6754 | JDG 8:33 | گىدېئون ئۆلگەندىن كېيىن ئىسرائىللار كەينىگە يېنىپ، بائال بۇتلىرىغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلدى ۋە «بائال-بېرىت»نى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى قىلىپ بېكىتتى. |
20282 | JER 51:1 | پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بابىلنى سوقىدىغان ھەم «لەب-كاماي»دا تۇرۇۋاتقانلارنى سوقىدىغان بىتچىت قىلغۇچى شامالنى قوزغاپ چىقىرىمەن؛ |
22197 | HOS 2:25 | ۋە مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئۇنى زېمىندا تېرىيمەن؛ مەن «لو-رۇھاماھ»غا رەھىم قىلىمەن؛ مەن «لو-ئاممى»غا: «مېنىڭ خەلقىم!» دەيمەن؛ ۋە ئۇلار مېنى: «مېنىڭ خۇدايىم!» ــ دەيدۇ. |
22217 | HOS 4:15 | سەن، ئى ئىسرائىل، پاھىشىلىك قىلىشىڭ بىلەن، يەھۇدا گۇناھقا چېتىلىپ قالمىسۇن! نە گىلگالغا كەلمەڭلار، نە «بەيت-ئاۋەن»گە چىقماڭلار، نە «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم قىلماڭلار. |
22287 | HOS 9:10 | ــ چۆل-باياۋاندا ئۈزۈم ئۇچراپ قالغاندەك، مەن سەن ئىسرائىلنى تاپقان؛ ئەنجۈر دەرىخىدە تۇنجى پىشقان مېۋىنى كۆرگەندەك، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى ياخشى كۆرگەنمەن؛ ئاندىن ئۇلار «بائال-پېئور»نى ئىزدەپ باردى، ئۆزلىرىنى ئاشۇ نومۇسلۇق نەرسىگە بېغىشلىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «سۆيگۈچىسى»گە ئوخشاش يىرگىنچلىك بولدى. |
22299 | HOS 10:5 | سامارىيەدە تۇرۇۋاتقانلار «بەيت-ئاۋەن»نىڭ موزىيى ئۈچۈن غەم-ئەندىشىگە چۈشىدۇ؛ «بەيت-ئاۋەن»دىكىلەر دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭ «بۇتپەرەس كاھىن»لىرىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؛ ئۇلار «بەيت-ئاۋەن»نىڭ «شان-شەرىپى» ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ سۈرگۈن قىلىندى! |
23125 | ZEC 12:11 | شۇ كۈنى يېرۇسالېمدا غايەت زور يىغا-زار كۆتۈرۈلىدۇ، ئۇ مەگىددو جىلغىسىدىكى «خاداد-رىممون»دا كۆتۈرۈلگەن يىغا-زاردەك بولىدۇ. |