق قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن! بەلكى جام كىمنىڭ قولىدىن تېپىلغان بولسا پەقەت شۇ كىشى مېنىڭ قۇلۇم بولىدۇ. لېكىن قالغانلىرىڭلار ئامان-ئېسەن ئاتاڭلارنىڭ قېشىغا كېتىڭلار، ــ دېدى.
1358  GEN 44:33  شۇڭا ھازىر ئۆتۈنۈپ قالاي، مەنكى كەمىنىلىرى ئۇ يىگىتنىڭ ئورنىدا خوجامنىڭ قېشىدا قۇل بولۇپ تۇرسام، ئۇ يىگىت قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەتسە!
1359  GEN 44:34  چۈنكى يىگىت مەن بىلەن بولمىسا، مەن قانداقمۇ ئاتامنىڭ قېشىغا بارالايمەن؟ ئاتامغا شۇنداق ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ چۈشۈشىنى كۆزۈم كۆرگۈچى بولمىسۇن! ــ دېدى.
1360  GEN 45:1  يۈسۈپ ئۆز يېنىدا تۇرغانلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالماي: ــ ھەممە ئادەم ئالدىمدىن چىقىرىۋېتىلسۇن! دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئۆزىنى قېرىنداشلىرىغا ئاشكارا قىلغاندا ئۇنىڭ قېشىدا ھېچكىم بولمىدى. ئۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى؛ مىسىرلىقلار ئۇنى ئاڭلىدى، پىرەۋننىڭ ئوردىسىكىلەرمۇ بۇنىڭدىن تېزلا خەۋەر تاپتى.
1362  GEN 45:3  يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: ــ مەن يۈسۈپ بولىمەن! ئاتام ھازىر ھاياتمۇ؟! ــ دەپ سورىدى. ئەمما قېرىنداشلىرى ئۇنىڭغا قاراپ ھودۇقۇپ كېتىپ، ھېچ جاۋاب بېرەلمەي قالدى.
1385  GEN 45:26  ئۇنىڭغا يۈسۈپ ئۆزلىرىگە ئېيتقان گەپلەرنى يەتكۈزۈپ: «يۈسۈپ تېخى ھايات ئىكەن! ئۇ پۈتكۈل مىسىر زېمىنىغا باش ۋەزىر ئىكەن!» دېدى. ئەمما ئۇ ئۇلارغا ئىشەنمەي، يۈرىكى قېتىپ ھوشىدىن كېتەي دەپ قالدى.
1387  GEN 45:28  ئىسرائىل شۇنىڭ بىلەن: ــ ئەمدى ئارمىنىم يوق! ئوغلۇم يۈسۈپ تېخى ھاياتتۇر! مەن ئۆلمەستە بېرىپ ئۇنى كۆرۈۋالاي، ــ دېدى.
1389  GEN 46:2  كېچىسى خۇدا ئالامەت كۆرۈنۈشلەردە ئىسرائىلغا: ــ ياقۇپ، ياقۇپ! دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن! ــ دېدى.
1436  GEN 47:15  ئەمما مىسىر زېمىنى بىلەن قانائان زېمىنىدىكى پۇل تۈگەپ كەتكەندە مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ بىزگە نان بەرگەيلا! پۇل تۈگەپ كەتكىنى ئۈچۈن سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئۆلىمىزمۇ؟ ــ دېدى.
1444  GEN 47:23  يۈسۈپ خەلققە: ــ مانا، مەن بۈگۈن ئۆزۈڭلار بىلەن يەرلىرىڭلارنى پىرەۋن ئۈچۈن سېتىۋالدىم. مانا سىلەرگە ئۇرۇق! ئەمدى يەر تېرىڭلار.
1468  GEN 48:16  ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ مېنى ھەممە بالا-قازادىن قۇتغۇزغان پەرىشتە بۇ ئىككى ئوغۇلنى بەرىكەتلىسۇن؛ ئۇلار مېنىڭ ئىسمىم ۋە ئاتىلىرىم بولغان ئىبراھىم ۋە ئىسھاقنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتىلىپ، يەر يۈزىدە كۆپ ئاۋۇغاي! ــ دېدى.
1470  GEN 48:18  ئاتىسىغا: ــ ئەي ئاتا، بۇنداق قىلمىغىن؛ چۈنكى مانا، تۇنجىسى بۇدۇر؛ ئوڭ قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن! ــ دېدى.
1478  GEN 49:4  لېكىن قايناپ تېشىپ چۈشكەن سۇدەك، ئەمدى ئالدى بولالماسسەن؛ سەن ئاتاڭنىڭ كۆرپىسىگە چىقتىڭ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى بۇلغىدىڭ! ئۇ مېنىڭ كۆرپەمنىڭ ئۈستىگە چىقتى!
1479  GEN 49:5  شىمېئون بىلەن لاۋىي قېرىنداشلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى زوراۋانلىقنىڭ قوراللىرىدۇر!