525 | GEN 21:11 | ساراھنىڭ بۇ سۆزى ئىبراھىمغا تولىمۇ ئېغىر كەلدى؛ چۈنكى ئىسمائىلمۇ ئۇنىڭ ئوغلى-دە! |
762 | GEN 27:34 | ئەساۋ ئاتىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپلا ئىنتايىن ئېچىنارلىق ھالدا ئۈن سېلىپ ئاچچىق پەرياد كۆتۈرۈپ ئاتىسىغا: ــ مېنىمۇ، ئى ئاتا، مېنىمۇ بەخت-بەرىكەتلىگەيلا! ــ دېدى. |
4734 | NUM 32:14 | ئەمدى مانا، گۇناھكارلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرمۇ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان قاتتىق غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغىماقچى بوپسىلەر-دە! |
5761 | DEU 32:1 | «قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئاسمانلار، مەن سۆزلەي؛ ئاغزىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلا، ئى يەر-زېمىن! |
8136 | 2SA 5:1 | ئاندىن كېيىن ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ھېبرونغا داۋۇتنىڭ قېشىغا كېلىپ: قارىسىلا، بىز ئۆزلىرىنىڭ ئەت-سۆڭەكلىرىدۇرمىز! |
9090 | 1KI 10:8 | سىلىنىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ھەمىشە سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرۇپ دانالىقلىرىنى ئاڭلايدىغان بۇ خىزمەتكارلار نەقەدەر بەختلىكتۇر! |
10060 | 2KI 18:32 | تا مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، نېنى، ئۈزۈمزارلىرى ۋە زەيتۇن دەرەخلىرى بار، ھەسەل چىقىرىدىغان بىر زېمىنغا، يەنى زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار! شۇنىڭ بىلەن سىلەر تىرىك قېلىپ، ئۆلمەيسىلەر! ھەزەكىيا سىلەرگە: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ» دېسە ئۇنىڭغا قۇلاق سالماڭلار! |
10678 | 1CH 11:1 | ئۇ چاغدا بارلىق ئىسرائىل جامائىتى ھېبرونغا كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلىشىپ: «قارىسىلا، بىز ئۆزلىرىنىڭ ئەت-سۆڭەكلىرىدۇرمىز! |
11376 | 2CH 9:7 | سىلىنىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ھەمىشە سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرۇپ دانالىقلىرىنى ئاڭلايدىغان بۇ خىزمەتكارلىرى نەقەدەر بەختلىكتۇر! |
12394 | NEH 5:7 | كۆڭلۈمدە بىرەر قۇر ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، مۆتىۋەرلەر بىلەن ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ: ــ سىلەر ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارغا قەرز بېرىپ ئۇلاردىن ئۆسۈم ئالىدىكەنسىلەر-ھە! ــ دەپ تەنبىھ بەردىم. ئاندىن ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن چوڭ بىر يىغىن ئېچىپ |
13007 | JOB 6:25 | توغرا سۆزلەر نېمىدېگەن ئۆتكۈر-ھە! بىراق ئەيىبلىرىڭلار زادى نېمىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟! |
13134 | JOB 12:2 | سىلەر بەرھەق ئەل-ئەھلىسىلەر! ئۆلسەڭلار ھېكمەتمۇ سىلەر بىلەن بىللە كېتىدۇ! |
13244 | JOB 16:2 | مەن مۇشۇنداق گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغانمەن؛ سىلەر ھەممىڭلار ئازاب يەتكۈزىدىغان ئاجايىب تەسەللى بەرگۈچى ئىكەنسىلەر-ھە! |
14031 | PSA 8:10 | ئى پەرۋەردىگار رەببىمىز، پۈتكۈل يەر يۈزىدە نامىڭ نېمىدېگەن شەرەپلىك-ھە! |
14224 | PSA 22:4 | بىراق ئى ئىسرائىلنىڭ مەدھىيىلىرىنى ئۆز ماكانىڭ قىلغۇچى، سەن دېگەن پاك-مۇقەددەستۇرسەن! |
14568 | PSA 41:2 | نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ غېرىب-ئاجىزلارغا غەمخورلۇق قىلغان كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! ئېغىر كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا پاناھ بولىدۇ. |
15568 | PSA 99:3 | ئۇلار ئۇلۇغ ۋە سۈرلۈك نامىڭنى مەدھىيىلەيدۇ؛ ئۇ پاك-مۇقەددەستۇر! |
15579 | PSA 100:5 | چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئەبەدىلئەبەدگىچە، ئۇنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر! |
15767 | PSA 107:1 | ئاھ، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى! |
16538 | PRO 3:13 | دانالىققا مۇيەسسەر بولغان كىشى، يورۇقلۇققا ئىگە بولغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! |
17980 | ISA 13:4 | ئاڭلاڭلار، بۈيۈك بىر ئەلنىڭ ئادەملىرىدەك توپ-توپ ئادەملەرنىڭ تاغلاردا ياڭراتقان قىيقاس-سۈرەنلىرىنى، ھەممە ئەل-يۇرتلار ۋە پادىشاھلىقلار جەڭگە يىغىلىپ دولقۇنلاتقان قاينام-تاشقىنلىقنى! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار قوشۇنلارنى جەڭگە يىغىدۇ. |
18065 | ISA 17:12 | ھەي! كۆپ خەلقلەرنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرى! ئۇلار دېڭىز-ئوكيانلارنى ئۇرغۇتۇپ دولقۇنلاردەك شاۋقۇنلارنى كۆتۈرىدۇ، ئاھ، ئەللەرنىڭ قاينام-تاشقىنلىرى! دولقۇنلانغان كۈچلۈك سۇلاردەك ئۇلار قاينام-تاشقىنلارنى كۆتۈرىدۇ. |
18068 | ISA 18:1 | ئاھ، ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ بويلىرىدىكى قاناتلارنىڭ ۋىژىلدىغان ئاۋازلىرى بىلەن قاپلانغان يەر-زېمىن! ــ سەن قومۇش كېمىلەر ئۈستىدە ئەلچىلەرنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ ئەۋەتىسەن؛ ــ ئى يەل تاپان خەۋەرچىلەر، ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر ئەلگە، يىراق-يېقىنلارغا قورقۇنچ بولىدىغان بىر مىللەتكە، زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن، كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر ئەلگە قايتىپ بېرىڭلار! |
18417 | ISA 36:17 | تا مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، نېنى بار ھەم ئۈزۈمزارلىرى بار بىر زېمىنغا، ــ زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار! |
18497 | ISA 40:7 | ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۈستىگە پۈۋلەيدۇ؛ بەرھەق، بارلىق خەلقمۇ ئوت-چۆپتۇر! |
18773 | ISA 52:7 | تاغلار ئۈستىدە خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە! ئۇ ئارام-خاتىرجەملىكنى جاكارلايدۇ، بەختلىك خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، نىجات-قۇتۇلۇشنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇ زىئونغا: «خۇدايىڭ ھەممىگە ھۆكۈم سۈرىدۇ!» |
18813 | ISA 55:3 | ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، يېنىمغا كېلىڭلار؛ ئاڭلاڭلار، جېنىڭلار ھاياتقا ئېرىشىدۇ؛ ۋە مەن سىلەر ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزۈپ بېرىمەن: ــ شۇ ئەھدە ــ داۋۇتقا ۋەدە قىلىنغان مېھىر-شەپقەتلەردۇر! |
18997 | ISA 66:6 | ئاڭلاڭلار! ــ شەھەردىن كەلگەن چۇقان-سۈرەنلەر! ئاڭلاڭلار! ــ ئىبادەتخانىدىن چىققان ئاۋازنى! ئاڭلاڭلار! ــ پەرۋەردىگار ئۆز دۈشمەنلىرىگە يامانلىقلىرىنى قايتۇرۇۋاتىدۇ!» |
19115 | JER 4:19 | ــ مەن: «ئاھ، ئىچ-باغرىم! ئىچ-باغرىم! تولغاققا چۈشتۈم! ئاھ، كۆڭلۈم ئازابلاندى! يۈرىكىم دۈپۈلدەۋاتىدۇ، سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن؛ چۈنكى مەن كاناينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمەن؛ جەڭ چۇقانلىرى جېنىمغا سانجىدى. |
19177 | JER 6:19 | ئاڭلا، ئى يەر-زېمىن! قارا، مەن بۇ خەلقنىڭ بېشىغا كۈلپەت، يەنى ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىغان؛ مېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇمنى بولسا، ئۇلار چەتكە قاققان. |
19292 | JER 10:22 | ئاڭلاڭلار! بىر گەپنىڭ شەپىسى! مانا، ئۇ كېلىدۇ، شىمالىي زېمىندىن چىققان زور بىر چۇقان-سۈرەن! يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى بىر ۋەيرانە، چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا ئايلاندۇرغۇچى كېلىۋاتىدۇ! |
19572 | JER 23:19 | مانا، پەرۋەردىگاردىن چىققان بىر بوران-چاپقۇن! ئۇنىڭدىن قەھر چىقتى؛ بەرھەق، دەھشەتلىك بىر قارا قۇيۇن چىقىپ كەلدى؛ ئۇ پىرقىراپ رەزىللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. |
19741 | JER 30:5 | چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاڭلىتىلىدۇ ئالاقزادىلىك ھەم قورقۇنچلۇقنىڭ ئاۋازى، بولسۇن نەدە ئامان-تىنچلىق! |
19759 | JER 30:23 | مانا، پەرۋەردىگاردىن چىققان بىر بوران-چاپقۇن! ئۇنىڭدىن قەھر چىقتى؛ بەرھەق، دەھشەتلىك بىر قارا قۇيۇن چىقىپ كەلدى؛ ئۇ پىرقىراپ رەزىللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. |
22162 | DAN 12:12 | ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز بەش كۈننى كۈتۈپ ئۆتكۈزگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! |
22309 | HOS 10:15 | ئەمدى ئۇچىغا چىققان رەزىللىكىڭ تۈپەيلىدىن، ئوخشاش بىر كۈن سېنىڭ بېشىڭغا چۈشۈرۈلىدۇ، ئى بەيت-ئەل! تاڭ سەھەردىلا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. |
22784 | NAM 3:3 | قارا، ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ قاڭقىشلىرى، قىلىچلارنىڭ ۋالىلداشلىرى، نەيزىلەرنىڭ پالىلداشلىرى، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپلۈكى، ئۆلۈكلەر دۆۋە-دۆۋە! جەسەتلەرنىڭ سانى يوقتۇر؛ ئۇلار جەسەتلەرگە پۇتلىشىدۇ. |
23308 | MAT 5:5 | مۇبارەك، ياۋاش-مۆمىنلەر! چۈنكى ئۇلار يەر يۈزىگە مىراسخوردۇر. |
23374 | MAT 6:23 | لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ. ئەگەر ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە! |
23441 | MAT 8:27 | مۇخلىسلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران-چاپقۇنلار ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى. |
23549 | MAT 11:21 | ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيت-سائىدالىقلار! چۈنكى سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆز كىيىمىگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى. |
23969 | MAT 22:28 | ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال يەتتە ئاكا-ئۇكىنىڭ قايسىسىنىڭ ئايالى بولىدۇ؟ چۈنكى ئۇنى ھەممىسى ئەمرىگە ئالغان-دە! |
24433 | MRK 4:41 | ئۇلارنى ئىنتايىن زور بىر قورقۇنچ باستى، ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ ھەتتا شامال ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى. |
24680 | MRK 10:23 | ئاندىن ئەيسا چۆرىسىگە سەپسېلىپ قاراپ، مۇخلىسلىرىغا: ــ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەسلىكتە بولىدۇ-ھە! ــ دېدى. |
24681 | MRK 10:24 | مۇخلىسلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى، لېكىن ئەيسا ئۇلارغا يەنە جاۋابەن: ــ بالىلىرىم، مال-مۈلۈككە تايانغانلار ئۈچۈن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش نېمىدېگەن تەس-ھە! |
24765 | MRK 12:23 | ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە ئۇلار تىرىلگەندە، بۇ ئايال قايسىسىنىڭ ئايالى بولىدۇ؟ چۈنكى يەتتىسىنىڭ ھەممىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە! ــ دېيىشتى. |
24787 | MRK 13:1 | ئۇ ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، قارا، بۇ نېمىدېگەن ھەيۋەتلىك تاشلار ۋە ئىمارەتلەر-ھە! ــ دېدى. |
25339 | LUK 8:25 | ئۇ مۇخلىسلىرىغا قاراپ: ــ ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ ــ دېدى. ئۇلار ھەم قورقۇشۇپ، ھەم بەكمۇ ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ، بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا شاماللار ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى. |
25445 | LUK 10:13 | ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيت-سائىدالىقلار! چۈنكى سىلەردە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەر تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىدە كۆرسىتىلگەن بولسا، ئۇ يەرلەردىكىلەر خېلى بۇرۇنلا بۆزگە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ توۋا قىلغان بولاتتى. |
25552 | LUK 12:24 | قۇزغۇنلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ ۋە يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. لېكىن خۇدا ئۇلارنىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. سىلەر قۇشلاردىن قانچىلىك ئەزىز-ھە! |
25637 | LUK 14:15 | ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغانلاردىن بىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا غىزالانغۇچىلار نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ــ دېدى. |
25781 | LUK 18:24 | تولىمۇ قايغۇغا چۆمۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئەيسا: ــ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە! |
27694 | ACT 19:40 | بىز ئەمدى يەنە بۈگۈنكى ۋەقەنى توپىلاڭ دەپ ئەرز قىلىنىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتىمىز؛ چۈنكى بۇ مالىمانچلىقنىڭ ھېچ سەۋەبى كۆرسىتىلمىگەچكە، ھېسابىنىمۇ بېرەلمەيمىز-دە! بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ يىغىلغان خالايىقنى تارقىتىۋەتتى. |
27773 | ACT 22:1 | ــ قېرىنداشلار ۋە ئاتا-بوۋىلار! ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلاش سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغايسىلەر، ــ دېدى. |
28014 | ROM 1:16 | چۈنكى مەن مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەردىن ھەرگىز خىجىل بولمايمەن! چۈنكى ئۇ ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارنى، ئاندىن كېيىن گرېكلەرنى نىجاتقا ئېرىشتۈرىدىغان خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر! |
28183 | ROM 7:24 | نېمىدېگەن دەردمەن ئادەممەن-ھە! ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بۇ تېنىمدىن كىممۇ مېنى قۇتقۇزار؟ |
28370 | ROM 14:22 | سېنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا ئىشەنچىڭ بارمۇ؟ ئەمدى بۇ ئىشەنچ خۇدا بىلەن سېنىڭ ئاراڭدىكى ئىشتۇر. ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى توغرا دەپ قارىغان، شۇنىڭدىن ۋىجدانىمۇ ئەيىبكە بۇيرۇلمىغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! |
30135 | HEB 7:4 | ئەمدى قاراڭلار، بۇ مەلكىزەدەك نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئادەم-ھە! ھەتتا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ چوڭى ئىبراھىممۇ ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا ئاتىغان. |
30231 | HEB 10:31 | مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوللىرىغا چۈشۈپ جازالىنىش نەقەدەر دەھشەتلىك ئىش-ھە! |
30345 | JAS 1:12 | سىناقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. |