882 | GEN 31:8 | ئەگەر ئۇ: «ئالا-چىپار قوزىلار ھەققىڭ بولىدۇ»، دېسە، بارلىق پادىلار ئالا-چىپار قوزىلىغىلى تۇردى. ئۇ: «تاغىل قوزىلار ھەققىڭ بولسۇن»، دېسە، بارلىق پادىلار تاغىل قوزىلىغىلى تۇردى. |
1020 | GEN 35:8 | رىۋكاھنىڭ ئىنىكئانىسى دەبوراھ بولسا شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ بەيت-ئەلنىڭ ئايىغىدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە دەپنە قىلىندى. بۇ سەۋەبتىن شۇ دەرەخ «يىغا-زارنىڭ دۇب دەرىخى» دەپ ئاتالدى. |
1593 | EXO 3:13 | شۇنىڭ بىلەن مۇسا خۇداغا: ــ مەن ئىسرائىللارنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى» دېسەم، ئۇلار مەندىن: «ئۇنىڭ نامى نېمە؟» ــ دەپ سورىسا، ئۇلارغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىمەن؟ ــ دېدى. |
1595 | EXO 3:15 | خۇدا مۇساغا يەنە: ــ ئىسرائىللارغا: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان «ياھۋەھ» مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى؛ ئۇ: ياھۋەھ دېگەن بۇ نام ئەبەدگىچە مېنىڭ نامىم بولىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە مەن شۇ نام بىلەن ئەسكە ئېلىنىمەن، دەيدۇ» ــ دېگىن. |
1596 | EXO 3:16 | ــ بېرىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ماڭا كۆرۈنۈپ: ــ مەن سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم، مىسىردا سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم؛ |
2655 | EXO 38:21 | مۇقەددەس چېدىر، يەنى «ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى چېدىرى» ئۈچۈن ئاتالغان ماتېرىياللارنىڭ سانى تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن (ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇقى بىلەن، كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدىكى لاۋىيلار مەسئۇل بولۇپ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، خۇداغا ئاتالغانىدى): ــ |
3102 | LEV 13:49 | شۇنداقلا كىيىم-كېچەك ياكى تېرە-خۇرۇمدا، ئۆرۈش يىپ ياكى ئارقاق يىپلىرىدا، يا تېرە-خۇرۇمدىن ئېتىلگەن نەرسىلەردە پەيدا بولغان ئىز-داغ يېشىلراق ياكى قىزغۇچ بولسا بۇ ئىز-داغ «پېسە-ماخاۋ ئىز-دېغى» دەپ قارىلىپ كاھىنغا كۆرسىتىلسۇن. |
3363 | LEV 21:17 | سەن ھارۇنغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سېنىڭ نەسلىڭدىن بولغان بىرسى مېيىپ بولسا، خۇدانىڭ نېنىنى سۇنۇش ئۈچۈن يېقىن كەلمىسۇن؛ |
3940 | NUM 7:89 | مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىلى جامائەت چېدىرىغا كىرگەن چېغىدا، ئۇ «ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقى»نىڭ ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭىككى تەرىپىدىكى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۇنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردى؛ پەرۋەردىگار شۇ يولدا ئۇنىڭغا سۆز قىلاتتى. |
5424 | DEU 19:16 | بىرسى توغرۇلۇق «پالانچى-پوكۇنچى گۇناھ قىلغان» دەپ ئەرز قىلىدىغان قارا نىيەتلىك بىر گۇۋاھچى چىقسا، |
6212 | JOS 15:8 | ئۇ يەردىن «بەن-ھىننومنىڭ جىلغىسى»غا چىقىپ، يەبۇسىيلار ئېگىزلىكىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى داۋاندىن ئۆتۈپ، ئاندىن ھىننوم جىلغىسىنىڭ ئالدىغا، يەنى غەرب تەرەپكە، رەفايىيلارنىڭ جىلغىسىنىڭ شىمالىي بېشىدىكى تاغنىڭ چوققىسىغا چىقتى؛ |
6298 | JOS 18:3 | شۇڭا يەشۇئا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە بەرگەن بۇ زېمىننى قولۇڭلارغا ئېلىشقا سۇسلۇق قىلىپ قاچانغىچە كەينىگە سۈرىسىلەر؟ |
7320 | 1SA 4:21 | ئۇ: «شان-شەرەپ ئىسرائىلدىن كەتتى» دەپ بالىغا «ئىخابود» دەپ ئىسىم قويدى؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئولجا بولۇپ كەتكەن ھەم قېيىنئاتىسى بىلەن ئېرىمۇ ئۆلگەنىدى. |
9414 | 1KI 20:3 | «بەن-ھاداد مۇنداق دەيدۇ: ــ سېنىڭ كۈمۈش بىلەن ئالتۇنۇڭ، سېنىڭ ئەڭ چىرايلىق خوتۇنلىرىڭ بىلەن بالىلىرىڭمۇ مېنىڭكىدۇر» دەپ يەتكۈزدى. |
9416 | 1KI 20:5 | ئەلچىلەر يەنە كېلىپ: ــ «بەن-ھاداد سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ــ ساڭا دەرۋەقە: ــ سېنىڭ كۈمۈش بىلەن ئالتۇنۇڭنى، سېنىڭ خوتۇنلىرىڭ بىلەن بالىلىرىڭنى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىسەن، دېگەن خەۋەرنى ئەۋەتتىم. |
9422 | 1KI 20:11 | لېكىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى جاۋاب بېرىپ: ــ «ساۋۇت-قوراللار بىلەن جابدۇنغۇچى ساۋۇت-قوراللاردىن يېشىنگۈچىدەك ماختىنىپ كەتمىسۇن!» دەپ ئېيتىڭلار، ــ دېدى. |
9458 | 1KI 21:4 | ئاھاب يىزرەئەللىك نابوتنىڭ: «ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ مىراسىنى ساڭا بەرمەيمەن» دەپ ئېيتقان سۆزىدىن خاپا بولۇپ غەشلىككە چۆمگەن ھالدا ئوردىسىغا قايتتى؛ ئۇ كارىۋاتتا يېتىپ يۈزىنى تام تەرەپكە ئۆرۈپ نانمۇ يېمىدى. |
10917 | 1CH 19:5 | بەزىلەر كېلىپ داۋۇتقا ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى؛ ئۇ ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى، چۈنكى ئۇلار تولىمۇ ئىزا-ئاھانەتتە قالغانىدى. شۇڭا پادىشاھ ئۇلارغا: «ساقال-بۇرۇتىڭلار ئۆسكىچىلىك يېرىخو شەھىرىدە تۇرۇپ ئاندىن يېنىپ كېلىڭلار» دېدى. |
11228 | 2CH 2:11 | ھۇرام يەنە: «ئاسمان-پەلەك بىلەن يەر-زېمىننى ياراتقان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! چۈنكى ئۇ پادىشاھ داۋۇتقا يورۇتۇلغان، پەم-پاراسەتلىك، پەرۋەردىگار ئۈچۈن بىر ئۆي، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن بىر ئوردا سالالايدىغان بىر دانىشمەن ئوغۇل بەردى. |
13082 | JOB 9:27 | ئەگەر: «نالە-پەريادتىن توختاپ، چىرايىمنى تۇتۇلدۇرماي خۇش چىراي بولاي» دېسەممۇ، |
14641 | PSA 45:17 | «ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىڭ چىقىدۇ؛ سەن ئۇلارنى پۈتكۈل جاھانغا ھاكىم قىلىسەن. |
14691 | PSA 49:12 | ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرلەر شۇنداقكى: «ئۆي-ئىمارىتىمىز مەڭگۈگە، ماكان-تۇرالغۇلىرىمىز دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ»؛ ئۇلار ئۆز يەرلىرىگە ئىسىملىرىنى نام قىلىپ قويىدۇ. |
14886 | PSA 62:12 | خۇدا بىر قېتىم ئېيتقانكى، مۇنداق دېگىنىنى ئىككى قېتىم ئاڭلىدىمكى: ــ «كۈچ-قۇدرەت خۇداغا مەنسۇپتۇر». |
16165 | PSA 122:8 | قېرىنداشلىرىم ھەم يار-بۇرادەرلىرىم ئۈچۈن، مەن: «ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىڭدە بولسۇن» ــ دەيمەن. |
17626 | SNG 2:2 | «تىكەن-جىغانلار ئارىسىدىكى نىلۇپەردەك، مانا ئىنسان قىزلىرى ئارىسىدا مېنىڭ ئامرىقىم شۇنداقتۇر!». |
17642 | SNG 3:1 | «ئورۇن-كۆرپەمدە يېتىپ، كېچە-كېچىلەردە، جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەپ تەلمۈرۈپ ياتتىم؛ ئىزدىدىم، بىراق تاپالمايتتىم؛ |
17717 | SNG 8:7 | كۆپ سۇلار مۇھەببەتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ؛ كەلكۈنلەر ئۇنى غەرق قىلالمايدۇ؛ بىرسى: «ئۆي-تەئەللۇقاتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ مۇھەببەتكە ئېرىشىمەن» دېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئادەم كىشىنىڭ نەزىرىدىن پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتىدۇ». |
18384 | ISA 34:11 | چۆل ھۇۋقۇشى ۋە چىرقىرىغۇچى ھۇۋقۇشلار ئۇنى ئىگىلىۋالىدۇ؛ چوڭ ھۇۋقۇش ۋە قاغا-قۇزغۇنلار شۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ؛ خۇدا ئۇنىڭغا «تەرتىپسىزلىك-بىمەنىلىكنى ئۆلچەيدىغان تانا»نى، ۋە «قۇپ-قۇرۇقلۇقنى ئۆلچەيدىغان تىك ئۆلچىگۈچ»نى تارتىدۇ. |
18398 | ISA 35:8 | شۇ يەردە ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بىر يول، تۈپتۈز بىر يول بولىدۇ؛ ئۇ «پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ يولى» دەپ ئاتىلىدۇ؛ ناپاكلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ، شۇ يول مەخسۇس شۇلار ئۈچۈن بېكىتىلىپ ياسالغانكى، ــ ھەتتا نادانلارمۇ ئۇنىڭدا ئېزىپ كەتمەيدۇ؛ |
18706 | ISA 48:22 | «رەزىللەر ئۈچۈن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «بەخت-خاتىرجەملىك يوقتۇر». |
18743 | ISA 50:11 | مانا، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوت ياقىدىغان، ئەتراپىڭلارنى مەشئەللەر بىلەن ئورايدىغان ھەممىڭلار! قېنى، ئۆز ئوتۇڭلارنىڭ نۇرىدا، ئۆزۈڭلار ياققان مەشئەللەر ئارىسىدا مېڭىڭلار؛ بىراق سىلەر شۇنى قولۇمدىن ئالىسىلەركى: ــ «ئازاب-ھەسرەت ئىچىدە ياتىسىلەر!». |
18936 | ISA 62:12 | ۋە خەقلەر ئۇلارنى: «پاك-مۇقەددەس خەلق»، «پەرۋەردىگار ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغانلار» دەيدۇ؛ سەن بولساڭ: «ئىنتىلىپ ئىزدەلگەن»، «ھېچ تاشلىۋېتىلمىگەن شەھەر» دەپ ئاتىلىسەن. |
19028 | JER 1:13 | ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ: «نېمىنى كۆرۈۋاتىسەن؟» ــ دېيىلدى. مەن: «پورۇق-پورۇق قايناۋاتقان، ئاغزى شىمال تەرىپىدىن قىيسايغان بىر قازاننى كۆردۈم» ــ دېدىم. |
19101 | JER 4:5 | ــ يەھۇدادا مۇشۇلارنى ئېلان قىلىپ، يېرۇسالېمدا: ــ «زېمىن-زېمىندا كاناي چېلىڭلار!» ــ دەپ جاكارلاڭلار؛ «يىغىلىڭلار! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرەيلى!» ــ دەپ نىدا قىلىڭلار! |
19107 | JER 4:11 | ــ شۇ چاغدا بۇ خەلققە ۋە يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «چۆل-باياۋاندىكى ئېگىزلىكلەردىن چىققان ئىسسىق بىر شامال خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يولىغا قاراپ چۈشىدۇ؛ لېكىن ئۇ خامان سورۇشقا ياكى دان ئايرىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ! |
19220 | JER 7:32 | شۇڭا، مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «توفەت» ياكى «ئىبن-ھىننومنىڭ جىلغىسى» ئەمدى ھېچ تىلغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى «قەتل جىلغىسى» دېيىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار توفەتتە جەسەتلەرنى يەر قالمىغۇچە كۆمىدۇ. |
20117 | JER 46:3 | «قالقان-سىپارلارنى ئېلىپ سەپكە چۈشۈڭلار! جەڭگە چىقىشقا تەييارلىنىڭلار! |
20225 | JER 49:29 | ھۇجۇم قىلغانلار ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى ھەم پادىلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چېدىر پەردىلىرى، بارلىق قاچا-قۇچا، تۆگىلىرىنى بۇلاپ كېتىدۇ؛ خەق ئۇلارغا: «تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ!» دەپ ۋارقىرايدۇ. |
20295 | JER 51:14 | ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆزى بىلەن قەسەم قىلىپ: «توپ-توپ چېكەتكىلەردەك مەن سېنى ئادەملەر بىلەن تولدۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە تەنتەنىلىرىنى كۆتۈرىدۇ» دېدى. |
20413 | LAM 2:12 | |ל| (لامەد) ئۇلار شەھەر كوچىلىرىدا يارىلانغانلاردەك ھالىدىن كەتكەندە، ئانىلىرىنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ جان تالاشقاندا، ئانىلىرىغا: «يېمەك-ئىچمەك نەدە؟» دەپ يالۋۇرۇشماقتا. |
20643 | EZK 6:11 | رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئالىقىنىڭنى-ئالىقىنىڭغا ئۇرۇپ، پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن: «ئىسرائىل جەمەتىنىڭ بارلىق قەبىھ، يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى ئۈچۈن ۋاي! چۈنكى ئۇلار قىلىچ، ئاچارچىلىق ۋە ۋابا كېسىلى بىلەن يىقىلىدۇ» ــ دېگىن! |
20676 | EZK 8:3 | ئۇ قولنىڭ كۆرۈنۈشىدەك بىر شەكىلنى سوزۇپ، بېشىمدىكى بىر تۇتام چاچنى تۇتتى؛ روھ مېنى ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىغا كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىدە يېرۇسالېمغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ شىمالغا قارايدىغان ئىچكى دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپاردى. ئاشۇ يەر «پاك-مۇقەددەسلىككە قارشىلاشقان مەبۇد»، يەنى خۇدانىڭ پاك-مۇقەددەس غەزىپىنى قوزغايدىغان مەبۇد تۇرغان جاي ئىدى. |
20678 | EZK 8:5 | ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ شىمال تەرەپكە قاراپ باق، دېدى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ شىمال تەرەپكە قارىدىم، مانا، قۇربانگاھنىڭ دەرۋازىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە، بوسۇغىدا شۇ «پاك-مۇقەددەسلىككە قارشلاشقان مەبۇد» تۇراتتى. |
20982 | EZK 20:18 | مەن چۆل-باياۋاندا ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا مۇنداق دېدىم: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ بەلگىمىلىرىدە ماڭماڭلار، نە ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتماڭلار نە بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. |
21528 | EZK 39:11 | ۋە شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ئىسرائىل زېمىنىدىن، يەنى دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ جىلغىسىدىن گوگقا بىر يەرلىك بولۇشى ئۈچۈن بىر ئورۇننى بېرىمەن؛ بۇ يەرلىك بولسا ئۆتكۈچىلەرنىڭ يولىنى توسىدۇ؛ ئۇلار شۇ يەردە گوگ ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرىنى كۆمىدۇ؛ ئۇ «ھامون-گوگ جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. |
22564 | AMO 8:14 | ھەم سامارىيەنىڭ گۇناھىنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچكەنلەر، يەنى «ئىلاھىڭنىڭ تىرىكلىكى بىلەن، ئى دان!»، ياكى «بەئەر-شېبادىكى ئىلاھىي تىرىك يول بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەنلەر بولسا ــ ئۇلار يىقىلىدۇ، ئورنىدىن ھەرگىز قايتىدىن تۇرالمايدۇ. |
23706 | MAT 15:4 | چۈنكى خۇدا: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ ئەمر قىلغان. |
24017 | MAT 23:30 | ۋە سىلەر: «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ زامانىدا ياشىغان بولساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈشلىرىگە شېرىك بولمايتتۇق» ــ دەيسىلەر. |
24298 | MRK 1:14 | ئەمدى يەھيا سولانغاندىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىپ: «ۋاقىت-سائىتى توشتى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى! توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا باشلىدى. |
24542 | MRK 7:10 | چۈنكى مۇسا پەيغەمبەر: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ ئەمر قىلغان. |
25453 | LUK 10:21 | شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا روھتا خۇشاللىنىپ مۇنداق دېدى: «ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى مەدھىيىلەيمەن! بەرھەق، ئى ئاتا، نەزىرىڭدە بۇنداق قىلىش راۋا ئىدى. |
26290 | JHN 5:11 | لېكىن ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مېنى ساقايتقان كىشى ئۆزى ماڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن» دېگەنىدى! ــ دېدى. |
26291 | JHN 5:12 | ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئەمدى ساڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن» دېگەن كىشى كىم ئىكەن؟ ــ دەپ سوراشتى. |
26733 | JHN 13:34 | سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر تاپشۇرىمەنكى، «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار». سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. |
27786 | ACT 22:14 | ئۇ ماڭا: «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى سېنى ئىرادىسىنى بىلىشىڭ، ھەققانىي بولغۇچىنى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلىشىڭ ئۈچۈن ئاللىقاچان تاللىدى. |
28001 | ROM 1:3 | بۇ خۇش خەۋەر ئۆز ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتىن ئۇ داۋۇتنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان؛ بىردىنبىر پاك-مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈش ئارقىلىق «كۈچ-قۇدرەت ئىگىسى خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ كۆرسىتىلىپ بېكىتىلگەن؛ |
28264 | ROM 10:8 | ئەمدى شۇ ھەققانىيلىق نېمە دەيدۇ؟ ــ «سۆز-كالام ساڭا يېقىندۇر، تىلىڭدا ۋە دىلىڭدىدۇر!» ــ بۇ سۆز-كالام دەل بىز جاكارلايدىغان ئېتىقادنىڭ سۆزىدۇر. |
28271 | ROM 10:15 | شۇ جاكارلىغۇچىلار ئەۋەتىلمىگەن بولسا، خۇش خەۋەرنى قانداقمۇ يەتكۈزەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئامان-خاتىرجەملىك توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى، بەخت-سائادەت توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئاياغلىرى نېمىدېگەن گۈزەل-ھە!». |
28551 | 1CO 6:16 | كىم پاھىشە ئايال بىلەن باغلانغان بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىر تەن بولىدۇ، دەپ بىلمەمسىلەر؟ چۈنكى «ئەر-ئايال ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ» ــ دېيىلگەنىدى. |
28968 | 2CO 6:2 | (چۈنكى ئۇ: «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان بىر پەيتتە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشنى بېكىتكەنمەن، نىجات-قۇتۇلۇش يەتكۈزۈلىدىغان بىر كۈنىدە مەن ساڭا ياردەمدە بولۇشۇمنى بېكىتكەنمەن» ــ دېدى. مانا، ھازىر بولسا «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان ياخشى پەيت»؛ مانا، ھازىر «نىجات-قۇتۇلۇش كۈنى»دۇر!). |
29490 | PHP 3:2 | ئىتلاردىن ھېزى بولۇڭلار، يامانلىق قىلغۇچىلاردىن ھېزى بولۇڭلار، «تىلىم-تىلىم كەسكۈچىلەر»دىن ھېزى بولۇڭلار! |
30457 | 1PE 1:16 | چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «پاك-مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن پاك-مۇقەددەستۇرمەن» دەپ خاتىرىلەنگەن. |
30521 | 1PE 4:8 | لېكىن ھەممىدىن مۇھىمى، بىر-بىرىڭلارغا قىزغىن مېھىر-مۇھەببەتتە تۇرۇۋېرىڭلار. چۈنكى «مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇنلىغان گۇناھلارنى ياپار». |