7439 | 1SA 10:19 | لېكىن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرنى بېشىڭلارغا چۈشكەن بارلىق بالايىئاپەتلەردىن ۋە بارلىق مۇشەققەتلەردىن قۇتقۇزغۇچى خۇدايىڭلاردىن ۋاز كېچىپ ئۇنىڭغا: «ياق! ئۈستىمىزگە بىر پادىشاھ بېكىتىپ بەرگەيسەن» ــ دېدىڭلار. ئەمدى ئۆزۈڭلارنى قەبىلەڭلار بويىچە، جەمەتىڭلار بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىڭلار» ــ دېدى. |
10954 | 1CH 21:15 | خۇدا يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىپ تاشلاش ئۈچۈن بىر پەرىشتىنى ئەۋەتتى؛ ئۇ ۋەيران قىلىۋاتقاندا، پەرۋەردىگار ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۆزى چۈشۈرگەن بۇ بالا-قازادىن پۇشايمان قىلىپ قالدى-دە، ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە: «بەس! ئەمدى قولۇڭنى تارت!» دېدى. ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەبۇسىي ئورناننىڭ خامىنىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. |
12503 | NEH 8:6 | ئەزرا ئۇلۇغ خۇدا بولغان پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەر ئوقۇۋىدى، بارلىق خالايىق قوللىرىنى كۆتۈرۈپ جاۋابەن: «ئامىن! ئامىن!» دېيىشتى؛ ئاندىن تىزلىنىپ، پىشانىسىنى يەرگە يېقىپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. |
12806 | EST 6:9 | شاھانە كىيىم بىلەن ئارغىماقنى پادىشاھنىڭ ئەڭ مۇھتەرەم ئەمىرلىرىدىن بىرىگە تۇتقۇزسۇن، ئۇ كىيىمنى پادىشاھىم ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە كىيگۈزۈپ ۋە ئۇنى ئارغىماققا مىندۈرۈپ شەھەر مەيدان-كوچىلىرىنى ئايلاندۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا: «قاراڭلار! پادىشاھ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن كىشىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ!» دەپ جاكارلاپ ماڭسۇن، ــ دېدى. |
13278 | JOB 17:14 | «چىرىپ كېتىشنى: «سەن مېنىڭ ئاتام!»، قۇرتلارنى: «ئاپا! ئاچا!» دەپ چاقىرىمەن! |
14455 | PSA 35:25 | ئۇلار كۆڭلىدە: «ۋاھ! ۋاھ! ئەجەب ئوبدان بولدى!» ــ دېيىشمىسۇن؛ ياكى: «ئۇنى يۇتۇۋەتتۇق!» ــ دېيىشمىسۇن. |
14564 | PSA 40:16 | مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن ئالاقزادە بولۇپ كەتسۇن! |
15029 | PSA 70:4 | مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن كەينىگە يانغاي! |
19059 | JER 2:25 | ئى ئىسرائىل، بىكار يۈگۈرۈپ، پۇتۇڭنى ئاياغسىز، گېلىڭنى ئۇسسۇلۇقسىز قىلىپ قويما! لېكىن سەن بۇنىڭغا: «ياق! خام خىيال قىلما! چۈنكى مەن بۇ يات ئىلاھلارنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭىمەن!» ــ دېدىڭ. |
19101 | JER 4:5 | ــ يەھۇدادا مۇشۇلارنى ئېلان قىلىپ، يېرۇسالېمدا: ــ «زېمىن-زېمىندا كاناي چېلىڭلار!» ــ دەپ جاكارلاڭلار؛ «يىغىلىڭلار! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرەيلى!» ــ دەپ نىدا قىلىڭلار! |
19162 | JER 6:4 | ئۇلار: «ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلىنىڭلار! تۇرۇڭلار، چۈش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلايلى!»، «ئاپلا! كۈن پاتاي دەپ قاپتۇ، كەچتىكى سايىلەر ئۇزىراۋاتىدۇ!» ــ دەيدۇ، ئاندىن: |
19465 | JER 18:12 | ــ لېكىن ئۇلار: «ياق! خام خىيال قىلما! بىز ئۆز پىلانلىرىمىزغا ئەگىشىۋېرىمىز، ئۆز رەزىل كۆڭلىمىزدىكى جاھىللىقىمىز بويىچە قىلىۋېرىمىز» ــ دەيدۇ. |
19693 | JER 28:6 | يەرەمىيا پەيغەمبەر مۇنداق دېدى: «ئامىن! پەرۋەردىگار شۇنداق قىلسۇن! پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشارەت بەرگەن سۆزلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلار ۋە يەھۇدادىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ يەرگە قايتۇرسۇن! |
19957 | JER 37:14 | يەرەمىيا: «يالغان! مەن كالدىيلەر تەرەپكە قېچىپ تەسلىم بولماقچى ئەمەسمەن!» ــ دېدى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ ئىرىيا يەرەمىيانى قولغا ئېلىپ ئۇنى ئەمىرلەر ئالدىغا ئاپاردى. |
20048 | JER 42:4 | يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: «ماقۇل! مانا، مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا سۆزلىرىڭلار بويىچە دۇئا قىلىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەرگە قانداق جاۋاب بەرسە، مەن ئۇنى سىلەرگە ھېچنېمىسىنى قالدۇرماي تولۇقى بىلەن بايان قىلىمەن» ــ دېدى. |
20504 | LAM 4:15 | |ס| (سامەق) خەق ئۇلارغا: «يوقۇلۇش! ناپاكلار! يوقۇلۇش! يوقۇلۇش، بىزگە تەگكۈچى بولۇشما!» دەپ ۋارقىرىشماقتا. ئۇلار قېچىپ تەرەپ-تەرەپكە سەرگەردان بولۇپ كەتتى؛ لېكىن ئەللەر: «ئۇلارنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇشىغا بولمايدۇ!» ــ دەۋاتىدۇ. |
20651 | EZK 7:5 | رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بالايىئاپەت! ھېچ بولۇپ باقمىغان بالايىئاپەت كېلىدۇ! مانا، ئۇ كەلدى! |
21155 | EZK 25:3 | ــ ئاممونىيلارغا مۇنداق دېگىن ــ رەب پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ مۇقەددەس جايىم بۇلغانغاندا، ئىسرائىل زېمىنى ۋەيران قىلىنغاندا، يەھۇدا جەمەتى سۈرگۈن قىلىنغاندا سەن ئۇلارغا قاراپ: «ۋاھ! ياخشى بولدى!» دېگىنىڭ تۈپەيلىدىن، |
21171 | EZK 26:2 | ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ يېرۇسالېم توغرۇلۇق: «ۋاھ! ياخشى بولدى! ئەللەرنىڭ دەرۋازىسى بولغۇچى ۋەيران بولدى! ئۇ ماڭا قاراپ قايرىلىپ ئېچىلدى؛ ئۇنىڭ ۋەيران قىلىنىشى بىلەن ئۆزۈمنى تويغۇزىمەن!» دېگىنى تۈپەيلىدىن، |
21430 | EZK 36:2 | رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ دۈشمەننىڭ سىلەرگە قاراپ: «ۋاھ! مەڭگۈ يۇقىرى جايلار بىزگە تەئەللۇق بولدى!» دېگىنى تۈپەيلىدىن، |
22174 | HOS 2:2 | ئىسرائىل بالىلىرى ۋە يەھۇدا بالىلىرى بىرگە يىغىلىدۇ، ئۆزلىرىگە بىرلا باشنى تىكلەيدۇ ۋە تۇرغان زېمىندىن چىقىدۇ؛ چۈنكى «يىزرەئەلنىڭ كۈنى» ئۇلۇغدۇر! ئاكا-ئۇكىلىرىڭلارغا «ئاممى! (مېنىڭ خەلقىم!)» ۋە سىڭىللىرىڭلارغا «رۇھاماھ! (رەھىم قىلىنغان!)» ــ دەڭلار! |
22529 | AMO 6:10 | ئەگەر مەلۇم بىر ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈشكە مەسئۇل كىشى ئۇستىخانلارنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىۋېتىپ، ئۆي ئىچىدىكى يەنە بىرسىدىن: ــ «قېشىڭدا يەنە بىرسى بارمۇ؟» دەپ سورىسا، ئۇ «يوق» دەيدۇ، ئاندىن تۇغقىنى يەنە: «سۈكۈت! پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشىمىزغا بولمايدۇ!» ــ دەيدۇ. |
24431 | MRK 4:39 | ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا تەنبىھ بېرىپ، دېڭىزغا: «تىنچلان! جىم بول!» دېۋىدى، بوران توختاپ، چوڭقۇر بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. |
24718 | MRK 11:9 | ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەنلەر: «ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! |
25261 | LUK 6:46 | ــ سىلەر نېمىشقا مېنى «رەب! رەب!» دەيسىلەر-يۇ، بىراق سىلەرگە ئېيتقانلىرىمغا ئەمەل قىلمايسىلەر؟ |
25686 | LUK 15:29 | ئەمما ئۇ ئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: «قارا! مەن شۇنچە يىلدىن بېرى قۇلدەك خىزمىتىڭدە بولدۇم، ئەسلا ھېچبىر ئەمرىڭدىن چىقىپ باقمىدىم. بىراق سەن ماڭا ئەل-ئاغىنىلىرىم بىلەن خۇش قىلغىلى ھېچقاچان بىرەر ئوغلاقمۇ بەرمىدىڭ! |
27359 | ACT 10:31 | «كورنىلىي! دۇئايىڭ ئىجابەت قىلىندى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭ خۇدا ئالدىغا ئەسلەتمە قۇربانلىقتەك يەتتى. |
27793 | ACT 22:21 | بىراق ئۇ ماڭا: «كەتكىن! سېنى يىراقتىكى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن!» ــ دېدى. |
29204 | GAL 4:6 | ھەم سىلەر ئۆز ئوغۇللىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ: «ئاببا! ئاتام!» دەپ چاقىرغۇچى روھىنى ئەۋەتىپ قەلبىمىزگە سالدى. |
30890 | REV 7:12 | «ئامىن! ھەمد-مەدھىيە، شان-شەرەپ، دانالىق ۋە تەشەككۈر، ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇدايىمىزغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!» |
31003 | REV 14:8 | ئۇنىڭ كەينىدىن ئىككىنچى پەرىشتە كېلىپ مۇنداق دېدى: «غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى، ئۇ ئۆز زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىنى پۈتكۈل ئەللەرگە ئىچكۈزگەن». |
31064 | REV 18:2 | پەرىشتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق ۋارقىرىدى: ــ «غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى! ئەمدى ئۇ جىنلارنىڭ ماكانى، ھەربىر ناپاك روھلارنىڭ سولاقخانىسى، ھەربىر مەكرۇھ ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ سولاق-چاڭگىسى بولدى! |
31090 | REV 19:4 | يىگىرمە تۆت ئاقساقال ۋە تۆت ھايات مەخلۇق يەرگە يىقىلىپ: ــ «ئامىن! ھەمدۇسانا!» دەپ، تەختتە ئولتۇرغان خۇداغا سەجدە قىلىشتى. |
31092 | REV 19:6 | ئاندىن زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئاۋازىغا، نۇرغۇن سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىلارنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ئوخشاش بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ــ «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدايمىز سەلتەنەت قىلدى! |
31169 | REV 22:20 | ــ مانا، بۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بەرگۈچى بولسا مۇنداق دەيدۇ: ــ «شۇنداق، پات يېقىندا كېلىمەن!» ــ «ئامىن! كەل، يا رەب ئەيسا!» |