71 | GEN 3:15 | ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا، سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك سالىمەن؛ ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى چېقىپ زەخىملەندۈرىسەن». |
164 | GEN 7:4 | چۈنكى يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىمەن؛ ئۆزۈم ياسىغان ھەممە جانىۋارلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن». |
213 | GEN 9:7 | ئەمدى سىلەر، جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ كۆپىيىڭلار». |
217 | GEN 9:11 | مەن سىلەر بىلەن شۇنداق ئەھدە تۈزىمەنكى، نە بارلىق ئەت ئىگىلىرى توپان بىلەن يوقىتىلماس، نە يەرنى ۋەيران قىلىدىغان ھېچبىر توپان يەنە كەلمەس». |
446 | GEN 18:21 | مەن ھازىرلا چۈشىمەن، قىلمىشلىرى راستتىنلا شۇ داد-پەريادلاردىن ماڭا مەلۇم بولغاندەك شۇنچە رەزىلمۇ، بىلىپ باقاي؛ ئۇنچە رەزىل بولمىغاندىمۇ، مەن ئۇنى بىلىشىم كېرەك». |
512 | GEN 20:16 | ئۇ ساراھقا: «مانا، مەن ئاكاڭغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە بەردىم؛ مانا بۇلار ئۆز يېنىڭدىكىلەر، شۇنداقلا ھەممە ئادەملەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇياتنى ياپقۇچى بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ھەرقانداق داغ-ئەيىبتىن خالاس بولىسەن». |
1506 | GEN 49:32 | بۇ ئېتىزلىق ھەم ئىچىدىكى غار ھەتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن سېتىۋېلىنغانىدى». |
1664 | EXO 6:8 | مەن شۇنىڭ بىلەن سىلەرنى قول كۆتۈرۈپ ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن؛ مەن ئۇ يەرنى سىلەرگە مىراس قىلىپ زېمىنلىققا بېرىمەن؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن». |
1704 | EXO 7:18 | دەريانىڭ بېلىقلىرى ئۆلۈپ، دەريانىڭ سۈيى سېسىپ كېتىدۇ؛ مىسىرلىقلار سۇدىن سەسكىنىپ، ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ». |
1814 | EXO 11:7 | لېكىن ئىسرائىللارغا، مەيلى ئادەملىرى، مەيلى ھايۋاناتلىرىغا بولسۇن، ھەتتا بىر تال ئىتمۇ قاۋاپ قويمايدۇ. بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىلنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر». |
1930 | EXO 15:9 | دۈشمەن دېدى: «مەن ئۇلارنى قوغلايمەن، يېتىشىمەن، ئولجا ئېلىپ ئۈلەشتۈرىمەن، ئۇلاردىن دەردىمنى چىقىرىمەن، قىلىچىمنى سۇغۇرۇپ، ئۆز قولۇم بىلەن ئۇلارنى نابۇت قىلىمەن». |
1940 | EXO 15:19 | چۈنكى پىرەۋننىڭ ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ئاتلىقلىرى بىلەن بىللە دېڭىزغا كىرىپ بولدى؛ پەرۋەردىگار دېڭىزنىڭ سۇلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياندۇردى، لېكىن ئىسرائىللار بولسا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى». |
1947 | EXO 15:26 | «ئەگەر سىلەر كۆڭۈل قويۇپ خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ئەمرلىرىگە قۇلاق سېلىپ، بارلىق ھۆكۈملىرىنى تۇتساڭلار، ئۇنداقتا، مەن مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە سالغان كېسەللەردىن ھېچبىرىنى ئۈستۈڭگە سالمايمەن؛ چۈنكى مەنكى سىلەرگە شىپالىق بەرگۈچى پەرۋەردىگاردۇرمەن». |
2033 | EXO 19:6 | ۋە سىلەر ماڭا كاھىنلاردىن تەركىب تاپقان خاس بىر پادىشاھلىق ۋە مۇقەددەس بىر قوۋم بولىسىلەر». مانا بۇ سەن ئىسرائىللارغا دېيىشىڭ كېرەك بولغان سۆزلەردۇر، ــ دېدى. |
2105 | EXO 21:27 | شۇنىڭدەك بىرسى ئۆز قۇلى يا دېدىكىنىڭ چىشىنى ئۇرۇپ چىقىرىۋەتكەن بولسا، چىشى ۋەجىدىن ئۇنى ئازاد قىلسۇن». |
2541 | EXO 35:9 | ئەفودقا ھەم قوشېنغا ئورنىتىلىدىغان ھېقىق ۋە باشقا ياقۇتلارنى كەلتۈرۈڭلار». |
2551 | EXO 35:19 | توقۇلىدىغان كىيىملەر، يەنى مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتىگە كاھىنلىق خىزمىتىدە كىيىلىدىغان، ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىنى ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كىيىملىرىنى تەييار قىلسۇن». |
2568 | EXO 36:1 | شۇنىڭ بىلەن بەزالەل ۋە ئوھولىيابلار، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار مۇقەددەس چېدىر ياساشنىڭ ھەرخىل ئىشلىرىغا كېرەك بولغان دانالىق-ھېكمەت ۋە ئەقىل-پاراسەتنى ئاتا قىلغان ماھىر ئۇستىلارنىڭ ھەربىرى ئۇلارغا قوشۇلۇپ، شۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ». |
2953 | LEV 8:35 | سىلەر ئۆلمەسلىكىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز يەتتە كۈن تۇرۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلدى». |
2958 | LEV 9:4 | پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سۇنۇشقا ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاق بىلەن بىر قوچقارنى ئېلىپ، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئاشلىق ھەدىيە بىلەن بىللە كەلتۈرۈڭلار؛ چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئۆزىنى سىلەرگە ئايان قىلىدۇ، دېگىن». |
2989 | LEV 10:11 | شۇنداقلا پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسرائىللارغا تاپشۇرغان ھەممە بەلگىلىمىلەرنى ئۇلارغا ئۆگىتەلەيسىلەر». |
2993 | LEV 10:15 | ئۇلار كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئارقا پۇت بىلەن پۇلاڭلاتما ھەدىيە قىلىنغان تۆشنى ئوتتا سۇنۇلىدىغان مايلىرى بىلەن قوشۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پۇلاڭلىتىش ئۈچۈن كەلتۈرسۇن؛ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بۇلار سېنىڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ». |
3236 | LEV 16:34 | بۇ بولسا سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنى بارلىق گۇناھلىرىدىن پاكلاش ئۈچۈن يىلدا بىر قېتىم كافارەت كەلتۈرۈپ بېرىسىلەر». شۇنىڭ بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. |
3369 | LEV 21:23 | پەقەت ئۇ پەردىدىن ئۆتۈپ ئىچكىرىسىگە كىرمەسلىكى ياكى قۇربانگاھقىمۇ يېقىن بارماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ مېيىپتۇر؛ بولمىسا، ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس جايلىرىمنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن». |
3372 | LEV 22:2 | سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ «سىلەر ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتىغان مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىڭلار، بولمىسا ئۇلار نامىمنى بۇلغىشى مۇمكىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن». |
3386 | LEV 22:16 | بولمىسا، خەلق مۇقەددەس ھەدىيىلەردىن يېيىشى بىلەن، كاھىنلار خەلقنىڭ گەدىنىگە ئىتائەتسىزلىك گۇناھىنى يۈكلەپ قويغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن». |
3620 | NUM 1:15 | نافتالى قەبىلىسىدىن ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا». |
4045 | NUM 11:20 | بەلكى پۈتۈن بىر ئاي يەيسىلەر، تاكى بۇرنىڭلاردىن ئېتىلىپ چىقىپ ھۆ بولغۇچە يەيسىلەر؛ چۈنكى سىلەر ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ: «بىز نېمە ئۈچۈن مىسىردىن چىقتۇق؟» — دېدىڭلار». |
4250 | NUM 17:20 | ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن تاللىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ھاسىسى بىخ سۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللارنىڭ سىلەرگە غۇدۇراشقان گەپلىرىنى توختىتىپ ماڭا ئاڭلانمايدىغان قىلىۋېتىمەن». |
4287 | NUM 18:29 | سىلەرگە تەقدىم قىلىنغان بارلىق نەرسىلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ شۇلارنى مۇقەددەس ھېسابلاپ «پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تولۇق كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە سۇنۇڭلار». |
4290 | NUM 18:32 | سىلەر شۇ ئۈلۈشلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، مۇشۇ ئىشىڭلار سەۋەبىدىن گۇناھكار بولمايسىلەر. ئۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئىسرائىللار ئاتىغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىمايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيسىلەر». |
4359 | NUM 21:18 | بۇ قۇدۇقنى ئەمىرلەر، خەلقنىڭ كاتتىلىرى قازغان، قانۇن چىقارغۇچىنىڭ سۆزى بىلەن، ھاسىلىرى بىلەن قازغان». ئىسرائىللار چۆل-باياۋاندىن يەنە ماتتاناھقا، |
4456 | NUM 24:9 | ئۇ باغىرلاپ ياتسا، ئەركەك شىردەك، ياتسا ھەم چىشى شىردەك، كىم ئۇنى قوزغىتىشقا پېتىنار؟ كىم ساڭا بەخت-بەرىكەت تىلىسە، بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ. كىم سېنى قارغىسا، قارغىشقا كېتىدۇ». |
4466 | NUM 24:19 | ياقۇپتىن چىققان بىرى سەلتەنەت سۈرىدۇ، شەھەردە قالغان ھەممەيلەننى يوقىتىدۇ». |
4469 | NUM 24:22 | لېكىن سىلەر كېنىيلەر ھالاك قىلىنىپ تۇرىسىلەر؛ تاكى ئاشۇر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ كەتكۈچە». |
4485 | NUM 25:13 | بۇ ئەھدە ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەۋە بولىدىغان مەڭگۈلۈك كاھىنلىق ئەھدىسى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىنى دەپ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلىپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈردى» — دەپ جاكارلىغىن». |
4567 | NUM 27:11 | ئەگەر ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مىراسىنى ئۇنىڭ جەمەتىدىكى ئەڭ يېقىن بىر تۇغقىنىغا بېرىڭلار؛ ئۇ ئادەم ئۇنىڭ مىراسىغا ئىگە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك، ئىسرائىللارغا چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈم، قانۇن-بەلگىلىمە بولۇپ قالسۇن». |
4818 | NUM 33:56 | ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئەسلىدە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلماقچى بولغان بولسام، سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلدە بولىمەن». |
4830 | NUM 34:12 | ئاندىن چېگرا تۆۋەنلەپ ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ چۈشۈپ، شور دېڭىزىغىچە يەتسۇن. مانا بۇ چېگرالار بىلەن بېكىتىلگەن زېمىنىڭلار بولىدۇ». |
4833 | NUM 34:15 | بۇ ئىككى قەبىلە ۋە يېرىم قەبىلە يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى كۈن چىقىش تەرەپتە ئۆز مىراسلىرىنى ئېلىپ بولغا». |
4885 | NUM 36:4 | ئىسرائىللارنىڭ «ئازادلىق يىلى» كەلگەندە ئۇلارنىڭ مىراسى ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ مىراسى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىراسىدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ». |
4965 | DEU 2:25 | مەن بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرنىڭ قورقۇنچۇڭلار ۋە ۋەھشىتىڭلارنى پۈتكۈل ئاسمان ئاستىدىكى خەلقلەر ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ ئۇلار سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئاڭلاپ سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن تىترەپ دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ». |
5046 | DEU 4:40 | شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ ۋە كېيىنكى بالىلار-ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇش ئۈچۈن، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئاتا قىلىدىغان زېمىندا كۈنلىرىڭلارنى ئۇزۇن، ھەتتا مەڭگۈلۈك قىلىش ئۈچۈن مەن بۈگۈنكى كۈندە سىلەرگە تاپىلاۋاتقان ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى ۋە ئەمرلىرىنى تۇتۇڭلار». |
5076 | DEU 5:21 | ھەم قوشناڭنىڭ ئايالىنى تەمە قىلما ۋە نە ئۇنىڭ ئۆيى، ئۇنىڭ ئېتىزى، ئۇنىڭ قۇلى، نە ئۇنىڭ دېدىكى، نە ئۇنىڭ كالىسى، نە ئۇنىڭ ئېشىكىگە ياكى قوشناڭنىڭ ھەرقانداق باشقا نەرسىسىگە كۆز قىرىڭنى سالما». |
5088 | DEU 5:33 | پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ئەمر قىلغان بارلىق يوللىرىدا مېڭىڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار ھاياتلىق تېپىپ، ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە سىلەر ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان زېمىندا تۇرۇپ كۈنلىرىڭلار ئۇزۇن بولىدۇ». |
5113 | DEU 6:25 | ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا ئۇ بىزگە تاپىلىغاندەك بۇ بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلسەك بۇ بىز ئۈچۈن ھەققانىيلىق بولىدۇ». |
5436 | DEU 20:7 | بىر قىز بىلەن ۋەدىلەشكەن بولۇپ، تېخى ئۇنى ئۆز ئەمرىگە ئالمىغان بىركىم بولسا، ئۇ ئۆيىگە يېنىپ كەتسۇن، بولمىسا ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتسە، باشقا كىشى كېلىپ ئۇنى ئۆزىگە خوتۇنلۇققا ئېلىشى مۇمكىن». |
5583 | DEU 26:15 | ئەمدى سەن مۇقەددەس ماكانىڭ بولغان ئاسمانلاردىن نەزەر سېلىپ ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنى، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا قەسەم بىلەن قىلغان ۋەدەڭ بويىچە، ھەسەل بىلەن سۈت ئاقىدىغان، بىزگە بەرگەن بۇ زېمىننى بەرىكەتلىگەيسەن». |
5595 | DEU 27:8 | سىلەر شۇ تاشلار ئۈستىگە بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئېنىق پۈتۈپ قويۇڭلار». |
5730 | DEU 30:20 | پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭغا باغلانغىن؛ چۈنكى ئۇ ئۆزى سېنىڭ ھاياتىڭ ۋە ئۆمرۈڭنىڭ ئۇزۇنلۇقىدۇر؛ چۈنكى شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا: «مەن سىلەرگە ئۇنى بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىندا تۇرىسەن». |
5743 | DEU 31:13 | شۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ قانۇننى تونۇمىغان بالىلىرىمۇ ئۇنى ئاڭلاپ ئۆگىنىپ، سىلەر ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان زېمىندا ياشىغان بارلىق كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقىدىغان بولىدۇ». |
5751 | DEU 31:21 | ئەمما شۇنداق بولىدۇكى، كۆپ بالايىئاپەتلەر بىلەن كۈلپەتلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكىنىدە، بۇ غەزەل ئۇلارنى ئەيىبلەپ گۇۋاھ بېرىدۇ؛ چۈنكى بۇ غەزەل ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدا ئۇنتۇلمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا تېخى كىرگۈزمەيلا ئۇلارنىڭ نېمە خىيال قىلىۋاتقىنىنى ئوبدان بىلىمەن». |
5759 | DEU 31:29 | چۈنكى ئۆلۈمۈمدىن كېيىن سىلەرنىڭ تۈپتىن بۇزۇلۇپ، مەن سىلەرگە ئەمر قىلغان يولدىن چەتنەپ كېتىدىغىنىڭلارنى بىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا كۈلپەتلەر بېشىڭلارغا چۈشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، قوللىرىڭلارنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغايسىلەر». |
5802 | DEU 32:42 | مەن يا ئوقلىرىمنى قان ئىچكۈزۈپ مەست قىلىمەن، مېنىڭ قىلىچىم گۆش يەيدۇ، مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن ئەسىرلەرنىڭ قېنىنى، دۈشمەننىڭ سەردارلىرىنىڭ باشلىرىنى يەپ-ئىچىدىغان قىلىمەن». |
5803 | DEU 32:43 | ئەي ئەللەر، ئۇنىڭ خەلقى بىلەن بىللە شادلىنىڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆز بەندىلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ، ئۆز دۈشمەنلىرىگە قىساس ياندۇرىدۇ، ئۆز زېمىنى بىلەن خەلقى ئۈچۈن كەچۈرۈم-كافارەت كەلتۈرۈپ بېرىدۇ». |
5818 | DEU 33:6 | «رۇبەن بولسا، ئادەملىرى ئۆلۈپ كەتمەي، ھايات تۇرسۇن؛ ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاز بولمىسۇن». |
5819 | DEU 33:7 | مۇسانىڭ يەھۇدا توغرىسىدا تىلىگەن بەختى مۇنداق: ــ «يەھۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ ئۇنى ئۆز خەلقىگە قوبۇل قىلدۇرغايسەن؛ ئۇنىڭ قوللىرى ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن؛ ئەمدى ئۆزىنى ئەزگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئۇنىڭغا مەدەت بولغايسەن». |
5829 | DEU 33:17 | ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئۆز بۇقىسىنىڭ تۇنجىسىدەكتۇر؛ ئۇنىڭ مۈڭگۈزلىرى ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزلىرىدەكتۇر، ئۇلار بىلەن ئۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ئۈسىدۇ. مانا ئەفرائىمنىڭ تۈمەنلىگەن ئادەملىرى، ماناسسەھنىڭ مىڭلىغان ئادەملىرى شۇنداق بولىدۇ». |
5831 | DEU 33:19 | مانا ئۇلار خەلقلەرنى تاغقا چاقىرىدۇ، شۇ يەردە ئۇلار ھەققانىيلىقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ، چۈنكى ئۇلار دېڭىزدىكى مول دۆلەتلەرنى، قۇمغا كۆمۈلگەن گۆھەرلەرنى سۈمۈرۈپ ئۇلارغا مۇيەسسەر بولىدۇ». |
5833 | DEU 33:21 | شۇ يەردە ئۇ ئەڭ ئېسىل نېسىۋىنى تاللىۋالدى؛ چۈنكى شۇ يەردىمۇ ئۇ ھۆكۈم بېكىتكۈچىنىڭ ئۈلۈشى بولغان جاي ساقلاقلىقتۇر؛ ئۇ خەلقنىڭ سەردارلىرى بىلەن كېلىپ، ئىسرائىل بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئادالىتى بىلەن ھۆكۈملىرىنى يۈرگۈزدى». |
5834 | DEU 33:22 | دان توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «دان بولسا ياش بىر شىردۇر؛ ئۇ باشاندىن تاقلاپ ئۆتىدۇ». |
5835 | DEU 33:23 | نافتالى توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «ئەي نافتالى، ئىلتىپاتقا تويۇنغانسەن، پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلگەن بەخت-بەرىكەتكە تولۇپ، مەغرىپ بىلەن جەنۇبنى ئۆزۈڭگە مۈلۈك قىلىپ ئىگىلەيسەن». |
5837 | DEU 33:25 | دەرۋازا بالداقلىرىڭ تۆمۈر بىلەن مىستىن بولىدۇ؛ كۈنلىرىڭ قانداق بولسا، كۈچۈڭمۇ شۇنىڭغا مۇۋاپىق تەڭ بولىدۇ». |
5841 | DEU 33:29 | بەختلىكسەن، ئى ئىسرائىل! سەندەك پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى قۇتقۇزغان خەلقتىن يەنە كىم بار؟ ئۇ بولسا سېنىڭ مەدەتكار قالقىنىڭ، ھەيۋەتلىك قىلىچىڭدۇر! سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ ساڭا زەئىپلىشىپ بويسۇنىدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ ئېگىز جايلىرىدا دەسسەپ ماڭىسەن». |
5993 | JOS 7:15 | شۇنداق بولىدۇكى، ھارام دەپ بېكىتىلگەن نەرسىنى ئۆز يېنىدا ساقلىغان كىشى تېپىلغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەم شۇنداقلا ئىسرائىل ئىچىدە رەزىللىك سادىر قىلغىنى ئۈچۈن ئۇ ۋە ئۇنىڭغا بارلىق تەۋە بولغانلار ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن، ــ دەيدۇ»، دەپ ئېيتقىن». |
6012 | JOS 8:8 | شەھەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ئۇ شەھەرنى ئوت يېقىپ كۆيدۈرىۋېتىڭلار. مانا، مەن سىلەرگە ئەمر بەردىم». |
6163 | JOS 13:7 | سەن ئەمدى بۇ زېمىنلارنى توققۇز قەبىلە بىلەن ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ بۆلگىن». |
6201 | JOS 14:12 | ئەمدى پەرۋەردىگار شۇ كۈنىدە ۋەدە قىلغان بۇ تاغلىق يۇرتنى ماڭا مىراس قىلىپ بەرگىن؛ چۈنكى ئۇ كۈنى سەنمۇ ئۇ يەردە ئاناكىيلار تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا چوڭ ھەم مۇستەھكەم شەھەرلەر بارلىقىنى ئاڭلىدىڭغۇ. لېكىن پەرۋەردىگار مەن بىلەن بىللە بولسىلا، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك مەن ئۇلارنى قوغلىۋېتىمەن». |
6302 | JOS 18:7 | ئەمما لاۋىيلارنىڭ بولسا، ئاراڭلاردا ئۈلۈشى بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىقى ئۇلارنىڭ مىراسىدۇر. گاد بىلەن رۇبەن ۋە ماناسسەھ يېرىم قەبىلىسى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتى، شەرق تەرىپىدە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەن يەرلەرنى ئاللىقاچان ئالغاندۇر». |
6477 | JOS 23:15 | لېكىن سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سىلەرگە ئەمر قىلىپ توختاتقان ئەھدىسىنى بۇزغاندا، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە ۋەدە قىلغان ھەممە بەرىكەت ئۈستۈڭلەرگە چۈشۈرۈلگەندەك، شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى ئۆزى سىلەرگە بەرگەن زېمىندىن يوقاتقۇچە بارلىق ئاگاھ قىلغان ئىشنى چۈشۈرىدۇ؛ سىلەر بېرىپ، ئۇنىڭ ئەھدىسىنى بۇزۇپ باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ باش ئۇرساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى سىلەرگە تۇتىشىپ، سىلەرنى ئۆزى سىلەرگە بەرگەن ياخشى زېمىندىن تېزلا يوق قىلىدۇ». |
7063 | JDG 20:7 | مانا، ئەي بارلىق ئىسرائىللار، سىلەر ھەممىڭلار ئويلىنىپ، مەسلىھەت كۆرسىتىڭلار». |
7428 | 1SA 10:8 | ئاندىن مەندىن ئىلگىرى گىلگالغا چۈشۈپ بارىسەن. مانا، مەن ھەم يېنىڭغا چۈشۈپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇش ۋە ئىناق قۇربانلىقلار قىلىش ئۈچۈن كېلىمەن. مەن يېنىڭغا بېرىپ، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرمىغۇچە، مېنى يەتتە كۈن ساقلاپ تۇرغىن». |
7479 | 1SA 12:17 | بۈگۈن بۇغداي ئورىدىغان ۋاقىت ئەمەسمۇ؟ مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلاي، ئۇ گۈلدۈرماما بىلەن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ بىر پادىشاھ تىلىگىنىڭلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە زور رەزىللىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىسىلەر». |
7487 | 1SA 12:25 | لېكىن يامانلىق قىلساڭلار، ھەم ئۆزۈڭلار ھەم پادىشاھىڭلار ھالاك قىلىنىسىلەر». |
7573 | 1SA 15:11 | «سائۇلنى پادىشاھ قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم، چۈنكى ئۇ ماڭا ئەگىشىشتىن يېنىپ مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلمىدى». سامۇئىل ئازار چېكىپ پۈتكۈل بىر كېچە پەرۋەردىگارغا پەرياد كۆتۈردى. |
7629 | 1SA 17:9 | ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىپ مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرەلسە، بىز سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىمىز. لېكىن مەن ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ ئۆلتۈرسەم، سىلەر بىزنىڭ قۇللىرىمىز بولۇپ بىزنىڭ خىزمىتىمىزدە بولۇسىلەر». |
7667 | 1SA 17:47 | ۋە بۇ پۈتكۈل جامائەت پەرۋەردىگارنىڭ نۇسرەت بېرىشىنىڭ قىلىچ، نەيزە بىلەن ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ چۈنكى بۇ جەڭ بولسا پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر، ئۇ سېنى قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ». |
7747 | 1SA 20:15 | مەن ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۆيدىكىلىرىمدىن ھەم ھېچ ۋاقىت مېھرىبانلىقىڭنى ئۈزمىگەيسەن؛ پەرۋەردىگار سەن داۋۇتنىڭ ھەممە دۈشمەنلىرىنى يەر يۈزىدىن يوقاتقاندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلغايسەن». |
7895 | 1SA 25:31 | سىلى غوجامنىڭ ناھەق قان تۆكمىگەنلىكلىرى ياكى ئۆز ئىنتىقاملىرىنى ئالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن كۆڭۈللىرىگە پۇتلىكاشاڭ ياكى دەرد بولمايدۇ. ۋە پەرۋەردىگار غوجامغا نۇسرەت بەرگىنىدە سىلى ئۆز دېدەكلىرىنى ياد قىلغايلا». |
8199 | 2SA 7:16 | شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئۆيۈڭ ۋە سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئالدىڭدا ھەمىشە مەزمۇت قىلىنىدۇ؛ تەختىڭ ئەبەدگىچە مەزمۇت تۇرغۇزۇلىدۇ». |
8212 | 2SA 7:29 | شۇڭا قۇلۇڭنىڭ ئۆي-جەمەتىنى سېنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۈ تۇرۇشقا نېسىپ قىلىپ بەرىكەتلىگەيسەن؛ چۈنكى سەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، بۇنى ۋەدە قىلغانسەن؛ بۇ بەخت-ئىلتىپاتىڭ بىلەن ئۆز قۇلۇڭنىڭ ئۆي-جەمەتى ئەبەدگىچە بەخت-ئىلتىپاتقا نېسىپ بولىدۇ». |
8293 | 2SA 12:4 | بىر كۈنى بىر يولۇچى باينىڭكىگە كەلدى. ئەمما ئۇ ئۆزىگە كەلگەن مېھمان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قوي ياكى كالا پادىلىرىدىن بىرىنى يېگۈزۈشكە تەييارلاشقا كۆزى قىيماي، بەلكى كەمبەغەلنىڭ قوزىسىنى تارتىۋېلىپ سويۇپ، كەلگەن مېھمان ئۈچۈن تەييارلىدى». |
8299 | 2SA 12:10 | ئەمدى سەن مېنى كۆزگە ئىلماي، ھىتتىي ئۇرىيانىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلغىنىڭ ئۈچۈن، قىلىچ سېنىڭ ئۆيۈڭدىن ئايرىلمايدۇ». |
8465 | 2SA 17:13 | ئەگەر ئۇ بىر شەھەرگە كىرىۋالسىمۇ، پۈتكۈل ئىسرائىل شۇ يەرگە ئارغامچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، شەھەرنى ھەتتا ئۇنىڭدىكى كىچىك شېغىل-تاشلارنىمۇ قالدۇرماي سۆرەپ ئەكىلىپ، دەريا جىلغىسىغا تاشلىۋېتىمىز». |
8782 | 1KI 2:9 | ئەمما ھازىر ئۇنى گۇناھسىز دەپ سانىمىغىن. ئۆزۈڭ دانا كىشى بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قانداق قىلىشنى بىلىسەن؛ ھەرھالدا ئۇنىڭ ئاق بېشىنى قانىتىپ گۆرگە چۈشۈرگىن». |
8887 | 1KI 5:20 | ئەمدى مەن ئۈچۈن ئادەملىرىڭگە لىۋاندىن كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىڭلار، دەپ يارلىق چۈشۈرگىن؛ مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭغا ھەمدەمدە بولىدۇ. سېنىڭ بېكىتكىنىڭ بويىچە خىزمەتكارلىرىڭغا بېرىلىدىغان ئىش ھەققىنى ساڭا تۆلەيمەن؛ چۈنكى ئۆزۈڭگە ئايانكى، دەرەخ كېسىشتە ئارىمىزدا ھېچكىم زىدوندىكىلەردەك ئۇستا ئەمەس». |
8912 | 1KI 6:13 | مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىپ ئۆز خەلقىم ئىسرائىلنى ئەسلا تاشلىمايمەن». |
9009 | 1KI 8:21 | ئۆيدە ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر جاينى راستلىدىم؛ ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققاندا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدە تاختىلىرى باردۇر». |
9124 | 1KI 11:13 | لېكىن پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭدىن يىرتىۋەتمەيمەن، بەلكى قۇلۇم داۋۇتنىڭ ۋەجىدىن ۋە ئۆزۈم تاللىغان يېرۇسالېم ئۈچۈن ئوغلۇڭغا بىر قەبىلىنى قالدۇرۇپ قويىمەن». |
9290 | 1KI 16:4 | بائاشادىن بولغانلاردىن شەھەردە ئۆلگىنىنى ئىتلار يەيدۇ؛ سەھرادا ئۆلگىنىنى ئاسماندىكى قۇشلار يەيدۇ». |
9464 | 1KI 21:10 | ئىككى ئادەمنى، يەنى بېلىيالنىڭ بالىسىنى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى نابوتنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇزۇپ: «سەن خۇداغا ۋە پادىشاھقا لەنەت ئوقۇدۇڭ» دەپ گۇۋاھلىق بەرگۈزۈڭلار. ئاندىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار». |
9473 | 1KI 21:19 | ئۇنىڭغا: ــ «ئادەم ئۆلتۈردۈڭمۇ، يېرىنى ئىگىلىۋالدىڭمۇ؟» ــ دېگىن. ئاندىن ئۇنىڭغا يەنە سۆز قىلىپ: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «نابوتنىڭ قېنىنى ئىتلار يالىغان جايدا سېنىڭ قېنىڭنىمۇ ئىتلار يالايدۇ» ــ دېگىن». |
9597 | 2KI 3:17 | ــ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر يا شامال يا يامغۇر كۆرمىسەڭلارمۇ، بۇ ۋادى سۇغا تولۇپ، ئۆزۈڭلار بىلەن ئات-ئۇلاغلىرىڭلار ھەممىسى سۇ ئىچىسىلەر». |
9729 | 2KI 7:18 | شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ ئادىمى پادىشاھقا ئېيتقان شۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيەنىڭ دەرۋازىسىدا ئىككى خالتا ئارپا بىر شەكەلگە ۋە بىر خالتا ئاق ئۇن بىر شەكەلگە سېتىلىدۇ». |
9770 | 2KI 9:10 | ئىتلار يىزەبەلنى يىزرەئەلدىكى شۇ پارچە يەردە يەيدۇ. ھېچكىم ئۇنى دەپنە قىلمايدۇ». شۇنى دەپ بولۇپلا يىگىت ئىشىكنى ئېچىپ قېچىپ كەتتى. |
9786 | 2KI 9:26 | «مەن تۈنۈگۈن نابوتنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قېنىنى كۆردۈم، دەيدۇ پەرۋەردىگار: مانا بۇ قان قەرزىنى دەل بۇ ئېتىزلىقتا ساڭا ياندۇرىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار». ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ شۇ سۆزى بويىچە، ئۇنى ئېلىپ شۇ يەرگە تاشلىغىن، ــ دېدى. |
10064 | 2KI 18:36 | ئەمما خەلق سۈكۈت قىلىپ ئۇنىڭغا جاۋابەن ھېچقانداق بىر سۆز قىلمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى شۇكى: ــ «ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەڭلار». |
10099 | 2KI 19:34 | ــ چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن ئۇنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغداپ قۇتقۇزىمەن». |
10138 | 2KI 21:15 | چۈنكى ئۇلار مېنىڭ نەزىرىمدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە غەزىپىمنى قوزغاپ كەلدى». |
10169 | 2KI 22:20 | بۇنىڭ ئۈچۈن سېنى ئاتا-بوۋىلىرىڭ بىلەن يىغىلىشقا، ئۆز قەبرەڭگە ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىدە بېرىشقا نېسىپ قىلىمەن؛ سېنىڭ كۆزلىرىڭ مەن بۇ جاي ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى كۆرمەيدۇ». ئۇلار يېنىپ بېرىپ، بۇ خەۋەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى. |